Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 11:18:04

ھامىلدار ئايالغا قانداق دورا ئىشلىتىمىز؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
  سىڭلىم ئىككىنچى بالىغا قوساق كۆتۈرگەن، 4ئايلىق بولاي دېدى. ھەپتە بولدى، يۆتەل توختىمايۋاتىدۇ. نەچچە كۈن بۇرۇن دوختۇرغا كۆرۈنگەندە، ئۆپكە يۇقۇملىنىپتۇ، ئىسسىقلىق قىلىپ ئارام ئالسۇن، دەپتىكەن. ھەپتىدىن بىرى ھىچ ياخشىلىنىش يوق، ئېغىرياغ بولغاچ يا دورا ئىچەلمەيدۇ، يۆتەلمۇ توختىمايدۇ. ئۆيدىكىلەر ئەنسىرەپ قالدۇق.
  ئىزدىنىشتىكى تىۋىپلار بىلەن مۇشۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا تەجىرىبىسى بار قېرىنداشلاردىن مەسلىھەت سوراپ تېما يوللۇشۇم. قورساقتىكى بالىغا تەسىر قىلمايدىغان، ھەم ئۆپكىنىڭ يۇقۇمىغا شىپا بولۇپ، يۆتەلنى توختاتقىلى بولىدىغان ئۈنۈملۈك داۋا ئۇسۇلى بارمىدۇ؟

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 16:53:10

ئۇيغۇر تىبابىتىدە بادامدىن ياسالغان 'لوئوقى بادام' دەيدىغان بىر دورا بار ئىكەن، يۆتەلنى بېسش ئۈنۈمى خېلى ياخشى، ئىشلىتىپ باقساڭلار بولىدۇ.
ئەگەر ياللۇغ بار دەپ قارالسا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مىقدارىنى كونترول قىلىپ پىنسىلىن(چىڭمىيسۇ) ئۇرۇشقىمۇ بولىدىكەن، مەخسۇس دوختۇرخانىغا كۆرسىتىپ شۇ يەردە ئۇرغۇزساڭلار بولىدۇ. ئالدىنقى 3 ئايدا دورىنىڭ ھامىلىگە تەسىرى چوڭ بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ، ھەقىقەتەن 3 ئايدىن ئاشقان بولسا ھەم زۆرۈرىيتى بولسا ئۇرغۇزماي بولمايدۇ،ئەگەشمە كېسەللىك قوزغىلىپ قالسا ياخشى ئەمەس.

2828288 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 18:46:00

ئەڭ ياخشىسى دورا ئوكۇل ئىشلەتمەڭلار. قۇربانلىق قوينىڭ گۆشى تۈگىدىما؟ بولمىسا بازاردىن تۆشنىڭ ئۇستىخانلىق گۆشىدىن ئەپكىلىپ، قازانغا سېلىپ ،شورپىسىغا ئازراق سەۋزە(ۋىتامىن س بار)، جىقراق چامغۇر(ئۆپكىنى تازىلايدۇ.)، 5چىش سامساق،چانالغان قىزىل پەمىدور سېلىپ قاينىتڭ. ئاناىن يېرىم چىنە گۈرۈچنى يۇيۇپ سىلىۋىتىپ ئاستا ئوتتا قايناتسا قۇۋەتلىك شوۋۇگۇرۇچ تەييار بولىدۇ. شۇنى ئىككى ۋاق ئىچسۇن. ئاندىن قوينىڭ يېغىنى قىزىتىپ كاناينى سىرتىدىن مايلاپ يوتقاننى چىڭ پۈركەپ يىتىپ ئارام ئالسا ساقييىدۇ.

2828288 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 18:49:40

بەدەن ئاجىزلىقتىن بولىۋاتقان ئالامەتلەر. ئاياللار ئېغىر ئاياق مەزگىلدە بەدەندىكى قۇۋۋەتنى ھامىلە تارتىۋلغاچ بەدەن ئىنتايىن ئاجىز ھالەتتە بولىدۇ.شۇڭا زۇكام بولسىمۇ مۇشۇنداق ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان گەپ.
ماۋۇ غۇلجا تەرەپتە بولغان بولسىڭىز  ياللۇغ قايتۇرىدىغان تىبابەت دورىسىدىن ئازراق بىرەتتىمكەن. ئاز مىقداردا ئىچسە بالىغا تەسىر قىلمايتى.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 19:40:03

سەبىر قىلسۇن، سەل ئالدراپ قالساڭلار ئوبدانراق تىۋىپقا بارساڭلار، دورا قىپ بېرىدۇ، ئايالىممۇ بىر ئايدەك قىينىلىپ ئوڭشالغان.
مۇنبەردىكى بىرزات ھەكىمنى ئىزدىسىڭىز شۇ كىشىدە دورىلىق ھەسەل بار، ئەكەلدۈرۈپ ھەر يۆتىلىپ كەتكەندە بىر قوشۇق ئىچىۋالسا ھۆتەلنى شۇ زامات باسىدۇ، ئۆزىنى ئىسسىق ساقلىسۇن

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 19:52:29

مەنمۇ شۇنداق بولغان، ئەمىلىيەتتە ھامىلىگە زىيان قىلمايدىغان دورا ئۇكۈللىرى بار، لېكىن شۇ ئادەم قوقىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر ئۇيغۇر تىبابىتى سۆزلەنگەن كىتاپتىن بەزى ئاماللارنى كۆرۈپ ئىشلەتكەن ئىدىم، ئارىسىدا مەنپەت قىلغىنى، ھەسەل سۈيىگە ھەم قارا گۆشنىڭ شورپىسىغا مايسىز توقاچنىڭ ئۇلداپ پىشقىنىدىن چىلاپ يېيىش، شورپىغا قارمۇچ سېلىپ ئىچىش دىگەندەكلىرى ئىدى. ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى ئىشلار بولغاچقا ئېسىمدە تازا قالماپتۇ، شۇنداق بولسىمۇ ئەھۋالى ماڭا ئوخشايدىكەن دەپ قويغۇم كەلدى، ئىش قېلىپ شورپىنىڭ مايلىق يېرىگە كەينى كۆيگەن توقاچنى چىلاپ يەپ ساقايغان ئىدىم، ئەلۋەتتە شورپىغا قارمۇچ بىلەن چامغۇر سېلىنىدۇ.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 20:05:15

قېنى ماۋۇ تادۇبەگ بىلەن بىرزات ھەكىملەر{:92:}

alsu يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 20:09:51

لوئۇقى چىلغۇزە ، لوئۇقى بادام دېگەندەك دورىلارنى ئىشلىتىڭ.  ياكى بېرەر تېۋىپقا مەخسۇس رېتسىپ يازدۇرۇپ دورا قىلىڭ

qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 20:17:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qoldikibulah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-25 20:29  

سوغاق ئۆتكۈزىۋالغان بولسا دۈمبىسىدىن(ئۆپكىنىڭ ئۇدۇلىدىن) ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىڭىزلەر. زۇكام ئارىلاشقان بولسا شىپايى زۇكام جەۋھىرىدىن ئىچىپ بەرسۇن،بۇنىڭ ھامىلىگە تەسىرى يوق ئىكەن.  

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 20:21:09

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
ئەگەر يۆتەل بەلغەملىك بولسا ھەسەلگە لىموننى سىقىپ ياكى لىموننى نەچچە سائەت چىلاپ قويسا سۇيى چىقىدۇ شۇ ھەسەلنى ئىچسە بەلغەمنى بوشىتىدۇ،ھەسەلنىڭ ئۆزىنىمۇ سۇ قوشماي ئاغزىغا لىق تولدۇرۇپ يۇتىۋەتسە ئۆپكىدىكى ياللۇغقىمۇ پايدا قىلىدۇ ئىنشائاللاھ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 20:48:48

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 21:52 static/image/common/back.gif
مەنمۇ شۇنداق بولغان، ئەمىلىيەتتە ھامىلىگە زىيان قىلما ...

ئەمدى سىزنىڭ يىشىڭىزنى بىلىۋالدۇق شەھلاخان.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 21:37:19

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 20:48 static/image/common/back.gif
ئەمدى سىزنىڭ يىشىڭىزنى بىلىۋالدۇق شەھلاخان.

يىشىم سىر ئەمەسقۇ، يەنە بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتىن كېيىن 39 غا كىرىمەن.

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 22:29:20

بۈگۈن مىللى شىپاخنىغا بېرىپتۇ. ئۇ يەردىكىلەرمۇ  ھازىر ھىچ ئىش قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ يولغا ساپتۇ:L

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 00:05:14

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 21:37:19 static/image/common/back.gif


يىشىم سىر ئەمەسقۇ، يەنە بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتىن ك
قىز_ئاياللارنىڭ يېشىنى سوراش ھەم دېيىشمۇ ئەدەبسىزلىك دەپ ئاڭلىمىغانما:lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 00:31:28

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-10-26 00:05 static/image/common/back.gif
قىز_ئاياللارنىڭ يېشىنى سوراش ھەم دېيىشمۇ ئەدەبسىزلىك  ...

يېشىم ئېچىلمايۋاتقان سىرلارنىڭ قاتارىدا ئىنسانىيەتكە يۈك بولۇپ قالمىسۇن دەپ دەپلىۋەتتىمۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 10:26:12

خۇدايىم بۇيرىسا ئوڭشىلىپ قالار

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 18:48:03

بىزنىڭ ئايال تۇققانلار ھامىلدار ۋاقىتلاردا يۆتەل بولۇپ قالسا سۇپۇپى سۇئال مۇرەككەپ تەييارلاپ بىرەتتىم. ئاسالىق تەركىبى: ئاقلانغان بادام مېغىزى، زېغىر، چۈچۈكبۇيا يېلتىزى... دېگەندەك تەركىبلەر بولۇپ نەپەس يوللىرىنى ياخشىلاپ ، بەلغەمنى بوشىتىپ يۆتەل توختىتىش دېگەندەك ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك. ھەم تېز ئۈنۈم بىرىدۇ ھەم ئەكىس تەسىرى يوق. بۇنى كىچىك بالىلار بىلەن ھامىلدار ئاياللاردىكى يۆتەل، نەپەس سېقىلىشلارغا ئىشلىتىپ ھازىرغىچە باشقا ئەكىس تەسىر كۆرمىدىم. تەمى تاتلىق، ئىچىشكە قولايلىق بولۇش ئالاھىدىلىكى بار.:lol
ئۇندىن باشقا ئىشەنچلىك ساپ ھەسەل ئىچىپ بەرسە، مەيدە (يەنى يۆتەلنىڭ چىقىش ئورنىنى مۆلچەرلەپ) ئۇدۇلىغا ھەسەل سۈركەپ بەرسىمۇ ئاز تولا ئۈنۈمى بولىدۇ. (بىزنىڭ دۇكاندا گۇدلاك دېگەن بىر قوشۇق يالاپ يەپ بەرسە يۆتەلگە ئۈنۈمىنى ھېس قىلالىغۇدەك ئېسىل ھەسەل بار، باشقا يەردىن ئىزدەپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ :lol ) پاقلان گۆشىدە ياكى باچكا كۆشىگە چامغۇرنى كۆپرەك سىلىپ شورپىسىنى ئۇزۇنراق قاينىتىپ ئىچكۈزۈپ بەرسىمۇ بولىدۇ. تاماققا ئىشلىتىدىغان مايلىرى چامغۇر ئۇرىقى مېيى، زەيتۇن مېيى، زېغىر مايلىرى بولسا بولىدۇ.
دورا ئىچىشكە مەيلى بولمىسا مەن تونۇشتۇرغان دورىنىمۇ ئىچمىسۇن، ئەھۋال بەك ئېغىر بولمىسا باشقا ئاددىي ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپمۇ ساقىيىپ كەتكىلى بولىدۇ.
زۇكام جەۋھىرى رېتسىپ تەركىبىدە خەشخاش پوستى بولىشى مومكىن، شۇڭا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق دوختۇرخانىدىكىلەر ھېچقانداق دورا بەرمەي يولغا سالغىنى شۇ سەۋەبلىك بولغان بولىشى مومكىن. ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن! پەرزەنتلەرنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن كېسەللىك ئازابىغا بەرداشلىق بىرىۋاتقان ھامىلدار ئاياللارغا ئالىي ئىھتىرام!:)
بەت: [1]
: ھامىلدار ئايالغا قانداق دورا ئىشلىتىمىز؟