horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 10:28:12

تۈركىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى مالىمانچىلىقنىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ قالما.....

شىنلاڭ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .جۇڭشىن تورىنىڭ 10-ئاينىڭ 24-كۈنى بەرگەن تېلېگراممىسىدا ،سۈرىيەدىكى توقۇنۇش ۋە زىددىيەتلەر ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا ،يەنە كېلىپ بۇ زىددىيەتلەر بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ ،ئىزچىل ئۆز پىكرىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان قوشنا دۆلەت تۈركىيە ھازىردىن باشلاپ پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ ،كۇردلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشقا باشلىدى دېيىلگەن .ئامېرىكا ‹نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ›نىڭ 23-چېسلا بەرگەن خەۋىرىدە ،تۈركىيىمۇ ئۆزىنىڭ كۇردلارغا بولغان پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشىگە مۇھتاج ،بىر ‹يېپيېڭى ›تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق قالايمىقانچىلىقنىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ قالماسلىقى كېرەك،دەل ئۇنىڭ ئەكسىنچە ئوتتۇرا شەرق قالايمىقانچىلىقىنى تۈگىتىشتىكى ئاساسلىق كۈچ بۇلىشى كېرەك ،تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ PKKنىڭ تىنچلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ،ھەمدە كۇردلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ ،يارىشىپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك دېيىلگەن .



ئىلگىرى ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ئابابا ئېبان قىزىقچىلىق قىلىپ :‹بىر دۆلەت ھەر قانداق بىر ۋەكىللىك قىلىش ئەندىزىسىنى ئىگىلەپ بولغاندا ،ئاندىن ئەڭ ئاقىلانە قارار چىقىرالايدۇ ›دېگەن .‹ئىسلام دۆلىتى ›قورشىۋالغان سۈرىيە مەسىلىسىگە نىسبەتەن تۈركىيە ئاخىرى ئاقىلانە بىر قارار چىقاردى ،تۈرلۈك سىناپ بېقىش ۋە ئويلىنىشلاردىن كېيىن تۈركىيە ئاخىرى بىر تەرەپتىلا تۇرۇش قارارىغا كېلىپ ،ھازىر قىلىشقا تېگىشلىك ياردەملەر ئۈچۈن قول سۇنىۋاتىدۇ ،يەنى كېبانى ئۈچۈن .



ئامېرىكا ۋە بىرلەشمە دۆلەتلەر ‹ئىلسام دۆلىتى ›گە قورال كۈچى ئىشلىتىپ زەربە بەرگەن ۋە ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان بولسىمۇ ،كېبانى يەنىلا ئۇلار تەرىپىدىن قورشىۋېلىندى .تۈركىيە تانكىلىرى بولسا نەچچە ئېنگىلىزمېلى يىراقلىقتىلا توختىتىلىپ قۇيۇلدى .شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا تۈركىيە نېمىشقا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇپ ،سۈنئىي مەزھىپىدىكى كۇردلارغا ياردەم بەرمەي ئەسەبىيلەشكەن دىن كۈچلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا قاراپ تۇرىدۇ دېگەن سوئال پەيدا بولۇشقا باشلىدى .بىراق تۈركىيە تەرەپتە تۇرۇپ قارايدىغان بولساق ، ئىشلار بىر قەدەر مۇرەككەپ .كېبانىنى مۇداپىئە قىلىش بولسا دېموكراتىك بىرلەشمىنىڭ ۋەزىپىسى، بۇ بىرلەشمە ئادەتتە قىسقارتىلىپ PYDدېيىلىدۇ ، )Democratic Union Party(PYDبولسا كۇردلاردىن تەشكىللەنگەن پارتىيە ،كۇرد لۇق ئىشچىلاردىن تۈزۈلگەن پارتىيە قىسقارتىلىپ )Kurdistan Workers Party(PKKدېيىلىدۇ .بۇ ئىككى پارتىيە ئوخشاش ئېدىئولوگىيگە ئىگە پارتىيىلەردۇر .ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئورتاق ھالدا PKKنى تېررورلۇق تەشكىللىگۈچى پارتىيە قىلىپ بېكىتىۋالدى .PKKبىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا 30 يىل بولغان بۇلۇپ ،بۇ جەرياندا 40 مىڭ ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان .شۇنىڭ تۈركىيىلىكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ،بۇ ئۇرۇش ھەرگىزمۇ قەھرىمان ۋە دۈشمەن ئوتتۇرسىدىكى جەڭ بولماستىن ،ئەكسىنچە ئىككى ئوخشىمىغان تېررورچى ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇش .تۈركىيە زۇڭتۇڭى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ بۇ خىل زىدىيەتكە بولغان پوزىتسىيىسى ئېنىق ،ئۇ پەقەت بىر قېتىملا ئىپادە بىلدۈرۈپ ‹ قالماستىن ،قايتا -قايتا تەكرارلاپ ئىسلاپ دۆلىتى ›بىلەن pkkۋە PYDلارنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق دېگەن . ئەمەلىيەتتە تۈركىيەنى دۈشمەن بىلەن دوستنى ئېنىق ئايرىيالمىدى دېيىش ئادىللىق بولمايدۇ .نېمىلا بولسۇن ، تۈركىيە يېقىندىن بۇيان كېبانىدىن يەنى سۈرىيەدىن ئېقىپ چىققان نۇرغۇن قىيىنچىلىقتا قالغان مۇساپىرنى ئۆز قوينىغا ئالدى .بۇ مۇساپىرلارنىڭ كۆپىنچىسى كۇردلار ،بۇنىڭدىن سىرىتمۇ بىر نەچچە يۈز مىڭلىغان سۈرىيەلىك تۈركىيىدە ئۆزىگە پاناھ جاي تېپىۋالدى .



ئىراقتىكى كۇرد ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى مەسئۇد بەرزانى يېقىندا ئىپادە بىلدۈرۈپ ،تۈركىيە ھازىرمۇ ئۇلارنى مەخپى قورال بىلەن تەمىنلەپ ،‹ئىسلام دۆلىتى ›گە زەربە بېرىشىگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ دېگەن .كېبانى مەسىلىسىگە كەلگەندە ،تۈركىيىنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى ئۇ جاينى كۇردلارنىڭ باشقۇرۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئەمەس ،بەلكى ئەنقەرەگە يوشۇرۇنۇپ ياتقان PKK بىلەن مۇناسۋىتى قۇيۇق بولغان كۇردلار پارتىيىسىنىڭ مەزكۇر شەھەرنى ئىگىلىۋالغانلىقىدا .بىراق ،ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى كېبانىغا يارەدم قىلسا توغرا بولاتتى دەپ قارىغۇچىلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ . تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىككى يىل ئالدىدىلا PKKبىلەن تىنچلىق تەرەققىياتى پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا دېيىشىپ بولغان ئىكەن .شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا مىلتىق ئاۋازى ئاڭلىنىپ باقمىغان ،شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ كۇردلار بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرسىدىكى مەسىلىنىڭ ھەل بۇلىشىغا بولغان ئىشەنچىسى ئېشىپ بارغان .



تۈركىيە بىلەن PKKئوتتۇرسىدىكى بۇ مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتى ئىزچىل مۇشۇنداق ئاستا بۇلۇپ كەلگەن ،بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئىككى تەرەپنىڭ بىر بىرىگە بولغان ئىشەنچىسى بەكلا كەمچىل .زۇڭتۇڭ ئەردوغان بىر قىسىم سۆز ھەرىكىتىدىن قارىغاندا ،ئۇ بۇ خىل تىنچلىق تەرەققىيات مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ سىياسى مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچىدەكمۇ ،مەسلەن ئەڭ ئاز بولغاندا يېڭى قانۇن تىكلەش قاتارلىقلار .بۇ ئىشلاردىن باشقا يەنە PKKئىلگىرى قوراللىق ئۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ ،قارشى تەرەپ قوشۇلمىسا پارتىلىتىش ،مال -مۈلكىگە زىيان سېلىپ ئۇرۇپ چېقىش قاتارلىق تەھدىت سېلىش خاراكتېرلىك خاتالىقلارنى سادىر قىلغان .ئەگەر تۈركىيە ھۆكۈمىتى باشقىچە ئۇسۇل ئارقىلىق ،نۇقتىلىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ ئىراقتىكى كۇردلارنىڭ تۈركىيىگە يېقىنلىشىشىغا قوشۇلۇپ ، كېبانىغا بولغان ياردەمنى كۆپەيتكەن بولسا ،كېبانى مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ ،ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىش مۇمكىن ئىدى ، بىراق تۈركىيىنىڭ بۇ قېتىم تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە يولغا قويغان سىياسەتلىرى يەرلىكتىكى كۇردلارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويدى . بۇ جەرياندا بىر قىسىم كىشىلەر تېررورلۇق خاراكتېرىدىكى بۇزغۇنچىلىق قىلمىشىغا قارشى تۇرغان بولسىمۇ ، يەنىلا قارشى تەرەپنىڭ زەربە بېرىشىگە ئۇچرىغان قوراللىق PKKپەرەسلەرنى بۇنداق قىلمىشى ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ.

بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،تۈركىيىمۇ سۈرىيەدىكى كۇردلارغا بولغان مەيدانىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك .ئالدى بىلەن ،تۈركىيە ئۆزىنى ئەسكەرتىشى كېرەككى ،ئوق دورىلار قانچىلىك يېتەرلىك بۇلۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر قوشنىسى سۈرىيە بىلەن ئىراقتىكى كۇردلارنىڭ ۋەزىيەتلىرى جىددىي بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ،كۇردلار يەنىلا ئەنقەرە شەھىرىنىڭ يېقىن دوستى.كېيىنكى قەدەمدە ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى باشار ئەسئەدنىڭ مەمۇرىي ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ سۈرىيەدىكى زىددىيەتنىڭ نېگىزى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك .‹ئىسلام دۆلىتى ›باشار ئەسئەدنىڭ مەمۇرىي ھوقۇققا ئېرىشىشىدىكى بىر كېسەللىك ئالامىتى خالاس ،بىراق بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتى جاننى ئالغۇچى ئەزرائىلغىمۇ ئوخشاپ قالىدۇ ، ئۇ ئالدى بىلەن تۈركىيىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدۇ ،ۋە دۆلەتنىڭ تىنىچ مۇقىملىقىنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى سەۋەپلەرنى كۈنسايىن كۆپەيتىۋېتىدۇ .تۈركىيە زۇڭلىسى ئەخمەتمۇ تىرىشىپ دۆلەت ئىچىدىكى مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك . نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى دىنى مەزھەپلەر ،سىياسەت ،ۋە ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى بۆلۈنۈش مەسىلىسى ئېغىر ،شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىنىڭ تىنىچ ئاسايىشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇھتاج .بۇ خىل جىددىي ۋەزىيەتتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ گۈزەل تىللار بىلەن ،ئەڭ ياخشى پوزىتسىيە بىلەن تەنقىدنى قۇبۇل قىلىپ ،تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىشى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىدىكى ئاچقۇچ .ئەپسۇسلىنارلىقى يېقىنقى مەزگىللەردە ھەر خىل نامايىشلار كۆپەيگەندىن كېيىن ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى قانۇن سىياسەتلەر ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ قارشى پىكىردىكىلەرگە زەربە بەرگەن .



بىر يېپيېڭى تۈركىيە ھەرگىزمۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى مالىمانچىلىقنىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ قالماسلىقى كېرەك ،بەلكى بىر تازىلىغۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك .

مەنبە : لەگلەك تورى

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 16:28:42

كىمنىڭ ماقالىسىكەن بۇ ؟

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 16:45:20

شۇنداق قىلىپ تۈركىيە ئاخىرى ھۆل خىشقا دەسسىگەن بولدىما باللا

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 17:46:12

كېبانى ئەمەس كوبانى

diktatur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 22:53:53

بىر چاغلاردا ئەردوغان ياشىسۇن دەپ شوئار توۋلىغان ئىدۇق ئىسىڭلىدە بارمۇ ؟

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 23:03:46

بىر ماقالە تەييارلاۋاتىمەن. مەزمۇنى ئوخشايدىكەن؟!

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 23:33:36

تۈركىيە بىلەن كوردلار نىڭ مۇناسىۋىتى تۈركىيە ئۈچۇن زىمىن مەسلىسىدىن دېرەك بىرىدۇ. 30 يىللىق ئۇششاق ئۇرۇش، 40مىڭ ئادەمنىڭ جېنى ئاز نەرسە ئەمەس. ھېلىمۇ تۈركىيە نەچچە مىليون سۇرىيەلىك مۇساپىرلارنى قۇبۇل قىلىپ بېقىۋاتىدۇ، ئوتتۇرا شەرقتە بۇنداق كۆپ مۇساپىر قۇبۇل قىلغان باشقا دۆلەت يوققۇ دەيمەن.
تۈركىيەنىڭ چىگرادا تانكىلىرىنى تىكلەپ قاراپ تۇرۇشى ئەڭ مۇۋاپىق.
ئەگەر تۈركىيە تانكىلىرى كوبانىغا كىرسە، ئۇ ۋاقىتتا تۈركىيە ئەسكەرلىرى كىم بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ؟ سۇرىيە كوردلىرى بىلەنمۇ ياكى ئىسلام دۆلىتى بىلەنمۇ؟ بۇ ئىنتايىن قاملاشمىغان ئەھۋال. كوبانىدىكى كۇرد قوراللىق كۈچلىرى تۈركىيەنى زىمىنىدا قوراللىق كۆرۇشنى خالىمايدۇ.
تۈركىيە كۇردلارغا قورال-ياراق ياردەم بەرسىچۇ؟ كۇردلار ئىراقتا ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت بولدى دىيىشكە بۇلىدۇ، قوراللىق كۈچلىرى بار، تۈركىيە چىگراسى ئىچىدە تۈركىيە تىرورچى ئاتاۋاتقان كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىق تەشكىلاتى بار. ەمدى كىلىپ سۈرىيەدىكى قالايمىقانچىلىقتا سۈرىيە كۇردلىرى  قوراللاندى ھەمدە بۇگۈنكى كۈندە ئىسلام دۆلىتى كۈچلىرى بىلەن ئۇرۇشۇۋاتىدۇ، بۇ كۇردلارغا ياردەم بىرىپ كۈچلەندۇرۇپ قويسا، ئۇرۇش تۇگىگەندىن كىيىن ئۇلار ھەرگىزمۇ قورالنى قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. ئۈچ تەرەپ كۇردلار قوراللىك كۈچلىرى تېخىمۇ ئىلگىرلەپ كۇرد دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۇن بىرلىشىدۇ. قوراللىق بىر ئىش قىلمىغان تەقدىردىمۇ بېلەت تاشلاش يەنە قانداق بىر نەرسىلەرنى كۆتۇرۇپ چىقىدۇ، بۇنى قورال كۈچى بىلەن بېسىم قىلىپ ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچەيدۇ، دىمەك كۇردلارغا ياردەم قىلىش تۈركىيە ئۇچۇن تېخىمۇ زور خەتەر ئېلىپ كىلىدۇ.
غەربنىڭ مەقسىتى ئىسلام دۆلىتى كۈچلىرىنى يوقىتىش، ئۇلار تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك نىشانىغا كۆڭۈل بۇلۇپ كەتمەيدۇ، تىرورچى تەشكىلاتنى يوقاتسىلا ئىش تۇگەيدۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار قوراللاندۇرۇپ قويغان كۇردلارنىڭ كىيىن نىمە قىلىدىغانلىقىغا ئىرەنشىمەيدۇ.
شۇ تۈپەيلى تۈركىيە ئارلاشمايدۇ. كۇردلارمۇ تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى رايۇنىغا قوراللىق كىرىپ كىلىشىنى قارشى ئالمايدۇ. تۈركىيەدىكى كۇردلارنىڭ غەزەبلىنىپ كىتىشىنىڭ سەۋەبى تۈركىيەنىڭ كۇردلانى سۈرىيەگە كىرىپ باشقا كۇردلارغا ياردەم بىرىشگە يول قويمىغانلىقى خالاس، ھەرگىزمۇ تۈركىيەنىڭ قاراپ تۇرغانلىقى ئۈچۇن ئەمەس.
كۇردلار پۇرسەتپەرەسلىك قىلىۋاتىدۇ،، ئۇلار غەربنىڭ ئىسلام دۆلىتى كۈچلىرىنى مەغلۇپ قىلىدىغان كوزىرىغا ئايلىنىش ئالدىدىكى شۇ پۇرسەتتە، غەرب بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى ئەھۋالدىن پايدىلىنىپ تۈركىيەگە بېسىم قىلىپ كۇردلار زىمىنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قۇلىغا ئالماقچى. كۇردلار ئۆزى  ئۆچمەنلىك قىلىدىغان تۈركىيەنىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلمىغانلىقىغا (قورال-ياراغ، ئادەم كۈچىنى چىگرادىن سۈرىيەگە كىرىشكە يول قويمىغانلىقىغان) غەۋغا قىلىش بىر ئاز كۈلكىلىك.
ئىشقىلىپ تۈركىيە سەل ئوسال ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى، كۇردلارغا تەلەي كىلىۋاتىدۇ، غەربنىڭ نەزىرىدە تىرورلۇققا قارشى قەھرىمان بۇلىۋاتىدۇ. زامان ئاجايىپ تىز ئۆزگىرەيدۇ جۇمۇ.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 10:43:10

تۈركىيە ئۆزىنى ھەرقانچە تاتسىمۇ زادى مەجبۇر بوپقالىدىغان ئوخشايدۇ بۇ مالىمانچىلىققا ئارلىشىشقا .

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 11:23:19

تۈركىيەنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولسا كۇردلارنى مۇستەقىل قىلىشتۇر. گەرچە تۈركىيەدىكى كۇردلار ئاللىقاچان خېلى كۆپ ئاپتونومىيە ھوقوقۇدىن بەھىرمان بولغان بولسىمۇ،،دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتسىز مىللەت بولغان كۇردلار مۇستەقىللىق داۋاسىدىن توختايدىغاندەك ئەمەس،ئەرەب ئېمپىريىسى،ئوسمانيلار بېسىپ ياتقاندا ئاسسىملاتسىيە بولمىغان مىللەت،ئىراق ئۇرۇشىدىن پايدىلنىپ دۇنياغا تۇنۇلدى.
ئەگەر تۈركىيە ئۇلارغا مۇسيەقىللىق بەرمىسە،ھازىرقى ئەھۋالدا ئىراقنىڭ شىمالىدا ئاللىقاچان دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت شەكىللىنىپ كۇردلار مەركىزى ھۆكمەتكە بويسۇنماس بولدى، بۇ پۇرسەتتە تۈركىيە كۇردلىرى چۇقۇم ئىراق كۇردىستانى بىلەن ئىچ قويۇن تاش قويۇن بۇلۇپ تۈركىيەدىكى مەڭگۈلۈك ئۆسمە گۈش بۇلۇپ قېلىش ئېھتىماللىىقى بەك چوڭ،،،

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 11:40:24

كۇردلار ماكانىنى بېسىپ يېتىپ يا كۇردلارغا ياخشى بۇلامماي يا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرەممەي، ئوتتۇرا شەرىق مۇسۇلمان ئەللىرگە تۈركلەنىڭ باش بۇلۇشىغا ئەرەبلەر قۇشۇلماي،تۈركلەر ئورتاق گەۋدىسىگە روسلار بىلەن جۇڭگو ھەيۋە كۆرسۈتۈپ  يۈرگەندىن كۆرە، كۇردلاغا مۇستەقىلىق بىرىپ،ئىراق ۋە سۈرىيە كۇردلىرىنىڭ مۇستەقىل بۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، ياخشى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئەرزان نېفىتى بىلەن ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزغاچ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىركەتسە،،كۇردلارغا يامان بۇلۇپ، چېگىردا تۇقۇنۇش بولغاندىن، كۆرە ئوتتۇرا شەرىقنىڭ دېموكراتىيە ئۈلگىسى بولغان ياخشى.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

gherip928 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 11:51:16

ئۇنى-بۇنى دەپ تۈركىيەنى يۆل خىشقا دەسسەتمەكچىغۇ ئاخىر....

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 17:55:06

دۆلەت ۋە مىللەت مەنپەئىتى............

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 18:59:43

diktatur يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 22:53 static/image/common/back.gif
بىر چاغلاردا ئەردوغان ياشىسۇن دەپ شوئار توۋلىغان ئىدۇ ...

شۇنداق.

hutantawakkul يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 19:04:16

ئۇياققا ماڭسا ئات ئۈلىدۇ،  بۇياققا ماڭسا چاق سۇنىدۇ .

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 20:12:04

   تۈركىيەدەك ئوتتۇرا شەرىقتىكى بىردىنبىر دېموكراتىك تۈزۈمدىكى دۆلەت بولغاچقا سىياسەت بەلگىلەش ۋە بەزى  نازۇك قارارلارنى چىقىرىشى ئۇنداق ئاسان بولمايدۇ . ئەردوغان بىر نەچچە قېتىم چىقارغان قارارى قارشىلىققا ئۇچرىغاندا خەلققە ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق قانۇنى ئاساس تۇرغۇزغان . تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ كوبانى مەسىلىسىدە تۈركىيەنى ئەسكەر كىرگۈشكە قىستىشى پۈتۈنلەي سىياسى مەنپەئەت ئۈچۈن بولۇپ بۇنىڭ تۈركىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە قىلچە پايدىسى يوق . ئەردوغاننىڭ خەلىپە دۆلىتىگە قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسى ھازىرغىچە توغرا بولۇپ كەلدى شۇڭا خەلىپە دۆلىتى ئەسىر ئالغان دېپلوماتلىرىنى ساق سالامەت قايتۇرۇپ كېلەلىدى . مەيلى ئۇ خەلىپە دۆلىتى بىلەن ئاستىرتتىن قانداق سودا قىلسۇن تۈركىيە ۋەتەنداشلىرىنىڭ ھاياتىنى قوغدىيالىدى . شۇڭا ھازىرغىچە كورتلار بىلەن خەلىپە دۆلىتىنىڭ توقۇنىشىغا ئارلاشماي جىم تۇرىۋىلىشىمۇ كېيىنكى يوشۇرۇن تەھدىتلەرنى بىر تەرەپ قىلىششتا توغرا يول بولىشى مۇمكىن .
بەت: [1] 2
: تۈركىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى مالىمانچىلىقنىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ قالما.....