دانىشمەنلەر نەسىھەتلىرىدىن ...
دانالارغا ئىززەت - ھۆرمەت قىلغىن . ھەر نەرسىنى بىلىدىغان بولساڭ ئۆزۈڭنى بىلمەسكە سالغىن ، ئۆگەنمەك ئىشىكى ساڭا ئوچۇق بولغاي .ساڭا ئادەملەر ھەر نەكى دىسە قۇلاق سالغىن ، لىكىن ئەمەل قىلماق ۋاقتىدا ھوشيار بولغىن .
ئۇلۇغلۇققا يىتىدىغان ئاپەت ئىككىدۇر : بىرى ، كىبىر ؛ بىرى ، زۇلۇم .
كىشىنىڭ يامانلىقى ئىككى نەرسە بىلەندۇر : بىرى ،ئەيىپىنى بىلمەسلىك ؛ ئىكىنچىسى ، بىراۋنىڭ ئەيىپىنى ئاچماقلىق .
ئىككى نەرسە باردۇر ھەممىدە باراۋەر بولماس : بىرى ، ئەقىل ؛ بىرى ، شىجائەت .
ئۆز ھالىنى ئىككى كىمەرسىدىن پىنھان تۇتماسلىق كىرەك : بىرى ،تىۋىپتىن؛ ئىكىنچىسى مىھرىبان دوستىدىن .
ئىككى كىمەرسىنىڭ ئاقىۋىتى ياماندۇر : بىرى ، ئۆزرىنى قوبۇل ئەتمەسلىك ؛ ئىكىنچىسى ، يالغان قەسەم بەرمەكلىك .
ئىككى نەرسىدە ئەسلا پىقىرلىق يوقتۇر : بىرى ، ئىلىم ئۆگەنمەك ؛ ئىكىنچىسى ، قانائەت قىلماقلىق .
مەنبە : ( نادىرىل مېھراج ) ناملىق كىتابتىن ئېسىل نەسىھەتلەر ئىكەن ... ساقلىۋالدىم .
ياخشىكەن
بەت:
[1]