شىرئەلىجان ئارقا-ئارقىدىن 12 ئۈچ نۇمۇرلۇق توپ چۈشۈردى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا waskitbol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-26 22:22http://you.video.sina.com.cn/api/sinawebApi/outplayrefer.php/vid=136085475_6_6_1_ZkyzHCZqDGHK+l1lHz2stqkM7KQNt6njnynt71+iIQ9eVAWJZorfO4kK4SrQAMdH9WtI/s.swf
ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى 25-ئۆكتەبىر خەۋىرى؛ مىكرو بىلۇگ توردىشىىمىز @Claire_LD مىكرو بىلۇگدا شىرئەلىجاننىڭ ئۈچ نۇمۇرلۇق توپ مەشىق قىلغان بىر بۈلەك سېن كۈرۈنۈش فىلىمىنى تارقاتقان. سېن كۈرۈنۈش فىلىمىدە، شىرئەلىجان 30 سىكىنۇت ئىچىدە گارغا 14 قىتىم ئۈچ نۇمۇرلۇق توپ ئېتىپ 13 نى چۈشۈرگەن. بۇنىڭدىن 12 توپنى ئارقا-ئارقىدىن چۈشۇرگەن.
بۇ 30 سىكىنۇتلۇق سېن كۈرۈنۈش فىلىمىدە شۇنى كۈرۇشكە بۇلۇدىكى، شىرئەلىجان تاللىغان گارغا توپ ئېتىش نوقتىسى 45 گىرادۇسلۇق يان تەرەپتە بۇلۇپ كوماندىداشلىرى ئۇنىڭغا توختىماستىن توپ يەتكۇزۇپ بەرگەن. شىرئەلىجان 30 سىكىنۇت ئىچىدە ئۈچ نۇمۇرلۇق توپتىن 13 نى چۈشۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدىن 12 توپنى ئارقا-ئارقىدىن چۈشۇرگەن. شىرئەلىجاننىڭ ئۆزىمۇ بۇ مىكرو بىلۇگقا « تىركىشىش مەشىقىگە قاتىنىشالمايمەن، پەقەت گارغا توپ تاشلاش مەشىقى قىلىۋاتىمەن » دەپ جاۋاپ يۇللىغان.
بۇ يىل يازدا شىرئەلىجان جۇڭگۇ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى بىلەن كورىيە رېن چۇەن ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىغا قاتناشقان، ئەپسۇسكى يىتەرلىك مەيدان چىقىش پۇرسىتى بىرىلمىگەن. كۇلۇپقا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن شىرئەلىجان؛ « تىز لىپەك يارىسىنىڭ تۇلۇق ئەسلىگە كەلمىگەنلىگى سەۋەبىدىن بىر مەزگىل دەم ئىلىپ ئەسلىگە كىلىمەن، شۇڭا نۆۋەتتە يۇقۇرى سىجىللىقتىكى تىركىشىش مەشىقى ئىلىپ بارالمايمەن، پەقەت گارغا توپ تاشلاش مەشىقى ئارقىلىق ھالىتىمنى ساقلايمەن » دەپ ئىپادە بىلدۇرگەن.
نۆۋەتتە شىنجاڭ گۇاڭخۇي تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئۈچۈن جىددى تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. 11-ئاينىڭ 2-كۈنى سىچۋەن كوماندىسى بىلەن يىڭى پەسىللىك تۈنجى مەيدان مۇسابىقىنى ئوينايدۇ..
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php
مۇبارەك بولسۇن
بوغۇزلاپ تاشلاپتۇدە :lol:lol:lol:lol قالتىس ئەركەكلىرىمىز باركەن،باركاللا! CMD ئىچكەن بولسا ساقىيىپ كېتەتتى CBA نىڭ باش بېتىگە چىقىپتۇ بۇ خەۋەر. توپ مەستانىلىرىنى مۇسابىقىدىن بۇرۇن قىزىتىشنىڭ بىر تۈرى بولسا كىرەك، ھەرھالدا دۈشمەن كوماندىلارنى بىر چۆچۈتۈپ قويالىسا ئەجەپ ئەمەس.
function يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 16:04 static/image/common/back.gif
شىرئەلى كىمدىن 300 ياش كىچىكتۇ باللا
ياۋمىڭدىنمىكىن MemetDoxtur يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 15:50 static/image/common/back.gif
CMD ئىچكەن بولسا ساقىيىپ كېتەتتى
مەمەت دوخدۇر، CMD دىگەن ۋىندوۋستىكى بۇيرۇق ئىزاھلايدىغان پروگىراممىغۇ؟!
Command توپ ئېتىشلىرى بىر خىل چىرايلىق ھە شىرئەلىجان چىقمىغۇچە س ب ئەي مۇسابىقە كۆرۈش خوشياقمىغۇدەك... atella يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 19:27:32 static/image/common/back.gif
شىرئەلىجان چىقمىغۇچە س ب ئەي مۇسابىقە كۆرۈش خوشياقمىغ
مەنمۇ شۇ ئىنىمىزنى دەپلا كۆرىمەن شۇ مۇسابىقىنى. بۇ يىل ئادىلجان ئاكىمىزنىڭ ئوغلى ئارسلاننى كۆرىدىغان ئوخشايمىز. مەۋلان چېكىندى. ئىنىسى مەردان يارىدار، مۇراتنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالدى. ئابدۇسالام دەپ بىر ئاكىلىرىنىڭ ئىزىنى بېسىپ چىقتى. شىرئەلىنى دەپلا كۆرىمەن CBAنى.ئابدۇسالام ،ئارسىلان قاتارلىق ئىنىلىرىمىز بىر چاڭ چىقىرۋەتسە بولاتتى! بۇ بالا ئۆزگە قاتتق تەلەپ قۇيۇپ جاپالق مەشىق قىلىپ nbaگە تۇنجى بۇلۇپ كىرگەن ئۇيغۇر بۇلۇشنى چىن دىلىمدىن ئۈمۇد قىلمەن!كوبى بىرانتمۇ بىر كۇندە3000 توپ ئاتىدىكەن دەپ ئاڭلىغاندەك شىر ئەلىنڭ شىر ئەلىمۇ شۇنداق مەشىق قىلىپ ئۇيغۇرلانڭ شىرى بۇلۇشنى ئۈمۇد قىلمەن ozyurt يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 16:11:28 static/image/common/back.gif
بۇ بالا ئۆزگە قاتتق تەلەپ قۇيۇپ جاپالق مەشىق قىلىپ nbaگە
شىرئەلىدىكى قابىلىيەتلەر بىلەن كىرمەك سەل تەس. يېڭىدىن يېتىشىپ چىققان ئابدۇسالام دېگەن ئىنىمىز تىرىشسا كىرىپ قالارمىكى. salambay يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 18:42:14 static/image/common/back.gif
شىرئەلىدىكى قابىلىيەتلەر بىلەن كىرمەك سەل تەس. يېڭىدى
ئادىلجان تېرىنىر ئوغلى ئارسلاننى بىر قوللۇق تەربىيەلەپ ئۆزىگە ئوخشاش قىلىپ چىقالىسا ئۈمىد بار.
بەت:
[1]