[خەتلىك فىلىم] خور ئۆمىكى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kowruk_cn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-25 16:07فىلىم نامى: خور ئۆمىكى
فرانسۇزچە نامى: Les choristes
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2004-يىلى
دۆلىتى: فرانسىيە / گېرمانىيە / شۋېيتسارىيە
تۈرى: ۋەقەلىك
تىلى: فرانسۇزچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
IMDB نومۇر: 7.9
رازمىرى: 960x720
چوڭلىقى: 2.13GB
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 01:36:17
رېژىسسور: Christophe Barratier
باش روللاردا: Gérard Jugnot, François Berléand, Jean-Baptiste Maunier
فىلىم ھەققىدە:
كلېمان مەسيۇ بىر تالانتلىق مۇزىكانت ئىدى، ئەمما 1949-يىلدىكى فىرانسىيە يېزىلىرىدا تالانتىنى جارى قىلدۇرىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشەلمەي، ئەڭ ئاخىرىدا «كۆلچەك ئاستى قايتا تەربىيىلەش ئورنى» ناملىق بىر ياتاقلىق مەكتىپىنىڭ مەكتەپ نازارەتچىسى ۋە قوشۇمچە ياردەمچى ئوقۇتقۇچىسى بولىدۇ، بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىر توپ مەسىلىسى بار كەپسىز بالىلار ئىدى، ئۇ بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن شۇنى بايقايدۇكى، مەكتەپ مۇدىرى ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن ھەر ئىشلارنى قىلاتتى، قەبىھ ئۇسۇللار بىلەن بالىلارنى جازالايتتى ھەمدە تەن جازاسى بېرىش بۇ يەردىكىلەر ئۈچۈن ئادەتتىكىدەكلا بىر ئىشلار ئىدى.
ئېغىر بېسىق كلېمان ئۆز ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ يەردىكى ئەھۋاللارنى ياخشىلىماقچى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قايتىدىن مۇزىكا ئىشلەشكە كىرىشىدۇ ۋە بىر خور ئۆمىكى تەشكىللەپ، مۇزىكا ئارقىلىق بالىلارنىڭ پېچەتلەنگەن قەلبىنى قايتا ئاچماقچى بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ...
كەسمە رەسىملەر:
http://download.kowruk.cn/image/Les_Choristes/01.jpg
http://download.kowruk.cn/image/Les_Choristes/02.jpg
http://download.kowruk.cn/image/Les_Choristes/03.jpg
http://download.kowruk.cn/image/Les_Choristes/04.jpg
http://download.kowruk.cn/image/Les_Choristes/05.jpg
بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.
قوشۇمچە:
كۆۋرۈك كىنو توربېكىتىنىڭ iOS نۇسخىسى ئېلان قىلىندى، ئەپكە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
http://download.kowruk.cn/appads.jpg
بۇ ئەپنى بۇ بەتتىن ياكى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سكاننېرلاپ چۈشۈرۈۋېلىڭ.
http://download.kowruk.cn/ios_qr.png توربەتتىكى كىنولارنى چۈشۈرمەي تۇرۇپ بىۋاستە كۆرگىلى بولماسمۇ ؟ elipbe يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 16:17 static/image/common/back.gif
توربەتتىكى كىنولارنى چۈشۈرمەي تۇرۇپ بىۋاستە كۆرگىلى ب ...
بولىدۇ. مەن كۆرەلمەيمەنغۇ ئەجەپ elipbe يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 16:29 static/image/common/back.gif
مەن كۆرەلمەيمەنغۇ ئەجەپ
تور بېكەتتىكى فىلىملەر نورمال قويۇلىدۇ، سىز قايسى تور كۆرگۈنى ئىشلىتىپ زىيارەت قىلىۋاتىسىز؟ نەشرىچۇ؟ تېرمىنال يېڭىلانغاندىن بۇيان win8 دا قوزغالماس بولدى ، بىر قاراپ باقساڭلارچۇ. بىۋاستە كۆرسەكمۇ فىلىمنىڭ سۈزۈكلىكى يامان ئەمەس، ھەم راۋان قويلىدىكەن. 'ۋاي غوجام بالام' دىگەن ئۇيغۇرچە ئىلانىمۇ پەيزىكەن. ئايپەدكە كۆۋرۈك تىرمىنالىنى چۈشۈرۈپ ما،كىنۇنى ئاچسام،ئاران 24 مىنۇتلۇق يېرىنى كۆرەلىدىمغۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kowruk_cn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-25 17:41
bedexshan يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 17:32 static/image/common/back.gif
ئايپەدكە كۆۋرۈك تىرمىنالىنى چۈشۈرۈپ ما،كىنۇنى ئاچسام ...
توردا كۆرىدىغان بىر قىسىم فىلىملەر بۆلەكلەرگە بۆلۈنگەن، بىر بۆلىكى تۈگىسە كېيىنكى بۆلىكى ئاپتوماتىك ئالمىشاتتى، ئەگەر ئالماشمىسا قىسىملىرى دېگەن يەردىن كېيىنكى بۆلىكىنى تاللاپ كۆرۈڭ. تەرجىمە تەكرار بولۇپ قالدىمۇ؟ قايسى بىر كىنو تور بېكىتىدىمۇ بۇرۇن ئېلان قىلىنغان بۇ كىنونىڭ تەرجىمىسى. afiyfiy يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 17:51:38 static/image/common/back.gif
تەرجىمە تەكرار بولۇپ قالدىمۇ؟ قايسى بىر كىنو تور بېكىت
ئاق بۈركۈت تەرجىمە فىلىم تورىدا ئىلان قىلىنغان. كۆۋرۈك تەرجىمە گورۇپپىسى تەرجىمە قىلماقچى بولغان پىلاندىكى فىلىملەرنىڭ تىزىملىگىنى ئالدىن ئېلان قىلغان بولسا بولاتتىكەن ، بۇنداق بولغاندا بۇرۇن تەرجىمىسى چىقىپ بولغان فىلىملار بولسا كۆرۈپ بولغانلار ئۇچۇرىنى بەرسە تەكرار ئەمگەك بولمايتى ... بىرىنجى قىسىمنى كۆرۈپ بولغاندا كىيىنكى قىسىمغا ئاپتوماتىك ئۆتىدىغان قىلىپ قويساڭلار قىسقا كارتون فىلىملەرنى كۆرۈشكە قولايسىز بوپ قالىدىكەن ھازىرقى ھالەت abduzaher يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 17:53 static/image/common/back.gif
ئاق بۈركۈت تەرجىمە فىلىم تورىدا ئىلان قىلىنغان.
تەرجىمە قىلىشتىن ئىلگىرى بىرقانچە ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم مۇنبەرلىرىدىن ئىزدەپ باققان، «خور ئۆمىكى»، ئەسلى فرانسۇزچە ئىسمى بولغان Les choristes نى ۋە خەنزۇچە ئىسىملىرىنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسەم ھېچقانداق نەتىجە چىقمىغان.
ئاق بۈركۈتتىكى فىلىملەر بار يەرنى بىر باشتىن كۆرسەم بار ئىكەن. {:216:} mohsin يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 18:26 static/image/common/back.gif
كۆۋرۈك تەرجىمە گورۇپپىسى تەرجىمە قىلماقچى بولغان پىلا ...
پىلان تىزىملىكىنى بېكەتتە ئېلان قىلىپ قويسام بولغۇدەك. {:201:} kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 19:16:14 static/image/common/back.gif
تەرجىمە قىلىشتىن ئىلگىرى بىرقانچە ئۇيغۇرچە خەتلىك فى
ئاق بۈركۈتتە بەڭۋاشلار دەپ تەرجىمە قىلىنغان.ماۋۇ كىنودىكى ئوقوغۇچىلىنىڭ ھەممىسى ئوقوتقۇچىسىنى سەت قاقشىتىدىغان كەپسىز ئوقوغۇچىلا بوغاچقا شۇندا قويۇلغان..سىللە نىمىشقا خور ئۆمىكى دەپ قوياپ قالدىڭلا؟ abduzaher يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 19:30 static/image/common/back.gif
ئاق بۈركۈتتە بەڭۋاشلار دەپ تەرجىمە قىلىنغان.ماۋۇ كىنو ...
فىلىمنىڭ فرانسۇزچە ئىسمى «Les choristes»، ئېنگىلىزچىسى «The Chorus».
فىلىمدە ئاساسلىقى بالىلارنىڭ مۇئەللىمنى قانداق قاقشىتىدىغانلىقى ئەمەس بەلكى يېڭى كەلگەن مەكتەپ نازارەتچىسى ۋە ياردەمچى ئوقۇتقۇچى مۇزىكا دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خور ئۆمىكى تەشكىللەپ قايتا تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىلگەن بۇ مەكتەپتىكى بالىلارنى ئۆزگەرتىدۇ.
بىز ئېنگىلىزچە ئىسمىنى بىۋاستە تەرجىمە قىلىپ ئالدۇق، مۇشۇنداق بولغاندە فىلىم مەزمۇنىغا بەكرەك ماس كېلىدىكەن. مۇشۇ تىلۋىزىيە تىياتىرىنى ئىزدىمىگەن يېرىم قالمىدى ، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقى بولمىسىمۇ مەيلىتى ...
http://player.youku.com/player.php/sid/XNTE0MjA3NDQ0/v.swf abduzaher يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 19:30 static/image/common/back.gif
ئاق بۈركۈتتە بەڭۋاشلار دەپ تەرجىمە قىلىنغان.ماۋۇ كىنو ...
بۇ فىلىمنىڭ ئەسلىي ئىسمى خور ئۆمىكى، نەچچە يىل ئىلگىرى ئۆز تىلدا كۆرگەندە شۇنداق چىققان. قالغىنىنى تېما ئىگىسى بىر نېمە دەپ باقسۇن قېنى:)
بەت:
[1]
2