Toshuk يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 19:33:36

ئاشۇ ئورگېنالى قايتۇرۋېتىلگەن داڭلىق ئەسەرلەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Toshuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-26 20:53  

ئاشۇ ئورگىنالى قايتۇرۋېتىلگەن داڭلىق ئەسەرلەر

1. ئوستېن «نورسئاڭگېر موناستىرى»: جانابىڭىز بۇ ئورگېنالنى بىزنىڭ سېتىۋېلىشىمىزنى ئارزۇ قىلسىڭىز، بىز شۇ پۇلنى چىقىرىپ بۇ ئەسەرنى قايتۇرۋېتىشىنى خالايمىز، پەقەت جانابىڭىز بۇ كىتابنى نەشىر قىلدۇرۇش ئويىدىن ۋاز كەچسىڭىزلا.

جەين ئوستېن(1817.7 -1775.12)، ئەنگلىيەلىك داڭلىق ئايال يازغۇچى، ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «ئەقىل ۋە ھېسسىيات»، «مەغرۇرلۇق ۋە بىر تەرەپلىمە قاراش»،«ئېمما»، «نەسىھەت» قاتارلىقلار بار.

2.فلوبېر «بوۋارى خانىم»: پارچە-پۇرات تەپسىلاتلار توشۇپ كەتكەچكە، بۇ رومان ئەسلىي قىياپىتىنى يوقىتىپ قويغان — تەپسىلاتلار ياخشى يېزىلغان، بىراق بەك پۇچەك، تېيىز.

گۇستاف فلوبېر(1821-1880) فرانسىيەلىك داڭلىق يازغۇچى،تەبىئەتچىلىك ئەدەبىياتىنىڭ باشلامچىسى، غەرب مودېرنىزم ھېكايىچىلىقنىڭ ئاساسچىسى، ۋەكلىللىك ئەسەرلىرىدىن «بوۋارى خانىم»،«ھېسسىيات تەربىيەسى»،«سالامبو» قاتارلىقلار بار.

3. پروست «سۋاننىڭ ئۆيى تەرەپتە»: ۋاي ئانام، بوينۇمنىڭ ئۈستى كاردىن چىققان ئوخشايدۇ، مەن قانچە ئويلاپمۇ بىر ئەرنىڭ 30 بەتنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىنىڭ ئۇخلىيالماي ئۆرۈلۈپ-چۆرۈلۈپ ياتقانلىقىنى تەسۋىرلىگەنلىكىنى كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم.

مارسېل پروست(1871-1922)، فرانسىيەنىڭ 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ يازغۇچىسىنىڭ بىرى، ئاڭ ئېقىمى ئەدەبىياتىنىڭ ئاۋانگارتى ۋە ئۇستازى، 20-ئەسىر دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ يازغۇچىنىڭ بىرسى. ۋەكىللىك ئەسىرى «سۇدەك ئۆتۈپ كەتكەن يىللارنى ئەسلەش» .

4. نابوكوف «لورېتا»: ئاپتۇر ئۆز ئوي-خىياللىرىنى پىسخۇلۇگىيە دوختۇرىغا سۆزلەپ بېرىشى كېرەك... بەزى ئابزاسلار ياخشى يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئادەمنىڭ قۇسقۇسنى كەلتۈرىدۇ. بۇ رومان باشتىن-ئاخىرى چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلالمىغان... ئاپتۇر يېزىپ كېتىۋېتىپلا روھىي كېسەلدەك كۈندۈزدە چۈش كۆرۈشكە باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن ۋەقەلىكلەر قالايمىقانلىشىپ كەتكەن، بولۇپمۇ قېچىپ كېتىشكە ئائىت بۆلەكلەر تېخىمۇ شۇنداق...ئەڭ ئاخىرىدا باش پىرسۇناژ ئۆزىنى ياۋايى ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغان، نېمېدېگەن قورنۇنچلۇق. مەن بۇ روماننى تاش ئاستىغا كۆمۈپ قويۇپ 1000 يىلدىن كېيىن نەشىر قىلدۇرۇشنى تەۋسيە قىلىمەن.

ۋىلادىمىر نابوكوف(1889-1977)، ئامېرىكا تەۋەلىدىكى رۇس يازغۇچىسى، «ھازىرقى زامان ھېكايىچىلىق شاھى» دەپ تەرىپلىنىدۇ، ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «لورېتا»،«قاراڭغۇ ئوت»، «ئادا» قاتارلىقلار بار.

5. فېتزگېرالد «كارامەت گەتسىبي»: گەتسىبيدىن ئىبارەت بۇ پىرسوناژ بولمىغان بولسا، بۇ كىتاب قالتىسكەنتۇق.

فرانىس فېتزگېرالد(1896-1940)، ئامېرىكىنىڭ 20-ئەسىردىكى مۇنەۋۋەر يازغۇچىسى، ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «كارامەت گەتسىبي»، «مۇلايىملىق—تۈن» قاتارلىقلار بار.

6. ئورۋېل «ھايۋانلار قورۇقى»: بۇ مەسەللىك ھېكايىدە چوشقىنى ئەمەس، باشقا ھايۋاننى ھايۋانلارنىڭ خوجايىنى قىلغان بولسا ئادەمنى بۇنچىۋالا بىئارام قىلماسكەن.

جورج ئورۋېل (1903-1950)، ئەنگىيەلىك مۇخبىر، ھېكايىچى، نەسىرچى ۋە ئوبزۇرچى،ئۆتكۈر كۆزىتىش ئېقتىدارى ۋە ئۆتكۈر قەلىمى بىلەن ئۆزى ياشاۋاتقان دەرۋرنى خاتىرلەپ، دەۋردىن ھالقىغان نۇرغۇن بېشارەتلەرنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن«بىر ئەۋلات كىشىلەرنىڭ سوغۇققان ۋىجدانى»دەپ تەرىپلىنىدۇ، ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «ھايۋانلار قورۇقى»، «1984» قاتارلىقلار بار.

7. روۋلىڭ«خاررې پوتتېر ۋە سېھىرلىك تاش»: بالىلارغا نىسپەتەن بۇ كىتاب بەكلا ئۇزۇنكەن.

ج.ك. روۋلىڭ(1965-)، ئەنگىلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق يازغۇچىسى، ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «خاررې پوتتېر» قاتارلىقلار بار.

8. گولدىڭ «چىۋىن شاھ»: بېمەنە خام-خىياللارغا تولغان تېتىقسىز،چىرىك ئەخلەت ئەسەر.

ۋىليام گولدىڭ(1911-1993)، ئەنگىلىيەلىك شائىر، يازغۇچى. «مەسەل توقۇغۇچى» دەپ تەرىىپلىنىدۇ، 1983-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ۋەكىللىك ئەسىرى:«چىۋىن شاھ».

9. دويل «ھولمېس. قانلىق خەت ھەققىدە تەتقىقات»: ئۇلاپ ئېلان قىلىشقا بەك قىسقىكەن، بىرلا قېتىمدا باسايلى دېسەك بەك ئۇزۇنكەن.

ئارتۇر كونەن دويل(1859-1930) ئەنگىيەلىك يازغۇچى، دوختۇر. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «ھولمېس تولۇق توپلىمى»، «غايىپ بولغان دۇنيا» قاتارلىقلار بار.

10. ھېللېر «ھەربىي قانۇننىڭ 22-ماددىسى»: ئاپتۇر زادى نېمە دېمەكچىكىنە؟ بۇ بىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتىمىزگە ھاقارەت قىلغانلىق.

جوسېف ھېللېر(1923~1999)، ئامېرىكىلىق يازغۇچى، ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «ھەربىي قانۇننىڭ 22-ماددىسى»، «چاتاق چىقتى» قاتارلىقلار بار.

11. دىككىنسون «دىككىنسون شېئىرلىرى»: توۋا، قاپىيەلەرنىڭ ھەممىسىنى خاتا كەلتۈرۈپ قويۇپتىغۇ؟

ئېمىلىي دىككىنسون(1830~1886)، ئامېرىكىلىق ئەپسانىۋىي تۈسكە ئىگە ئايال شائىر، ئامېرىكا ئەەبىيات تارىخىدا ۋېتماندىن كېيىنلا تۇرىدۇ، ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «ئەسەبىي كېچە»، «بۈگۈن قۇشلار قايتىپ كېلىدىغان كۈن»، «سۆيۈپ كەلدىم»، «ئۈمىد» قاتارلىقلار بار.

12. كىپلىڭ «جاڭگال كىتاب»: كەچۈرۈڭ، كىپلىڭ ئەپەندى، سىز ئېنگلىزچىنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۇقمايدىكەنسىز.

رۇديارد كىپلىڭ (1865~1936)، ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى، شائىر، 1907-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىكەن تۇنجى ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى . ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «ئورمان شاھزادىسى»، «جاڭگال كىتاب» قاتارلىقلار بار.

13. لاۋرېنىس «چاتېرلېيس خانىمنىڭ ئاشنىسى»: ئۆزىڭىزگە ياخشى بولۇشى ئۈچۈن بۇ كىتابنى نەشىر قىلدۇرماڭ.

داۋىد ھېربېرت لاۋرېنىس(1885-1930)، ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى،شائىر، دېرامماتورگ، رەسسام. ئەنگىلىيە 20-ئەسىر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم يازغۇچىنىڭ بىرى. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «ئوغۇللىرى ۋە ئاشنىلىرى»، «مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز» قاتارلىقلار بار

14. كىڭ «كاررې»: بىز بۇ خىل ئوتۇپىيە خاراكتېرىدىكى رومانلارغا قىلچە قىززىقمايمىز، بۇ كىتاب ئەسلا سېتىلمايدۇ.

سېتىفېن كىڭ (1947-)، ئامېرىكىلىق يازغۇچى، سىنارسىت، فىلىم ئىشلىگۈچى، رېژىسسۇر، كىتابلىرى 350 مىليۇن پارچە سېتىلغان. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «ئەرۋاھ»، «جەسەت خالتىسى»، «يېشىل مۇساپە»، «شاۋشەنكى تۈرمىسدىكى نىجاتلىق» قاتارلىقلار

كلاسسىك كېنولارنىڭ بېرى: «شاۋشەنكى تۈرمىسدىكى نىجاتلىق»
http://www.iqiyi.com/dianying/20121129/689bf02c9134cafa.html

15. بېكېت «مالوننىڭ ئۆلۈمى»: مەن ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇ كىتابقا كىرىشەلمىدىم، مېنىڭ كۆزۈم بۇ كىتابنىڭ ھەرقانداق بېتىگە قاراشنى رەت قىلدى.

سامۇئېل بېكېت (1906-1989)، فرانسىيە يازغۇچىسى، درامماتورگى، بىمەنە دراممىچىلىقىنىڭ مۇھىم ۋەكىلى. «يېڭىچە ھېكايە ۋە درامما شەكلى بىلەن، ئالىيجاناپ سەنئەت ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئازابىنى ئىپادىلەپ بەرگەن»لىكى ئۈچۈن 1969-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ۋەكىللىك ئەسىرى «گودۇنى كۈتۈش».

16. پىلاس «ئارېل»:  كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، سىزدە تالانت كەمچىلكەن.

سىلۋىيە پىلاس (1932—1963)، ئامېرىكىلىق ئايال شائىر، ئىقرارچىلىق ئېقىمىنىڭ داڭلىق ۋەكىلى، 31 يېشىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان، ۋەكىللىك ئەسىرى «گىگانىت ئادەم ۋە باشقا شېئىرلار».

17. لى كاررې «بېرلىندىكى جاسۇسلۇق جېڭى»: لى كاررېنىڭ دۇنياسىغا كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز، بۇ يەردە دېگۈدەك ھېچنەرسە يوق.

جون لى كاررې (1931-) ئەنگىلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق جاسۇسلۇق يازغۇچىسى، ۋەكىللىك ئەسىرى: «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىكى جاسۇسلار ئەرۋاھلىرى»

18. باللارد «ماشىنىغا سوقۇلۇش»: ئاپتۇر تۈگىشىپتۇ، پىسخولۇگىيە دوختۇرىغا كۆرۈنسىمۇ ئامال يوق.

جامېس گراھام باللارد(1930-2009) ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى، «فانتازىيە يېزىقچىلىقى يېڭى دولقۇنى»نىڭ مۇھىم ئەزاسى، شاڭخەيدە تۇغۇلغان. ئەڭ داڭلىق ئەسىرى«ماشىنىغا سوقۇلۇش».

19. مەيلېر «بۇغا باغچىسى»: بۇ كىتاب نەشرىياتنى 20 يىل كەينىگە چېكىندۈرۋېتىدۇ.

نورمان مەيلېر (1923-2007) ئامېرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى ۋە مۇخبىر، داڭلىق ئەسىرى «يالىڭاچلار ۋە ئۆلگەنلەر».

20. مېلۋىل «ئاق كىت»: ناھايتى ئەپسۇس، بىز ئەسىرىڭىزنى نەشىر قىلىشقا بىردەك قارشى، چۈنكى بۇ رومان كەڭ ياشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئەسەر ھەم ئۇزۇن ھەم سېسىق، پەقەت «ئاق كىت» دېگەن ئىسمىلا بار، خالاس.

ھېرمان مېلۋىل(1819—1891)، شائىر، يازغۇچى، ئامېرىكا رومانتىزملىق ھېكايىچىلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەكىللىك يازغۇچى.

21. ۋېتمان «ياپراقنامە»: ئەسىرىڭىزنى نەشىر قىلىشنى دۆتلۈك، دەپ قارىدۇق.

ۋولت ۋېتمان (1819-1892)، ئامېرىكىلىق داڭلىق شائىر، شېئىرلارنىڭ ئەركىن شەكلىنى ياراتقان، داڭلىق ئەسىرى « ياپراقنامە ».

22. جېك لوندۇن «تۇرمۇشنىڭ قائىدىسى» : ئادەمنى قورقۇتىدۇ، ئادەمنى چۈشكۈنلەشتۇرىدۇ.

جېك لوندۇن (1876-1916)، ئامېرىكىلىق داڭلىق تەنقىدىي رېئالىزم يازغۇچى، ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «ياۋايىلىقنىڭ چاقىرىشى»، «دېڭىز بۆرىسى»، «ئاق چىش» قاتارلىقلار بار.

23. گرېي «سۆسۈن مەخمەل ئىچىدىكى چەۋاندازلار»: تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس.

زانې گرېي (1872–1939)، ئامېرىكىلىق يازغۇچى، ۋەكىللىك ئەسىرى: «سۆسۈن مەخمەل ئىچىدىكى چەۋاندازلار»

24. گراھام « سۆگەتلىكتىكى شامال »: بۇ ئەسەرنىڭ شەكلى ئەنئەنىگە مۇخالىپ.

كېننېس گراھام (1859~1932) ئەنگىلىيەلىك بالىلار يازغۇچىسى، بانكېر. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «سۆگەتلىكتىكى شامال »، «ئالتۇن دەۋر»، «چۈشتىكى باھار» قاتارلىقلار بار.


25. جويىس «ئۇلىيسېس»: بىز زور قىزىقىش ئىچىدە ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتۇق، گەرچە بۇ روماننىڭ ئۇزۇنلۇقى بۆسۈش تەس بولغان توسالغۇ بولسىمۇ، ئەمما بۇ روماننى باسىمىغا بېرىشنى خالايمىز. ھېچقانداق باسما سودىگىرى بۇ كىتابنى بېسىشقا ئۇنىمىدى، بىزنىڭ كىتاب چىقىرىش ئادىتىمىز بويىچە 300 بەتلىك بىر كىتابنى نەشىر قىلىشقا ئىككى يىل ۋاقىت كېتىدۇ... شۇڭلاشقا، بىز بۇ كىتابنى قايتۇرۋەتتۇق، ئەپۇ قىلغايسىز.

جامېس جويىس(1882-1941)، ئېرلاندىيەلىك يازغۇچى، شائىر. 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ يازغۇچىنىڭ بىرى، كېيىنكى مودېرنىزمنىڭ ئاساسچىسى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ۋە «ئاڭ ئېقىمى» دۇنيا ئەدەبىيات ساھەسىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن. ۋەكىللىك ئەسەرلىدىن «ئۇلىيسېس»، «فېننىگاس مېيىت ساقلىغان كېچە» قاتارلىقلار بار.

26. فۇلكنىر «مۇقەددەس قەسىر»: يا خۇدا، مەن بۇ كىتابنى قوغۇشۇن ھەرپكە ئايلاندۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايمەن، كىتاب نەشىر قىلىنسا ئىككىمىز قانۇن تورىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز.

ۋىليام فۇلكنېر (1897-1962)، ئامېرىكا ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئەڭ تەسىرگە ئىگە يازغۇچى، ئاڭ ئېقىمىنىڭ ئامېرىكىدىكى ۋەكىلى، 1949-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا، 1951-،1963-يىلى پۇلتسىز ھېكايە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «مەن سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا»، «ئابسالوم! ئابسالوم!»، «چۇقان ۋە غۇلغۇلا» قاتارلىقلار بار.


27. ئاننى فرانك «ئاننى فرانك كۈندىلىك خاتىرىسى»: قىزچاق، تۈز كۆڭۈللۈكىمنى كەچۈرۈڭ، سىزدە ئەسىرىڭىزنى«يېڭىلىق»تىن يۇقىرى قاتلامغا كۆتۈرۈش ئىقتىدارى كەمچىلكەن.

ئاننى فرانك (1929~1945)، گېرمانىيەلىك يەھۇدىي يازغۇچى،. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئەڭ مەشھۇر يەھۇدىينىڭ بىرسى. ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى ئۇرۇشتىن كېيىن ھېرمېنى سانترۇسشىتز تەرىپىدىن رەتلىنىپ نەشىر قىلىنغان، بۇ ئەسەر 30 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيادا ئەڭ كۆپ سېتىلغان ئەسەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

28. پاسوس «ئۇلۇغۋار كۈنلەر»: مەن ئەسەردىكى ۋەقەلىك بىلەن مۇناسىۋەتسىز تەپسىلات تەسۋىرىگە قاتتىق نەپرەتلىنىمەن.

جون دوس پاسوس (1896-1970)، ئامېرىكىنىڭ 20-ئەسىر 30-يىللىرىدىكى داڭلىق يازغۇچى. ۋەكىللىك ئەسىرى: «ئامېرىكا» تېرولوگىيەسى

29. گراس:«قەلەي دۇمباق»: بۇ روماننىڭ باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

گۆنتېر ۋىلھم گراس (1927-) فدارتىپ گېرمانىيەلىك يازغۇچى،1999-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «قەلەي دۇمباق»، «پىياز ئاقلاش» قاتارلىقلار بار.

بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان كېنو: «قەلەي دۇمباق»
http://www.56.com/u94/v_NTIxNjkyOTk.html

30. ۋېرنا «گاز شارىدا ئۆتكەن جۈمە»
بۇ رومان يۇلىس ۋېرنانىڭ تۇنجى رومانى بولۇپ، 15 نەشرىيات نەشىر قىلىشنى رەت قىلغان. قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان ۋېرنا بۇ روماننىڭ ئورگىنالىنى ئوچاققا تاشلىۋەتكەن، ئەمما ئۇنىڭ ئايالى چاققان كېلىپ ئورگىنالنى ئوچاقتىن تارتىۋالمىغان بولسا، دۇنياۋىي تالانتلىق يازغۇچى، «ئىلمىي فانتازىيە ھېكايىچىلىقىنىڭ ئاتىسى» ۋېرنا بولمىغان بولاتتى.

31. جەك كوروئاك «يولدا»: بۇ تالانىت ئىگىسى چوقۇم ناھايتى قاتتىق خاتا يېتەكلەنگەن. بۇ تولىمۇ ئۇزۇن ئەمما ئەخلەت رومان بەلكىم نەچچە پارچە سېتىلىشى مۇمكىن، ئەمما چوقۇم قاتتىق مەسخىرە ۋە تەنقىدكە دۇچار بولىدۇ.

جەك كروئاك (1922-1969)، ئامېرىكىلىق يازغۇچى، ئامېرىكا «بەربات بولغان بىر ئەۋلات» نىڭ ۋەكىلى. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «يولدا»، «زەھەر ئەتكەسچىسى» قاتارلىقلار بار.

32. گاۋ شىڭجيەن «ئەرۋاھ تاغ» : بىرىنچى، بۇ روماننىڭ باش تېمىسى تۇتۇق، مەزمۇنى كونا، ئىپادىلەش ئۇسۇلى زاماننىڭ كەينىدە قالغان، بۇ، 18-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرى سەۋىيەسىدىكى ئەسەر؛ ئىككىنچى، روماندا مۇلاھىزە بەك جىق، روماندا ۋەقەلىك، پىرسوناژلار يېزىلىشى كېرەك. ئارتۇقچە مۇلاھىزىلەر ئوقۇرمەننىڭ ئەسەرنى نورمال ئوقۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. مېنىڭچە، بۇ مۇھاكىمىلەردە سۆزلەر قالايمىغان، خالىغانچە ئىشلىتىلگەن... سىز چېخ يازغۇچسىسى مېلەن كۇندېرانىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇمىغان ئوخشايسىز؛ ئۈچىنچى، ئەسەرنىڭ تىلى قوپال، خاتا جۈملىلەر بەك جىق، پولۇغا قۇم ئارلاشتۈرۋېتىلگەن... ئەدەبىيات ساپايىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن جۇڭگۇ ۋە چەتئەلنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىنى كۆپرەك ئوقۇغايسىز؛ ئۈچىنچى، ئەسەردە جىنسىي تەسۋىرلەر بەك كۆپ، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەەبىيات-سەنئەت سىياسىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس... ئەسىرىڭىزدىكى جىنسىي تەسىۋىرلەر قوپال، دېھقانلارچە جىنسىي خىيالغا ئوخشايدۇ، بۇ سىز زور كۈچ سەرپ قىلىپ ياراتماقچى بولغان زىيالىيلارچە كەيپىياتقا مۇخالىپ.بۇندن باشقا ئەسىرىڭىزدە تەپسىلات مەسىلىسى مەۋجۇت... يىغىپ ئېيتقاندا، بىز ئەسىرىڭىزنى نەشىر قىلىش ئۆلچىمىگە چۈشمەيدىكەن، دەپ قارىدۇق.

گاۋشىڭجيەن(1940-)فرانسىيە تەۋەلىدىكى جۇڭگولۇق يازغۇچى، رەسسام،  «ئەرۋاھ تاغ»ناملىق رومانى نەشرىيات تەرىپىدىن قايتۇرۋېتىلىپ، 10 يىلدىن كېيىن «ئەسەرلىرىدىكى ئومۇمىي قىممەت، ئۆتكۈر كۆزىتىش ۋە تىلنىڭ مۇكەممەل پاراسىتى بىلەن جۇڭگو ھېكايىچىلىق سەنئىتى ۋە درامماچىلىقىغا يېڭى يول ئېچىپ بەرگەن»لىكى ئۈچۈن 2000-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى جوڭگۇلۇق يازغۇچى بولۇپ قالغان. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «تەڭداشسىز ئاز ئۇچرايدىغان نادىر ئەسەر » دەپ تەرىپلىنىدىغان «ئەرۋاھ تاغ» ۋە «جۇڭگۇدىكى تۇنجى كىچىك تىياتىرخانا ئوپىراسى» دەپ تەرىپلىنىدىغان «مۇتلەق سېگنال» قاتارلىقلار بار.

تۆشۈك تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى
ئەسكەرتىش: تەييارلىغۇچى ۋە مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا مۇنبەر ۋە ئۈندىداردا تارقاتسىڭىز بولىدۇ

boran120 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 20:09:08

    دۇنيادا مۇشۇنداق ئىككى ئىغىز گەپ بىلەن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەسەر ھەم كەشپىياتلارنىڭ بۆشىگىدىلا تۇنجۇقتۇرۇپ قويدىغان ئىشلار كۆپ يۈز بەرگەن . بۇنداق ئىشلاردىن ئۇچۇر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. شۇنداقتىمۇ دىمەي تۇرالمايمەن. شۇنچە ئۇزۇن ئەسەرنى بىر ھەرىپ بىر ھەرىپتىن بىسىقا چىداپسىزيۇ ئىملاغا دىققەت قىلماپسىز. مەسىلەن‹‹بۇ كىتاب نەشرىياتنى 20 كەينىگە چېكىندۈرۋېتىدۇ.›› 20 يىلمۇ؟ 20 ئىشمۇ؟ 20 كۈنمۇ؟ دىگەندەك .

Toshuk يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 20:14:15

boran120 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-26 20:09:08 static/image/common/back.gif
    دۇنيادا مۇشۇنداق ئىككى ئىغىز گەپ بىلەن دۇنياغا تەسى
20 يىل ئىدى، ئەمما سىزمۇ ئىملاغا دىققەت قىلماپسىز جۇمۇ، مەسىلەن «بىر ھەرىپ بىر ھەرىپتىن بىسىقا» دېگەندەك:lol:lol ئىككىمىز تەڭ دىققەت قىلايلى ھە

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 20:37:54

:lol

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 20:40:11

مەن دەسلەپ «بوۋارى خانىم»نى پويىزدا ئوقۇغان.شۇ چاغدا ماڭا ناھايىتى چۇۋالچاق، ئۇنچە ۋاي دەپ كەتكۈدەك ئەمەستەك بىلىنگەن. كىتابىنىڭ كۆرۈمسىزلىكىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن. كېيىن ئوقۇغۇنۇمدا ئۇنداق بولمىدى. يەنە تەكرار ئوقۇشۇم مۇمكىن.
ئەڭ كۆپ قولۇمغا ئېلىپ تاشلاپ قويغان روماننىڭ بىرى «تەكەببۇرلۇق ۋە ئاداۋەت» بولۇپ، ھەرقاچان ئائىلىدىكى قىز-خوتۇنلارنىڭ كوتۇلداشلىرى سۆزلىنىدۇ، شۇنچە توم روماننى ئوقۇغۇنۇمنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ زادى دەپ قارىغان ئىدىم. كېيىن قانداق بولدى، بىر ئوقۇغۇنۇمچە كىرىپ، ئاخىرىغىچە چىقىپتىمەن. قالتىس ھوزۇر ئالدىم دېسەممۇ بولىدۇ. بەك ئۇستىكەن بۇ  خوتۇن رومان يېزىشقا.

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 20:42:29

فورموس دېگەن نېمە گەپ ؟  ھولمىس دېگەننى ئاڭلىغانمۇ يا ؟ شېرلوك ھولمىس ، رازۋىتكا ھېكايىسى ...مۇشۇنداق يەرناملىرى ، ئادەم ئىسىملىرىنى خاتا تەرجىمە قىلغان ماقالىلارنى كۆرسەم سەل نېرۋام ئۆرلەپ قالامدۇ نېمە ؟!!!

yaxar48 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 20:54:13

يازغۇچىنىڭ سەۋىيىسى،نەشىرىياتتىكىلەرنىڭ(مۇھەررىرلەرنىڭ)سەۋىيىسىدىن يۇقۇرى بۇلۇپ كەتسە،مۇشۇنداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۈمكىن.

مەنمۇ ھەۋەسكار چاغلاردا زوردۇن سابىر ھېكايىلىرىغا تەقلىت قىلىپ بىر پارچە ھېكايە ئېلان قىلغان ئىدىم،كېيىن بۇ ئەسەر‹ مۇنەۋۋەر ئەسەر› مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ،قىزىل تاشلىق گۇۋاھنامىنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كەلگەن ئىدىم.
  كېيىنچە زامانىۋى ئەدەبىيات ئېقىملىرىدىكى ئىپادىلەش شەكىللىرىگە قىزىقىپ، بىر ئايالنىڭ روھى دۇنياسىدىكى مۇرەككەپ كەچمىشلىرىنى ئىنچىكە تەسۋىرلىگەن بىر پارچە ئەسىرىمنى،يەنە شۇ  ژورنالغا بەرسەم،‹ سىز ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بەك چېكىنىپ كېتىپسىز، ئىلگىرى قانداق يازغان بولسىڭىز شۇ بۇيىچە يېزىۋېرىڭ،سىزدە ئۈمۈت چوڭ!...› دەپ،ئەسەر يوقاپ كەتتى....
  ئۇغۇ بىر ھېكايە،ئەمما يۇقۇرىدىكى رومانلار ئىكەن،قانچىلىك يۈرەك قېنى سىڭگەن بولغىيدى....

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 23:10:50

قايتۇرۇۋېتىلگەندىكى بەزى جاۋابلار ئالامەت زەھەردەكلىكەن جۇما... رومان يېزىپ جاپا تارتمىسا تېخى، بۇنچىلا سېسىق گەپلەرگە چىدىمىسا تېخى....  يازغۇچى بولماقمۇ ئاسان ئەمەس ھە باللا :lol  تېما ئىگىسىگە رەھمەت

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 05:43:13

تەھرىر يازغۇچىدىن 300 ياش كىچىك كىلىپ قاپتىكەن-دە.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 09:01:44

27.ئاننى فرانك «ئاننى فرانك كۈندىلىك خاتىرىسى»: قىزچاق، تۈز كۆڭۈللۈكىمنى كەچۈرۈڭ، سىزدە ئەسىرىڭىزنى«يېڭىلىق»تىن يۇقىرى قاتلامغا كۆتۈرۈش ئىقتىدارى كەمچىلكەن.

ئاننى فرانك (1929~1945)، گېرمانىيەلىك يەھۇدىي يازغۇچى،. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئەڭ مەشھۇر يەھۇدىينىڭ بىرسى. ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى ئۇرۇشتىن كېيىن ھېرمېنى سانترۇسشىتز تەرىپىدىن رەتلىنىپ نەشىر قىلىنغان، بۇ ئەسەر 30 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيادا ئەڭ كۆپ سېتىلغان ئەسەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
____________________
بۇ كۈندىلىك خاتىرىنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ،توقۇلما ئىكەنلىكىنى دۇنيا ھەپتىلىكىدە ئەمەتجان توختى سۆزلەۋەتاتتى بىر زامانلاردا

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 12:09:49

ژىيۇل ۋېرىن
بەت: [1]
: ئاشۇ ئورگېنالى قايتۇرۋېتىلگەن داڭلىق ئەسەرلەر