138818482 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 09:26:21

بوۋىقىمغا نىمە بولغاندۇ؟

            سالام  تورداشلار،    بوۋىقىم ھازىر 8ئايلىق بولدى،تۇغۇلۇپ ئىككى ئايدىن كىيىنلا سۇت تالقىنى بېلەن باققان، 5 -ئايدىن  باشلاپ تاماقلارنى قۇشۇمچە قىلىپ بەرگەن، تاماقنىمۇ، سۇت تالقىنىنىمۇ خېلى ياخشى يەيتى ھازىرسۇتنى پەقەتلا ئىشمەيدىغان، تامىقىمۇ بەك ئازلاپ كەتتى. خەنزۇچە تورلاردا 'بالىنىڭ شۇنداق بىر مەزگىلى بولىدۇ كارىڭلار بولمىسۇن ياكى سىنىك تۇلۇقلىسا بولىدۇ ؛ زادى قانداق قىلسام بولىدۇ؟ مۇشۇنداق ئىشنى باشتىن ئۆتكۇزگەنلەر تەجىربەڭلارنى سۆزلەپ بەرسەڭلەر بوپتىكەن. بالا تاماق يىمىسە ئانا بەك قىينىلىپ كېتىدىكەن.

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 10:10:00

ھەقىقەتەن ئاشۇنداق بىر مەزگىلى بولىدىكەن، تاماق يېمەيدىغان،    لېكىن ئادەمنىڭ ئىچى بەك سىرىلىپ كېتىدىكەن:'(

مېنىڭ بالاممۇ 25 كۈنلۈك بولدى، يىغلىسا بەك ئىچىم ئاغرىپ كېتىدۇ .


ھە راست ئانىسىنىڭ كۆكسى ئاغرىپ كەتسە قانداق ياخشى ئامال بار ؟ بىلىدىغانلار مەسلىھەت بېرىڭلار{:90:}

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 10:11:43

قۇسقىىنى بىرەر سائەت ئاچۇرۇپ ئاندىن تاماق بىرىڭ....بىنا ئۆيدە بىقىۋاتقان  بولساڭلا يىزىدىكى تۇققانىلارنىڭ ئۆيىدە بىرە ئاي بېقىڭلار.دىمەكچى ھاۋا يەپ كەلسۇن.ئۇمۇمكىن بولمىسا داۋۇ دەخلىك بار يەردە كيىمنى قېلىنراق كەيدۈرۈپ بىر ھەپتە،كۈندە سىرىتلاردا بىرەر سائەت  كۈتۈرۈپ يۈرۈڭلار... تازا ئاپتاپ چىققان كۈنى  كىپەزلىككە ئاچىقىپ ،غالىتنكىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قۇيۇپ كىپەز تەرگەچ بالا بىلەن تەڭ ۋاقىرىشىپ بەرسىڭىزغۇ بەك ياخشى بولىتى..بۇ 8 ئايلىق بۇۋاقلار ۋاقىراشقا ، ئۆزىگە ئۆزى بىرنىمىلەرنى دەپ گەپ قىلىشقا بەك ئۇستا كىلدىكەن.گەرچە ھېچقانداق گەپ قىلالاي ۋارقىراشنىلا بىلسىمۇ.. شۇ ۋاقىراشلىرىغا تەڭ ھە ھۇ دىيىشپ بەرسىڭىز بىر چاغدا  ھارىدۇ .ئۆزى ئۇخلاپ قالغىچە شۇنداق ھەمرا بولۇڭ ھەرگىز زورلاپ ئۇخلاتماڭ.تازا ئۇسسايدۇ، قۇرساق ئاچىدۇ...شۇ چاغدا ئۆزى ياقتۇرۇپ يەيدىغان تامىقىنى دەھال تەييار قىلىسىز .ئىشتىھا شۇچاغدا ائېچلىدۇ.ئامال بار ھەرخىل تاماقلارنى ،مىۋىلەرنىڭ ھەرخىلىنى ئازراق قۇشۇققا ئىزىپ ئېلىپ ئانچە مۇنچە يالىتىپ قۇيۇڭ...ھەم كىچىك بالىنىڭ ئاچچىق چۈچۈك مىۋىنى تېتتىغاندىكى قىزىقارلىق چىراي ئىپادىسنى كۆرىۋالىسز ،ھەم بالا  تاماق ، مىۋە تالىمايدىغان بولىدىكەن..مېنىڭ جىيەن قزىم بىلەن تەڭ ئىكەن بالىڭىز

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 10:13:23

خەنسۇچە تورنى مالتىلاشتىن بۇرۇن قىينى ئانىڭىز، ئانىڭىز ۋە باشقا ياشقا چوڭ ئاياللارنى ھۆرمەتلەڭ، ئارىلىشىپ ئۆتۈڭ.

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 10:17:38

aral52 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 10:11 static/image/common/back.gif
قۇسقىىنى بىرەر سائەت ئاچۇرۇپ ئاندىن تاماق بىرىڭ....بىنا ...

غالىتنكىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قۇيۇپ
ھاي باللا ئىملاغا دىققەت قىلىڭلار، بالىنىڭ غالتىكىگە بىرنەسە قۇيۇپ يۈرمىسۇن يەنە.

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 10:24:41

ismail يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 10:17 static/image/common/back.gif
ھاي باللا ئىملاغا دىققەت قىلىڭلار، بالىنىڭ غالتىكىگ ...

بۇۋاقلار ھارۋىسىنى تۈزلام قىلىپ    بالىلار غالتىكى دەپ ئاتاپتىمەن خاتا بوپ قالمىغاندۇ..:lol

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 10:35:34

خىنزۇچە تورغا چىقالايدىكەن ئاندىن ئۇيغۇرچە تورغا، ئىشقىلىپ چىقالايدىكەن

Pirkat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 10:38:09

بالام 1 ياشتىن ئاشتى ، كىچىسى تولا يىغلايدىغان بولۇپ قالدى ، نىمە سەۋەپتىن مۇشۇنداق بولىدۇ ؟

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 10:58:19

بەك مۇرەككەپ سوئالنى سورايدىكەنسىلە ....بالاڭلا تاماق يىمىسە، تولا يىغلىسا سەۋەبىنى سىلەر ئوزەڭلە بىلمىسەڭلا بىزقانداق بىلىمىز:lol:lol:lol

2828288 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 11:00:30

ئارال دىگەن تورداش بەك توغرا دەپتۇ. بالىنى قوي باققاندەك ئاغزىدىن ھەممىنى تىقىپ باقماڭلار. ئۆز ۋاقتىدا مېنىڭ قىيىنئانام« مەن بالىلارنىڭ پوقى يوغىناپ كېتىدۇ دەپ بىر يىلغىچە ئاغزىغا نان سالمىغان» دىگەنتى. قىيىنئانامنىڭ ھەر يوغان 8 بالىسى بار. ئالدى ئىككى مېتىر،ئەڭ پاكىرى 173 دىگەندەك. يىمىگەننى يىگىلى بولىدۇ. ھايات دىگەن شۇنداق ئۇزۇن جەريان ئەمەسمۇ؟

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 11:00:33

http://bbs.izdinix.com/thread-45197-1-1.html

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 11:03:29

يا بولمىسا بالاڭلانىڭ يىغا ئاۋازىنى تادۇبەگ ئۇندىدار سالونىغا يوللاپ بېرىڭلا تادوبەگ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ دىئاگىنوز قويۇپ باقسۇن :  ما ئىنكاسىمنى تادوبەگ كورۇپ قالمىسۇن جۇمۇ ئىشقىلىپlol:lol:lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 11:06:07

ئىككىنچى ئوغلۇم قازا قىلغىلى بۈگۈن ھەپتە بولدى . ئايالىم بىلەن ئىككىمىز ئويغانغاندا ئاللىبۇرۇن تۇگەپ بوپتىكەن . بالامنىڭ ئىشتىھاسى ياخشى ئىدى ئەمما سەل جىق يىغلايدىغان بۇلىۋالغانىدى يىغلىغاندا بېشىنى ئىككى تەرەپكە بەك ئىرغاڭلىتاتتى . ئوغلۇم 4 ئايلىق بولغان تاتلىق نەرسىلەرگە بەك ئامراق ئىدى . سوسكىغا ئانچە مۇنچە ھەسەل يالىتىپ قويسا سوسكا ئىمەتتى بولمىسا قاتئىي ئېغىزىغا ئالغىلى ئۇنىمايتتى . كىچىك بالىغا ھەسەل ناۋات دىگەندەك نەرسىنى بىرىشنى توغرا تاپمىدىم .

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 11:11:45

ئاپىسىنى ئەمگىسى كەپتۇ. ئاپىسىنى تېپىپ ئەمگۈزۈڭ.

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 11:41:04

خەق بىئارامچىلىقتا ياردەم سورىسا شاڭخو قىلىدىغان، تېتىقسىز گەپ قىلىدىغان قىلىق نېمشىقا؟ زادى نېمىشقا؟؟؟؟

pari87 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 11:45:50

مۇشۇنداق  تېمىلارنى كۆرسەم بالا باقماق شۇنچە تەسمىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن {:90:} .. ئەتىراپىڭىزدىكى ياشقا چوڭ تەجىبربىلىك ئانىلاردىن سوراپ بېقىڭ ...مۇنبەردىمۇ قايىل قىلارلىق جاۋابقا ئېرىشىپ قالارسىز  .... بالىڭىزنىڭ ساغلام، ئەقىللىق ئۆسۇپ -يىتىلىىشغا تىلەكداشمەن {:90:}

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 12:01:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   horazjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-25 12:08  

kvzyapriqi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 11:41 static/image/common/back.gif
خەق بىئارامچىلىقتا ياردەم سورىسا شاڭخو قىلىدىغان، تېت ...

بالا دىگەن يىغلاپ چوڭ بولدۇ .....بالىنىڭ ئاشقازىنىسى تاماق سىڭدۇرەمىسە ياكى بەگەن يىمەكلىكى ماس كەلمىسە بالا تاماقنى يىمەيدۇ  بۇ ھەممىسى نورمال ھادىسە ....ئەمدى ئاتا -ئانا بولغان ئادەم بالىسىنىڭ نىمىشقا يىغلايدىغانلىغىنى نىمىشقا تاماق يىمەيدىغىنىنى بىزە بولسىمۇ بىلەلەيدۇ . ئەگەر بىللەممىگەن ھالەتتە بولسا ياكى ئەنسەرگەن بولسا دوختۇرخانىغا ئاپاغىنى ياخشى . مۇنبەردە كورمىگەن بالىغا مانىڭ ئۇچۇن يىغلايدۇ، ما سەۋەپتىن يىغلىغان بولىشى مۇمكىن ئۇنداق قىلىڭ ،بۇنداق قىلىڭ دىمىگەن ياخشى ...قارىسام سىلىمۇ بەك بىئارام بولاپ كېتىپسىلە ، بەك ئاق كوڭۇل ئادەمكەنسىلە بىلىىپ قالدىم.

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 12:15:58

http://www.aybalam.com/
http://www.parzant.com/

يۇقارقى  ئىككى  توربېكەتنىڭ  بەلكىم ياردىمى تېگىپ قالار .
مېنىڭچە ،جاۋابنى توردىنلا ئىزدەپ يۈرمەي ئانا -قېيىنئانا ۋە باشقا چوڭ ياشلىق ئاياللاردىن مەسلىھەت سورىغىنىڭىز ياخشى  

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 12:56:22

Pirkat يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 12:38 static/image/common/back.gif
بالام 1 ياشتىن ئاشتى ، كىچىسى تولا يىغلايدىغان بولۇپ قا ...

چوقوم بالىنىڭ گىلى ئىششىپ قالغان گەپ.

بوۋاقلارنىڭ گىلى ئىششىپلا قالسا تاماق يىمەيدۇ، قۇسىدۇ. قىززىيدۇ.


سەمىمىي تەكىپ:

ئۇنداقتا بوۋىقىڭىزنى دەرھال بالىلار كىسەللىكلىرى بۆلۆمىگە ئىلىپ بىرىپ كۆرسىتەمسىز؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 13:23:18

  بالڭىز تۇغما تالانىتلىق تۇغۇلۇپتىكەن، ئەپسوس، ياخشى باقماي سالامەتلىكى سەۋەپلىك كەلگۈسىدىكى پۇرسەتلېرىدىن مەھروم بۇپ قىلىشىغا سەۋەپ بۇپ قاپسىز...
  كوممۇنانىڭ ۋاختى بولمىغاندىكىن بالا تۇغسام باقالايمەنمۇ؟ دەپ ئويلاپ قويسىڭىز، مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئىزدەپ قويسىڭىز ياخشى بۇلاركەن.
بەت: [1] 2 3
: بوۋىقىمغا نىمە بولغاندۇ؟