قىزىل كالا ئىچىملىكى ئىستېمالچىلارغا تۆلەم تۆلىدى
قىزىل كالا (红牛) ئىچىملىكىنىڭ «سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ كۈچلۈك» دېگەن ئېلان سۆزى نۇرغۇن ئىستېمالچىلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بولسا، يېقىندا چىققان «قىزىل كالا سىزگە قانات ئاتا قىلىدۇ» دېگەن ئېلان سۆزى سەۋەبىدىن سوتقا چىقىپ قالدى.
يېقىندا قىزىل كالا شىركىتى ئامېرىكىدا كوللېكتىپ ئەرز قىلىنىشقا ئۇچراپ، ئىستېمالچىلارغا 13 مىليون دوللار (تەخمىنەن 80 مىليون يۈەن) تۆلەم تۆلەپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئېلان سۆزىنىڭ ئىستېمالچىلارغا كەلتۈرگەن زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، ئۆتكەن 10 يىلدا ئامېرىكىدا قىزىل كالا ئىچىملىكى سېتىۋالغان ئىستېمالچىلارنىڭ ھەممىسى بەلگىلىك تۆلەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدىكەن.
نيۇيوركتىكى بىر ئىستېمالچىنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ ئېيتىشىچە، قىزىل كالا شىركىتى ئېلانىدا ئىستېمالچىلارغا قىزىل كالا ئىچىملىكىنى ئىچسە «قانات ئاتا قىلىش» قاتارلىق ئادەمنىڭ تەن قۇۋۋىتى ۋە ئىنكاسىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزەلەيدىغانلىقى توغرىلىق ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمىغان.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، قىزىل كالا شىركىتىگە نىسبەتەن جەرىمانىنىڭ پايدىسىمۇ، زېيىنىمۇ بار ئىكەن. چۈنكى بۇ خىل زىيادە مۇبالىغىلەشتۈرۈۋېتىلگەن ئېلان سۆزى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىكەن. لېكىن قىزىل كالا مۇشۇ پۇرسەتتە ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلالايدىكەن، مەسىلەن : شىركەت تور بېتىنىڭ بىر كۈنلۈك زىيارەت قىلىنىش قېتىم سانى 5 مىليونغا يەتكەن.
مەنبە:ئەرقال تاراتقۇسى خۇددى تويوتانىڭ ماشنىنى يىغىۋالغىنىغا ئوخشاشمۇ ؟ hiyalqi يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 21:11 static/image/common/back.gif
خۇددى تويوتانىڭ ماشنىنى يىغىۋالغىنىغا ئوخشاشمۇ ؟
مېنىڭچە بۇ ئىككىسىدە پارق بار. بىرى ئېلان مۇبالىغە قىلىپ، تۆلەم تۆلىگەن، يەنە بىر تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن يىغىۋىلىنغان. مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى شۈبىھدىن خالى پاكىز سۇ !
ھازىر ئىچىۋاتقان ئىچىملىكلەرنىڭ قايسى بىرىدە مۇسۇلمانچە دەپ بار ؟ مۇسۇلمانچە خېتىنى ئەمەس بەلكى ئىچىدىكىنى ئىستىمال قىلمىز ، چۇشەندۈرۈشىنى تولۇق ئوقۇپ باقمايلا ، نەدە ئىشلەندى ، قانداق ئېسىل ماتىرياللار بىلەن ئىشلەندى شۇ ئىچىملىك دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار مەن ئۈچۈن . مەن پەقەت xxx ماركىنىلا ئەنگە ئالدۇرغان، مۇسۇلمانچە ۋە مۇسۇلمانچە ئەمەس دەپ ئەنگە ئالدۇرمىغان ، مەن ساڭا زورلاپ ساتمىدىم ، ئۆز ئىختىيارىڭ بىلەن ئىستىمال قىلدىڭ،،،،، دەپ چوڭ سۆزلەپ چىقىشى مومكىن بەزى بىر كارخانچىلار .
ئەسكەرتىش:بۇ مىنىڭ شەخسىي كۆز قارشىم ، باشقىلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ! 红牛نى جوڭگونىڭ دەپ يۈرۈپتىمە مەن ...
تايلاند نىڭ ئىكەن ئەمەسما ...
خامسولار بۇ ماركىنىڭ ئاتىسىنى خەينەندە تۇغۇلغان دەپ تايلاندلىق 华人دەپ يۈرۈيدۇ ...
ئەمما ئۇ ئادەمنىڭ ماتىريالىغا خەنزۇ دەپ يېزلماپتۇ ...
جېق غەيۋىتنى قىلماي ... 2012 ئۆلەپ كىتۇ ئۇ رەمەتلىك قانۇن رەسمى قانۇنكەن جۇمۇ باللار ئا يەردە . جوڭگولۇكتەك يۇۋاش ئەمەسكەن ئۇلار بىزمۇ ئولاش-چولاش شىنجاڭ تېلىۋېزىيەسىدە قويىلىۋاتقان بەزى مۇبالىغە ئېلان بەرگەن مەھسۇلاتلار ئۈستىدىن يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنۇپباقامدۇق يا ؟ تۆلەمگە ئېرىشىپ قالساق ئەجەپ ئەمەس .
_ جۇڭگو مېڭ بىزنڭ ما يەردە بىر رەھمەتلك تامچى بىرادەر بار ئىدى قىزىل كالا بىلەن ناشتا قىلدغان،قىزىل كالنى سۇ بىلەن چاينڭ ئورنىدا ئىچدغان بىر كۇندە ئاز دىگەندە10قۇتا ئىچەتتى،بىر پولاغا ئىككى پولانڭ گۇشنى يەيتى ھەي ئەجەل شۇنداقمۇ ياكى ئۆزنى ئۆزى قەسلۋالدىمۇ تۇگەپ كەتتى ئا كاساپەتنڭ ئۈستىدە بىر كۇندە ئىككى قۇتىدىن كوپ ئىچمەڭ دەپقۇ با بولمىسا... قارىغاندا بىرەسى قىزىل كالىنى ئىچىپ بىنادىن سەكرەپ باققان بولسا كىتىپ قالغان چىغى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bayram تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-27 14:20
. aLKaMaL1 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 09:50 static/image/common/back.gif
قارىغاندا بىرەسى قىزىل كالىنى ئىچىپ بىنادىن سەكرەپ با ...
:lol بىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ مۇستەقىل ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقارغان قايسى سوغۇق ئىچىملىكلىرى بار ... {:87:} قۇتىلىق ئىچىملىكتىن مىنرال سۇ بىلەن قىزىل كالىدىن باشىقىسى ساختا . مۇشۇ ئىچىملىك بولمىغان بولسا ئىنكاس يازغاچ نىمىمۇ ئىچە بولغۇيتۇم ،تەمى باشقىچىلا،تاماكا چەككەچ ئىچىپ ئىنكاس يازسا{:101:} ساپ داۋا ھەسەل سۈيى بوپ قۇيىدىكەن AAA يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 20:31 static/image/common/back.gif
قۇتىلىق ئىچىملىكتىن مىنرال سۇ بىلەن قىزىل كالىدىن باش ...
چاچ چۈشۈپ كېتىدۇ ئازراق ئىچىڭلار:lol ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 22:10 static/image/common/back.gif
چاچ چۈشۈپ كېتىدۇ ئازراق ئىچىڭلار
ئىزدىنىشتا مۇشۇ ئىنكاسىم يارىدىما نەقىل ئالغۇدەك . جۇڭگۇلۇغ ئەيسانىڭ تىمىسىدا ئىنكاسىمنىڭ يېنىدىن بىر ئۆتكەنچە .
بەك ئىھتىيات بىلەن يازىسىلەدە ئىنكاسنى . :handshake
چاچقۇ يامان ئەمەس ھارغىنلىق باسىدىغان چاي بىلەن مەيدىن باشقا ياخشىراقلىرى بولسا تەۋسىيە قىلىڭلا زادى خوشۇم يوق مۇشۇ قىزىل كالىغا!!!
شۇڭا مىنرال سۇدىن ياخشىسى يوق AAA يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 23:42 static/image/common/back.gif
ئىزدىنىشتا مۇشۇ ئىنكاسىم يارىدىما نەقىل ئالغۇدەك . جۇ ...
يۇملاق ئۈزۇم(ئاق ئۈزۈم) شىرنىسنى تەۋىسيە قىلمەن . مەن ئىچىپ باققان شۇڭا سىزگە تەۋىسيە قىلدىم . لېكىن ھازىر شىرنە قاينىتىپ ساقلايدىغان ئادەملەر بارمىدۇ ؟ ئاق ئۈزۈم شىرنىسىنى . (شىنە)
بەت:
[1]
2