غەربنىڭ شۇملۇقى
غەربنىڭ شۇملۇقى«جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى» (2014-10-23) ماقالىسى:
ئىران: نېفىت باھاسىنىڭ جىددىي چۈشۈشى، غەربنىڭ شۇملۇقى
ئىران ھۆكۈمەت باياناتچىسى نەچچە كۈن ئىلگىرى، بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرى غەرب ئەللىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، نېفىت باھاسىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق، ئىمبارگو دەردىنى تارتىۋاتقان ئىران ئىقتىسادىنى تېخىمۇ ئاجىزلاتماقچى دەپ ئەيىبلىدى.
بۇ يىل 6-ئايدىن بۇيان، خەلقئارادا نېفىت باھاسى ئۆزلۈكسىز چۈشتى، لوندون بۇلېنت نېفىت قەرەللىك مال بازىرىدا نېفىتنىڭ باھاسى ئەسلىدىكى 110 ئامېرىكا دوللىرىدىن چۈشۈپ، 21-ئۆكتەبىرگە كەلگەندە 86 دوللارغا توختىدى. ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى خامچوتى نېفىت باھاسى 100 دوللارلىق قىياس ئۈستىگە تۈزۈلگەن بولغاچقا، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى، ئىران پرېزىدېنتى روھانىنى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، كىرىم مەنبەسىنى ئىزدەشكە سەپەرۋەرلىك قىلىشقا مەجبۇر قىلدى.
پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى غەربكە يانتاياق بولۇپ ئىران ۋە رۇسىيەگە زەربە بەرمەكچىمۇ؟
ئىران ھۆكۈمەت باياناتچىسى نوباخت 20-ئۆكتەبىر كەچتە ئىراننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى شەھەر قومدا، شىئە دىندارلىرىغا «بۇ رايوندا، بىرقىسىم ئاتالمىش ئىسلام دۆلەتلىرى ئامېرىكا ۋە (باشقا) ھاكاۋۇر دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى شىلىۋالماقتا». «ئۇلار (غەرب ئەللىرى) كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمىزنى 400 مىليون تۇڭدىن، 100 مىليون تۇڭغا چۈشۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى، يېقىنقى مەزگىلدىكى نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى ئۇلار پىلانلىغان ئەڭ يېڭى شۇملۇق» دېدى.
رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى مەزگىلدىكى نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تەمىنلەشنىڭ زىيادىلىكى، ئېھتىياجنىڭ چەكلىك بولۇشى، سەئۇدى ۋە نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نېفىت باھاسىنى ئۆستۈرۈشنى خالىماسلىقى ئىكەن. سەئۇدى ۋە كۇۋەيتنى ئۆز ئىچىدە ئالغان بىر قىسىم نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەزالىرى، 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېچىلىدىغان يىغىندا، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىشنى مۇزاكىرە قىلىشنى ئويلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر قىسىم تەھلىلچىلەر، سەئۇدى قاتارلىق دۆلەتلەر تۆۋەن نېفىت باھاسىنىڭ زەربىسىگە چىداپ، غەرب ئەللىرىنىڭ ئىران ۋە ئۇكرائىناغا بېسىم قىلىشىغا ماسلىشىپ، ئىران يادرو كرىزىسى ۋە ئۇكرائىنا كرىزىسىدىكى ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم قىلماقچى دەپ قارىماقتا.
ئەمما پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ بىر قىسىم ئۇزۇنقۇلاق ئەربابلار بولسا، بۇ خىل قاراشنى «سۇبيېكتىپ پەرەز» دەپ قارىدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى، مەملىكىتىمىز نېفىت تەمىنلەش مىقدارنى ئىزچىل تۈردە باھانى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەڭشەپ تۇرۇۋاتىدۇ دېدى.
ئىران ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتتىمۇ؟
رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئەزاسى. خامچوتىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن، نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى كۆزلەيدۇ، ئەگەر نېفىت باھاسى چۈشۈپ كەتكەندە، ئىران ئادەتتە بىرىنچى بولۇپ نېفىت مىقدارىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلاتتى. ئەمما، ئىران بۇ قېتىم ئىستراتېگىيىسىنى ئۆزگەرتكەندەك قىلىدۇ. ئىران بۇ ئايدا، ئۆزىنىڭ تۆۋەن نېفىت باھاسىغا چىدىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى جىددىي يىغىنى چاقىرىشنى تەلەپ قىلمىدى.
ئالدىنقى ھەپتە، ئىران پرېزىدېنتى روھانى، ئىران نېفىت مىنىستىرى زەنجانىغا «دىپلوماتىك ۋاسىتىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ» نېفىت باھاسىنىڭ يەنىمۇ تۆۋەنلىشىنى توسۇشقا تېرىشىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى.
رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ قارىشىچە، روھانى بارلىق ئۈمىدىنى ئىران يادرو سۆھبىتىگە باغلىغان بولۇپ، ئەگەر ئىران بۇ سۆھبەتتە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەل قىلىش چارىلىرى تۈزەلسە، ئىمبارگودىن قۇتۇلۇپ، يېڭىدىن نېفىت ئېكسپورت چوڭ دۆلىتى بولالايدىكەن.
★★★★★
http://www.uycnr.com/xwzx/lwsj/201410/t20141023_853979.html
★★★★★ غەرب نىمىشقا شوملۇق قىلىدىغاندۇ ئەمدى ؟؟ بۇ شۇملۇقنى داۋاملىق كىڭەيتىپ ، بىنزىن باھاسىنى 4-5 كويغا چۈشۈرۈۋەتكەن بولسا :lol atux0908 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 20:12 static/image/common/back.gif
غەرب نىمىشقا شوملۇق قىلىدىغاندۇ ئەمدى ؟؟
روسيە بىلەن ئىراننى ھالسىرىتىپ قۇيۇپ ئاندىن دۆلىتىمىزنى قىسىش بىلەن يەنە مۇسۇلمان ئەللەرنى بىر-بىرىگە چىشلىتىپ تاماششا كۆرمەكچى... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yaxar48 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-26 21:25
غەرب نىمىشقا شوملۇق قىلىدىغاندۇ ئەمدى ؟؟
غەرىپتە شۇملۇق بولمىسا،دۇنيا تەرەققى تاپمايدۇ.... بىر ئافرىقىلىق ئىمبولا ۋىروسىنى ئامرىكىنىڭ شۇملىقى دەۋاتقان.ئامرىكىنىڭ خۇدا بىلەن پەرقى قەلمىغىلى تۇدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا SATAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-27 06:35
ئۆز ئارا جىدەللىشىۋاتقان بولغانكىن بىر بىرىگە ئاشۇنداق تاكتىتكا ئىشلىتىپ قىلتاق قۇرىدىغان گەپ . رۆسلار ۋە ئېرانلىقلار قىلتاق قۇرسا ھەقلىق بۆپ قالىدىغان ئامېركا قىلتاق قۇرسا ھەقسىزلىك بۆپ قالىدىغان ئىش يۆق .. سىياسەتتە شۇملۇق ھىلىگەرلىك دىگەنلەر ئاقمايدۇ . كىم سىياسەتنى قاملاشتۇرۇپ ئۆينىيالىسا شۇ ئۇتۇپ چىقىدۇ . ئامېركىنىڭ بۇ ئۇينى ئەمىلىيەتتە قۆش بىسلىق خەنجەرنىڭ رۆلىنى ئۆينايدۇ . رەقىبىنىمۇ ھالسىرتىدۇ ۋە ئۇزىمۇ ھالسىرايدۇ . كىمنىڭ بەرداشلىق بېرىش چىكى چۆڭ بولسا شۇ ئۇتۇپ چىقىدۇ . پۇتنىمۇ ئىنبارگۆنىڭ دەستىدىن كۇندە ئامېركىنى تىللاپ ئۆلتۇرالماي قېلىۋاتىدۇ . ئامېركا بۇ قىتىم بىر چالمىدا نەچچە پاختەكنى ئارتۇق سۇقىۋالىدىغان بولدى . مىنىڭچە ئامېركا بۇياقتىن زىيان تارتىپ يىنە ئۇياقتىن بۇ زىياننىڭ ئۆرنىنى تۆلدۇرىۋالالايدىغاندەك تۇرىدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا SATAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-27 06:33
روسيە بىلەن ئىراننى ھالسىرىتىپ قۇيۇپ ئاندىن دۆلىتىمىزنى قىسىش
بۇ قىتىم ھەممىسىنىڭ شامىلىنى بىراقلام يىغىشتۇرىدىغاندەك كۇرىنىۋاتىدۇ . بۇ قىتىملىق ئۇيۇننىڭ تەسىرى پۇتۇن دۇنياغا زەربە بۇلىدۇ . غەرىپ بىلەن غەرىپ دۆلەتلىرىگە ماسلىشىۋاتقان دۆلەتلەردىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بەلگىلىك زىيانغا ئۇچۇرىشى ئېنىق .
مۇسۇلمان ئەللەرنى بىر-بىرىگە چىشلىتىپ تاماششا كۆرمەكچى...
مۇسۇلمانلار بىر بىرىنى چىشلەپ ئۆينايدىغان لالما ئىشىت بولمىغاندىكىن باشقىلار چىشلىتىپ قۆيغان تەغدىردىمۇ چىشلەسمىسە بۇلىدۇ . لىكىن رىياللىق شۇنى كۆرسۇتۇپ تۇرۇپتىكى بۇلار ھەقىقەتەن ئۆز ئارا چىشلىشىۋاتىدۇ . شۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇلار راسلام لالما ئىشىتنىڭ كۇنىگە قالغان ئۆخشايدۇ .
SATAN يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 06:31 static/image/common/back.gif
بۇ قىتىم ھەممىسىنىڭ شامىلىنى بىراقلام يىغىشتۇرىدىغا ...
بۇرۇن خىرىستىئانلار ياۋا تۇڭگۇزدەك بۇپ كەتكەن ۋاقىتلارمۇ بولغانغۇ ھە؟ يەھۇدىلارنىغۇ ئادەم قاتارىدا كۆرمەيدىكەنتۇق خىرىتىئانلار دىمەككى ئۆتنە ئالەم سىز شۇنداق ئىتقا ئوخشاپتۇ دىگەن مۇسۇلمانلار دىگەن كوپلۇك ساندا بىزمۇ بارغۇ دەيمەن تۇڭگۇزۇم شەيتان شەيتانغا لايىق گەپ قىپتۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-27 07:51
elqut يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 07:13 static/image/common/back.gif
بۇرۇن خىرىستىئانلار ياۋا تۇڭگۇزدەك بۇپ كەتكەن ۋاقىت ...
elqut ئەپەندىم، رەنجىمەي ئاۋۇ «توڭگۇزۇم» دىگەن سۆزىڭىزنى قايتۇرىۋېلىڭە{:188:} ، خۇددى ماڭا قارىتىپ دەۋاتقاندەك كۆڭلۈم يېرىم بولدى. ساتان ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىدىن چىشلەشكەنلەرنى پەس كۆرۈش مەنىسى چىقمايدىكەنغۇ، پەقەت غەرپلىكلەرنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناۋاتقىنىغا غەزەپلىنىپ شۇنداقراق دەپ قويۇپتۇ. ئۆز-ئارا قېرىنداش تۇرساق، نىمە قىلىمىز بىزمۇ «چىشلىشىپ»؟{:146:} مەن سەتەڭ دەپ ئۇقۇپتىمەن ئاۋۇ شەيتان دىگەن ئىسىمنى ئەسلى شەيتانكەنسىزدە :lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol elqut ئەپەندىم، ئىسمىڭىز شۇنداق چىرايلىقكەن،{:146:}، سىزدىن شۇنى ئۆتۈنەي: باشقىلارنىڭ قوللانغان ئىسمىغا كەمسىتىش مەنىسىدە چاقچاق قىلماي، قىلغان سۆزىگە پاكىت ئارقىلىق رەددىيە قايتۇرۇڭ. مەن بۇ سۆزۈمنى پەقەت قېرىنداشلىق يۈزسىدىن سىزگە دەۋاتىمەن، باشقىچە چۈشۈنىۋالماسسىز-ھە.{:214:} بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-27 08:47
umun99 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 01:09 static/image/common/back.gif
بىر ئافرىقىلىق ئىمبولا ۋىروسىنى ئامرىكىنىڭ شۇملىقى دە ...
گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئافرىقىدا ئىبولا ۋېروسىنى «ئۆز قولى بىلەن» ئىنسانغا تارقاتمىغىنى بىلەن، ئەشۇ ۋېروسنىڭ ياۋايى ھايۋانلار تېنىدىن ئىنسانغا يۆتكىلىش پۇرسىتىنىڭ چىقىپ قېلىشىغا ۋاستىلىك سەۋەپچى بولغان بولۇشىمۇ مۈمكىن. نىمە ئۈچۈن دىسىڭىز، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى ئافرىقا قۇرۇقلۇغىدىكى ئەرزان خام-ئەشيا ۋە قېزىلما بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ خەلقارا بازاردا غايەت زور پايدا ئالىدۇ-يۇ، بۇ خام ئەشيالارنىڭ ئىگىسى بولمىش يەرلىك خەلق مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرجىدە نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىققا مەھكۇم بوپ ئۆتۈۋاتىدۇ. ئۇ يەرلەردىن شۈلۈپ يەپ سەمرىگەن ھارامخور ماگىناتلار ئەشۇ بايلىقىدىن يوقسۇللارنىڭ ھەققى بولغان قىسمىنى(يەنى ئىسلام ھۆكمىدىكى زاكاتنى) بېرىشنى بىلمەيدۇ ۋە خالىمايدۇ. ئقتىساتنىڭ بۇنداق تەتۈر ئايلىنىشى نەتىجىسىدە، بايلار تېخىمۇ بېيىيدۇ، نامراتلار تېخىمۇ نامراتلىشىدۇ. ئافرىقىدىكى نامراتلار بۇ ۋە بۇندىن باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى ئىلاجسىز ياۋايى ھايۋانلارنى، ئۆلۈك ھايۋانلارنى يىيىشكە مەجبۇر بوپ قالىدىكەن. شۇ جەرياندا ئەسلىدىن ياۋايى يىرتقۇچ ھايۋانلار تېنىدە بار بولغان ئىبولا ياكى باشقا خەتەرلىك ۋېروسلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئادەم تېنىگە يۆتكەلگەنلىكى ئېنىقلا.(بىلگەجان مۇشۇ ھەقتىكى تېمىسىدىمۇ بۇ ۋېروس ھەققىدە مۇشۇنداق چۈشەنچە بەرگەن ).
elqut يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 07:51 static/image/common/back.gif
مەن سەتەڭ دەپ ئۇقۇپتىمەن ئاۋۇ شەيتان دىگەن ئىسىمنى ئە ...
شۇ ،سىز ئادەتتىكى بىر بەدبەخ بىلەن تۇتۇشۇپ قالمىدىڭىز، تازا ھەممىسىنىڭ بوۋىسى بىلەن تۇتۇشۇپ قالدىڭىز...مۇبارەك بولسۇن.:lol مۇشۇنداق ئىشلارنى كۆرسەم ماسۇنلار يادىمغا كەپ قالىدۇ نىمىشقا ئەرەپ ئەللىرى نىمىشقا غەربنىڭ غالچىلىغىنى قىلدىغاندۇ تۆۋەندىكى ئۇلۇنىشنى كۆرۈپ بېقىڭلار ئەجىبا ئەردوغانمۇ ماسون تەشكىلاتىدىنمىدۇ http://www.moontor.com/illuminati/1014/1239.html ئۆمۈچۈك چىۋىنگە: ئۇۋامغا كەلگىنىڭنى قارشى ئالىمەن، دەپتۇ چەتئەلدە نىفىت باھاسى چۇشسىمۇ يەنە بىنزىن باھاسى بەك قىممەت چۇشۇرسە پۇڭ چۇشۇرۇپ ئۆستۇرسە مو ئۆستۇردۇ بۇ نىفىت گوروھىدىكلار مۇسۇلمان ئەللەرنى بىر-بىرىگە چىشلىتىپ تاماششا كۆرمەكچى...
مۇسۇلمانلار بىر بىرىنى چىشلەپ ئۆينايدىغان لالما ئىشىت بولمىغاندىكىن باشقىلار چىشلىتىپ قۆيغان تەغدىردىمۇ چىشلەسمىسە بۇلىدۇ . لىكىن رىياللىق شۇنى كۆرسۇتۇپ تۇرۇپتىكى بۇلار ھەقىقەتەن ئۆز ئارا چىشلىشىۋاتىدۇ . شۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇلار راسلام لالما ئىشىتنىڭ كۇنىگە قالغان ئۆخشايدۇ .
........
ساتاننىڭ يۇقىردىكى ئىنكاسى ئورۇنلۇققۇ ، بەزىلەر نىمىگە شۇنچە چىچاڭشىپ كىتىدىغاندۇ ؟ salam101 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 09:14 static/image/common/back.gif
مۇشۇنداق ئىشلارنى كۆرسەم ماسۇنلار يادىمغا كەپ قالىدۇ ...
بۇ ھەقتە بىلىك مۇنبىرىدىكى ‹ئىلاھسىز دۇنيانىڭ قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلىشى› دېگەن تېمىدا ئازراق سۆزلىنىپتىكەن. ئەمدى ئەردوغان بەينىڭمۇ مۇشۇلارنىڭ ئارىسىدا بارمۇ-يوق، بۇنى كىيىن بىلىمىز! ئامما بۇ ھەقتە ئەڭ ياخشىسى بەك جىق مۇنازىرىلەشمەيلى، دوستۇم!
بۇ ھەقتە ئايرىم پاراڭلىشىشنى خالىسىز چى چى : 1017769980