ھېكايە- چۈشنىڭ كاساپىتى
چۈشنىڭ كاساپىتىھېكايە
ئابابەكرى ئابدۇقادىر
كۈزلۈك يىغىم - تېرىمنىڭ تازا ئالدىراش ۋاقتى ئىدى. مېھرىگۈل ئەتتىگەندىن بېرى ئېتىزلىققا قىغ توشۇپ ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ بالىلىرىنىڭ كەچلىك تاماقلىرىنى بېرىپ، ئۇلارنى ئۇخلىتىۋېتىپ ئېرىنى ساقلاپ ئولتۇردى.
ئېرى ئەتتىگەن قوشنا كەنىتتىكى تاغىسىنىڭ بۇغداي تېرىشىغا ياردەملەشكىلى كەتكەنىدى. ئۇ خېلى ئۇزاق ساقلاپ بېقىپ ئاخىرى يېتىپ ئۇخلاپ قالدى.
ئۇ بىر چاغدا بىرسىنىڭ تۈرتىشىدىن ئويغىنىپ كەتتى. كۆزىنى ئېچىپ بېشىدا ئۆزىگە ھومىيىپ قاراپ تۇرغان ئېرىنى كۆرۈپ، گەپ قىلاي دەپ ئاغزىنى ئۆمەللىشىگە ئېرى ئۇنىڭدىن:
- ئېيتە، ھازىر سەن چاقىرغان ئابلىز دېگەن كىم؟ ئۇنىڭ بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭ بار؟ - دەپ سورىدى.
مېھرىگۈل ئېرىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەي ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن باياتىن ئۆزىنىڭ چۈش كۆرگەنلىكىنى، چۈشىدە بۇغداي تېرىماقچى بولغان يېرىگە قىغ توشۇغانلىقىنى، بىر ھارۋا قىغنى ئېتىزغا ئەكىلىپ، ئېشەكنى ئېتىز ئوتتۇرىسىدىكى چىغىر يولدا توختىتىپ قويۇپ، بىر خالتا قىغنى يۈدۈپ مېڭىشىغا ئېشەكنىڭ بىر نەرسىدىن ئۈركۈپ، ھارۋىدىكى قىغنى ئۆرۈپ قېچىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆشنىسىدىكى قىغنى تاشلاپ قويۇپ ئېشەكنى قوغلىغان بولسىمۇ كەينىدىن يېتىشەلمەي ئۆزىدىن يۈز مېتىرچە نېرىدا ئېتىزلىققا قىغ چېچىۋاتقان ئېرى بىر بىلەن بىر مەھەللىلىك ئابلىزنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئېشەكنى تۇتۇۋېلىڭ دېمەكچى بولۇپ ئۇنى چاقىرغانلىقىنى، ئەمما ئۇ ئابلىزنى يەتتە - سەككىز قېتىم چاقىرسىمۇ ئۇنىڭ قاراپمۇ قويماي ئىشىنى قىلىۋەرگەنلىكىنى، دەل شۇ چاغدا ئېرىنىڭ ئويغىتىۋەتكەنلىكىنى ئەسلەپ، كۆرگەن چۈشىنى ئېرىگە دەپ بەردى. لېكىن ئېرى ئۇنىڭغا:
- سەن مۇشۇنداق دېسەم مېنى ئىشىنىدۇ دەپ ئويلاپ قاپسەندە. مەن ئۇنداق ئايالى نېمە دېسە سېنىڭ راست دەپ ئىشىنىپ ئولتۇرىدىغان يۇمشاقباشلاردىن ئەمەس، تېز راستىڭنى ئېيتە؟ ئابلىز دېگەن كىم؟ ھېلى بىكار كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىمەن! - دەپ ۋارقىرىدى.
- جېنىم ئابدۇللا، ئالتا يىللىق ھالال جۈپتىڭىزگىمۇ ئىشەنمەمسىز؟ بايىقى راستىنلا چۈشۈمدە بولغان ئىشلار. ئىككى بالىمىز بولۇپ قالغاندا مەن سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرەرمەنمۇ - ھە؟
- ئابلىز دېگەن بىرسى بىلەن مۇناسىۋىتىڭ بولمىسا ئۇ بىكاردىن - بىكار چۈشۈڭگە كىرەمتى؟ راستىڭنى ئېيتمىساڭ مانا ئەمىسە! - ئابدۇللا شۇنداق دەپلا مېھرىگۈلنى ئۇرۇشقا باشلىدى. مېھرىگۈل ئېرىدىن ئۆزىگە ئىشىنىشنى تىلەپ، يىغلاپ يالۋۇراتتى. ئابدۇللا بولسا ئۇنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلماي ئۇنى دەسسەيتتى، تېپەتتى، بازغاندەك مۇشتۇمى بىلەن ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە ئۇراتتى. ئۆيدىكى قىيا - چىيا ئاۋازدىن ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسى ئويغىنىپ كېتىپ، چىرقىراپ يىغلاشقا باشلىدى. ئەمما بالىلىرىنىڭ يىغىسى ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيتتى. بىچارە مېھرىگۈل بىر چۈشنىڭ كاساپىتىدىن ئېرىنىڭ ئايىغى ئاستىدا تاياق ئازابىدىن يۇمىلىنىپ يىغلايتتى. نادان ئەر بولسا شۇ تاپتا ھەممىنى ئۇنتۇغان بولۇپ، ئالتە يىلدىن بۇيان ئاش - تامىقىنى ئېتىپ، كىر - قاتلىرىنى يۇيۇپ، بالىلىرىنى بېقىپ، قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولغان مېھرىبان ئايالىنى رەھىمسىزلەرچە ئۇراتتى. مېھرىگۈلنىڭ ئېچىنىشلىق يىغا ئاۋازى كېچە جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ، يىراق - يىراقلارغا كەتتى. بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭ ئاۋازى ئاستا - ئاستا ئۆچۈشكە باشلىدى.
بۇ ھېكايە « شىنجاڭ ئاياللىرى » ژۇرنىلىنىڭ 2005 - يىللىق 8 - سانىدا ئېلان قىلىنغان.
ھېكايە مۇشۇنداقلا تۈگىدى؟ سىزمۇ باركەنسىزغۇ توغراقگۈل ‹‹ شىنجاڭ ئاياللىرى ›› غا خاسلا ھىكايىكەن شۇ.
ئەرلەرنى ئەسكى كۆرسىتىپلا تۇرىدىغان ھىكايە. بۇ ھېكايە ھەجمى كىچىك، ۋەقەجەريانى قىسقا، قاتناشتۇرۇلغان ئادەم سانى ئاز، ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇن بىر ئۆينىڭ ئىچى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى جەلىپ قىلىش كۇچى يوقۇرى ، ياخشى يېزىلغان ئەسەرئىكەن. ھېكايە يېزىشقا قىزىقىدىغان ھەۋەسكارلار ئۆرنەك ئورنىدا پايدىلانسا بولغىدەك. ساپاسىز،نادان ئادەمكەن ئۇ....
بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭ ئاۋازى ئاستا - ئاستا ئۆچۈشكە باشلىدى.
----------------------
ئۆلۈپ قالماس-ھە:funk: Mahir512 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 15:01 static/image/common/back.gif
بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭ ئاۋازى ئاستا - ئاستا ئۆچۈشكە باش ...
بۇ چاغقىچە ئۇرسا ساق تۇرامدۇ دەمسىز ، ئابدۇللا نوچى مومىخانىدا يېتىپ پۇشمان ياشلىرىنمۇ قۇرۇتۇپ بولغاندۇ ،
لىرىكىدىن باشلانغان چۈش، كومىدىيە بىلەن تىراگىدىيەنىڭ ئالمىشىشى تولىمۇ ئەپچىللىك بىلەن تەسۋىرلىنىپتىكەن ،بولسا
ئېرىنى بومبا ساقاللىق ، ئاچچىقى يامان ، تىلۋىزور كۆرمەيدىغان قىلىپ تەسۋىرلىگەن بولسا مۇكاپاتقىمۇ ئېرىشىدىكەنتۇق ، راس دەۋاتىمەن . musilina1 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 13:34
ساپاسىز،نادان ئادەمكەن ئۇ....
ھىكايىدىكى پىرسۇناژنىمۇ تىللىغان بامۇ؟
(كۈلۈپ تىلىپ قالغان چىراي ئىپادىسى) مەن با،بىر مەھەل خىزمەت جىددىلىگى ۋە تورسز مۇھىت سەۋەبىدىن مۇنبەرگە كۆپ كىرەلمەي قالدىم. ۇزۇن يوقىغاچقا قۇرۇق قول كىرمەي دەپ سىرتتىن كورۇۋىدىم. بۇ ھىكايىگە ىنكاس يېزىش سەۋەبىدىن كىرىۋېتىپ قالدىم. ــتىلىفۇندا ىنكاس يازماق نىمانچە تەستۇ hiyalqi يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 11:24
سىزمۇ باركەنسىزغۇ توغراقگۈل
Men ba, bir mehel xizmet jiddiligi we torsiz muhit sewebidin munberge kop kirelmidim. Emdi undaq bolmaydu alla xalisa.
Tilifunda inkas yezish ning tesligidin sirttinla koriwatattim izdinix ni. Ya uyghurchini normal yazghili bolmighan hemze chup qelip Uffffffff bashqurghuchilar mushu inkas bilen qoshup 12-qewettiki inkasni ochurwetsenglar bayawat يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 18:20 static/image/common/back.gif
ھىكايىدىكى پىرسۇناژنىمۇ تىللىغان بامۇ؟
(كۈلۈپ تىلىپ ...
بۇ ھېكايىدىكى ئادەمگە غەزىبىم تېشىپ كەتكەچكە شۇنداق دەپ سالدىم...
غەزەپلەنگەن چىراي ئىپادىسى.... bugday يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 05:20 static/image/common/back.gif
ھىكايە يازغۇچىنىڭ قارىشى بويۇنچە باشقا ئەرلەرنىڭ ئىسم ...
ئاپتور ئۇنداقلارنى كەچۈرۈۋېتىڭ ياكى بىر نېمە قىلىۋېتىڭ دېمەپتىغۇ؟
بەت:
[1]