meslihet يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 19:39:31

ئۈچ ماشىنىدىن قايسىنى تاللايمەن

ماشىنىغا ھەۋىسىم يوق ئىدى، يېقىننىڭياقى يەنىلا ماشىنا بولمىسا بولمايدىكەن دېگەن يەرگە كېلىپ قالدىم.
ماشىنا ئېلىپ سېتىپ باقمىغاندىكەن، ماشىنا ئالغاندا قانداق تاللايمىز، ئەڭ مۇھىمى قايسى جەھەتتىن ئويلىشىمىز، دېگەنلەرنى بىلمەيدىكەنمەن. ماشىنىنىڭ تۇرقىغا قاراپ مۇنۇ ئۈچ ماشىنىنى تاللىدىم. قايسى ماشىنا قايسى جەھەتتە ياخشى، بولمايدىغان تەرىپى قايسى، تورداشلار مەسلىھەت بەرسەڭلار. مەن ماشىنىنى ئىشقا بېرىپ كېلىش، ئاتا-ئانامنى يوقلاش ئىشلىرىغا ئىشلىتىمەن. ماشىنا ھەيدەش جەھەتتە گىرى بولغاچقا، ئاپتوماتىك خوتلۇق ماشىنا ئالاي دەيمەن.
ماشىنا ئالغاندا قانداق ئىشلارغا دىققەت قىلىمىز، بۇ ھەقتىمۇ مەسلىھەت بەرسەڭلا.

مەن تاللىغان ماشىنىلار

تويوتا يارىس ل  YARIS L

http://car0.autoimg.cn/upload/2014/8/21/u_20140821160248451011.jpg

خوندا فىت  HONDA FIT

http://car0.autoimg.cn/upload/2014/9/1/u_20140901160559713011.jpg

پولو  POLO

http://car0.autoimg.cn/upload/2014/8/16/u_20140816161957245513210.jpg

tamqa1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 20:37:32

بىر بىرگە ئوخشايدىغان ماشىنلاكەن ، تەۋسىيە ___ تويوتا

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 20:39:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-25 22:42  

1- سۈرەتتىكى تويوتا بىلەن ئاستىندىكى سانتانادىن بىرنى تاللاڭ.

تەۋسىيەرىم: 1- سۈرەتتىكى تويوتانى تاللاڭ.


ماشىنىنىڭ سىتىۋىلىش باھاسىنى قوشوپ يوللىسىڭىز بوپتىكەن.

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 20:41:52

تويوتا  بولدۇ...  مىنىڭمۇ بىرسى بار  ھەر قايسى جەھەتتىن ئۆزەمگە يارايدۇ

مەن سىزگە تويوتا نى تەۋىسيە قىلمەن {:92:}

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 21:25:56

toyota chirayliqken

uighur906 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 21:30:34

NISSAN LIVINA

uighur906 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 21:33:31

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 21:33:36

خوندا پىتمۇ يامان ئەمەس

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 21:39:22

ئالدىنقى قېتىممۇ ئۈچ ماشىندىن قايسىنى ئالمەن دەپ تىما چۈشۈپتىكەن ... مەسلەھەتلەر يېىغىپ كەتكەن

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=59859&highlight=%D9%85%D8%A7%D8%B4%D9%89%D9%86%D8%A7

meslihet يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 22:05:21

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 20:39 static/image/common/back.gif
1- سۈرەتتىكى تويوتا بىلەن ئاستىندىكى سانتانادىن بىرنى  ...

70 مىڭدىن 100 مىڭغىچە خامچوت قىلىۋاتىمەن.

1990Uy يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 22:44:46

POLO ياخشى ،لىكىن باھاسىمۇ قىممەت .

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 23:05:06

تەۋسىيە :توياتا

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 04:31:50

  مەنمۇ تويوتانى تەۋسىيە قىلاي، كىيىنچە بىراك قىلغاندا ئەسكى يوللاردا مىڭىپ خارلاپ، بولقا بىلەن يانجىپ ، بىلىق تۇتۇش ئارىلى ئۈچۈن ياپونىيەگە قاتتىق بىر ئېتراز بىلدۈرۋالالايسىز. مۇشۇ يىللاردا دۆلىتىمىزدە ياپون ماشنىلېرىنىڭ سىتىلىشى شۇ سەۋەپلىك رىكوت ياراتقانمىكىن...
  ئۇغۇ بىر خەۋەر، بەلكىم ياپونلار ھۈنەر ئىشلىتىپ ئاشۇنداق خەۋەرنى ئاچىققاندىن كىيىن راسىتلا ياپون ماشنىلېرى تىز سىتىلغان بۇلىشى مومكىن...

ablkm يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 08:06:19

ﺧﻮﻧﺪﺍ Fit ﺗﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﭼﺎﺗﺎﻕ ﭼﯩﻘﺘﻰ
ﻣﻪﻧﺒﻪ: ﺳﯩﻨﺎ ﺗﻮﺭﻯ | ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ: 24-10-2014
01:12
00:00




Honda Fit ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻤﺎ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﻪﺵ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ، ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺑﺎﺵ ﺋﯩﺠﺮﺍﺋﯩﻴﻪ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻯ ﺋﯩﺘﻮ ﺗﺎﻛﺎﻧﻮﺑﯘ (Takanobu Ito) ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﻫﻪﻗﻘﯩﻨﯩﯔ %20 ﻯ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﺪﻯ.

ﺧﻮﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺭﻧﻰ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯚﺯﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ 426 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﻰ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯩﻐﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ.

2000-ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﻣﯩﺘﺴﯘﺑﯩﺸﻰ (Mitsubishi) ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻤﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻳﯜﻙ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﻫﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﻮﻳﻮﺗﺎ (Toyota) ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ 2009-، 2010-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ Prius ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﻫﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﻤﯩﮕﻪﻥ.

ﺧﻮﻧﺪﺍ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﯩﭽﻪ، ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺑﺎﺵ ﺋﯩﺠﺮﺍﺋﯩﻴﻪ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ 13 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ %10 ﺗﯩﻦ %20 ﻛﯧﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻫﻪﻗﻘﯩﻨﻰ 3 ﺋﺎﻱ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﺧﻮﻧﺪﺍ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺵ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﻧﻨﻪﺭﺧﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 16 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 500 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯧﻦ (153 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺩﻭﻟﻼﺭ) ﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 09:08:00

پولوغا يەتمەيدۇ ئاۋۇ ئىككى ياپونلۇق .

Tugrul يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 09:31:36

ماي تىجەشتە تويوتا، ئۇندىن قالسا خوندا،  چىدامچانلىقتا ھەممىباب.
يازمىدا مەن گىرىراق بولغاچقا دىيىلگەن بولغاچقا، تەۋسىيەرىم تويوتا

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 10:03:55

تويوتانى ئېلىڭ

Antonio يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 10:35:10

ھازىرغىچە دۆلىتىمىزدە ئىشلەپ چىقىرىلغان ماشىنلاردىن چاتاق چىقىپ يىغىۋالدىغان ئىش كۆرۈلمىدى شۇڭا دۆلىتىمىزدە ئىشلەپ چىقىرىلغان ماشىنىلا ئالامسىز يا ؟ (چاقچاق ھە:lol)
ئەگەر يىڭنى ئالماقچى بولسىڭىز پولو ئىلىڭ ، بىخەتەرلىك ھەم ماي سەرپىياتى جەھەتتە ئاۋۇ ئىككىسىدىن كۆپ ياخشى ، شۇ ئەڭ چاتاق يىرى سايمانلىرى بەك قىممەت.

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 11:13:31

Antonio يوللىغان ۋاقتى  2014-10-26 10:35 static/image/common/back.gif
ھازىرغىچە دۆلىتىمىزدە ئىشلەپ چىقىرىلغان ماشىنلاردىن  ...

دۆۋلىتىمىزنىڭ ماشىنىللىرى ئالامەت « جىڭ » ، ئىشلەپچىقارغان ئادەملىرى ئۇنىڭدىن ئۆتە « جىڭ » بولغاندىكىن مەڭگۈ يىغۋېلىنمايدۇ .

xajarim يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 14:36:39

پولونىڭ ماي سەرپىيانى  ئەڭ  تۆۋەن...         تويۇتامۇ  خىلى ياخشى ..  مىنىڭچە  نىسسانمۇ خىلى    بولۇپ  قويۇدۇ .. شۇنى ئىلىگە...      خونداغا گەپ كەتمەيدۇ.....   
بەت: [1] 2 3
: ئۈچ ماشىنىدىن قايسىنى تاللايمەن