hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 13:05:08

رەڭدار پەردىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك رەڭگارەڭ بۇلۇشنىڭ سىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-26 13:09  



I  رەڭدار پەردە بىلەن بەش  چوڭ ئىچكى ئەزا ،بەش ئىلمنت ، بەش خىل رەڭ قاتارلىقلارنىڭ ماس كىلىش مۇناسىۋىتى.
يۈرەك جەنۇپقا تەۋە ،ئوتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ، قىزىل رەڭگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ، تارقىلىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ .
جىگەر -شەرققە تەۋە ، ياغاچقا ۋەكىللىك قىلىدۇ ،يېشىل رەڭگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ،ئۆسۈشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ .
تال- مەركەزگە تەۋە ، تۇپراققا ۋەكىللىك قىلىدۇ ،سېرىق رەڭگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ،ھەركەتلىنىشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ .
ئۆپكە -غەربكە تەۋە ، مىتالغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، ئاق رەڭگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ، يىغىلىشقا  ۋەكىللىك قىلىدۇ .
بۆرەك- شىمالغا تەۋە ،سۇغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، قارا رەڭگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ،يىغىپ ساقلاشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ .
II رەڭدار پەردە بىلەن بەش ئىچكى ئەزا ، بەش ئىلمنت ،بەش خىل رەڭنىڭ رەڭ خاسلىقى.
رەڭدار پەردىنىڭ رەڭگىنى تۇنۇشتا ئاۋال چۇقۇم بەش ئىلمنت ،بەش خىل رەڭنىڭ ماس كىلىش مۇناسىۋىتىنى بىلىۋېلىش كېرەك .چۈنكى رەڭدار پەردە بولسا كۆزدىكى بەش ئىچكى ئەزا ،بەش خىل ئىلمىنت ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس رەڭ خاسلىقى بۇلىدۇ .ئۇلار ئايرىم –ئايرىم ھالدا :ئوت قىزىل رەڭ ،ياغاچ يېشىل رەڭ ،تۇپراق سېرىق رەڭ ،مىتال ئاق رەڭ ،سۇ قارا رەڭدىن ئىبارەت .ئوت ،ياغاچ ،تۇپراق بىلەن قىزىل ،يېشىل ۋە سېرىق رەڭنىڭ ماس كىلىشىنى بىر قەدەر ئوڭاي چۈشىنىشكە بۇلىدۇ ،مىتال بىلەن ئاق رەڭنىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتىنى مىتال يۇرۇقلۇقتا بىر خىل مىتال ئالاھىدىلىگىگە يەنى مىتال پارقىراقلىغىغا ئىگە ئاق رەڭلىك نۇر قايتۇرۇدىغانلىقىدىن دەپ چۈشىنىشكە بۇلىدۇ ،شۇڭلاشقا مىتال بىلەن ئاق رەڭنىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتىنىمۇ ئاسان چۈشەندۈرگىلى بۇلىدۇ .ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ شۇنڭغا ئوخشاش بۇلىدۇ ،ئەگەر سۇ بۇزۇلسا (ياكى بۇلغانسا)،ئۇنىڭ كىسەللىك رەڭگى قارا رەڭ ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ ، قارا رەڭ سۇنىڭ كىسەل ھالەتتىكى بىر خىل ئالاھىدە رەڭگىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ .
بۇ بىر نوقتىنى چۈشەنگەندە ، بەش ئىلمىنتنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىنىڭ خاسلىقىغا ئاساسەن ،بىز ناھايىتى ئاسانلا بەش ئىچكى ئەزا بىلەن بەش خىل رەڭنى ماس كەلتۈرەلەيمىز .ئۇ بولسىمۇ يۈرەك بىلەن قارا رەڭدىن ئىبارەت .
III رەڭدار پەردە بىلەن ئادەم تىنىدىكى بەش ئىچكى ئەزا رەڭگى .
ئىچىكى ئەزانىڭ مۇناسىۋىتىنى تاپتۇق . بىز يەنە بەدەن سىرتى قىسىمىغا ئېھتىياجلىق بۇلىمىز .بۇ رەڭ ئۆزگىرىشلىرىنى كۈزەتكەندە بەش ئىچكى ئەزانىڭ ئىقتىدار ئۆگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگىلى بۇلىدۇ .
بىز : بەش ئىچكى ئەزا ۋە بەش تاشقى ئەزا ( تىل ،كۆز ،ئېغىز ،بۇرۇن قۇلاق )قاتارلىقلارنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بەش ئىچكى ئەزا ،بەش تاشقى ئەزا ئارقىلىق سىرتقى مۇھىت بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان ، سىرتقى مۇھىت ئەھۋالى بەدەننىڭ ئىقتىدار ئەھۋالىنى توختىماستىن تەڭشەپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىمىز .ئۇنداقتا بەش ئىچكى ئەزا ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان رەڭ ئۆزگىرىشى ھالىتى تۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ .
‹1›. باش قىسىمىدىن ئىنكاس قىلىدۇ ( سىرتتا )
‹2›.كۆزدىكى رەڭدار پەردىدىن ئىنكاس قىلىدۇ .( ئىچكى قىسىمىدا ) ئىچكى ۋە سىرتقى قىسىمىدىكى ئىنكاس بىر ئورگانىك پۈتۈنلۈك ،ئۇ ئادەم تىنىنىڭ رەڭدار پەردە ئۆزگىرىشىنى كۈزىتىشتىكى مۇھىم ئاساسلارنىڭ بىرى .
رەڭدار پەردىدە ئۆزگىرش يۈز بەرسە ،بەدەننىڭ مۇناسىپ ئورنىدا ئۆزگىرىش يۈز بىرىدۇ .
1. بەش ئىچكى ئەزانىڭ رەڭ ئۆزگىرىشى نىمە ئۈچۈن رەڭدار پەردىدە ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ ؟
چۈنكى باش قىسمى  بولسا بەش ئىچكى ئەزا سىرت بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان سورۇن . شۇڭا بەش ئىچكى ئەزانىڭ ئۆزگىرىشى باش قىسىمدا ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ ،يۈز قىسىمى سىرتىنى،رەڭدار پەردە ئىچىنى ئاساس قىلىدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن بەش ئىچكى ئەزاغا مۇناسىۋەتلىك بولغان رەڭلەر رەڭدار پەردىدە ۋە يۈز قىسىمىدا تۇللۇق ئەكس ئىتىدۇ . نورمال ئەھۋال ئاستىدا ،بەش ئىچكى ئەزاغا ماس كىلىدىغان بەش خىل رەڭنىڭ يۈز قىسىمىدا ئىپادىلىنىشى ئۆز-ئارا سىغىشىپ كىتىدۇ ،ئۆز ئارا بىرىكىپ كىتىدۇ .بىز رەڭدار پەردە ۋە يۈز قىسىمىنى ئىنىچكە كۈزىتىدىغان بولساق تۆت خىل رەڭنى كۈرەلەيمىز .ئۇ بولسىمۇ قىزىل ،سېرىق،ئاق،يېشىل رەڭلەردۇر .
2. بەش ئىچكى ئەزا بىلەن رەڭدار پەردىنىڭ رەڭ ئۆزگىرىشى :
رەڭدار پەردە رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشىدە قىزىل رەڭ بىلەن يېشىل رەڭ، يۈرەك بىلەن جىگەردىن ئىبارەت  ئىككى ئەزا قۇۋۋىتىنىڭ ئىنكاسىدۇر .سېرىق رەڭ بىلەن ئاق رەڭ بولسا تال ئۆپكە ئىككى ئەزانىڭ   قۇۋۋىتىنىڭ   ئىنكاسىدۇر . يۈرەك ،جىگەر ،تال ،ئۆپكىنىڭ  ئاساسى رەڭگى  قىزىل، يېشىل، سېرىق ،ئاق تۆت خىل رەڭنىڭ ھەممىسى رەڭدار پەردىدە ئەكس ئىتىپ چىقالايدۇ .بىراق بىردىنبىر بۆرەكنىڭ ئاساسى رەڭگى بولغان قارا رەڭ  بولمايدۇ .بۇ نىمە ئۈچۈن ؟بۆرەك سۇغا تەۋە ، سۇ نورمال شارائىتتا رەڭسىز سۈزۈك بۇلىدۇ . ئەكىسچە بۆرەك كىسەلگە گىرىپتار بولغان چاغدا رەڭدار پەردە ئۈستىدە ئۇنىڭ كىسەللىك رەڭگى قارا رەڭ ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ ،بۇ مەنىدىن دىيىشكە بۇلىدۇكى ،رەڭدار پەردىنىڭ نورمال رەڭگى قىزىل ،سېرىق،ئاق،يېشىل ھەمدە سۈزۈك رەڭنىڭ ئۆز ئارا بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن رەڭ بۇلىدۇ ،ھىچقانداق بىر رەڭ يەككە ئالاھىدە ھالەتتە رەڭدار پەردىدە كۈرۈلمەيدۇ .شۇڭا نورمال رەڭدار پەردە رەڭگىنى مۇنداق سۈپەتلەشكە بۇلىدۇ . قىزىل ،سېرىق بىلىنەر-بىلىنمەس يۇشۇرۇن، ئەگەر ئىچكى ئەزالاردا كىسەللىك يۈز بەرسە رەڭدار پەردىنىڭ بۇخىل يۇشۇرۇن رەڭ ئالاھىلىگى بۇزۇلۇپ كىتىدۇ ھەمدە كىسەللەنگەن ئىچكى ئەزالارنىڭ رەڭ ئالاھىدىلىگى گەۋدىلىنىپ چىقىدۇ .مەسىلەن: يۈرەك كىسەللىگى كۈرۈلسە قىزىل رەڭ،جىگەر كىسەللىگى كۈرۈلسە كۆك رەڭ ،تال كىسەللىگى كۈرۈلسە سېرىق رەڭ ،ئۆپكە كىسەللىگى كۈرۈلسە ئاق رەڭ ، بۆرەك كىسەللىگى كۈرۈلسە قارا    ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ .[/s

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 13:10:58

رەڭدار پەردە ئادەمنىڭ كۆز قارچۇقى ...

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 16:17:55

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-26 13:10 static/image/common/back.gif
رەڭدار پەردە ئادەمنىڭ كۆز قارچۇقى ...

كۆز قارچۇغى رەڭدار پەردە دىيىلمەيدۇ، كۆز ئىقىدىن باشقا يۇمىلاق قىسمى شۇ. كۆز قارچۇغى رەڭدار پەردە  مەركىزىدىكى يورۇقلۇق ئەھۋالىغا قاراپ 1مىللىمىتىردىن 4 مىللىغىچە ئۆزگىرىدىغان قىسمى. تىۋىپلار بەزىدە كۆزگە قاراپ قۇياتتى، ئەسلى مۇشۇ ئاساستا دىئاگنوز قۇيىدىكەن...

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 18:34:19

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 20:00:59

كۆز قاچۇقىنىڭ رەڭگىنى پەرق ئەتمەك تەسقۇ دەيمەن.  پات- پات ئەينەككە قاراپ كۆز رەڭدار پەردىمىزگە دىققەت قىلىپ قويساقمۇ بولغىدەك.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 20:19:40

    ئاناتومىيەدە مۇقىم كۆز قارچۇقى دەپ ئاتالغۇ يوقكەن ، مەن كۆزنىڭ ئېقىدىن باشقا قىسمىنى كۆز قارچۇقى دەپ قارايدىكەنمەن ....
   ئاناتومىيەدىكى رەڭدار پەردە ناھايىتى كىچىك بىر قىسىم ئىكەن ...
   ماۋۇ تېىمىدىكى رەڭدار پەردە كۆزنىڭ ئېقىدىن باشقا قىسىمنى كۆرسىتىدىكەن ....

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 15:42:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-27 15:57  



رەڭدار پەردە بولسا تۆۋەندىكى  كۆزنىڭ تۆزۈلۈش رەسىمىدە كۆرسىتىلگەن 虹膜 شۇ . يەنى مەن رەسىمدە سىزىپ كۆرسەتكەن ئورۇن ، ئۇدۇلدىن قارىغاندا كۆزىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى  ئەڭ قارا  ‹‹ كۆز گۆھىرى››نىڭ سىرتى ، كۆز ئېقىنىڭ ئىچىدىكى دائىرە  شۇ .
بەت: [1]
: رەڭدار پەردىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك رەڭگارەڭ بۇلۇشنىڭ سىرى