batur72 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 11:21:15

قەيسەر مىجىت شۇنداق ياش ئىدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   batur72 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-25 11:23  

  ئىلاۋە :   ئىگىز تاغ چوققىسى ھەمىشە ئاشۇنداق ھەيۋەتلىك ،شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قارايدۇ،ئۇ ھەمىشە ئاشۇنداق خەتەرلىك،شۇڭا ئاز بىرقىسىم كىشىلەرلا ئۇنىڭغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ.شۇنداقلا ئۇنىڭغا يامىشىش ئاشۇنداق كۆپ كۈچ تەلەپ قىلىدۇ ،شۇڭا پەقەت ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا ئۇنى بويسۇندۇرالايدۇ.
        شۇنداق ، ھەر بىر كىشىنىڭ ياشلىق چاغلىرى بولىدۇ ، بەزىلەر ياشلىقتا قايمۇقۇپ ياشايدۇ ،سەۋەبىنى تاپالمايدۇ ،بەزىلەر ياشلىقتا ئۆلۈكتەك ياشايدۇ ، بەزىلەر ئىرادىلىك ياشايدۇ ،بەزىلەر ھەقىقىي ئادەمدەك ياشايدۇ .
      كۆزىڭىز ئىگىز  ئاشۇ تاغ چوققىسىغا قاراپ ھەيران قالدىمۇ ،دوستۇم ؟ ئۇنداقتا بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈنبېشىڭىزنى ئازراق پەس قىلىپ قاراپ بېقىڭ ، ئاشۇ تاغ چوققىسى ئاستىدىكى تۈمەنلىگەن پولاتتىن قاتتىق تاشلارنىڭ ئۇنى كۆتۈرۈشى بىلەن چوققا بولغانلىقىنى كۆرىسىز ھەمدە بىر نەرسىنى چۈشىنىسىز ، دىمەك ،نىمىشقا قەيسەر مىجىت ئاكىمىزنىڭ خارۋارد ئونۋېرستىتىدىن ئىبارەت ئامېرىكىلىقلار چۈشىدىمۇ كىرىشنى ئويلايدىغان چوققىغا چىقالىغانلىقىنى  بىلمەكچى بولسىڭىز بېشىڭىزنى تۆۋن قىلىپ  قەيسەر مىجىت ئاكىمىزنىڭ ئونۋىرستىتكى ھاياتىنىڭ قىسقىچە كارتىنىسى بولغان، تارىم ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىنغان تۆەندىكىئەسەرگە دىققەت قىلىڭ  ، مىنىڭچە ئەقلىڭىز بولسىلا چوقۇم بىر نەرسىنى ھىس قىلىسىز .سىزمۇ ياشمۇ ؟ ھاياتمۇ ؟ ھىس قىلغانلىرىنى ،ئۈگەنگەنلىرىنى ئىشلىتىش ئاقىل كىشىلەرنىڭ ئىشىدۇر ، ھىس قىلغانلىرىڭىز پەقەت ھاياجان بىلەنلا ئاخىرلاشمىسۇن ! شۇندىلا بۇ يازما بىكارغا كەتمىگەن بولىدۇ .

    رەھمەت: ئالدى بىلەن مۇشۇ يازمىنى ساقلاپ كەلگەن ھەمدە بىزگە ژۇرنالنى تەمىنلىگەن  قەيسەر مىجىت ئاكىمىزنىڭ باغداش تورىدا ئىلان قىلغان "شۇڭقار كەبى چاغلار " قاتارلىق بىر قاتار ئەسەرلىرىنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنى بولمىش   ئەزاسى ياسىنجان كەنجىگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. بۇ يازما تارىم ژۇرنىلىنىڭ 1994-يىللىق 12-سانىدىكى "ئىتقاد شۇنداق تۇغۇلىدۇ "ناملىق ئەسەر .



ئىتقاد شۇنداق تۇغۇلىدۇ

نۇرگۈل يۇنۇس

مۇقەددىمە

        بۇ جاي شۇنداق جاي : سېنىڭ غايەڭنى ،خاراكتىرىڭنى يىتىلدۈرىدۇ ، كەلگۈسى ئىستىقبال يولۇڭنى ئېچىپ بېرىدۇ .لېكىن بۇ يولنى ئۆزۈڭ مېڭىشىڭ مۇستەقىل ئىلگىرلىشىڭ كېرەك .چۈنكى بۇ يەردىكى نۇرغۇن ۋاقىت سېنىڭ ئىشىلتىشىڭنى كۈتمەكتە .
     چوڭ دەرۋازىدىن كىرگىنىڭدىلا كۆزگە تاشلىنىدىغان چىملىقلار ، دەرەخلىكلەر ، گۈللۈكلەر ، چىرايلىق ئوقۇتۇش بىنالىرى ، پاكىز ھەم رەتلىك كىيىنىشكەن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ موھىتىغا تېخىمۇ رەڭدارىق ئاتا قىلىدۇ ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا مۇئەللىم بىزگە مۇنداق دەيدىغان :«ھازىر تېرىشىپ ئۆگىنىڭلار ، ئالىي مەكتەپتە ئوينىۋالىسىلەر ، ئالدى بىلەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ ئويۇننى شۇ چاغلاردا ئوينىساڭلارمۇ كىچىكمەيسىلەر ... » بەلكىم بۇ سۆزنىڭ مەلۇم ئاساسى بولۇشى مومكىن ، جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسى ھەم مەلۇم كەيپىياتلار بۇسۆزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ قويىدۇ .
      ھازىر بىلىم تاۋارلىشىۋاتقان دەۋىر ، قىسقا مۇددەتلىك ،ئىھتىياجلىق كەسىپلەرنى ئوقۇپ چىققانلار قارشى ئېلىنماقتا ، لېكىن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئوقۇشىنى تاماملاپ ،تەنتەنە بىلەن دىپلوم كۆتۈرۈپ يۈرگەنلەرگە ئورۇن يوق ،ياكى ئورۇن توشۇپ قالغان . بەزى شېركەتلەر يۇقرى سەۋىيەلىك كىشىلەرگە يۇقرى مائاش بېرىشتىن قورقۇپ خىزمەت بەرمەيدىغان ئەھۋاللار دائىم ئۇچىراپ تۇرىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا ئۆگەنگەن كەسپىنى ئىشىلتىدىغان ئورۇنلار كەمچىل ، بەش يىللىق تولۇق كۇرس تاماملىنىپ بولغۇچە  ئوقۇغۇچىلار كەڭ دائىرىدە مۇناسىۋەت تورى يېيىش كېرەك ، ئۇنداق بولمىغاندا جەمئىيەتكە دىپلوم ، ئۇنۋان كۆتۈرۈپ چىقىپ ئىرىشىدىغىنى قاتىراش ،ئىش كۈتۈش بىلەن ۋاقىت ئىسراپ قىلىش بولىدۇ ، خالاس.
  مانا بۇلار كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئويلاپ يۈرگىنى ھەم ئادەتتە دەپ يۈرۈيدىغان گەپ سۆزلىرى ، يۇقىرقى سەۋەبلەردىنمىكىن ياكى جەمئىيەتنىڭ يۆنىلىشى  بويىچە پۇلپەرەسلىك ئېڭىنىڭ كۈچىيىپ كىتىشىدىنمىكىن ، ھازىر كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگۈنۈش ۋە ئىلىم توغىرسىدىكى گەپ سۆزلار ئانچە يېقىپ كەتمەيدۇ . توغرا ، پۇل بولمىسا بايلىق بولمىسا ،بەلگىلىك ئىجتىمائىي ئورۇن بولمىسا ،ھېچ ئىشنى ئەپلەشتۈرگىلى بولمايدۇ . ئەمما بىلىم بولمىسا ، ئۇنىڭدىنمۇ خەتەرلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ ، بولۇپمۇ بىز مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇرغۇن ئادەتلىرىمىز ناچار : كۈتۈپخانا ،سىنىپ قاتارلىق ئۆگۈنۈش سورۇنلىرى سانىمىز ھەددىدىن زىيادە ئاز ،  مەكتەپ كولۇبى ، تانسىخانا ، يۇرتلۇقلار ئولتۇرۇشى ،تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسى ،كەچلىك سەيلە ۋە جەمئىيەتتىكى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا ھاياجان بىلەن ياشلىق باھارىمىزنىڭ پەيزىنى سۈرىمىز . ..
     ئېرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ ، قۇربان بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ . ھىسىياتتىن غالىپ كىلىشىمزگە توغرا كېلىدۇ . ھەربىر ئېرىشكەن ئۇتۇق ئۈچۈن بەدەل تۆلەش كېرەك . بەدەل تەلەپ قىلمايدىغان نىشان ، ئىتقاد تەلەپ قىلمايدىغان جاسارەت ۋە قەيسەرلىك ، قەن - تەر  تەلەپ قىلمايدىغان ئەمگەك مەۋجۇد ئەمەس . بىز كۆپ ھاللاردا ئەيىبنى باشقىلاردىن ، غەلبىنى ئۆزىمىزدىن كۆرىمىز . بىز ئەيىبنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەپ باقايلى ! ئەنە شۇ چاغدىلا ھېچنىمىدىن ئاغرىنمايدىغان غالىبلارغا ئايلىنىپ ، كەلگۈسى ئىستىقبالىمىزدىن ئەندىشە قىلمايدىغان بولىمىز .
  قاراپ باقايلى : ئۇ  ئەنە شۇنداق غالب ، شۇنداق ئىستىقباللىىق ياش  ،چۈنكى ئۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە يىمىرىلمەس ئىتقادقا ئىگە بولغان . چۈنكى ئۇ نۇرغۇن توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كەلگەن !                  

1. ئۇ كىم ؟

       ھېچكىم تۇغۇلغان موھىتىنى ئۆزى تاللىۋالالمايدۇ . « مەدەنيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ دەھشەتلىك بورىنى ئۇنىڭ بولغۇسى ئاتا -ئانىسىنىڭ شۇنداقلا ئاشۇ بىر دەۋىر ياشلىرىنىڭ يۇقرى ئىلىم ئېلىش ئارزۇسىنى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇرۇپ كەتتى .
       ئۇلار ــ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن قىرىقچە ئوقۇغۇچى «زىيالى ياشلار» سۈپىتىدە قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ يىراق ئورمانچىلىق مەيدانىغا تەقسىم قىلىنغان ئىدى . تەقدىر ئۇنى ئاقكۆڭۈل ،تۈز ،بىر -بىرىنى چۈشىنىدىغان ، خىزمەتنى بېرىلىپ ئىشلەيدىغان ھالال ئائىلىدە دۇنياغا كەلتۈردى . بەزى ھاللاردا «تەبئىي مۇھىتنىڭ بىكىكلىكى ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ بىكىكلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ » .بۇ پۈتۈنلەي جۇغراپىيلىك ئامىل ھەممىنى بەلگىلەيدۇ دىگەنلىك ئەمەس ،ئەلۋەتتە . بىكىك مۇھىت ــ قالاقلىقنىڭ بىر خىل ئىپادىسى ، ئۇ مۇشۇنداق قالاق مۇھىتتا چوڭ بولدى . 20 - ئەسىرنىڭ 70-80-يىللىرى بولغىنىغا قارىماي تېىخى بۇ يەردە مۇنتىزىم باشلانغۇچ مائارىپى يوق ئىدى . شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاپىسى ئۆزى يالغۇز ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ باللىرىنى ئوقۇتاتتى . 20نەچچە بالىنى بىرىنجى يىللىقتىن 5- يىللىققىچە ئايرىپ يىللىقلار بويىچە بارلىق پەنلەردىن دەرس ئۆتەتتى . ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى مۇشۇنداق شارائىتتا ئوقۇپ تۈگەتتى ...
      پەرزەنتلىرىنىڭ ئىستىقبالىنى ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى كۆزدە تۇتقاندا ، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى شەھەرگە كىرىپ كەتسە تامامەن بولاتتى ھەن كىرىپ كىتەلەيتتى . ئەمما بۇ يەردە ئۆزلىرى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنىڭ نۇرغۇنلۇقىنى ،ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىنى ئويلاپ ،ئۇلار بۇنداق ئويدىن ــ لەززەتلىك شەھەر تۇرمۇشىدىن ۋاز كەچتى . بۇ ئاددىيلا ۋاز كىچىش ئەمەس ، بەلكى شەخسىيەتسىز ۋاز كىچىش ئېدى . بۇ يەرمۇ ۋەتەننىڭ زىمىنى -دە ،ئۇنى سۆيۈش ،تەر تۆكۈش ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ بۇرچىغۇ ؟
    ھەممە يېرى تاغ بىلەن قورشالغان بۇ كىچىككىنە ئورمانچىلىق مەيدانى ۋە كەڭرى تەبىئەت ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك قەلبىگە ئاق كۆڭۈللۈك ۋە ساغلام پىكىر بەخىش ئەتتى . توغرا ، ئۇنىڭ ئاق كۆڭۈل ، پىداكار روھىغا ئىگە ئاتا -ئانىسى ئۇنىڭغا قەيسەر دەپ ئىسىم قويغان ئەمەسىدى ؟ ! ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئاق كۆڭۈللۈك ۋە ساغلام پىكىردىن باشقا ئىسمى-جىسمىغا لايىق قەيسەرلىك بار ئىدى .
       قەيسەر ئەدىلا 11 ياشتىن ھالقىغان چاغدا تولۇقسىز ئوتتۇرىغا كۆچۈپ ، ناھىيلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇشقا توغرا كەلدى . ئۇ چاغلاردا ھەر قانداق قېيىنچىلىق ئۇنى باش ئەگدۈرەلمىگەن بىلەن ، ئاتا - ئانىسىدىن ،سۆيۈملۈك ئۇكىلىرىدىن ئايرىلىپ ،ئۆزىنىڭ يېشىغا مۇناسىپ بولمىغان چاغدا ياتاقتا يېتىپ ئوقۇش ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئېغىر كىلەتتى . بەزىدە ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ياش كېلەتتى .ياق ، مەنمۇ چوڭ بولىمەن ، ياخشى ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بولىمەن ، دەيتتى ئۇ ، ھەر قېتىم كۆڭلى بۇزلغاندا كىچىككىنە مۇشتۇمىلىرىنى تۈگۈپ . شەنبە كۈنلىرى ئۆيگە قايتقاندا بەزىدە قار-يامغۇردا قالاتتى . پىيادە ئون نەچچە چاقىرىم يولنى بېسىش گويا بىر چۆچەككە ئوخشايتتى . شەھەر ئىچىلىك بالىلار ئۇ ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە ساۋاقدىشىنى «ئورمانلىقلار» دەپ ئاتىشاتتى . ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇنى «ئورمان باتۇرى» دەپ ئاتايتتى. ئۇ چاغلاردا ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئوقۇشنىڭ بازىرى بار ئىدى . بىراق ، ئۇ چاغدا ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش غايىسى بىلەن قىزىلسۇ 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردى ، نىمىلا دىمىگەن بىلەن ئىزچىل تۈردە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇنتىزىم مائارىپ تەربىيسى ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش مۇھىتى ،ئۇسۇلى ۋە چەت -ياقا جايدىن كەلگەن قەيسەرگە قارىغاندا كۆپ ياخشى ئىدى .قەيسەر ناھايتى تىزلا بۇ پەرقنى تونۇپ يەتتى ، ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ كەينىدە قالغۇسى كەلمەيتتى ، ئەلۋەتتە ،بارلىق ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ تېرىشىش نەتىجىسىدە قىسقىغىنا ئىككى ئاي ئىچىدە ئۇ سىنىپ ۋە يىللىقلاردىن ھالقىپ ، مەكتەپكە يۈزلەندى ، يېرىم يىلدىن كېيىن ئوبلاست بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ماتىماتىكا مۇسابىقسىدە بىرىنجىلىككە ئېرىشتى . نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەردە بىرىنجىلىكنى قولدىن بەرمىدى . باشقا قوشۇمچە پائالىيەتلەردىمۇ ئالاھىدە رول ئويناپ ھەرخىل ئىجتىمائىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى،1988-يىلى ئۇ ئالىي مەكتەپكە ئىمتاھانسىز تاللىنىش پۇرسىتىدىن ۋاز كىچىپ ، بىر تۇتاش دۆلەتلىك ئىمتاھانىغا قاتناشتى ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ بويىچە ئەڭ يۇقرى نۇمۇر ئېلىپ ،شىنجاڭ ئونۋىرستىتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتىتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىندى .

2. بۇ جاي ئەسلى مۇنداق جاي

     ئادەم يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلمىغاندا ئارقىدا قالىدۇ . ئىقتىدار تەلەپ قىلىدىغان ، تېرىشچانلىق تەلەپ قلىدىغان بۇ جاي قەيسەردىن يەنە زور قۇربان بېرىشلەرنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى . چۈنكى ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى تەڭرى تېغىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تاللىنىپ كەلگەن ،خىللانغان ئوقۇغۇچىلار ئىدى . ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپكە كېرىشتە ئالغان نۇمۇرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئون نەچچىنجى ئورۇندا تۇراتتى . بۇ بىر يېڭى سەھنە ، يېڭى پەللە ئدى . ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلارغا يىراقراق پەللىدىن چىققانلىقىنى بىلەتتى . ئەمدىلا ئالىي مەكتەپ قوينىغا كىرگەن قەيسەرگە مۇنداق ئىككى ئىش قاتتىق تەسىر قىلدى . بىرى ، ئالىي مەكتەپكە كىرىش رەسمىيتىنى ئۆتىگەن بىرىنجى كۈنى بىز خەنزۇ مۇئەللىم ئۇنىڭدىن :
ـــ سەن قايسى فاكۇلتىتتا ئوقۇيسەن ؟ (你是哪个系的?) دەپ سورىدى ؟ ،قەيسەر «فاكۇلتىت » بىلەن «شەھەر» دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭىنى پەرقلەندۈرەلمەستىن :
ـــ مەن .ئاتۇشتىن (阿图什市) دەپ جاۋاب بەردى . ئۇنى ئاڭلاپ ئەتراپتىكىلەر كۈلۈپ كەتتى . قەيسەرنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ ،ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدى . تۇنجى قېتىم قەدەم باسقان ئالىي مەكتەپ قوينىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن بىرىنجى زەربە بولغان بۇ ئىش قەيسەرگە دەسلەپتىلا تىل ئۈگۈنۈش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇردى .
    يەنە بىرى ، ئالىي مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتۇش ئۆلچىمى قاتتىق بولۇپ ، ئۇ بۇ ئۆلچەمگە لايىق بولغىنى بىلەن ئەلا بولالماي قالدى . بۇ ئىككى ئىش ئۇنىڭغا قاتتىق ھار كەلدى -دە ، يازلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتقاندا سەھەر تۇرۇپ ، ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى كىچىك تاغ چوققىسىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ چېنىقتى . ئەتىگەندە چېنىقىشنى مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇردى .شۇنىڭ نەتىجىسىدە تاكى تولۇق كۇرس تاماملانغۇچە تەنتەربىيەدە ئەلا نەتىجىنى قولدىن بەرمىدى . چېنىقىش ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلايدىغان ياخشى دورا .ئۇ نۇرغۇن  ئىشلىرىنى ئەنە شۇ چېنىقىشتىن تاۋلىغان ئىرادىسى بىلەن تاماملىدى .
     بۇ جاي مانا مۇشۇنداق ئىرادىسى ،غايىسى بار باشقىلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مۇھىت بەخىش ئىتىدىغان ،ئانا قۇشلار بالا قۇشلارنى ئاستا -ئاستا ئۇچۇشقا ئۈگەتكەندەك بىر قەدەم،بىر قەدەمدىن ئالغا چامداشنى ،مۇستەقىل ياشاشنى ئۆگىتىغان ياخشى جاي .
   

3. ھوقوق دىمەك ــ مەسئۇلىيەت دىمەكتۇر

          قەيسەر مىجىت تۇتقان خىزمەت باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ھوقوق بولغىنى بىلەن ، ئۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ مەسئۇلىيەت ، ئۇ بىجىرگەن ئىشلار باشقىلار ئۈچۈن كۆزگە چېلىقمايدىغان ئىشلار . ئەمما قەيسەر ئۈچۈن بىر مۇشەققەتلىك جەڭ ھېسابلىناتتى .
        ۋاقىت ھەممە كىشىگە ئوخشاش ،ئەمما ھەركىمنىڭ ۋاقىتتىن پايدىلنىشى ئوخشىمايدۇ . ئۇ بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا مۇنداق بىر نەچچە ئىشنى ئورۇنلىدى : دەرستە ئىزچىل تۈردە ئەلاچىلىقنى قولدىن بەرمىدى ،ئالتە قېتىم بىرىنجى دەرىجىلىك ،ئىككى قېتىم ئىككىنجى دەرىجىلىك خەلق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ،ئىككى قېتىم رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . ئىككى قېتىم شىنجاڭ ئونۋېرستىتى بويىچە «3تە ياخشى ئوقۇغۇچى » .بىر قېتىم «3تە ياخشى » ئوقۇغۇچىلار ئۈلگىسى بولۇپ باھالاندى .
       1992-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ كومتىتى ۋە ئىتتىپاق كومتىتى تەرىپىدىن «ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە مۇنەۋۋەر 3 تە ياخشى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ئۈلگىسى » بولۇپ باھالاندى ۋە مۇكاپاتلاندى . ئۇ بۇ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشتىن سىرت يەنە مەكتەپنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشتى . 1989-يىلى فاكۇلتىت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقسىدە بىرىنجىلىككە ئېرىشىپ مۇكاپاتلاندى .1991-يىلى مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ئەخلاقى» نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقسىدە ئىككىنجىلىككە ئېرىشتى .بىر نەچچە قېتىم فاكۇلتىت ۋە مەكتەپ بويىچە ئۆگۈنۈش تەجىربىسىنى سۆزلەپ بېرىپ ،ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىدى . ئۇنىڭ بۇنداق پائالىيەتچانلىق روھى ،تېرىشچانلىقى ،شۇنداقلا تەرتىپلىك ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشى ،ئۈلگىلىك ھەركەتلىرى ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلارنى قايىل قىلدى .
      1990-يىلى 9-ئايدا قەيسەر مىجىت فاكۇلتىت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۆگىنىش بۆلىمىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن ،خەنزۇتىلىدا نۇتۇق سۆزلەش ،كىتاب ئوقۇشتىن تەسىرات سۆزلەش ، ئۆگۈنۈش تەجىربىسىنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇردى .مانا بۇلار مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەت مەزمۇنىنى بېيىتتى ،ئۇ يېڭى -يېڭى شەكىلدىكى خىلمۇ خىل پائالىيەتلەر بىلەن مەكتەپنىڭ كەيپياتىنى جانلاندۇردى .
ئۇنىڭ ئىجتىمائىي خىزمەتلەردىكى مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۆرگەن  مۇناسىۋەتلىك يولداشلار ۋە ساۋاقداشلار 1991-يىلى 9-ئايغا كەلگەندە ئۇنىڭغا قوش ۋەزىپە يۈكلىدى .ئۇ ھەم ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتىتى شۆبە ئىتتىپاق كومتىتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ھەم مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ئۆگۈنۈش بۆلىمىنىڭ باشلىقى بولدى .
    ئۇنىڭدىكى غايە ،تېرىشچانلىق ھامان ئۇنى كېچىلەپ باش قاتۇرۇشقا ،مىللى ئوقۇغۇچىلاردىكى روھىي زەئىپلىكلەرنى قانداق تۈگىتىش ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشقا ئۈندەيتتى .
بىز 1991-يىلى 9-ئايدا ئونۋىرىستىتقا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئىدۇق .شۇ چاغدا ئۇ مەكتەپ بويىچە يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا بىر چوڭ يىغىن ئېچىپ مۇنداق دىگەن ئىدى :
ــ ساۋاقداشلار ، بىز تەڭرىتېغىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تاللىنىپ كەلگەن ،مۇشۇ يەردە ئولتۇرالىغانلىرىمىزلا ئونۋېرستىتقا تاللىنالىدۇق . بۇ بىز ئۈچۈن زور شەرەپ ، بىراق بۇ شەرەپنى بەش يىلغىچە ياستۇق قىلىپ قويۇۋالماسلىقىمىز ،ئەكىسچە شارائىتىمىزنى ئۆزىمىز ھازىرلاپ ،تېرىشىپ ئۆگىنىشىمىز كېرەك !بىلىمىز ،ھازىر جەمئىيەتتە داشۆ توغىرسىدا خىلمۇ خىل ئىغۋالار تارقىلىپ يۈرمەكتە ،بۇلارنى ئىنكار قىلالمايمىز .چۈنكى ھەقىقەتەن شۇنداق ئەھۋاللار بار . ئەمما بىز بۇ ئىغۋالارغا خاتىمە بېرەيلى ،بىز يېڭى ئوقۇغۇچىلار ، يەنى مۇشۇ زالدا ئولتۇرغا قارا كۆزلەر ،سىلەردىن باشلاپ ئەھۋاللارنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ... ئادەم قانچا گاداي ،قانچە كەمبەغەل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ساغلام غايە بىلەن سۇغرىلسىلا ،چوقۇم گادايلىق ، كەمبەغەللىك باش ئىگىدۇ ... بىز مىللى ئوقۇغۇچىلاردىكى ئۆگىنىشتىكى  بوشاڭلىقلارمۇ مۇستەھكەن ئىرادە ئالدىدا چوقۇم باش ئىگىدۇ ... ·
ئۇ ئاخىرىدا مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلى تونۇشتۇردى . مەكتەپتە قانچە فاكۇلتىت بارلىقىنى ۋە قانچە بۆلۈم بارلىقى قانداق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلى توختالدى . شۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ يېشىغا ماس بولمىغان تەمكىنلىكى ، باشقۇرۇش جەھەتتىكى تالانتى بىلەن بىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بىردىنبىر ئوقۇغۇچى كادىر ئىدى .
    ئۇ ئۆز زىممىسىدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلگەن كۈنىدىن باشلاپ ھەر جەھەتتە ئەستايىدىل بولدى . بىر ئىشنى قىلغان ئىكەن ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ياخشى چىقىرىش ئۇنىڭ خاراكتىرىگە سىڭىپ كەتكەن مىجەز  ئىدى .ئۇ ئىشنى ئالدى بىلەن فاكۇلتىتتىكى خىزمەتلىرىگە قارىتا جانلىق كۈچلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن باشلىدى . زىھنىنى ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ خىزمىتىگە قاراتتى .
      ئوتتا كۆيمىگەن ئادەم ئوتنىڭ ئازابىنى بىلمەيدۇ . شۇنىڭدەك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ باقمىغان ئادەم ئۇنىڭ نەقەدەر مۈشكۈللۈكىنى ھىس قىلىپ يىتەلىشى ناتايىن .
    قەيسەر ئىسمى جىسمىغا لايىق قەيسەرلىك بىلەن ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ خىزمىتىنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىدى . ئۇ ھەر يىلى قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپتىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ، ئۆگىنىش تەجىرىبىسىنى سۆزلەش پائالىيتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى . ئۇنىڭدىن باشقا ئىلان تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق خىزمەت ئىشلىگەن بىرىنجى مەۋسۇمدىلا ئېنگىلىز ، رۇس ، ياپون تىللىرىدىن بەش كۇرۇس ئاچتى .سىنىپ يىتىشمىگەندە ئۆزى سىنىپ تېپىپ ،كۇرۇسلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۆزى ئالاقىلشىپ تەكلىپ قىلدى . ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاشتىن تارتىپ تاكى ئوقۇش تاماملانغۇچە باشتىن -ئاخىرى ئۆزى مەسئۇل بولدى .
    قەيسەر ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى ئىشلەش مۈشكۈل بولغىنى بىلەن كۆڭۈللۈك ئىش ،ۋاقىت ئىشىلتىشنى ئۆگنىدىغان پۇرسەت ئىدى . ئۇ بۇ جەرياندا ئۆزى سۇئال تەييارلاپ ،فاكۇلتىتلار ئارا تۆت قېتىم ئونۋېرسال زېھىن سىناش مۇسابىقسى ئۆتكۈزدى . چەت ئەللىك ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ، ئېنگىلىز، روس ، ياپۇن تىللىرىدىن نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىللىرىنى ئۆتكۈزدى . پائالىيەتلەرنى ئىلاندىن تارتىپ تاكى رىياسەتچىلىككىچە ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىدى . كېيىنچە ئۇنىڭغا فاكۇلتىت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسى يۈكلەندى . ئۇ بىر تەرەپتىن ،قوش ئىجتىمائىي خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقسا ،يەنە بىر تەرەپتىن ، ئوقۇغۇچىلارغا پايدىلىق ھەرخىل سۇرۇنلارنى ،كۇرۇسلارنى ئورۇنلاشتۇردى . يېڭى خىزمەت ئۈستىدە توختىماي باش قاتۇردى ،ئۇ تۇنجى بولۇپ شىنجاڭ ئونۋېرستىتىدا ھەپتىدە بىر ئېنگىلىز تىلى سۆزلىشىش سورۇنى ئۇيۇستۇردى . ئۇ تۇنجى بولۇپ جەمئىيەتنىڭ نۆۋەتتە ئىقتىساسلىق خادىملارغا بولغان تەلىپىنى كۆزدە تۇتۇپ ، داڭلىق ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىپ ،ئىلىكترونلۇق مىڭە تېخنىكىسى بويىچە تېز يىتىشتۈرۈش كۈرسى ئۇيۇشتۇردى .بۇنىڭ نەتىجىسىدە شىنجاڭ ئونۋېرستىتىدا بىر نەچچە كەسىپتە ئىلغار ئوقۇغۇچىلار يىتىشىپ چىقتى . بۇنى كىچىك نەتىجە دىگىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە .

   4.قەيسەر مۇئەللىم

ــ قەيسەر مۇئاللىم !
     بۇ ئىسىمنى ئۇ تۇنجى قېتىم ئاڭلىغاندا ئەلۋەتتە ھاياجانلانلانماي قالمىدى .چۈنكى ئۇ تېخى ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ئىدى ، ئۇ ئەمدىلا 21يشنىڭ قارىسىنى ئالغان ، بۇرۇتى ئەمدىلا خەت تارتقان ياش ئەمەسمىدى !بۇ ئىسىمنىڭ ئۇنىڭ ئاكىسى ،ئاچىسى دىمەتلىك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ كىشىلەر ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ . يەنە كىلىپ ئۇ ئۇنۋېرستىت ئوقۇغۇچىللىرنىڭ ئېنگىلىزتىلى دەرسىنى ئۆتىدىغان مۇئەللىم .
ئۇ ئونۋېرستىتقا كىرگەندىنن كېيىن خەنزۇچە ئاساسىنى بىر ئاز ياخشىلىۋالغاندىن كېيىن ،ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىشكە باشلىغان ئىدى .ئۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە كۆپ ئىلگىرلىدى .
    ئۇ مۇنداق بىر ئىشنى دائىم ئەسلەيدۇ : بىر يازلىق تەتىلدە يۇرتىغا كىتىۋېتىپ ، بىر قونالغۇدا چەت ئەللىك بىر ساياھەتچى بىلەن بىر ئۇيغۇر سودىگەرنىڭ ئېنگىلىزتىلدا سودىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ .ئۇلارنىڭ گەپلىرىدىن قەيسەر پەقەت {money}  پۇل دىگەن سۆزنىلا ئۇقالايدۇ .بۇ ئىش قەيسەرگە قاتتىق تەسىر قىلىدۇ -دە ، ئېنگىلىزچىنى ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنشكە بەل باغلايدۇ .
تىل ئۈگۈنۈشتە تېرىشچانلىق بولمىسا بولمايدۇ ، ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن يۈك ئېغىر ، قىلىدىغان ئىشلىرى شۇنچە كۆپ شارائىتتىمۇ ئۇ تىل ئۈگۈنۈشنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى . ئەنە شۇنداق جاپالىق ئۈگۈنۈش نەتىجىسىدە دۆلەتلىك ئېنگىلىزتىلى 4-دەرىجىلىكلەر{CET-4}ئىمتاھانىدىن ۋە 6-دەرىجىلىكلەر ئىمتاھانىدىن {CET-6} يۇقرى نۇمۇر بىلەن ئۆتتى . ئۇ ئېنگىلىزتىلى ئاساسىنىڭ بىر قەدەر پۇختىلىقى ۋە ئېغىزتىلىنىڭ راۋانلىقىدەك ئالاھىدىلىكىگە ئىشەنچ قىلىپ ، 1992-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە بەش قارار باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر كۇرىسى ئېچىپ ، يۈزدىن ئارتۇق مىللى ئوقۇغۇچىنى تەربىيلەپ يىتىشتۈردى . بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە  {CET-4}دۆلەتلىك ئېنگىلىزتىلى 4-دەرىجىلىكلەر ئىمتاھانىغا قاتناشقان ھەمدە «ئېنگىلىزتىلىدىن دەسلەپكى ئاساس » كۇرۇسلىرىنى ئاچقانلارمۇ بار بولدى . ئۇلار ھازىر جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ تىل ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرماقتا ، قەيسەر يەنە ياپون تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلاپ ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ياپون تىلىدىن  دەسلەپكى ئاساسىقا ئىگە بولدى .ياپون تىلىدىن پايدىلىنىپ بەلگىلىك ئالاقىلشىش دەرىجىسىگە يەتتى ھەمدە بۇ يىل {1994-يىلى } يازلىق تەتىلدە ياپۇنىيە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى بىلەن بىرلىشىپ ئويۇشتۇرغان جۇڭگۇ -ياپونىيە ئوقۇغۇچىلار مەدەنيەت ئالماشتۇرۇش يازلىق لاگىرىغا قاتنىشىپ ، قوشۇمچە تەرجىمانلىق قىلدى .
شۇنداق ،ئۇ ھەم مۇئەللىم ، ھەم ئوقۇغۇچى .

    5. ئۇنى نېمىشقا سۆيىسەن !

ــ ئەخمەقمۇ سەن ئاداش ،كەچكىچە خىزمەت ،ئۆگىنىش ،دەرس ئۆتۈش بىلەن پالاقشىپلا يۈرىدىغان ئادەمنىڭ نەرىنى ياخشى كۆرىدىغانسەن ؟
  قىزلار ئۇنى ياخشى كۆرگەن قىز ئۈچۈن باش قاتۇرىدۇ . ئەمما ئۇنى سۆيگەن قىز ئۈنسىز ،يوشۇرۇن ھەسرەتلىرىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر ، قەيسەرچۇ ؟ ئۇنىڭدا ھىسيات يوقمۇ ؟ ياق ، ئۇنداق ئەمەس ، ئۇ ماشىنا ئادەم ئەمەس ، ئەكىسچە ئۇ يۈرىكىدىكى ئوتلۇق مۇھەببىتىنى مەكتەپنىڭ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىرىغا سەرپ قىلغان ئىرادىلىق قۇربان بەرگۈچى . ئۇنىڭ ئويلايدىغىنى : جەمئىيەت، ئاتا -ئانا ، كەلگۈسى ،شۇنداقلا ئۆز كەسپى .
       قەيسەر مىجىت ئەنە شۇنداق ئۆتكەللەرنى يەنى ھىسىياتىنى يەڭدى . ئەمما يالقۇنلۇق ، جەڭگىۋار شېئىرلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان يۈرەك تىۋىشىنى ئىپادىلىدى . ئۇ ھازىرغا قەدەر مەتبۇئاتلاردا 30دىن ئارتۇق شېئىر ،ماقالە ۋە نەسىرى ئەسەرلەرنى ئىلان قىلدى . ئۇنىڭ ئش-ئىزلىرى «
      شىنجاڭ ئونۋېرستىتى ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى خەۋرى» ژۇرنىلىدا تونۇشتۇرۇلدى .«ئاسىيا كىندىكى »گېزىتىدە سۈرەتلىق خەۋەر قىلىپ تونۇشتۇرۇلدى ، قەيسەرنىڭ ئۆتكۈر قەلىمى ئاستىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن «مەڭگۈلۈك ياشلق» نامىلىق چاتما ئەدەىي ئاخباراتى {«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1992-يىللىق 1- سانىدا ۋە 1994-يىللىق 4- سانىدا } ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ۋە جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى ، ئۇ شۇنچە قەيسەر ،شۇنچە تېرىشچان تۇرسا ، ئۇنى سۆيگەن قىزنى «ئەخمەق» دەپ ئەيىبلىمەڭلار !
     ھاياتقا مەسئۇلىيەت بىلەن نەزەر تاشلايدىغان ئادەم مۇھەببەتكىمۇ مەسئۇلىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ ،ھەقىقىي يىگىتلىك دىگەن مانا شۇ ،ھەقىقى يىگىتلەر سۆيۈشكە ئەرزىيدۇ .
   

6. ئاخىرقى تاللاش

ھەيۋەتلىك تاغلارنىڭ چوققىسى بولىدۇ ، بۇلدۇقلاپ ئېقىۋاتقان بۇلاق سۈيىنىڭ مەنبەسى بولىدۇ .يولنىڭ بېشى ۋە مەنزىلى بولىدۇ . ھاياتلىقنىڭ قانۇنىيەتلىك دوقمۇشلىرى تولا ،ھەر بىر دوقمۇش ئىنسان ئۈچۈن بىر سىناق ،قەيسەرنىڭ خاتىرىسىدە چاقناپ تۇرغان مۇنۇ مىسرالار ئۇنىڭغا دائىم ئىلھام ئاتا قلىدۇ :
  دوقمۇشلاردا كۈتمە ئەتەڭنى ،
  كارۋان بولۇپ ئۇزات بۈگۈننى .
  ياشلىق ئەمەس توختاپ قالغان سۇ ،
  ياشلىق تۇلپار ،چىڭ تۇت يۈگەننى !

ئۇ يۈگەننى قانداق تۇتۇشنى بىلىدۇ ، دوقمۇشلاردىن قانداق قايرىلىشنى بىلىدۇ ، ھازىرقى جەمئىيەتتە بىلىم ئىگىلىرى تاۋارلىشىۋاتىدۇ . كۆپ ساندىكى كىشىلەردە پۇل تېپىش ئىددىيسى كۈچلۈك .
قەيسەر نىمە ئۈچۈن ئاسپرانتلىقتا ئوقۇشنى تاللىۋالدى ؟ بۇ مەسىلە باشقىلار ئۈچۈن كۆرۈنۈشكا بەك ئاددىي ،لېكىن ئاسپرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن غەيرەت كېرەك .
  توغرا ، بەزىلەر بالدۇر ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ، ياخشى ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ ساندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ئاسپرانتلىقتا ئوقۇشنى خالىمايدۇ .چۈنكى ئۇلار پۇل تېپىشى ، توي قىلىپ ئائىلە قۇرۇشى كېرەك . ئەمما قەيسەر ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىلىم ئىگەللەش ،ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا ئشىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مۇھىم .
ئۇ تولۇق كۇرۇسنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ ئاسپرانلىققا ئۆتكەندىن كېيىن گۇاڭخۇا ئاسپرانتلار 2-دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ، ئۇ ئاسپرانتلىقتا ئوقۇۋېتىپ تۇرۇپمۇ ، يەنىلا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلاپ ئۇيۇشمىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ياردەملىشىپ ، خىزمەتلىرىنى قوللاپ ، تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كىلىۋاتىدۇ .
     ئۇ بۇ يىل 5- ئايدا مەكتەپ بويىچە ئاسپرانتلار ئىچىدە شىنجاڭ ئونۋېرستىتى ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك مەدەنيەت سارىيىنىڭ «ئىقتىساد سەھىپىسى» بويىچە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ھەققىدە ،ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى سۆزلەپ ، قەدەمنى ياخشى باشلاپ بەردى . شۇنداقلا بۇ يىل 5-ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز بويىچە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن چەت ئەل تىلى مۇسابىقسىنىڭ تەييارلىق ۋە رەسمىي ئىمتاھانلىرىدىن ئۆتۈپ،مۇكاپاتقا ئېرىشتى .ئۇ ھازىر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخخەسىس ، ئىقتقسادشۇناس ، مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پروففىسور باۋدۇنچۇەن ،ئىنايەتنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتىدۇ .
  ئۇنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا باسىدىغان يوللىرى ئۇزۇن ۋە جاپالىق ، بىز ئۇنىڭدا بارلىق قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۆتەلەيدىغان ئىشەنچ ،جاسارەت ،شۇنداقلا كۈچ - قۇۋۋەت بارلىقىغا ئىشىنىمىز . ئۇ ئۆزىنىڭ خەلقىنىڭ بىر ھەقىقى ئوغلى بولۇپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ . ئۇنىڭدىكى ئىتقاد مۇشۇنداق تۇغۇلغان . بۇ ئىتقاد ئۇنى چوقۇم مەنزىلگە يەتكۈزگۈسى .

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 16:29:40

خەتكۈچ

self يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 18:35:48

خەتكۈچ سالمىساقمۇ بولىدىغۇ ErkinQush ئەپەندىم ؟، تېمىغا قارىتا بىرەر ئوي پىكىر بولمىغاندىكىن نىمە قىلىمىز خەتكۈچ سىېلىپ ؟

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 18:44:09

مەن ئىزدىنىشقا يېڭى كىرگەندە، كونا ئەزالارنىڭ بەزى تېمىلارغا خەتكۈچ دەپ يېزىپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ بىر خىل يېقىملىق ھېس قىلغان ئىدىم. مۇنبەردە ئېلان قېلىنغان تېمىلارنى ئوقۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەندە مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ساقلاپ قويسىمۇ بولىدىكەن. كېيىن قولى بىكار بولۇپ كاللىسى ئارام تاپقاندا ئىنكاسلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئوقىماقچى بولغان تېمىسىنى ئاسانلا تېپىپ چىقىرىپ ئوقىيالايدىكەن، بۇمۇ يامان ئىش ئەمەس، يەنە تېخى سەمىمىيىتى بولمىغان قۇرۇق گەپلەرنى يازغاندىن خەتكۈچ تاشلاش كۆپ ئەھمىيەتلىك، خەتكۈچچىلەرنى بىئارام قىلمايلى!

مەنمۇ يۇقارقى بىرتوقام نەسىھەتلىرىم بىلەن بۇ تېمىغا خەتكۈچ تاشلىغان بولاي، بېشىنى ئازراق ئوقۇدۇم ئەھمىيىتى بار ماقالىدەك قىلىدۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 21:46:13

شەھلاغا تەشەككۈر

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 23:53:01

ئوجون نىماندا جېق تەشەككۈر بۇ:funk:

sardar8 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 00:35:04

تەشەككۈر

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 10:17:41

خەتكۈچ

pari87 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 07:36:00

قەيسەر مىجىت مۇئەللىمنىڭ يازمىلىرى مەندە شۇنداق چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى..بۇ ئاكىمىزغا شۇنداق قايىلمەن.بۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات مۇساپىسىغا زور نەتىجىلەرنى تىلەيمەن ....تېما يوللىغۇچىغىمۇ ،ئاپتۇرغىمۇ كۆپ تەشەككۈر.
بەت: [1]
: قەيسەر مىجىت شۇنداق ياش ئىدى