hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 13:53:54

كىسلاتالىق بەدەن ۋە ئۇزۇقلۇق ساقلىقنى ساقلاش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-26 14:04  

I كىسلاتالىق بەدەن دىگەن نىمە ؟
نۇرمال ئادەملەرنىڭ بەدەن سۇيۇقلىقى ئاجىز ئىشقارلىق ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ ،ئۇنىڭ ئىچىدە قاننىڭ PH قىممىتى ( كىسلاتالىق –ئىشقارلىق دەرىجىسى )7.35-7.45 كىچە بولغان ئارلىقتا بۇلىدۇ .PH قىممىتىنىڭ بۇ تۇراقلىق ھادىسىسى ،كىسلاتا ئىشقار تەڭپۇڭلۇقى دەپ ئاتىلىدۇ . ئادەمنىڭ تەن سۇيۇقلىقىنىڭ PHقىممىتى 7.35 دىن تۆۋەن بولغان شارائىت ئاستىدا ،ئادەم تىنى ساغلاملىق بىلەن كىسەللىك ئوتتۇرسىدىكى ساختا ساغلاملىق ھالىتىدە تۇرىدۇ . تىببى ئىلمىدە بۇكىسلاتالىق بەدەن دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
II كىسلاتالىق بەدەننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر ؟
ھازىرقى زاماندىكى تۇرمۇش بېسىمى ، ياخشى بولمىغان ئۇزۇقلۇنۇش ئۇسۇلى ، مۇھىت بۇلغىنىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كىسلاتالىق بەدەننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . كىسلاتالىق بەدەننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب 5 خىل :
1. يىمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ئەمەس ، ئىلمىي بولغان يىمەك-ئىچمەك كىسلاتا-ئىشقارنىڭ نىسپتى جەزمەن  1:3 بۇلىدۇ .
2. ھەرىكەت يىتەرلىك ئەمەس : دائىم ھەرىكەت قىلغاندا تەر كۆپ چىقىپ ،ئادەم تىنىدىكى ئارتۇقچە كىسلاتالىق ماددىلارنى چىقىرىۋېتىشكە ياردەم بىرىدۇ .
3. زىيادە ئېغىر بولغان پىسخىكىلىق يۈك : روھى بېسىمغا ئۇچراپ ،تارقىتالمىغان چاغدا بەدەننى كىسلاتالىق ھالەتكە ئېلىپ بارىدۇ .
4. ناچار خۇمار : تاماكا ،ھاراق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تىپىك بولغان كىسلاتالىق تاۋار ، ناھايىتى ئاز ئىستىمال قىلغاندىمۇ ناھايىتى ئاسانلا  كىسلاتالىق بەدەننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
5. تۇرمۇش تەرتىپسىز : تاماقنى كىچىسى يەيدىغان ،ئەتىگەنلىك ناشتىنى قىلمايدىغانلار ،يۇمشاق يىمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ يەيدىغانلار ،كىچىسى تۈنەپ چىقدىغانلارنىڭ ھەممىسى كىسلاتالىق بەدەنگە ئۆزگىرىپ كىتىدۇ .
كىسلاتالىق بەدەننىڭ ئالاھىدىلىگى
كىسلاتالىق بەدەندىكىلەر دائىم ھارغىنلىق ھىس قىلىدۇ ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ ، بەل-پۇتلىرى تېلىپ ئاغرىيدۇ ،پۇت-قوللىرىنىڭ ماغدۇرى بولمايدۇ ، باش ئايلىنىپ  قۇلاق غۇڭۇلدايدۇ ،كۆز تورلىشىدۇ ،ئەگەر ياخشىلاشقا دىققەت قىلمىسا ، كىسلاتالىق ماددىلار بەدەندە بارغانسىرى كۆپەيگەن ۋاقىتتا ، سان ئۆزگىرىشىدىن ، سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ئايلىنىپ ، ھەر خىل كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ . %85 شامالداش ،دىئابىت كىسىلى ،يۇقىرى قان بېسىمى ،راك،قاندىكى ماي يۇقىرى بۇلۇش قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ ھەممىسىنى كىسلاتالىق بەدەن كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى : ئادەملەرنىڭ كىسلاتالىقى ئىمۇنىت كۈچىنىڭ  تۆۋەنلىگى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ .كىشىلەرنىڭ  كىسەلگە گىرىپتار بۇلىشىنى كىسلاتالىق بەدەن كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بەزى مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى :كىسلاتالىق بەدەن يۈزلىگەن كىسەللىكلەرنىڭ مەنبەسى . دۇنياغا مەشھۇر مىدىتسىنا مۇتەخەسسىسى دوكتۇر 筱原秀降土 شىياۋ يۈەن شىياۋ جىياڭ مۇنداق دەپ ئوتتۇرغا قويدى : ئادەم تىنى تام سۇيۇقلىقىنىڭ كىسلاتالىشىپ كىتىشى تۈمەنلىگەن كىسەللەرنىڭ مەنبەسى . شۇڭلاشقا ئادەم ساغلام بولماقچى بولسا جەزمەن تىنىدىكى كىسلاتا ئىشقارلىق دەرىجىسىنى تەڭشەش ئارقىلىق ، كىسلاتالىق بەدەننى ياخشىلاپ ئۇنى تەڭپۇڭ بولغان ھالەتكە كەلتۈرۈش لازىم .
III كىسلاتالىق بەدەننى ياخشىلاش ئۇسۇلى
1.يىمەكلىكلەرنىڭ كىسلاتا –ئىشقارلىق نىسبىتىنى تەڭشەش .
2. تۇرمۇش ئادىتىنى ياخشىلاش ۋە بېسىمنى ئازايتىش .
3. كىسلاتالىق بەدەننى ئۆزگەرتىشنىڭ ئۇسۇللىرى :
كىسلاتانىڭ يىغىلىشى زىيادە كۆپ بولغاندا كالتىسىينىڭ سۈمۈرىلىشىگە تەسىر يىتىدۇ . شۇڭلاشقا كىسلاتالىق بەدەندىكىلەرنىڭ ھەممىسىدە كالتىسىي كەمچىللىك بۇلىدۇ . كالتىسي مول بولغان مەھسۇلاتلارنى مۇۋاپىق تۇلۇقلاپ ، بەدەننىڭ كىسلاتالىق خۇسۇسيىتىنى پەسەيتكەندە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمى بۇلىدۇ .
IV كىسلاتا ئىشقارلىق يىمەكلىكلەر جەدىۋىلى
كۈچلۈك ئىشقارلىق يىمەكلىكلەر :
سۈت، 胡瓜،胡罗卜سەۋزە ،شۇخلا ،پالەك ،ئۈزۈم ،(كىشمىش )، قارا كۈنجۈت ، 白罗卜 ، چاي يۇپۇرمىقى ، تارو (芊发 )، ئەنجۈر قاتارلىقلار .
ئاجىز ئىشقارلىق يىمەكلىكلەر
ياڭيۇ ،كۆك پۇرچاق ،كاۋا ،نىلۇپەرنىڭ ئاستى غۇلى 莲藕 ،دۇفۇ ، ئالما ، بانان ، ئاناناس (凤梨 ) تۈكلۈك گىلاس ،موگو تۈرىدىكىلەر ، سۇڭپىياز ، شاپتۇل قاتارلىقلار .
كۈچلۈك كىسلاتالىق يىمەكلىكلەر
كالا گۈشى  چوشقا گۈشى ،كولباسا ، بېلىق ،ئىرىمچىك ،قۇم شىكەر ،پىچىنە پىرەنىك ،خاسىڭ مېغىزى ،كۇكۇس شىرنىسى ،تۇخۇم سېرىقى ،بولكا، ھايۋانات جىگىرى قاتارلىقلار .
ئاجىز كىسلاتالىق يىمەكلىكلەر :
سەدەپ، چەيزە ، خام قايماق ،مايدا قورۇلغان يىمەكلىكلەر ،بەسەي قاتارلىقلار .


ئىزدىنىش مۇنبىرىگىلا خاس

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 14:08:16

جوڭيى تىبابىتىدىكى كۆز قاراشلار بولغاچقا ئەينەن ئېلىندى ، توغرا چۈشەنگەيسىلەر ...

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 17:02:30

يارىماس،ئەخلەت تىبابەت
مەن قەتئى كۆزگە ئىلمايمەن

atux0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 18:22:09

نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاشقازىنىمدىن شۇنداق ئاچچىق يېنىپ بەك بىئارام بولوپ كەتتىم . دوختۇرغا كۆرۇنسەم ئۇ ئاشقازىنىڭنىڭ كىسلىتاسى ئېشىپ كىتىپتۇ دەيدۇ . ما گۇي نىمە دەيدۇ ئەمدى ،  ئاشقازاندا كىسلىتا نىمىش قىلىدۇ  دەپ ئويلاپ يېنىپ چىقىپتىمەن . ئەمدى بۇ تىمىدىكى كىسەللىك بىلەن مىنىڭ  ئاشقازىنىمنىڭ قۇيۇق مۇناسىۋېتى يوقتۇ ھە تورداشلار . بار بولسا قانداق داۋا ئىزلەيمىزكىن ، مۇنبەردىكى دوختۇر -  ھەكىملەر بىر ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ باقسا .

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 18:38:38

مەنبەسىچۇ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 19:07:34

ئادەتتە كالا گۈشىدە ئاقسىل كۆپ دەپ قارىلىدۇ ، ماۋۇ يازمىنى كۆرگەندىن كىيىن ئۇيغۇرلارنىڭ نىمىشقا قوي گۈشىنى كالا گۈشىدىن ياخشى دەپ تاللايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ھىس قىلدىم ....

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 19:08:38

ئوخشىمىغان پىكىرلەر ، ئىنكار قىلىدىغان دەلىللەر بولسا كۆپرەك ئوتتۇرىغا قۇيارسىلەر ، قارىسىغا ئىنكار قىلىش قارشى ئېلىنمايدۇ ...

2828288 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 19:21:33

酸性体质دىگەننىڭ ئۇدۇل تەرجىمىسىما بۇ؟ كىسلاتالىق دەۋەتسەك يىڭىى زاماننىڭ گېپى بولۇپ قالغۇدەك. ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى قان خىلىت، سەپرا خىلىت دىگەنگە ئازراق ماس كېلىدىكەن.

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 19:48:26

atux0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-26 18:22 static/image/common/back.gif
نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاشقازىنىمدىن شۇنداق ئاچچىق يېنىپ ب ...

ئاشقازىنىڭىزدىن ئاچچىق سۇ يانسا  سودا تابلېتى ( 碳酸氢钠 ناتىرى ھىدرو كاربۇنات ) تابلېتى يەپ بېرىڭ،  ئۇ بولماي قالسا  ئۆيدە تاماققا ئىشلىتىلىدىغان سودا دىن يېرىم قوشۇقنى يېرىم پىيالە قايناق سۇدا ئېرىتىپ  ئىچىۋېتىڭ، بىردەمدىن كېيىن ئوڭشىلىدۇ، تەجرىبىدىن ئۆتكەن.  سودا سۈيى پايدا قىلامدۇ يوق سىناپ باقمىدىم.  ئاچچىق سۇ يېنىش بېسىققاندىن كېيىن ئاشقازاننى داۋالاڭ.  ئاچچىق، چۈچمەل يېمەك - ئىچمەكلەردن پەرھىز تۇتۇڭ.  بەك ئېغىر تاماق يىگەندە ياكى بەك تويۇپ تاماق يىگەندە   健胃消食片    بىلەن  奥美拉唑肠溶胶囊  يەپ بېرىڭ ، ئۈنۈمى ياخشى.

atux0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 20:10:54

Ozuyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-10-26 19:48 static/image/common/back.gif
ئاشقازىنىڭىزدىن ئاچچىق سۇ يانسا  سودا تابلېتى ( 碳酸氢钠 ن ...

رەھمەت سىزگە . دىمەك مىنىڭ ئاشقازىنىمنىڭ كىسلىتاسى ئېشىپ كەتتى دىگەن گەپ توغرا چىقتى دىگەن گەپمۇ ئەمدى ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 20:13:43

2828288 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-26 19:21 static/image/common/back.gif
酸性体质دىگەننىڭ ئۇدۇل تەرجىمىسىما بۇ؟ كىسلاتالىق دەۋەتس ...

ھەرگىز ماس كەلمەيدۇ ،
ئۇيغۇر تىبابىتىدە دىيىلگەن قان ، سەپرا ، سەۋدا ، بەلغەم خىلىتلىرى ئۇ نورمال مەۋجۇت ، ئادەم ئۇنىڭ خالىغان بىرىگە تەۋە بۇلىدۇ ، ساقلىنىش ھاجەتسىز ...

ئاۋۇ كىسلاتالىق بەدەن دىگەندىن جەزمەن ساقلىنىش كېرەك دىمەكچى ، ئۇ خەنزۇچىدىن ئەينەن ئېلىنغان مۇۋاپىق تەرجىمىسى بولسا شۇنى ئالساق بۇلىدۇ

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 20:16:00

atux0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-26 20:10 static/image/common/back.gif
رەھمەت سىزگە . دىمەك مىنىڭ ئاشقازىنىمنىڭ كىسلىتاسى ئې ...

ئەنجۈر ، كىشمىش ، سەۋزە قاتارلىق ئىشقارلىق يىمەكلىكلەرنى يەپ تەڭشەپ بەرسىڭىز بولغۇدەك ....

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 21:34:31

atux0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-26 20:10 static/image/common/back.gif
رەھمەت سىزگە . دىمەك مىنىڭ ئاشقازىنىمنىڭ كىسلىتاسى ئې ...

ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ كىسلاتالىقى ئېشىپ كەتكەن دەيدىكەن.  مەنمۇ تىببى خادىم بولمىغاندىكىن بىلمىدىم، ئەمما ئاۋۇ دورىلارنى يەپ ساقايدىم. يەنە قېتىقنىڭ زەرداپ سۈيىنى ئىچسىمۇ بولارمىش.

atux0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 17:54:15

رەھمەت ئۇستازلار ئەمىسە مەنمۇ بىر سىناپ باقاي

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 19:07:34

Kislataliq  ning eship kitishi tupeylidin immonitit iqtidari towenlep kitemdiki deyme, immonitit iqtidarining towenligidin kislataliq eship kitidu emesmiki

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 20:50:29

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-10-26 17:02 static/image/common/back.gif
يارىماس،ئەخلەت تىبابەت
مەن قەتئى كۆزگە ئىلمايمەن

       سىز كۆزگە ئىلمىغان بىلەن ، ھازىر بىر قىسىم كىسەللەر مەخسۇس ئىچكىرىگە بېرىپ جوڭيى تىبابىتىگە بېرىپ كۈرۈنىۋاتىدۇ ، ئاقسۇ شەھىرىدە بىر جوڭيى دوختۇرخانىسى بار ئىكەن ، تىرە كىسەللىكلىرى ، بەل ئۇمۇرتقا تەخسىسى ئۈسۈپ قېلىش ۋە باشقا كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇن دوستلار نۆۋەت ساقلاپ شۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ كۈرۈنىدىكەن ، نۇمۇر ئېلىش ۋە مۇتەخسسىلەرگە كۈرۈنىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانا ۋە دىۋىزىيە دوختۇرخانىسىدىن يۇقىرى تۇرىدىكەن ...
        ساقىيىپ چىققانلارمۇ يوق ئەمەس ....
بەت: [1]
: كىسلاتالىق بەدەن ۋە ئۇزۇقلۇق ساقلىقنى ساقلاش