بەل ئومۇرتقا كېسەللىكى توغرىسىدا مەسلىھەت سورايمەن
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!نەق گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەم، ئاپام تۇيۇقسىز ماڭالماس بولۇپ قېلىپ، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتسىەك بەل ئومۇرتقا سۆڭىكىدىن بىرىسى ئۆسۈپتۇ، بىرى ئىچىگە سەل كىرىشىپ قاپتۇ، يەنى كىرىشىپ قالغان بەل ئومۇرتقا سۆڭىكى يۇلۇننى بېسىۋېلىشقا ئاز قاپتۇ (بۇنى مېدىستىنادا بەل ئومۇرتقا سۆڭەڭ تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش دەمدۇق) دەپ دىئاگنوز قويغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئومۇرتقا سۆڭە ئۆسۈپ كېتىش كېسىلىنى ئوپراتسىيە قىلسا بولىدۇ-بولمايدۇ دەپ بەك قايمۇقۇپ كەتكەچە ئاۋال دوختۇرخانىدا فىزىكىلىق ئۇسۇلدا ئىككى ئايغا يېقىن داۋالانغان، ھەم داۋالىنىپ ماڭغۇدەك بولغان. دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ئىزچىل كۈتۈنۈپ كەلگەن ئىدى. بىراق يېقىندىن يەنە بەل، پۇت قىسمى ئاغرىپ قەتئىي ماڭالماس بولۇپ قالدى. نەچچە دوختۇرغا كۆرسەتتۇق بىرى دەيدۇ ئوپراتسىيە قىلىڭلار، بىرى دەيدۇ ئوپراتسىيە قىلسا خەتەرلىك دەپ مېنى تولىمۇ ئەنسىرتىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى مۇشۇ ئىزدىنىشتا بۇ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالىتپ باققان، ھەم تەجرىسىبى بار تورداشلار بار دەپ بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. سىلەردىن سورايدىغىنىم بۇ كېسەللىكلەرنى قايسى ئورۇن ئەڭ ياخشى داۋالايدۇ، كۈتۈنۈش جەھەتلەردە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئوپراتسىيە قىلسا ئۈنۈمى قانچىلىك؟
ئاخىردا كېسەل ئەھۋالى بۇ يەرگە كەلگەندە توردا بىر نېمە يېزىپ ئولتۇرغىچە دوختۇرخانىغا ئاپارساڭ بولمامدۇ دېگەندەك ئىنكاس يازماي مۇشۇ كېسەللىكلەرنى داۋالاتقانلار بولسا تەجرىبەڭلارنى سۆزلەپ بەرسەڭلار. ئالدىن رەھمەت. بولسا تەكشۇرۇش پىليونكىسىنى رەسىمگە تارتىپ يوللاڭ ،شۇنىڭدا مەسلىھەت بەرگۇچىلەر تېخىمۇ توغرا جاۋاب بېرەلەيدۇ . رىنتىگىن نۇرى ، CT ياكى MRI يادرو ماگنىتلىق رىزونانىس (خېسى) دا تەكشۇرتكەن رەسىمنى يوللاپ بېقىڭ .
سۆڭەك ئۆسىۋېلىش بىلەن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى پولتىيىش ئىككىسى ئىككى گەپ . بايا خېلى ئۇزۇن ئېنكاستىن بىرنى يازغان قىرىشقاندەك تور قېتىۋىلىپ بىكار بوپكەتتى:@ شۇڭا قىسقارتىپلا دەي.
مېنىڭ دادامغىمۇ ئاشۇنداق دىئاگېنۇز قويغان. كۆپ دوختۇخانىلارغا كۆرسىتىپ، كۆپلىگەن دورىلارنى يىگەن، سىز دىگەندەك فىزىكىلىقمۇ داۋالاتقان، ۋاقىتلىق داۋا بولدى خالاس. ئېككى ھەپتە بۇرۇن ‹لوقمان ھەكىم›نىڭ دورىلىرىنى ئېپ بەرگەن. دادام ئەسلى ھاسىغا تايىنىپ ماڭاتتى،ھازىر ھاسا تۇتماي مېڭىۋاتىدۇ.
ئانىڭىزنىڭ ئەھۋالى بىر ئاز ئېغىر ئوخشايدۇ.ئىشلىتىپ بىقىڭ.
قارىسام ئوتتۇز-قېرىق ئادەم كۆرۈپ بىرسىمۇ ئۆھۈ دەپ قويماپتۇ.(مەن ئۇ دورىنى ماختىغېنىم ئەمەس، مەن ھەم ۋەكالەتچىسىمۇ ئەمەس:lol ) پەقەت ئانىڭىزغا پايدىسى بوپقالا دەپ تەۋسىيە قېپ قويدۇم ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! بولسا ئوپراتسيە قىلماي دورا- ئوكۇل بىلەن داۋالاتقىنىڭىز ياخشىمىكىن. سەۋەبى پەقىر كۆرگەن ئوپراتسىيە قىلغان ياكى خوتەندە نۇر ئارقىلىق داۋالانغانلارمۇ تازا ئۈنۈمىنى كۆرەلمىدى. دورا -ئوكۇلدا داۋالانغانلارنىڭ ياخشى بولغانلىرى كۆپ، شۇڭا دورا-ئوكۇلدا داۋالىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئاپىڭىزنىڭ بىلىغا راستلا بىرنىمە ئۆسۈپ چىقىپتۇمۇ بۇنىسى بەك مۇھىم. ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى سوغۇق يەلنى ھەيدەش ئارقىلىق داۋالايدۇ. سۆرۈنجان تىپىدىكى دورىلارنىڭ ھەمىمسىدە ئىچ سۈرگۈزىدىغان دورا بار. ئاندىن ئاغرىق ئەھۋالىنى بەكرەك سوراڭلار. بۇرۇندىن مۇشۇنداق ئاغرىمتى يا تۇيۇقسىز پەيدا بولدىمۇ؟ باشتا تىز تەرەپ ئاغرىپ، كېيىن بەلگە تەرەققى قىلىپ كەينى تەرەپ پاقالچاقنى بويناپ يىپ تارتقاندەك ئاغرىمدۇ؟ ياكى بولمىسا ھىلى بەلگە، ھىلى تىزغا ، ھىلى ئەڭ تۆۋەن بوغۇمغا يۆتكىلەمدۇ؟
ئەگەر ئاخىرقىسىدەك بولسا ئۇيغۇر تىبابىتىدە 100%ساقىيىدۇ. ئوتتۇرىسىدىكەدەك ئالامەتلەر بولسا ئاستاراق ساقىيىدۇ. ئوپىراتسىيە قىلىشتىن باشقا لوڭقا قويۇش، يىڭنە قويۇش، بەلنى كۇچۇلا مىيى، قەلەمپور مىيى بىلەن مايلاش، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق داۋالىغىلىمۇ بولىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا koklan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-25 19:25
مىنىڭ ئاناممو بەلئومورتقا سوڭەك ئوسوش دەپ داۋالانغان لىكىن ئۇنۇمى بولمىدى مەنمو لوقمان ھەكىم دورىلىرىدىن ئىلىپ بىرىپ يا خشى بوپ كالدى مەنمو شۇنداق ۋاكالاتچى ئەمەس مەنمو كۆرگىنىمنى ئىيتىم ئەگەر ئۈرۈمىچىدە بولسىڭىز ياكى قولاي بولسا مەن بىر جاينى تونۇشتۇراي مىنىڭ سول كۆزۈم غۇۋا كۆرىدىغان بولۇپ قالدى ، ئۆتكەندە بىر قېتىم 10000wلىق لازىر نۇرنى كۆزۈمگە تۇتۇپ سالغان ئىدىم ئەتىسى نەگە قارىسام بىر چىكىت ئەگىشىپ مېڭىۋالدى چىراغنىڭ تەسىرى ئوخشايدۇ دەپ كارىم بولمىدى، قايسى كۈنى دورا سېتىۋېلىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا باردىم ، يان تەرەپتە كۆز ئىقتقدارىنى سىناش تاختىسى بار ئىكەن شۇنىڭغا قاراپلا سول كۆزۈمنىڭ كاردىن چىقىۋاتقانلىقىنى سەزدىم ئوڭ كۆزۈم ھەممىنى كۆرەلىگەن ئارلىقتا سول كۆزۈم ئاستىدىكى بەش قاتارنى كۆرەلمىدى ، بۇنىڭ ئۈنۈملۈك تېمىتما دورىسى ياكى يىمەكلىكى بارمۇ مىنىڭ كۆزئەينەك تاقىغۇم يوقتى:( ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام....
،مېنىڭ كېسىلىممۇ دەل ئاپىڭىزنىڭكىگە ئوخشايدۇ،دوختۇرلار ‹‹بەل ئۇمۇرتقا تەخسىسى پولتىيىپ چىقىپ نېرىپنى بېسىۋاپتۇ››دەپ دىئاگنوز قويغان.
12-ئايدا سول پۇتۇمنىڭ پاقالچەك قىسمى بىلەن قوشۇلۇپ ،يانپاش قىسمىم يىپ بىلەن تارتقاندەك تارتىشىپ ئاغرىپ ،جوڭيى دوختۇرخانىسىدا مىللىي شىپاخانىلاردا1 -ئايدىن 3-ئايغىچە داۋالاندىم ،پەقەت ياخشىلىنىش بولاي ،دىبەننى كۆرگەنلا دوختۇر ‹‹ئوپراتسىيە قىلمىسا بولمايدىكەن ،ئېغىرلىشىپ كەتسە پالەچ بوپ قېلىش ئىمكانىيىتى بار ››دېگەن،ئاخىرى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ چاقلىق ئورۇندۇققا چۈشۈپ قالدىم .پەقەت بولماي 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاپتونۇم رايونلۇق جوڭيى دوختۇرخانىسىدا ( خۇئاڭ خې لۇ جوڭيى دوختۇرخانىسى)ئوپراتسىيە قىلدۇغان.(بەلنى تېشىپ ئوپراتسىيە قىلدۇردۇم، خەنزۇچىسىنى يازالماي قالدىم)8 -ئاينىڭ- 6-كۈنى يەنە قايتا باردىم، ئۇ چاغدا ‹‹ئوپراتسىيە تولۇق بولماپتۇ ››دەپ دىئاگنوز قويدى ،بەل ئۇمۇرتقىغا ،توققۇز كۆزگە ئىككى تال ئوكۇل ئۇردى،ھازىر ئالتە يېرىم ئاي بولدى،سول پۇتۇم ئوڭشىلىپ مېڭىشىم نورماللاشتى،بىراق يىگىرمە مىنۇتتىن ئارتۇق مېڭىپ قالسام، ياكى ئولتۇرسام ،بېلىم تېلىپ ئاغرىيدۇ...
ئەمدى دېمەكچى بولغىنىم،ئىمكان بار ئوپراتسىيە قىلدۇرماڭلار، ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشقا توغرا كېپ قالسا تېشىپ ئوپراتسىيە قىلدۇرماي قارماق ‹‹گاڭبەن›› سالدۇرۇپ ئوپراتسىيە قىلدۇرۇڭلار...
نەنسەندە، مىچۈئەندە ،شاياردا ئۇستا دوختۇر بار دەپ ئاڭلىدىم،بىراق ئۇ ۋاقىتتا ماڭالمىغاچقا ئۇ يەرگە بارالمىدىم،شۇ يەرلەر بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ بېقىڭلار... 9-ئاينىڭ 19- كۈنى دەم ئېلىش ۋاقتىم توشۇپ،ئىشقا چۈشكەن ئىدىم،مۇدىرىمىز ‹‹دەرسكە كىرمىسىىڭز بولمايدۇ ،ئادەم يوق››دەپ تۇرىۋالغاچقا،ئامالسىزلىقتىن،ھاسا تاياققا تاينىنىپ تۇرۇپ دەرس ئۆتتۈم،بىر ئاي ئىشلەپ پەقەت بەرداشلىق بېرەلمىدىم،شۇڭا ئىدارىدىن يەنە بىر ئايلىق ئارام ئېلىش رۇخسىتى ئالدىم،ھازىرمۇ بىرەر يەرگە ماڭسام ھاسا تاياقنى تايىنىمەن،بولمىسا بېلىم ئۈزۈلۈپ كېتىدىغاندەك تېلىپ ئاغرىيدۇ.ئۆتكەن يەكشەنبە كۇچارنىڭ شور كۆرپىسىنى سېتىۋالغان،شۇنىڭ پايدىسىمىكىن، ھازىر بېلىم ئۇنچە بەك تېلىپ ئاغرىمايدىغان بولدى....
شور بىلەن مىقداچىننى قىزىتىپ بېلىگە قويۇپ بەرسۇن،بەلنى بەك ئىسسىق تۇتسۇن،دورىخانىلاردا بىر خىل تۆمۈرى بار بەللك بار،شۇنى تاقىۋالسۇن..... kakkur يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 21:31 static/image/common/back.gif
مىنىڭ سول كۆزۈم غۇۋا كۆرىدىغان بولۇپ قالدى ، ئۆتكەندە ...
قالايماقان دورا ئىشلاتمەي ۋاقتىدا كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالىتىڭ،ئەگەر شارائىتىڭىز يار بەرسە ئۈرۈمچىدىكى ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىغا بېرىڭ،كۆز دىگەن ئوينىشىدىغان ئەزا ئەمەس جۇمۇ. musilina1 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 21:44 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام....
،مېنىڭ كېسىلىممۇ دەل ئاپىڭىزنى ...
ئاۋۇ يەردە بىر موڭغۇل دوختۇر بار ئىكەن، ماۋۇ يەردە بىر قازاق دوختۇر بار ئىكەن دەپ بىرىۋەرمەڭلار. ھازىر شۇنداق دوختۇرلارغا ئەرىز قىلىدىغان دەۋالار كۆپىيىپ قالغان. خاتا داۋالىغان، دوختۇرلۇق سالاھىتى يوق، داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەن دەپ.
مىسرانىمغا يازغان« ئاق كېسەلنىڭ دورىسىدا.......» دىگەن تېمىدىكى بالىغا ھازىرچە 50، 60مىڭ يۈەن پۇل چىقىپ بولۇپتۇ. ئەمدى بۆرەك زەئىپلىشىپتۇ دەپ دىياگنوز قويۇپتۇ. ئۇ ئادەمنى تىۋىپ تاپالمىغاندەك ئىچۇ بۇلۇڭ پۇشقاقتىكى تىۋىپلىقتىن خەۋىرى يوق بىرنىمىلەردىن دورا ئالغانغا تويىۋاتىدۇ. كۈنەس دەمدۇ تىكەس دەمدۇ بىر بولۇڭدىكى تىۋىپنىڭ قىزىدىن ئاپتىكەن. ئىچىگە نىمە سالغىنىنى دىمەيۋاتقان گەپ. بىر ئوبدان بالىنى ھازىر يېرىم جان قىلىپ قويغان گەپ. ئىچى قارنىنىنى كۆيدۈرۋىتىپتۇ كاساپەت. بالىنىڭ بوۋىسى «ۋاي بولدى سەت تۇرۇدۇ »دەپ توساپ قويۋاتىدۇ، بولمىسا بېرىپ چىچىدىن سۆرەپ ئەپچىقىپ« ئىيتە ئاۋۇ دورىغا نىمە قاتقان، كىم ساڭا دورا ياسا دىگەن ئىجازەتنى بەردى. دادامدىن ئۈگىنىۋالدىم دەپ ئادەم ئۆلتۈرىدىغان دورا ياسىساڭ بولامدۇ؟ ماڭا ساقچىغا، ماڭا سوتقا» دەپ بىر قۇرقۇتۇپ، بۇدا ئىككىنچى دورا ياسىماس قىلىپ قوياتتۇق.
دىئاگنوز يۇقارقىدەك. تەجرىبەڭلارنى ئايىمىغايسىلەر. 2828288 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 08:54 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ يەردە بىر موڭغۇل دوختۇر بار ئىكەن، ماۋۇ يەردە بى ...
ئاپتونۇم رايونلۇق جوڭيى دوختۇرخانىسىدا ياتقاندا بىرنەچچەيلەن ماڭا شۇ يەرلەرگە بېرىپ بېقىش مەسلەھەتىنى بەرگەن،بىراق ماڭالمىغاچقا ئۇ جايلارغا بارمايلا ئوپراتسىيە قىلدۇرىۋەتكەن...
ئوپراتسىيەنىڭ تولۇق ئۈنۈملۈك بولۇپ كېتىشى ناتايىن ئىكەن....
بۇ مىسرانىمدا ئوپراتسىيەدىن بۇرۇن ۈ ۋە كېيىن ياردەم سوراپ يازغان تېمىلىرىم....
http://bbs.misranim.com/thread-117996-1-2.html
http://bbs.misranim.com/thread-126577-1-1.html xaqan يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 09:26
دىئاگنوز يۇقارقىدەك. تەجرىبەڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.
مىنىمۇ دوختۇرلار مۇشۇ كىسەل دەپ دىياگۈنۈز قويغان ،
،دوختورنىڭ قاتتىق تاختايدا يىتىپ بەرسە بۇلىدۇ دىگەن
كۆرسەتمىسى بۇيچە بىر يىلدەك قاتتىق تاختايدا يىتىش
ھەم xjtv-2 دا
ئىلان قىلۋاتىقان دۇرا (ھازىمۇ ئىلان قىلۋاتىدۇ،
)
نى بىللە يەپ ساقىيىپ كەتتىم دىسەممۇ بۇلىدۇ ،
ھىچ بىر ئاغىرىش ھىسياتى يوق ، قەشقەر پېداگوگىكا ئېنىسـتىـتوتىدا ئابدۇقادىر ئىسىملىك ئوقۇتقۇچى بار ، گىمناسـتىكا ئارقىلىق سۆڭەك ئۆسۈش كىسەللىرىنى داۋالايدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mustakil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-26 13:45
ئاۋۇ لوقمان ھەكىمنىڭ دورىسىنى يەپ ساقايغانلار ، دورىنىڭ ئىسمى نېمە ، لوقمان ھەكىمنىڭ دورىسى دېسەكلام بېرەمدۇ ياكى ، تەپسىلىرەك دېسەڭلار بوپتىكەن ، مېنىڭ داداممۇ 3يىل بولدى پۇتىنىڭ پېيى تارتىشىپ ماڭالماس بولۇپ قالدى ھازىر يەپ ئىچىپ يېتىپ ھەركەت ئاساسەن يوق بەكلام سەمىرىپ كېتىپ بارىدۇ، ھەركەت قىل دېسەك تېرىكىپ خاپا بولدۇ ،بەل قىسمى يوغان، پۇت بارا - بارا ئىنچىگىلەپ كېتىپ بارىدۇ، قولتۇق تاياقتا ھاجەتخانىغا ئاران چىقالايدۇ، قولتۇق تاياققا تايىنىپ ماڭسىمۇ ھەسىرەپ تىنالماي قالدىدۇ، قانداق داۋالاتسام بولىدىكى پەقەت بىلەلمىدىم ، تۇرۇشلۇق ئورنىمىز غۇلجا شەھەردە، mustakil يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 13:42 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ لوقمان ھەكىمنىڭ دورىسىنى يەپ ساقايغانلار ، دورىن ...
غۇلجىدا ۋاكالەتچىسى بولسا دادىڭىزنى بىللە ئېلىپ بىرىپ ئەھۋالىنى بىر قۇر تونۇشتۇرساڭلا دورىگەر ئۆزى ‹يەيدىغان، سۈركەيدىغان›بىر نەچچە خىل دورىنى تەۋسىيە قىلىدىكەن،يەنە ئاقسىل تالقىنى قاتارلىقلارنىمۇ. ھەممىسى تۆتيۈز كويدىن جىقراق بولىدىكەن.
بەت:
[1]