مەۋجۇتلۇقنىڭ ئىككى يۈزى
مەۋجۇتلۇقنىڭ ئىككى يۈزىبىر جۈپ قىز يىگىت
باغچا ئالدىغا قول تۇتۇشۇپ كېلىدۇ،
ئەقىل تورمۇزلانغان شۇ دەقىقىدە
يۈرەك ئۆزىنى بەختلىك سېزىدۇ ...
بىراق چۈشلەر ھامان ئاخىرلىشىدۇ
بىرىنىڭ شاتلىقى
يەنە بىرىنىڭ قايغۇسىغا چىدىر تىكىدۇ ،
ھەم بىرىنىڭ كۆز ياشلىرى
يەنە بىرىنى غەرىق قىلىدۇ ...
ھايات شۇنداق
سىرلىق تېپىشماق ،
بىرىنى كۈلدۈرۈپ
مىڭىنى يىغلىتىدۇ ...
ئەتىگە بىرنىمە دەپ بولمايدۇ
كۆڭۈل باغلاقتا تۇرمايدۇ .
باغچا ئالدىغا يوپۇرماقلار تۆكۈلۈپ
ئاخىرى قىز يىگىت ئايرىلىدۇ ...
مۇھەببەت يەنە سىرلىق پېتى قالىدۇ
دۇنيا ھېجراندا تولغىنىدۇ ،
قۇپقۇرۇق ۋە مەنىسىز بوشلۇقتا
غۇۋا بىر ئەسلىمە ئويغىنىدۇ ...
###
تاشيولدا
ئىككى ئىدىيە ئۇچرىشىدۇ ،
كوچىلار گۈزەللىككە تولغاندەك بولۇپ
رەھىمسىز شاۋقۇنلار پەسىيىدۇ .
بىرى ئۆزلۈك بايرىقىنى كۆتۈرسە
يەنە بىرى ئېتىقاتتىن قالقان ياسايدۇ ،
بىرى ئەپسۇن خالتىسىنى ئاچمىسا
يەنە بىرىنىڭ تەپەككۈرى قاناتلانمايدۇ ...
ئۆز مەنپەئەتى ئالدىدا
قوش گىزەكلەرمۇ بىربىرىنى ئۆلتۈرىدۇ ،
پەقەت روھسىز بىنالار جىم تۇرىدۇ
پەقەت ئەخلەت چېلىكى قارشىلىقنى بىلمەيدۇ
پەقەت ئارمانسىز قۇللار قول تۇتىشىدۇ ...
ئىككى ئىدىيە ھامان ئىككى تەرەپكە ماڭىدۇ
تاشيول كۆزىنى ياشلاپ قالىدۇ ...
2006-يىل-10-2
مەۋجۇتلۇق دېگەن نېمە؟ :o:o:o Toshuk يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 22:37 static/image/common/back.gif
مەۋجۇتلۇق دېگەن نېمە؟
بۇ شېئىرنى يازغاندىكى چاغدا مەۋجۇتلۇق دېگەن ھاياتلىق دەپ چۈشەنسەم كېرەك . mustapa يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 20:13:19 static/image/common/back.gif
بۇ شېئىرنى يازغاندىكى چاغدا مەۋجۇتلۇق دېگەن ھاياتل
مەۋجۇتلۇق دېگىنى ھاياتلىق بولسا، ئۇنداقتا ھاياتلىق دېگەن نېمە؟ :o:o:o Toshuk يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 20:32 static/image/common/back.gif
مەۋجۇتلۇق دېگىنى ھاياتلىق بولسا، ئۇنداقتا ھاياتلىق د ...
ھاياتلىك دېگىنىمىز ياشاش دەپ قوياي :lol
بەت:
[1]