شېئىرلار
تاڭ شامىلىسۈبھىدەم ،
دېرىزەمدىن كىرىپ شىۋىرلاپ ،
ئويغاتتىڭ مىنى .
يۈزلىرىمگە ،
كۆزلىرىمگە ...
سۆيۈپ يىنىش يىنىشلاپ.
ۋاھ !
يۈرەككە ھوزۇر بىغىشلاپ.
(باشلاپ كەلدىم قۇياش يارىڭنى .
كۈتۈۋالغىن!) دىدىڭ ئالقىشلاپ .
تارتىنىش
ئىزھار قىلار ئىشقىڭنى كۆزۈڭ ،
ئىنكار قىلار چاندۇرۇپ سۆزۈڭ .
تەڭسىزلىك
كۆك يىغلايدۇ ...
زىمىن كۈلىدۇ...
ۋەتەن
يۈرىكىمگە تىڭىپ يۈرەتتىم
سىنى ، ئەگەر يەتسە قۇدرىتىم .
خانتەڭرى
ئېيىتقىنا سەن ئوغۇز بوۋامنىڭ
گۈمبىزىمۇ ، قەبرىگاھىمۇ ؟!
مەنبە : ئۆزۈم
بەت:
[1]