بالىلارنىڭ لۆملۈمىسى توغۇرسدا ياردەم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش تورىدىكى مۆھتىرەملەرقىزىم ھازىر 2 ياشقا كىرىپ 4 ئايلىق ئاشتى ، بالام سەل ئورۇق يازدا 2 ياشقا توشقان كۈنلىردە، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ باققان 11 كىلوغۇ دەيمەن ،چېچى سەل سېرىق،، تۇنۇش بىر خەنزۇ دوختۇر بارتى قېشىغا ئاپارسام ،بالاڭنىڭ يىتىلىشى ئاستا ئىمىنۇت كۈچى تۆۋەن ،قاراپ باقە چېچىغا ، كىلەر ھەپتە كەلگىن ياخشىراق دورا قىلايلى دىگەن ئىدى، كىيىن جاھاندارچىلىق بىلەن بارغىلى چول تەگمەي، ئەمۋاينىڭ بالىلار ئاقسىلى بىلەن بالىلار كالتىسىنى يەۋاتىدۇ ،بۇرۇن چېچى بار ئىدى دىقەت قىلماپتۇق يېقىندا چېچىنى چۈشۈرۋەتكەن ،قارسام بالامنىڭ بېشىنىڭ لۆملىمىسى باشقىچىلار چىقىپ قالغاندەك ، بۇرۇن دىققەت قىلمىغانكەنمەن سەل ئەنسىرەپ قالدىم ئاللاھ خالىسا دۈشەنبە دوختۇرغا كۆرسىتىپ باقماقچى، ئاڭغىچە ئىزدىنىشتى تەجىربىلىك قېرىنداشلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن قىلغان چارىلىرنى ،ئاڭلاپ باقاي دەپ ئۈشبۇ تىمىنى يوللاپتىمەن
خەنچە 卤门 دىگەن مۇشۇنىڭغا ئالاقىسى باردەك قىلدۇ مۇشۇ ئىزدىنىشتە ساھىپجامال دەپ بىر دوختۇر بارئىدى، بىر چاغلاردا بەك ياخشى گەپ قىلىپ بېرەتتى، كىيۇ كىيۇرىمدا بار ئىدى، بەك ئامراقتىم مەن :) (باشقىچە ئويلىۋالماڭ، قالايمىقان ئىنكاس ياززماڭ)
كېيىن ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى، ئاۋاتلىق ئىدىغۇ دەيمەن، بولسا تۇنۇيدىغانلار بىر خەۋەر بېرىۋەتسەڭلار ، ئىزدىنىشقا كىرىپ تۇرسا بولاتتى :):):):) لوملىمىسى دىگەن نەرى؟ سىز ئويلايدىغان يە ئەمەس ئىشقىلىپ 2828288 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 11:02:43 static/image/common/back.gif
لوملىمىسى دىگەن نەرى؟
بوۋاقلارنىڭ بېشىنىڭ چوققىسى بىلەن پىشانىسىنىڭ ئارىلىقىدا يۇمشاق بىر بۆلەك يەرنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە تۇتقاندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە لىپىلدىغىنىنى سىزەلەيمىز. ئادەتتە لىپىلداق دەپمۇ قويىمىز. كونىلار ئادەتتە بالا چوڭ بولۇپ ئۆزى تاش دېيەلىگەندە ئاندىن قاتىدۇ دەپ قويىدۇ. بىز «يۇمشىقى» دەيمىز، دەھرھەل دوختۇرغا كۆرسىتىڭ. 2828288888888888888888888:
لوملىمىسى دىگەن نەرى؟ ،قارسام بالامنىڭ بېشىنىڭ لۆملىمىسى باشقىچىلار چىقىپ قالغاندەك
مەنمۇ شۇ لىپىلداقمىكىن دەپ چۈشەنگەن. قانداقراق چىقىپ قاپتۇ؟ باشتا تېخى توشمىغاندەك لىپ لىپ قىلىدۇ. بىر كۈنلەردە قاتتىق بولۇپ كېتىدىغان يەر ئىدىغۇ؟
مۇشۇ كىچىك بالىلارغا سۈنئى ئۇسۇلدا ئايرىپ ئېلىنغان ئاقسىل، كالىتسىي بىرىشنى پەقەت قوللىمايمەن. يەيدىغان نەرسىنىڭ ھەممىسىدە شۇ ئاقسىل بار. كالىتسىيمۇ يىمەكلىك ئارقىلىق ئاز مىقداردا تولۇقلىنىپ بارىدۇ. بىر تۇنۇشۇم قىزىغا كالىتسىي يىگۈزىۋاتسا بىر دوختۇر تۇققىنى كۆرەپ قىلىپ « ۋۇججۇن چوڭ بولغاندا ئۇستىخىنى يوغان تۆگىدەك قىز بولسۇن دىدىڭما؟ » دەپتىكەن.
نەچچە يۈز كويدۇ ئاشۇ ئامۋاينىڭ بىرنىمىلىرى؟ ئۇنىڭ ئورنىغا توردىن 300كويغا مىۋە سىقىش ماشىنىسىدىن بىرنى سىتىۋىلىپ، بازاردىكى ھەر خىل مىۋىلەرنى ئەپكىلىپ سۈيىنى سىقىپ، بالىغا ئىچكۈزسەك، تاماقنى ھەر خىل قىلىپ، ئاز مىقداردا ئىتىپ بەرسەك بولمامتى دەيمەن. 2 يېشىدا پۈتۈپ(قېتىپ) بولىشى كېرەك ئىدى، پۈتمىگەن بولسا ئىككى خىل ئېھتىماللىق1. راخت كېسىلى، كالتسىي كەملىكتىن بولىدۇ.2. مىڭىدە توسۇلۇش بولىشى مۈمكىن، بالىنىڭ ئادەتتىكى ھەركەتلىرى ، باش ئايلانمىسى قاتارلىقلارغا قاراپ يۈزەكى ھۆكۈم چىقارغىلى بولىدۇ.
قايسى بىر خىل كېسەللىك بولسۇن ۋاقىتدا داۋالىتىش كېرەك، بولمىسا ئاقىۋىتى بەك يامان بولىدۇ.
يۇقارقىسىنى توردىن ماتىريال كۆرۈپ 'دوختۇر' بولىۋالغان بىرسىنىڭ گەپلىرى دەپ چۈشىنىڭ، پايدىلىنىشقا بولىدۇ،خاپا بولۇشقا بولمايدۇ.
دوختۇرغا كۆرۈنگەندىن كىيىن بىر ئىنكاس يېزىپ دىئاگنوزىنى يېزىپ قويسىڭىز كۆپ ساۋاپ تاپىسىز. function يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 11:49 static/image/common/back.gif
بىز «يۇمشىقى» دەيمىز، دەھرھەل دوختۇرغا كۆرسىتىڭ.
بىز كىچك بالىنىڭ ‹‹جۇلايى›› دەپ ئاتايمىز... جۇلىسى دەيمىز نورمال ئەھۋالدا ،ئالدى لىپىلداق 1-1.5ياشقىچە پۈتۈپ بۇلىدۇ .ئەگەر 2ياشتىنمۇ ئېشىپ، تېخىچە پۈتمىگەن بولسا، سەۋەبى يىنىكرەك بولغىنى راخىت كىسىلى سەۋەبىدىن بولغان بۇلىدۇ .ئېغىرراق بولغاندا، مىڭە پەردىسىگە سۇ يىغىلىش ياكى باشقا كىسەللىكلەر سەۋەبىدىن بۇلىدۇ . كىچىكتۈرمەي بالىلار دۇختۇرىغا كۆرسىتىپ بېقىڭ . ئاللاھ يامان كىسەللەردىن ساقلىسۇن !
بەت:
[1]