TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 08:42:28

تاشپۇلات: زور قۇياش دېغى يەر شارىغا خەۋپ ئەكەلمەكتە

زور قۇياش دېغى يەر شارىغا خەۋپ ئەكەلمەكتە

تاشپۇلات روزى

مۇشۇ بىرنەچچە يىلدىن بېرى قۇياش يۈزىدە ناھايىتى زور بولغان بىر توپ قۇياش دېغى پەيدا بولغانلىقى ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ مۇشۇ بىرنەچچە ئايدىن بېرى  بۇ قۇياش دېغىنىڭ زور كېڭىيىۋاتقانلىقى دوكلات قىلىنىۋاتىدۇ. ھازىرقى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا بۇ زور قۇياش دېغى بىزنىڭ يەرشارىمىزغا توغرىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنۇڭدىن زور قۇياش شامىلى پەيدا بولۇش مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنىۋاتىدۇ.



10-ئاينىڭ 17-كۈنى ناسانىڭ قۇياش تەتقىقاتچىلىرى قۇياشنىڭ شەرقى نۇقتا يۈزىدە AR 2192 دەپ ئاتىلىدىغان بىر ساھەدە زور قۇياش دېغى بارلىقىنى دەلىللىدى. قۇياشنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ بۇ بىر توپ قۇياش دېغى بىر نەچچە كۈنى ئىچىدە ئۆز ھالىتىنى ئىپادىلەپ، ئۇنۇڭ چوڭلۇقى (دىئامېتىرى )140،000 كىلومېتىر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.  يەنە ئۇنۇڭ چوڭلۇقى يۇپىتېر بىلەن ئوخشايدىكەن. بۇ بىر توپ قۇياش دېغى 2008-يىلىدىن بېرىقى قۇياش دەۋرىلىگىدە تەكشۈرۈلگەن ئەڭ چوڭ داغ ئىكەن. بۇ قۇياش دېغىنى كۆزىڭىزگە دەخىل قىلمايدىغان سۈزگۈچ بېكىتىپ قۇياشنى  كۆزەتسىڭىزمۇ كۆرەلەيدىغان ھالەتتە ئىكەن.  



ناسانىڭ (SDO) دەيدىغان قۇياش تەكشۈرگۈچى سۈننىي ھەمراھى، بۇ زور قۇياش دېغىنى ئۈزلۈكسىز تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە  قۇياش يۈزىدە كىچىك (Sun Flare) پارتلاشتىن 27 قېتىم، ئوتتۇراھال پارتلاشتىن 8 قېتىم، زور پارتلاشتىن 2 قېتىم بولغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىققان. بۇ پارتلاشلاردىن ھازىرغىچە زور قۇياش شامىلى پەيدا بولمىغان بولسىمۇ بىراق بۇندىن كېيىن قۇياش يۈزىدە زور پارتلاش يۈز بەرسە، كارونا (Corona) گازى دەپ  ئاتىلىدىغان يەنى  ئېلېكترون زەرىجىلەردىن تەشكىللىگەن زور بۇلۇت يەر شارىغا  قاراپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.  ئەگەر بۇ بۇلۇت يەرشارىغا يېتىپ كەلسە، يەر شارىدا ماگنىتلىق گاز شامىلى پەيدا بولۇپ، ئۇ ئالاقە سىستېمىلىرىنى ۋە توك يوللاش يوللىرىنى ۋەيران قىلىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.



قۇياش يۈزىدىكى پارتلاشلاردا پەيدا بولىدىغان كارونا (Corona) ھادىسىسى مېنىڭ ھازىرقى تەتقىقات تېمامدىن ئىبارەت.  كارونا ھادىسىسى دېگىنىمىز قۇياش يۈزىدىكى پارتلاشتىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئۇنۇڭ تەركىبى پلازما (Plasma) دىن تەركىب تاپقان.  ئادەتتە قۇياش يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 6000 سېلسىيە بولىدۇ. بىراق بۇ كارونا ھادىسىدە تېمپېراتۇرا بىر مىليون سېلسىيىگىچە كۆتۈرۈلىدۇ. كارونا ھادىسىسى يېڭى يۈز بەرگەندە قۇياش يۈزىدىن 500 كىلومېتىر ئارىلىققىچە تېمپېراتۇرىسىدا ئۆزگىرىش بولماي، 500 كىلومېتىردىن كېيىن ئۇنۇڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىلاپ، 2000 كىلومېتىرغا بارغاندا تېمپېراتۇرىسى  تۇيۇقسىز كۆتۈرۈلۈپ، 10،000 سېلسىيىدىن بىر مىليونغا كۆتۈرۈلىدۇ.  ئەسلى تېمپېراتۇرا ئاجىزلاپ مېڭىش كېرەك بولغان بۇ ھادىسىنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇيۇقسىز ئاشۇنداق زور تېمپېراتۇرا ھاسىل قىلىشى ماتېماتىكا ۋە فىزىكا ئالىملىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە. تېخىچە بۇنداق ئادىسىنى  تولۇق چۈشەندۈرىدىغان بىر تەتقىقات ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى.  بىراق شىۋىسيە فىزىكا ئالىمى Hannes Alfven بۇ ھادىسىنىڭ ماتېماتىكىلىق فورمۇلىسىنى بېرىپ ۋە ئۇ ئۈستىدە ئاجايىپ نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن 1970-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنى ئالىدۇ.



بۇ تەتقىقاتىم توغرىلىق مەن ھازىر يېزىۋاتقان “ئانا دىيار تەسىراتلىرى” نىڭ ئامېرىكا قىسمىدا تەپسىلىي توختىلىمەن.  مەن بۇ تەتقىقاتنى 2010-يىلى ياپونىيەلىك فىزىكا ئالىمى بىلەن بىرگە تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن ئىدىم. شۇ يىلى ياپونىيەلىك پروفېسسور مېنى ئوز ئۇنىۋېرسىتېت تەكلىپ قىلىدۇ، مەن ئۇ يەردە 13 كۈنى بۇ تېما توغرىلىق ئۇنۇڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشىپ يۇقىرىدىكى ھادىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق بولىدىغانلىقىنى ماتېماتىكىلىق يەشكەن ئىدۇق.  بۇ ناھايىتى چوڭ ھەم مۇرەككەپ تېما بولغاچقا تەتقىقات ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ. كېلەر ئاي بۇ ياپونلۇق پروفېسسور مەكتىپىمىزگە كېلىپ، بۇ تەتقىقاتنىڭ ئاخىرقى نەتىجىلىرىنى مەن بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ مۇنازىرە قىلىدۇ ۋە مەكتىپىمىزدە دوكلات بېرىدۇ. ئۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە يەنە دۇنياغا داڭلىق Stanford ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ دوكلات بېرىدۇ. ئۇ دوكلاتلار توغرىسىدا ۋاقتى كەلگەندە بۇ يەرگە خەۋەر شەكلىدە يېزىپ قويىمەن.

تېخىمۇ كوپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ:

http://www.forbes.com/sites/ericmack/2014/10/24/a-huge-sunspot-launching-solar-flares-is-pointed-at-earth-right-now/

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 09:50:18

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ جۇغراپىيە دەرسىدە كۈچلۈك قۇياش بورىنى ھەر يەتتە يىلدا بىر قېتىم كۆرىلىدۇ...قۇياش بورىنى تەسىرىدە قىسقا دولقۇنلۇق ئالاقىلىشىش ئۈسكىنىسى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ..دەپ بارئىدى..
بىزشۇچاغدا ھېسابلاپ 2014-ىيىلقى ۋە 2015-يىلى قۇياش بورىنى چىقىدىغان يىل ئوخشايدۇ، بۇ چاغدا ئالاقە سىېستىمىسى ئۈزۈلۈپ قالغاچقا  بۇنىڭ باھانىسدە ھەرگىز بانكا بۇلاپ سالماڭ دەپ چاقچاق قىلىشپ يۈرگەن ئىدۇق.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 09:56:00



راسلا قورقۇنۇشلۇق .....


ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 10:00:45

aral52 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 09:50 static/image/common/back.gif
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ جۇغراپىيە دەرسىدە كۈچلۈك قۇياش ب ...

ئالەقە ئۈزلۈپ قالسا ياخشى پۇرسەتكەن، بىر كىنودا بىر شەھەر كىشىلېرىنى بىر خىل گازدا ئۇخلىتىپ قۇيۇپ، يەنە بىرخىل ئۇكۇلنى سالسا ئۇيغىنىدىكەن، سالامەتلىككە زىيان سالمايدىغان، كىشىلەرنى20مىنوت ئۇخلىتىپ قۇيىدىغان گازنى نىمە بىلەن نىمىنى قۇشۇپ كۆيدۈرسە چىقارغىلى بۇلاركىن؟ 15 يىشىمدىن باشلاپ بىشىمنىڭ ئىچىمۇ-تىشىمۇ قاتتى بۇ ئىشقا، خىمىيە ئۈگىنەي دىسەم ئالدى بىلەن مەن گۇمانلىق بۇپ قالىمەن. :lol :lol :lol

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 10:15:10

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 10:00 static/image/common/back.gif
ئالەقە ئۈزلۈپ قالسا ياخشى پۇرسەتكەن، بىر كىنودا بىر ش ...

007 نىڭ بىر كىنوسىدا شۇندا ئىش بارتى.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 10:48:11

   قۇياش يۈزىدىكى بۇ چوڭ پارتىلاشتىن غايەت زور قۇياش بورىنى چىقىپ، راستىنلا يەر شارىمىزغا ئېلىكتېر-ماگىنىتلىق ئاپەت كەلتۈرۈپ قالسا... ھەيھات! ئېلىكتېر-ماگىنىتقا ئالاقىدار بارلىق ئۈسكۈنە-ئەسلىھەلەر(توك،تور-ئالاقە،ھاۋا قاتنىشى،بارچە سانائەت ساھەلىرى،ھەربىي ئىشلار، پەن-تەتقىيقات ئەسلىھەلىرى)، ھەتتا كىشىلىك تۇرمۇش-ئائىلە تۇرمۇشىغىچە پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ دىگەن گەپكەن.
    ھېلىقى ئىمران ھۈسەيىن دىگەن شەيخ  ئىنسانلار يادرو قوراللىرى ئىشلىتىش نەتىجىسىدە مۇشۇنداق بىر چوڭ ئاپەتنىڭ بولىدىغانلىقىنى دەۋاتاتتى، ئەمدى بۇ قۇياش بورىنى سەۋەپلىك بۇنداق ئاپەت بولۇش ئېھتىمالى بولسا، مەيلى قايسىلا سەۋەپ بىلەن بولمىسۇن بىز ئىنسانلارنىڭ مەھشەر كۈنىمىز بەكلا يېقىن قالغان بولسا كېرەك.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 15:39:04

تەتقىقاتىڭىزغا بەركەت ۋە ئۇتۇقلار ياغسۇن !

qongmiga يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 16:17:17

كۆپ رەھمەت تاشپولاتكا. ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي! ‹ئانا دىيار تەسىراتلىرى›ڭىزنىڭ ئاخىرىنى بىر يېزىۋەتسىڭىز تىخىمۇ قالتىس بولاتتى. بەكمۇ تەشنا بولدۇم.:(

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 19:49:19

بۇنىڭدىن مەن قورقتۇم ھە!  ئۆلۈپ قالماسمىز ھە :(

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 20:12:28

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 10:59:00

بۇ داغلار  داۋاملىق چوڭلامدۇ؟ياكى پارتىلاش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئاستا-ئاستا يوقاپ كىتەمدۇ؟
بەت: [1]
: تاشپۇلات: زور قۇياش دېغى يەر شارىغا خەۋپ ئەكەلمەكتە