ۋاپاسىز قىزغا
ۋاپاسىز قىزغائابابەكرى ئابدۇقادىر
كۆيەر ساڭا نۇرغۇن يىگىتلەر،
مەجنۇنتالدەك چېچىڭغا قاراپ.
ۋىجدانلىق دەپ ئويلىشار بەلكىم،
شېرىن-شىكەر سۆزۈڭنى ئاڭلاپ.
كۆيەر ساڭا نۇرغۇن يىگىتلەر،
چىرايىڭغا بولۇپ مەھلىيا.
كۆيدۈرىسەن ئۇلارنى ئەجەب،
كۆزلىرىڭدىن چاقنىتىپ زىيا.
كۆيەر ساڭا نۇرغۇن يىگىتلەر،
ئاشىق بولۇپ شەھلا كۆزۈڭگە.
بىراق ئورناپ كەتكەن شۇ قەدەر،
ۋاپاسىزلىق سېنىڭ قەلبىڭگە.
كۆيەر ساڭا نۇرغۇن يىگىتلەر،
قىلالمايسەن ئۇلارغا ۋاپا.
ئۇلار ساڭا كۆيگىنى ئۈچۈن،
تارتىشىدۇ ئالەمچە جاپا.
نۇرغۇن يىگىت كۆيسىمۇ ساڭا،
يوقتۇر سەندە نۇمۇس ۋە ھايا.
دەيسەن: ياشلىق ئوينايدىغان چاغ،
خىيالىڭدا ئۇنتۇلغان دۇنيا.
بۇ شېئىر «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىنغان. ياخشىكەن
مانا DDV قارى بۇ دۇنيادا ھاياتكە ھە ھى ھى ھى
كونا شېئىرلارنى يوللىماي ئاۋۇ ساندۇقتا ساقلاۋاتقان توپ توپ يازمىلارنى چىقىرايلى مۇنداق ...! قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن
قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن
قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن
قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن {:92:}{:112:} ياخشى يىزىپسىز .... كىلەر قېتىم ۋاپادار قىزلىرىمىز ئۈچۈنمۇ قەلەم تەۋرىتىپ قويارسىز ..سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .
بەت:
[1]