afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 23:01:00

نەۋائىينىڭ بىر شېئىرى

بەلا دەشتى ئارا مەجنۇن مەنىڭدەك كۆرمەمىش دەۋران،
قۇيۇندەك ھەر زامان بىر كۆرمەگەن ۋادىدا سەرگەردان.
نە ئەندۇھۇ مەلالىمغا بەلىيەت دەشتىدەك غايەت،
نە سەۋدايۇ جۇنۇنۇمغا مالامەت بەھرىدەك پايان.
تۈنۈم دەيجۇر، ئۆزۈم رەنجۇر، ئىچىم غەمناكۇ باغرىم چاك،
تىلىم لالۇ، تەنىم بىيھال، ئىشىم ئەفغان، سىرىشكىم قان.
زەئىفۇ دەردۇ غەم پىشە، نەئىفۇ مېھنەت ئەندىشە،
زەلىلۇ بىسەرۇ سامان، قەتىيلى خەنجىرىي ھېجران.
فىغانىمدىن فەلەك غەمكىن، سىرىشكىمدىن جەھان رەنگىن،
نە دەردىم ئوتىغە تەسكىن، نە ھەجرىم دەردىغە دەرمان.
باشىم غەم تاشىدىن پارە، تەنىم ھەجر ئوقىدىن يارە،
كۆڭۈل بۇ يارەغە چارە تاپارغا تاپمايىن ئىمكان.
كۆزۈم نەملىغ، بويۇم خەملىق، ئىچىم ئەندۇھى ماتەملىك،
نە ھەمدەملىك، نە مەھرەملىك تاپىپ بۇ مېھنەتى پىنھان.
ماڭا نە يارۇ نە ھەمدەم، ماڭا نە دوستۇ نە مەھرەم،
ماڭا نە چارە نە مەرھەم، ماڭا نە سەبرۇ نە ئامان.
ھەم ئەھۋالى تەباھىمدىن ھەم ئاھى سۇبىھىگاھىمدىن،
ھەم ئوتلۇغ دۇرى ئاھىمدىن قارارىپ كۈلبەئى ئەئزان.
فەلەك رەھزەن، زەمان دۈشمەن، بەدەن رەۋزەن ئۈزەرەۋزىن(بۇ سۆزنى ئېنىق كۆرەلمىدىم، مۇشۇنداقراق بولسا كېرەك).
قالىپ جان ھەسرەتىدىن تەن، چىقىپ تەن كىشۋەرىدىن جان.
نەۋائىي بولسا مېھنەت كۆپ، ئىچە كۆر جامى ئىشرەت كۆپ،
نەچە بولسا سۇئۇبەت كۆپ بولۇر ۋەھدەت مەيى ئاسان.

pari87 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 07:31:47

نەۋائىينىڭ شېئىرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ....تېما يوللىغۇچى قېرىندىشىم بولسا  داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز ..رەھمەت.:P

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 08:25:34

ناۋا مۇقامىنىڭ مۇقەددىمە قىسىمىدا مۇشۇ غەزەل ئېيتىلىدىكەن، ئابدۇقادىر يارئېلى ئوقۇپتۇ، شېئىرنىڭ مەزمۇنىنى ئانچە ئاڭقىرىپ بولغىلى بولمايدىكەن...

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 08:46:33

ئومۇمەن چۈشەنگەن بولساممۇ، بەزى سۆزلۈكلەرنى چۈشىنەلمىدىم.

pari87 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 08:54:56

بۇ شېئىرنىڭ يەشمىسىنىمۇ تەڭ يوللاۋەتكەن بولسىڭىزچۇ ...

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 09:08:47

pari87 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-27 08:54 static/image/common/back.gif
بۇ شېئىرنىڭ يەشمىسىنىمۇ تەڭ يوللاۋەتكەن بولسىڭىزچۇ ...

مەنمۇ بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەلمىدىم.

erkak يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 09:45:39

نەۋائىينى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ، بىزنىڭ ئالىمىمىز دەيدىكەن . يەنە باشقا ئالىملارنىمۇ ھەم شۇنداق . مەسىلەن : ئۆزبىكلە ، تاتارلا ، .. دىگەندەك

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 09:46:16

سۈرە كەۋسەردىكى ‹ھەۋزى كەۋسەر› ئۈممەتلەر تىلغا ئېلىۋاتقان مەينى كۆرسىتىدۇ.
ۋەھدەت-ۋۇجۇدنى ماددىيەتتىن پاكىز تازلاپ،ئىككىلىك، ئۈچلۈك ۋە بارلىق كۆپلۈك ئالەملىرىدىن ھالقىپ چىقىپ بىرلىك ئالىمىگە قىتىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
ۋەھدەتنى-كىتاپتىن ياكى تەپەككۈردىن تاپقىلى بولمايدۇ. ئاللانىڭ لۇتفى-كەرەمى بولغان ‹ھەۋزە كەۋسەر› ئېلىپ كەلگەن مەستلىك ۋەھدەتكە يەتكۈزىدۇ. ئاللا خالىغان ئادەمنى ‹ھەۋزى كەۋسەر› بىلەن سۇغىرىدۇ.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 09:58:42

چۈشىنەلمىگەن سۆزلۈكلىرىم:
ئەندۇھ
بەلىيەت
دەيجۇر
رەنجۇر
بىيھال
سىرىشكىم
نەئىفۇ
پىشە
بىسەرۇ
زەلىلۇ
رەنگىن
تەباھىمدىن
ئەئزان
رەھزەن
رەۋزەن
كەينىدىكى سۆزمۇ بار
كىشۋەر
قاتارلىقلار. بىلىدىغانلار دەپ بەرسەڭلار

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 10:16:14

ئەلشىر نەۋائى ، مەشرەپ قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ باشقا ئىنسانلار ئاسانلىقچە تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان بىر ماقامدا تۇرۇپ قىلغان نىدالىرى  ۋە پىغانلىرىنىڭ دۇنيا ئاۋارچىلىقىدا قالغان كىشىلەر تەرىپىدىن سۈيئىستىمال قىلىنىشى ئىچىنىشلىق بىر تۆھمەتنى شەكىللەندۈرگەن.
مەشرەپنىڭ ۋە ئەلشىر ناۋائىنىڭ ھاياتىدا دۇنيا ئۇلارغا ناز كەرەشمە قىلىپ ئۆتكەن..لىكىن ئۇلار ئاخىرەت ئۈچۈن ئازاپ بىلەن كۆزلىرىنى نەم قىلىپ ئۆتكەن.
ئۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلىمەن لىكىن ئىپادىلىيەلمەيمەن.

Derwish4 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 10:36:29

ئوز زامانىنىڭلا ئەمەس بەلكى بۇندىن كىيىنكىلەر ئۇچۇنمۇ سوز قاتىلى ھىسابلىنىدىكەن بۇ دەرۋىشلەرنىڭ پېرلىرى!

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 11:26:29

چاغاتاي تىلى لوغىتى دەپ بىر لوغەت بۇلىدىغان شۇنڭدا چىقارمىكىن ، يېڭى چىققان كىتاپكەنتۇق

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 13:19:58

ئەندۇھ  − غەم، قايغۇ، ئەلەم، دەرد، رەنج
بەلىيەت − بالا، قايغۇ، بەختسىزلىك، بالا - قازا
دەيجۇر − ئەڭ قاراڭغۇ كېچە، قاراڭغۇلۇق؛ زۇلمەت
رەنجۇر − كېسەلمەن، دەردمەن؛ ئېزىلگەن؛ كېسەل، كۈچسىز ماغدۇرسىز
بىيھال − ھالسىز، مادارسىز، زەئىپ؛ مەيۈس
سىرىشكىم − كۆز يېشىم
پىشە − ھۈنەر، كەسىپ؛ ئادەت
بىسەرۇ − بىچارە، ھېچنەرسىسى يوق
زەلىلۇ − خار ۋە ئاجىز، بىچارە، ناتىۋان
رەنگىن – رەڭگىن − رەڭدار، تاۋلىنىپ تۇرىدىغان؛ رەڭلىك؛ گۈزەل؛ رەڭمۇ رەڭ
تەباھ − خاراب، بۇزۇق، ۋەيران
ئەئزان − تەن ئەزالىرى، قىسىملىرى
رەھزەن − قاراقچى، يول توسار ئوغرى
رەۋزەن − تۆشۈك؛ تۈڭلۈك؛ دېرىزە
كىشۋەر − مەملىكەتنى زىننەتلىگۈچى، ئاۋاتلاشتۇرغۇچى؛ پادىشاھ

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 13:25:04

رەھمەت ئاكا، بىلىۋالدىم.
بەزى سۆزلەرنى جەزىملەشتۈرەلمىگەن ئىدىم.

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 15:11:56

بۇ ناۋائىينىڭ شېرلىرىدىكى سۆزلەر باشقا مىللەتنىڭ تىلىدىكى سۆزلەرمۇ ياكى 500 نەچچە يىل بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئەشۇ سۆزلۈكلەردە سۆزلىشەتتىمىكەن؟
بەش ئەسىر جەريانىدا سۆزلۈكلەرنىڭ ئۆزگىرىشى شۇنچە چوڭ بولۇپ كەتكەنمىدۇ؟
مېنىڭ چوڭ بۇۋىلىرىمنىڭ بىرى(200 يىلدىن ئىلگىرىكى، قايسى بۇۋام ئىكەنلكىنى بىلمەيمەن، بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرى بولسا كېرەك) مۇشۇ نەۋائىينىڭ كىتاپلىرىنى بەك ئوقۇپ ، شۇ سەۋەپتىن شۇ چاغدىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىمۇ «ناۋايى» دەپ لەقەم بىلەن ئاتايدىغانكەنتۇق. تا ھازىرغىچە بىزنىڭ يۇرتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا بىزنى شۇ لەقەم بىلەن ئاتايدۇ. بۇ ھەم بىزگە فامىلە بولۇپ سىڭىپ قالدى.  بىراق، ئەپسۇس مۇشۇ ناۋائىينىڭ شېىر- غەزەللىرىنى ئوقۇپ ھېچنىمىسىنى چۈشىنەلمەيمەن. ئۆزەمنى ساۋاتىسز بىر ئادەم ھېس قىلىمەن.  
ناۋائىينىڭ كىتاپلىرىنى ئوقۇپ ئۇنى چۈشىنىپ ئۇنىڭدىكى سەنئەتنى ھېس قىلىش ئۈچۈن، شۇ چاغلاردا قوللانغانن تىلنى مەخسۇس ئوقۇيدىغان گەپمۇ؟  ناۋايى دىگەن لەقەمگە چۈشلۇق ناۋائىينىڭ كىتاپلىرىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئوقۇپ چۈشىنەلىگەن بولسامچۇ كاشكى.  بىراق ھېچ بىر تەبىي قىزىقىش ھاسل بولمىدى. چۈشىنەلمىگەندىكىن.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 17:33:39

مەن گەرچە قىسمەن سۆزلۈكلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەلمىگەن بولساممۇ، لېكىن بۇ شېئىرنىڭ بەدىئىيلىكىنى ھېس قىلالىدىم ۋە ھوزۇرلاندىم.  پاساھەت ۋە بالاغەتتە ھەقىقەتەن يۈكسەك ئىكەنلىكىنى تونۇدۇم. شۇڭا بۇ يەرگە يوللىغىم كەلدى. ئازراق ئەرەبچىنى بىلگىنىم مۇشۇنداق كونا نەزمىلەرنى ئوقۇشتا  ئەسقېتىپ قالىدىكەن. بولسا چاغاتايچىنىمۇ بىر ئۆگىنىپ قويسام بولغۇدەك.

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 19:14:50

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 21:28:13

terjiman يوللىغان ۋاقتى  2014-10-27 08:25 static/image/common/back.gif
ناۋا مۇقامىنىڭ مۇقەددىمە قىسىمىدا مۇشۇ غەزەل ئېيتىلىد ...

مۇقامچىلارمۇ ئانچە چۈشەنمەي ئوقۇۋېرىدۇ.

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 21:48:27

ئەدەبىي يېزىق تىلى بىلەن ئېغىز تىلىىنىڭ ئارىسىدا پەرق بولىدۇ،  ئۇ دەۋىردىكى كىلاسسىك شائىرلار كۆپۈنچە  ئەرەپچە، فارسچەئارىلاشقان تۈرك تىلىدا  ئەسەر يازغانكەن. ناۋائىي بولسا ئىمكان بار تۈركىيچە يېزىشقا تىرىشىپ تۈركى تىلىىنىڭ پاساھىتىنىڭ ئەرەپ، فارىس تىلىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى نامايەن قىلغانكەن.  گەرچە شائىرلىرىمىز  ئەدەبى تىلدا ئەسەر يازسىمۇ  ئاددى خەلق يەنىلا ئۆزى پىششىق بولغان ئوغۇز، قارلۇق، قىپچاق تۈركىي تىللاردا سۆزلەشكەن بولۇشى مۈمكىن. ئەلۋەتتە ، شائىرلارنىڭ ئەدەبىي تىللىرى ئېغىز تىللىرىنى بېيىتىش، ئورتاقلاشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىغان بولۇشى مۈمكىن.  ئورتا ئاسىيادا  تۈركىي قەبىلىلەرۋە  ئىران تىللىق قەبىلىلەر ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ،  ئارىلىشىپ تۇرغاچقا ھەم مىللى تەركىپ ھە دەپ ئۆزگۈرۈپ تۇرغاچقا  ئۇ دەۋىردىكى بەزى شائىرلارنى ھازىرقى نەق بىر مىللەتكە  دەل كەلتۈرۈش تەس. ئۇلار ھازىرقى بەزى كىشىلەردەك پىكرى تار ، مىللەتچى بولغان بولسا ھەر دەمدە مىللىتىنى، قەبىلىسىنى ئەسكەرتىپ، تىلغا ئېلىپ تۇرغان بولاتتى.  ئۇلار ئورتا ئاسىيادىكى خەلقلەرنىڭ بايلىقى، ئۇستازى.
بەت: [1]
: نەۋائىينىڭ بىر شېئىرى