dunya يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 14:00:14

ئائىلە ئورتاق قوغداشقا مۇھتاج

ئائىلە ئورتاق قوغداشقا مۇھتاج
قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن

ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنىڭ بەختلىك ھالدا داۋاملىشىشى ،ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئۆز ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە ھەقلىرىنى تونۇغانلىقىغا باغلىقتۇر.
ئەر-خوتۇنلۇق ھاياتنىڭ سائادىتى، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇئامىلىسىگە باغلىقتۇر.
-  « ئىسلامدىكى ئائىلە تەربىيسى » دىگەن كىتاپتىن .

ئەر- خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت تولىمۇ ئىنچىكە ۋە مۇرەككەپ بىر جەريان. جەمىيىتىمىزدە بۇ مۇناسىۋەتنى توغرا ھەل قىلىپ، مۇقەددەس ئائىلىسى ئۈچۈن بارلىغىنى بېغىشلاپ، مەسئۇلىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىللىق، مۇھەببەتلىك ئائىلە قۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ مەستلىگى كەلگۈدەك ياشاۋاتقانلار ئارىمىزدا ئاز ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئەمما، بەزى ئەر-خوتۇنلار خاتا كۆز قاراش، گۇمانى تۇيغۇ ۋە باشقىلارنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن تۇرمۇشقا سەۋرىچان، سالماق ۋە تەمكىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلماي،  ئالدىراپ قارار چىقىرىپ،ئورنىنى تولدۇرىۋالغۇسىز خاتالىقلارغا يول قويىۋاتىدۇ. نەتىجىدە،ئۆز بەختى، ئىللىق ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىپ، بالىلىرىنى تىرىك يىتىملىك كوچىسىغا تاشلاۋاتىدۇ . ئۇلار خاتا قىلغانلىغىنى ھىس قىلغاندا بولسا تولىمۇ كېچىككەن بولىدۇ. بەزى ئاياللار ئەرلىرىنى چۈشەنمەسلىك زەنجىرىدە قىسسا، بەزى ئەرلەر زوراۋان ئورۇنغا ئۆتۈپ قېلىۋاتىدۇ.

گۇمان ۋەيران قىلغان ئائىلە

                  
كاماندۇرۇپكىدىن قايتىپ كەلگەن ئەر بىر بىمەنە تېلىفۇننى قوبۇل قىلىپ خوتۇنىدىن گۇمانلىنىدۇ. خوتۇنى ھەر قانچە چۈشەندۈرسىمۇ قايىل بولماي ھاقارەتلەيدۇ ۋە قاتتىق ئۇرىدۇ. بۇ ئەلەمگە چىدىمىغان ئايال قولىنىڭ تومۇرىنى كېسىپ ئۆلىۋالماقچى بولىدۇ. بەختىگە يارىشا مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەن ئوغلى قوشنىلىرىنىڭ ياردىمىدە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قۇتقۇزىۋېلىنغان بولسىمۇ بىر قولى ناكار بولۇپ قالىدۇ . خوتۇن ئېرى بىلەن ئاجرىشىپ كېتىپ بالىنى ئۆزى باقىدۇ . ئەر بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىغىنى بىلىپ، ئەپۇ سوراپ يارىشىۋېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەمما ئايال قەتئى رەت قىلىدۇ. ئۇ« ئىشەنچ بولمىسا قانداقمۇ بىللە تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدۇ» دەيدۇ.


قىسقا ئۇچۇر ئايرىۋەتكەن ئەر-خوتۇن

            
بىر ئايال ئېرىگە كەلگەن قىسقا ئۇچۇرلاردىن گۇمانلىنىپ، ئېرى سىرتقا چىقسىلا نەدە تۇرىۋاتقانلىغىنى سۈرۈشتۈرۈپ توختىماي تېلىفۇن بېرىدۇ. خوتۇنىنىڭ ئۈزۈلمەس تېلىفۇنى ۋە تۈگىمەس سوراقلىرىدىن زېرىككەن ئەر بىر كۈنى يان تېلىفۇنىنى ئېتىۋېتىدۇ. ئەتىگەندىن كەچكىچە تېلىفۇن بېرىپ ئالالمىغان ئايال ئېرىنى ئىزدەپ-سوراپ يۈرۈپ تاپىدۇ. ئەر بىر نەچچە ساۋاقدىشى بىلەن بىللە تاماق يەۋاتقان بولۇپ، ئايال ئېرى بىلەن قاتتىق جىدەللىشىدۇ ھەم بىللە تاماق يەۋاتقان ئاياللارنى «شەرمەندە»  «بۇزۇق» دەپ تىللايدۇ. ساۋاقداشلىرى ئالدىدا قاتتىق خىجىلچىلىقتا قالغان ئەر ئۆيگە قايتىپ ئاچچىقىدا خوتۇنىنى ئۇرىدۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان خوتۇنىنىڭ قېرىنداشلىرى كېلىپ ئەرنى قاتتىق ئۇرىدۇ. نەتىجىدە، ئەر دوختۇرخانىدا بىر ئايدىن ئارتۇق داۋالىنىپ چىققاندىن كېيىن خوتۇنى بىلەن ئاجرىشىپ كېتىدۇ.


قىمار ئېلىپ كەلگەن پاجىئە

قىمارغا ئۈگىنىپ قالغان ئەر پۇلىنى ئۇتتىرىۋېتىپ، خوتۇنىنى ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى بېرىشكە قىستايدۇ. خوتۇنى ئۇنىمىغاندا تەھدىت سېلىپ « بەرمىسەڭ ئۆلتۈرىۋېتىمەن» دەپ گېلىنى سىقىدۇ. خوتۇن ئېرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يېنىدا تۇرغان قايچىنى ئېرىنىڭ بېقىنىغا تىقىۋېتىدۇ. ئەرنىڭ قېرىنداشلىرى ئايالنىڭ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئائىلە ۋەيران بولۇپ، ئوماق ئىككى پەرزەنت تىرىك يىتىملىك كوچىسىغا كىرىپ قالىدۇ.   



يۇقۇرقىدەك   ئەھۋاللار ئەتراپىمىزدا ھېلىھەم مەۋجۇت. ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە، ھەر ئىككى تەرەپ     بىر-بىرىگە كۈچلۈك ئىشەنچ تۇرغۇزىشى كېرەك. ئىشەنچ ئىناق ئائىلىنىڭ  ئاساسى. مەن ئىلگىرى ئەرلەرنىڭ ۋاپاسىزلىقى، ئاياللارنىڭ يىغىسى ھەققىدە كۆپ ئويلىناتتىم، ئەمما ئاياللارنىڭمۇ ئورۇنسىز گۇمان تۈپەيلى ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى بىلەن  ھىساپلاشمايدىغانلىقىنى ئويلىمىغانكەنمەن. بىلىشىمىز كېرەككى، ئەر ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى، پەرزەنتلەرنىڭ يۆلىكى، ئۇلارنىڭ  ئائىلىدىن باشقا جەمىيەتتە ئۆتەشكە تېگىشلىك  نۇرغۇن مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئۇلار بىر كۈن سىرتتا ئىشلەپ  ھېرىپ- ئېچىپ ئۆيگە كەللگەندە، خوتۇنىنىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ بىر پىيالە چاي سۇنۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. «ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ » دىگەن بىر ئېغىز سۆزىدىن  چەكسىز بەخت ھىس قىلىدۇ. بىز ئۇلاردىن ئۆزىمىزنى ئاسراشنى، كۆيىنىشنى تەلەپ قىلغىنىمىزغا ئوخشاش، ئۇلارمۇ بىزدىن ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلىشىمىزنى، چۈشىنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بىزدە «ئىتمۇ ئۆز يالىقىنى قورۇيدۇ » دىگەن تەمسىل بار. ئەر-خوتۇنلارنىڭ  بىر-بىرىنىڭ بارغان-تۇرغان يېرىنى سۈرۈشتۈرۈشى نورمال ئەھۋال، ئەمما بۇ كۈنلەشكە، گۇمانغا ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ. «گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ» دىگەندەك، ئەر-خوتۇن ئوتتۇرسىدا مۇستەھكەم ئىشەنچ بولمىسا، بۇنداق ئائىلە تۇرمۇش بوران-چاپقۇنلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئايال ئەرنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىنى، ئائىلىدىكى ئوبرازىنى تىكلەيدىغان ئاساسلىق ۋاستە. شۇڭا «ئەرنى-ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن » دەپ بىكار ئېيتىلمىغان. شۇنداقلا ئاياللارمۇ ئەرلەر ئۈچۈن، ئائىلە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم .ھازىرقى ئاياللار ئائىلىدە خوتۇنلۇق، ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغاندىن سىرت، ئىش ئورۇنلىرىدا ئەرلەر بىلەن تەڭ ئىشلەپ جەمىيەتكە ھەسسە قوشىۋاتىدۇ. كۆپ ساندىكى ئەرلەر بۇ نۇقتىنى تونۇپ يېتىپ، ئائىلىسىنى ،خوتۇنىنى قەدىرلەپ ،ئىناق ئائىلە مۇھىتىنى يارىتىۋاتقان بولسىمۇ، قىسمەن ئەرلەر ئەرلىك مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئەرلەر ئەزىز نەزەرىيەسىنى سېتىپ، ئائىلىدە ھۆكۈمرانغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئەرلەر شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئاياللار دۇنيانىڭ كەلگۈسىنى ياراتقۇچىلار، ئايال بىر ئائىلىنىڭ قۇلى ئەمەس بەلكى ئائىلىنىڭ زىننىتى. چىرىقى، ئايالسىز ئۆي توزىغان گۈلگە، سورۇلغان كۈلگە ئوخشايدۇ .ئايال تاپىنىدىن بەركەت ياغىدۇ. شۇڭىمۇ،كۆپ  ساندىكى ئاياللار ئائىلىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىۋاتىدۇ.
ئەر-خوتۇنلار بىر نىيەت-بىرمەخسەتتە بولۇپ، ئۆز-ئارا ھۆرمەت، كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىپ، پەرزەنتلەرنى ياراملىق ئىز باسارلاردىن قىلىپ تەربىيلەش يولىدا مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ، ئورتاق ئىزدىنىپ، ئىللىق ،مۇھەببەتلىك ئائىلە مۇھىتىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك. شۇندىلا جەمىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى بولغان ئائىلىدىن شادىمان كۈلكىلەر، مۇھەببەتلىك كۈيلەر ئۈزۈلمەيدۇ. چېھىرلەردىن تەبەسسۇم يېغىپ، كۆزلەردىن نۇر چاقناپ تۇرىدۇ.

بۇ ئەسەر2012-يىلى13-ئىيۇل[قاراماي گېزىتى]دە ئېلان قىلىنغان.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 21:01:22

      مۇشۇ ئىزدىنىشتا تېما كۈرۈۋاتسام خۇتۇنۇم داستىخانغا چاقىرسا بەك ئاچچىقىم كىلىدۇ ، ئىزدىنىش بىزگە پاجىئە ئېلىپ كەلمىسە باشقا كاشىلىلار مەندە يوقكەن ....

2828288 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 23:13:23

پىنھان باشقا ئىسىمدا كىرىپ راسا بىر تىللىسا ئاۋال داستىخانغا كىلىدىغان بولىسىز.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 10:35:29

ھەممىدىن  پاكىت مۇھىم.

تىمىدىكى مەزمۇنغا قارىسا ھىچكىمنىڭ ئاجرىشىپ كەتكۈسى يوقتۇ.

لىكىن ئەمەلىيەت ۋە رىئاللىقتىكى نىكاھ تۇرمۇشى نۇرغۇن مۇھەببەتلىك تۇرمۇشقا، رومانتىكىلىققا، يۇشۇرنۇشچانلىققا، مەخپىيەتلىككە، مۆرىمەسلىككە، زوراۋانلىققا تولغان بولىشى مۇمكىن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-26 10:28:03

2828288 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 23:13 static/image/common/back.gif
پىنھان باشقا ئىسىمدا كىرىپ راسا بىر تىللىسا ئاۋال داست ...

ما گەپنى ھەزىم قىلالمىدىم ....
بەت: [1]
: ئائىلە ئورتاق قوغداشقا مۇھتاج