kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 16:30:32

ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kakkur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-24 16:37  

ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى
ئابدۇرېھىم ئابدۇللا


ھەممە شائىر ئاناملا دېدى ،  
ئاتىلىرى يوقمىكەن ئەستە  
ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى ،  
يولۋاسنىمۇ قويغان ھەۋەستە .  

ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى ،  
نى گۈزەللەر بولغانتى شەيدا .  
خەنجەر بۇلۇپ قادىلار ئىدى ،  
بولسا مەلئۇن ھەر جايدا پەيدا  
.  
نەيزىسىنىڭ ئۇچىدا چۆلپان ،  
قېلىچىدا تاڭنىڭ يالقۇنى  
ۋەتەن ئىشقى ئۇقلارغا قالقان ،  
ئايىقىدا قاننىڭ دولقۇنى.  

يىڭنىلەرگە رەھمەت ئوقۇلدى ،  
جەڭگاھ بىلەن ئۇنتۇلدى ئوقيا ،  
كۈسەيلەرگە داستان پۇتۇلدى،  
قېلىچ بىلەن يارالدى دۇنيا .  

بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت ،  
جان ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت .  

توقاچ بەرسە ئانام تونۇردىن ،  
ئەرك بەرگەن ئاتام جەڭلەردە ،  
كۆينەك بەرسە ئانام ماتىدىن ،  
بايراق بەرگەن ئاتام زەپەردە .  

مەن يېقىلسام ئانام يىغلىدى ،  
ئاتاپ سىلكىپ مىندۈردى ئاتقا  
جاپالاردا راسا تاۋلىدى  
خار قىلماي دەپ ياۋلارغا ياتقا .  

مىڭ يىگىتنىڭ مېھنەت لەرزى بار ،  
قۇلىدىكى ھەر بىر قاداقتا ،  
ھەر كۈلكەمنىڭ پۈتمەس قەرزى بار ،  
ئۇ ئىشلەتكەن خەنجەر ساداقتا .  

بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت ،  
جان ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت  

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 16:48:57

ناخشىسىنىمۇ قوشۇپ يوللىۋەتمەي.

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 16:56:13

http://v.youku.com/v_show/id_XNTE4MTYzMzky.html

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 19:13:42

قىسمەتلىرىم

1

كائىناتتا رەڭدار جۇلالار،

نىگاھىمدا شەيتان جىلۋىسى.

چۈمۈلىلەر پىل بولدى بەزەن،

مۈشۈكتىمۇ يولۋاس ھەيۋىسى.

لېكىن مىڭ يىل ياشىغۇن كىلەر،

ھەر لەھزىدە ھايات بەزمىسى.



جان سۈيۈنگەن چاغلارمۇ بولدى،

يىغلىغىنىم ئۇندىن زىيادە.

رەستىلەردە ياۋىداق ئات مىنىپ،

باياۋاندا قالدىم پىيادە.

خىزىر سۈپەت ئاتامغا رەھمەت،

بەرگەنىكەن سۇنماس ئىرادە.



سەيلە قىلسام بېغىمنى تاڭدا،

ۋۇجۇدۇمنى گۈللەر پۇرايدۇ.

بۇلبۇل خىجىل بۇلۇپ ئالدىمدا،

دۇدۇقلاپراق ئېتىم سۇرايدۇ.

مەڭدەپ قالسام ئەگەر،ماڭدامدا

يوللىرىمنى يىلان تورايدۇ.



ئىنتىزاردۇر ماڭا لەيلىدەك،

كىرپىكلىرى بەرگى قىياقلار.

زارىقىدۇ سامادا زۆھرە،

يان-يېنىمدا چولپان سىياقلار،

بىر قارىسام ھەممىسى جاللات،

يەڭلىرىدە خەنجەر پىچاقلار.



بىر قارىسام سۆيگۈ دىلبىرى،

كۆزلىرىدە ناز بىلەن كۈلكە.

بىر قارىسام جاننىڭ خۇنپىرى،

ھەر كۈلكىسى بىر قىزىل تۈلكە.

ئاھلىرىمنىڭ ئالتۇن ئۇقىنى،

ئېتىپتىمەن بوشقا ،كۈپۈككە.



بىر قارىسام كۆزلەردە ھەۋەس،

بىر قارىسام ھەسەت يالقۇنى.

بىر ئادەمگە يەتمەيدۇ بىر يۈز،

ئىككى يۈزلۈك ئىكەن قالقىنى.

ئىككى يۈزنىڭ يۇلىمۇ ئىككى،

بىر يۈزلۈكنىڭ ھالال تاپقىنى.



دوستلىرىمنى سېخى دەپتىمەن،

ئۆزى ئىشلەپ مېنى ئويناتقان.

ئاشىقلىقتا بىھۇش بوپتىمەن،

چايان چىقتى باغرىمدا ياتقان.

«ئەييۇھەنناس»ېدىم بەزىدە،

پاياندازنىڭ ئاستىدا قاپقان.



2

تۇلۇن ئايدەك رىسقى نىسىۋەم،

ھىلال ئايدەك بۇلۇپ قىيىلغاچ.

ئۈزۈم تېخى نەۋقىران تۇرۇپ،

تىلەكلىرىم بېشىدا ئاق چاچ.

ئارمانلىرىم مېنىڭدىن ئون يىل،

ياق ئەللىك يىل بۇرۇن تۇغۇلغاچ.



قىيامىغا يەتكەندە سۆيگۈ،

ساداقەتتىن مەجنۇن تۇغىدۇ.

رەشىك بىلەن قارىيىپ قۇياش،

ئالەمگە بىر ۋەيلۇن تۇغىدۇ.

ۋەيلۇندىكى بەزى مەھكۇملار،

ماڭا ئاتاپ مەلئۇن تۇغىدۇ.



باھاردىمۇ يۇرتۇمدا يانتاق،

پۇرايدىغان قىزىل گۈلۈمدەك.

يۇلتۇزلارغا باقسام ھەۋەستە،

كۆزلىرىمگە تۈكۈلدى قۇمدەك.

ئارزۇلىرىم ئاقتى ياش بۇلۇپ،

يىغلاش ماڭا خۇددى ئۇدۇمدەك.



ئىشەنگەندە قۇملار تاغ ماڭا،

يۈلەنگەندە پايەمدە تالقان.

چۈشلىرىمدە كۆرگەن ھەقىقەت،

ئويغانساملا قىپقىزىل يالغان.

كەچمىشىمدىن ئۈزۈم ئۇيالدىم،

تەقدىر قاچان كىمدىن ئۇيالغان؟



پال ئاچقۇزماي تالاي چەك تارتتىم،

ھەممىسىدە دەرت-ئەلەم تەگدى.

ھۈكۈملەرمۇ بوينۇمنى ئەگمەي،

خىيانەتلەر قەددىمنى ئەگدى.

رەقىبلەرنىڭ ئۈزىدىن كۈزى،

يامان ئىكەن ماڭا كۆز تەگدى.



ۋاپاسىزغا ئاشىق ئەيلىدى،

بىر بېشىمغا دەرتنى ئاز كۈرۈپ.

شاپاق دوپپا بەردى ياز كۈرۈپ.

سۇدىن چىقىپ ئوتقا كىردىم مەن،

ئېزىتقۇنى قۇرئەنداز كۈرۈپ.



«قەشقەردىكى يەرشارى»ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 19:16:50

abduzaher يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 17:12 static/image/common/back.gif
ئەجەپ توغرا كەپتىكەن ھە

دېمىسىمۇ بۇنداق شېئىرنى ھازىر ئىچىۋالغانلاردىن باشقىلار يازالمايدۇ...

00000 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 19:29:40

بۇ شىئېر «مۇھەممەتجان راشىدىن» نىڭكىدۇ، مىنىڭ شۇنداق ئىسىمدە قاپتىكەن...

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 20:06:33

00000 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 19:29 static/image/common/back.gif
بۇ شىئېر «مۇھەممەتجان راشىدىن» نىڭكىدۇ، مىنىڭ شۇنداق  ...

ئابدۇرېھىم ئابدۇللا نىڭ

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 20:16:46

turken يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 16:56 static/image/common/back.gif


بۇرۇن ئەجەپ كۆرمىگەن ئىكەنمەن،،، ئالامەت ئالامەت ناخشىلاركەندە!... نىمىدىگەن ياخشى ئېيتقان.........

SATAN يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 20:34:19

ھەقىقەتەن ئىسىل .  .

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 20:42:41

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار
http://v.youku.com/v_show/id_XNDc1NTMyNTMy.html

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 20:56:25

كىلاسسىك بۇلۇپ قالدى ھازىر ...

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 21:46:04

yawuzbag يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 19:13 static/image/common/back.gif
قىسمەتلىرىم

1


چۈمۈلىلەرپىل بولدى بەزەن،
مۈشۈكتىمۇ يولۋاس ھەيۋىسى.



ماۋۇمىسرالار ھازىرقى........غاتولىمۇماسكەپتۇ

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 08:22:57

بەلەن شىئىر

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 09:38:57

kosan يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 20:16 static/image/common/back.gif
بۇرۇن ئەجەپ كۆرمىگەن ئىكەنمەن،،، ئالامەت ئالامەت ناخ ...

2 ياشلىقلارنىڭ بىلمەسلىكى نورمال ئىش.

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 10:21:07

ناخشىسىدا بىر نەچچە مىسرا كامكەن:P

sohrat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 11:51:14

نادىر شېئىرلار تىما ئىگىسىگە رەھمەت

pari87 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 11:58:13

ئاتىلار ھەققىدە يىزىلغان شېئىرلارنى ئوقۇسام ،ئاتىلارغا ئاتالغان ناخشىلارنى  ئاڭلىسام يۈرىكىم  ئىسسىققىنە بولۇپ قالىدۇ ....ئاللاھ بارلىق ئاتىلارنىڭ تېنىنى ساغلام ،ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن...
يازمىنى ياقتۇردۇم شۇنداقلا يازمىغا قىستۇرۇلغان ناخشىلارنى ئاڭلاپ قانمىدىم ...تېما يوللىغۇچى ئەجىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۈن.:P

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 14:19:39

...
بىز ئاتالدۇق تورلاردا يىگىت،
جان ئاتىلار جەڭلەردە شىھىت.

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 14:26:03

yollugh يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 14:19 static/image/common/back.gif
...
بىز ئاتالدۇق تورلاردا يىگىت،
جان ئاتىلار جەڭلەردە ش ...

ھازىر دېگەن ئۇچۇر-تور دەۋىرى، جەڭ مەيدانىمۇ تور بولۇپ قالدى.:D

xajarim يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 14:33:15

Erkbeg يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 20:42 static/image/common/back.gif
بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم...     بۇ   سىننىڭ كىنو سىمۇ بارمۇ   ؟    سۇنۇق قېلىچ         دىگەن  تارىخ  رومان     مۇشۇ  شۇمۇ ....   
بەت: [1] 2
: ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى