Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 22:51:08

[1080P/MV] ياغاچ قۇلاق & سېنىلا دېدىم (ئابلىكىم ئەيسا)


ياش ناخشىچى ئابلىكىم ئەيسانىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
يېشى: 26ياش
ئابلىكىم ئەيسا 1989-يىل8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاۋات ناھىيسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، 2001-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان.
2005-يىل ئوقۇشنى مۇۋاپىقيەتلىك تاماملاپ، ناخشا-مۇزىكىغا بولغان قىزىقىشنىڭ تۈرۈتكىسىدە ئۆزىنىڭ ئىجادىي مىۋىلىرىنى «نازۇك قىز» نامىدا مەخسۇس پلاستىنكا قىلىپ بازارغا سالغان.
2007-يىلغىچە ئاۋات ناھىيلىك دولان ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدە ئىشلىگەن.
كېيىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنيەت يۇرتىنىڭ تەكلىپى بىلەن 2009-يىلغىچە ھەرقايسى جايلاردا سەنئەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، كېيىن ناخشا-مۇزىكىغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى بىلەن ، ھازىرغا قەدەر ناخشا-مۇزىكا ئىجادىيتى ئۈستىدە ئىزدىنۋاتىدۇ ۋە داۋاملىق تىرىشۋاتىدۇ.

تۆۋەندىكى 2 ناخشىسىنى ئاڭلاپ ھوزۇرلىنىپ بېقىڭلار.
ياغاچ قۇلاق
سۆزى ۋە مۇزىكىسى: تۇرسۇن تۆمۈر (شەيىخ)
ناخشىدا: ئابلىكىم ئەيسا


1080P نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش
http://kuai.xunlei.com/d/qovKAwLTPQA8tktU29e

سېنىلا دېدىم
سۆزى: ئۆمەرجان ئۇبۇل
مۇزىكىسى: ئابلىكىم ئەيسانىڭ
ناخشىدا: ئابلىكىم ئەيسا

http://player.youku.com/player.php/sid/XODExMjYxMzg0/v.swf

1080P نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش
http://kuai.xunlei.com/d/qovKAwJ2PAAql0tUd7c

ئەسكەرتىش:
مەزكۇر ناخشىنىڭ توردا تارقىتىلىش ھوقۇقى قۇتيار تورىغا مەنسۇپ! باشقا تور بېكەتلەرئۆز ناملىرىدا تامغىلاپ بېتىگە چىقىرىشقا بولمايدۇ. ناۋادا ئۆز بېتىڭىزگە چىقارماقچى بولسىڭىز ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا يوللىسىڭىز بولىدۇ.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 08:40:10

ياغاچ قۇلاقنىڭ كۆرۈش ئادرېسى چىقماي قاپتۇ
http://player.youku.com/player.php/sid/XODExMzY0OTU2/v.swf

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 09:04:15

شەيىخنى شېيىق دەپ يېزىپ قويۇپتۇمۇ نىمە؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 09:58:21

ياغاچ قۇلاق گەپ قىىڭلار ھوي ، سىلىنى دەپتۇ ...

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 10:53:58

ناخشىنى ياخشى ئېيتىپتۇ، ئاۋاز تۈسى يېقىملىقكەن.

مەن بىز ئىشلىگەن MV لارنى كۆرسەملا  بەكلا ئاممىباب كېيىم-كېچەك ئىشلىتىغانلىقىغا تازا قايىل بولمايمەن، سۈرەت ئېلىش، ئاۋاز ئۈنۈمى دېگەنلەر خىلى تەرەققىي قىلدى، كۆرۈنۈش ئۈنۈمىدىن خىلى ھوزۇرلىنىدىغان بولدۇق، ئەمما ناخشىچىلار نىڭ تۇرقىدا سەنئەت پۇرىقى كەمچىل . بۇنىڭدىكى ئىپادىلەش ماھارىتىدىن باشقا مۇھىم ئامىل كېيىم-كېچەك دەپ قارايمەن، بۇ جەھەتتە قازاقىستاندىكى دەرۋىشلەر خىلى بولىدۇ. دىيارىمىزدا ئابلاجان ئاۋۇت كۈچەپ قويىدۇ...
مەنغۇ سەنئەت ھەققىدە سۆزلەش سالاھىيىتى يوق ئادەم، شۇنداق بولسىمۇ  بىر MV مۇۋەپپەقىيەتلىك روياپقا چىقىشىدا ناخشىچىنىڭ تاشقى ئوبرازىمۇ بەك مۇھىم ئامىل دەپ قارايمەن...

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 11:04:04

شۇڭا كەسپىي بىلەن ئىشتىياقچى ھەر جەھەتتىن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ

kinoqi1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 11:07:18

بىز تۇرمۇشىمىزدا ئىشلەتمەيدىغان سۈزلەر خېلى باركەن ھە!  مەسىلەن : ساياق ،بىباش ،جىرا

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 12:08:58

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-26 09:04 static/image/common/back.gif
شەيىخنى شېيىق دەپ يېزىپ قويۇپتۇمۇ نىمە؟

شۇنداق خاتا يېزىپ ساپتۇ. مەن ھەر ئىككىلى ناخشىلارنىڭ سۆزىنى يېزىپ چىقىپ يوللىدىم باشقا يەرلىرىنى كىرىشتۈرگۈچى ئۆزى قىپتىكەن شۇڭا ئىملاغا بەك دىققەت قىلمىغان چېغى.

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 14:31:24

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ مىسراسىنى بۇ ناخشىغا ئىشلىتىۋاپتۇ، غەلىتىلا ئاڭلىنىدىكەن...:o

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 18:50:11

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-26 09:58 static/image/common/back.gif
ياغاچ قۇلاق گەپ قىىڭلار ھوي ، سىلىنى دەپتۇ ...

مىنى چاقاغان ئوخشايدۇ دەپ ئۇچۇپلا كەپتىمەن

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 18:50:26

terjiman يوللىغان ۋاقتى  2014-10-26 14:31 static/image/common/back.gif
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ مىسراسىنى بۇ ناخشىغا ئىشلىتىۋاپ ...

قايسىسىدا؟

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 18:55:42

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-10-26 12:08 static/image/common/back.gif
شۇنداق خاتا يېزىپ ساپتۇ. مەن ھەر ئىككىلى ناخشىلارنىڭ  ...

1080P لىقىنى تەمىنلەپ بەردىمۇ سىزلەر 1080P قىلىپ پىرىسلىدىڭلارمۇ؟
1080P ئۆلچەم ھەققىدە 1-2 ئېغىز  گەپ قىلىپ بىرەسىز.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 19:02:48

ismail يوللىغان ۋاقتى  2014-10-26 18:55 static/image/common/back.gif
1080P لىقىنى تەمىنلەپ بەردىمۇ سىزلەر 1080P قىلىپ پىرىسلىد ...

ئەسلى ئېنىقلىقتىكى 1080P نى تەمىن ئەتتى. يەنى بىرسىنىڭ سىغىمى 1.33G فورماتى MP4
يەنە بىرسىنىڭ سىغىمى 786MB لىق ئىدى. ئۇنى بىز رازمىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ تېكىستىنى ئۇرۇپ چىقىپ 200MB غا يېقىنراق قىلىپ تەمىن ئەتتۇق. بەك چوڭ قىلىۋەتسەك باشقىلار چۈشۈرۈشكە قىينىلىىدىكەن. شۇڭا ئشۇ سىغىمدا كونترول قىلدۇق.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 19:04:39

parakende يوللىغان ۋاقتى  2014-10-26 18:50 static/image/common/back.gif
مىنى چاقاغان ئوخشايدۇ دەپ ئۇچۇپلا كەپتىمەن

:lol

heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 19:36:35

ياغاچ قۇلاق ياقتى، :)
ماۋۇ بالىنى بىر يەردە كۆرگەندەكلا مەن، ئەمما ئىسىمگە ئالالمىدىم.
بەك common face (ئاممىباب چىراي دەپ تۇراي)  بولسا شۇنداق بىلىنىپ قالدىمۇ يا،  :lol

erkak يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 20:12:41

ئاۋازى سىلىق ھەم يۇمشاق ئىكەن .  بۇ خىل ئاۋاز كىشىگە بىرخىل ھوزۇر بىرىدۇ . ياختۇردۇم {:112:}

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 20:37:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ozuyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-26 20:44  

ماڭا  ياغاچ قۇلاق بەك  ياقتى.  ئاۋازى ياخشىكەن،  مەزمۇنىمۇ ياخشى.  داداش dadash دىگەنگە ئوخشاش تۇرمۇش قىياپىتىدىن پەرقلىق ھالدا  سەنئەت پۇرىقى بار كىيىم كىيىپ، چاچلىرىنى باشقىچىرەك ياسىتىپ، ھەرخىل كۆرۈنۈش كىرگۈزگەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولارمىكىن دەپ ئويلىدىم. يىگىتلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
ناخشىلارنىڭ سۆزىنى كىرىشتۈرۈپ ياخشى قىپسىلەر، خەت شەكلىمۇ كۆركەم ئىكەن،  ULY دىمۇ ئۆلچەملىك يېزىپسىلەر، خەت شەكلى ۋە چوڭلۇقىمۇ مۇۋاپىق بولاپتۇ. ئىشلىگۈچى، كىرىشتۈرگۈچىلەرگىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن.

musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 21:10:04

‹‹ياغاچ قۇلاق››دېگەن ناخشىسىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلىدىم ،تېكىست مەزمۇنى ياخشى ئىكەن.....

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 21:12:11

ismail يوللىغان ۋاقتى  2014-10-26 18:50 static/image/common/back.gif
قايسىسىدا؟

«باشقىلار سۇدا ئۈزۈپ، كۆكتە ئۇچۇپ كەتتى يىراق»، (مەن تېخى يالاڭئاياغ دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن)

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 23:30:35

ئىملانىڭ بەزى جايلىرىدا كەتكىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ياخشى چىقىپتۇ. ماشۇ ئۈن سىن مەركەزلىرىدە ئىشلەيدىغانلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئوڭشاپ يازالمايدىغان بالىلارمىكىن دەپ قالىمەن. قارىسا يازغان خەتلىرىنىڭ ئىملارىدىن ئۇيغۇرچە گەپ ئەمەستەكلا.
  زور ئەسكەرتىش: بۇ گەپلىرىم ئۇشبۇ تېمىغا قارىتا دېيىلمىگەن جۇمۇ{:92:}
بەت: [1] 2
: [1080P/MV] ياغاچ قۇلاق & سېنىلا دېدىم (ئابلىكىم ئەيسا)