karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 11:27:45

دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ پايدا ئالغان 10 شىركەت


ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە سانلىق مەلۇمات ئورگىنى FactSet نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ پايدا ئالغان 10 شىركەت تىزىملىكىگە جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىلىكىدىكى تۆت بانكىسى كىرگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئۈچ  شىركىتى،  ئەنگلىيە، رۇسىيە ۋە كورىيەدىن ئايرىم-ئايرىم بىردىن شىركەت كىرگەن.

1. جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى

تىجارەت پايدىسى 42 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يېتىپ، دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ پايدا ئالغان شىركەت بولۇپ قالغان. تىجارەت كىرىمى 89 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يەتكەندىن باشقا، تەۋەككۈلگە ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇلار كەلگۈسىدە غايەت زور پايدا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى ئېرىشكەن غايەت زور پايدىنىڭ كەينىدە دۆلەت سىياسىتى مەۋجۇت.

2. ئالما شىركىتى

ئالما شىركىتىنىڭ ئۆتكەن يىلقى ساپ پايدىسى 37 مىليارد دوللارغا، تىجارەت كىرىمى 170 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتكەن. iPhone 6 ۋە iPhone6 Plus بازارغا  سېلىنغان بىرىنچى ھەپتىسىلا سېتىلىش مىقدارى 10 مىليونغا يەتتى.

3. رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى  (Gazprom)

Gazprom نىڭ ئۆتكەن يىلقى ساپ پايدىسى 35 مىليارد 700 مىليون دوللارغا، تىجارەت كىرىمى 156 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتكەن. Gazprom نىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك پېيى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا بولۇپ، بۇ شىركەت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز زاپىسى ۋە دۇنيا تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %13 نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

4. جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى

جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئۆتكەن يىللىق ساپ پايدىسى 34 مىليارد 900 مىليون دوللار (214 مىليارد يۈەن) غا، تىجارەت كىرىمى 76 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يەتكەن. قەرز ئۆسۈمىدىن قىلغان كىرىم بۇ بانكىنى مۇشۇنداق كۆپ پايدىغا ئېرىشتۈرگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلقى قەرز ئۆسۈم كىرىمى 64 مىليارد دوللار (تەخمىنەن 400 مىليارد يۈەن) غا يەتكەن.

5. ئامېرىكا ئېكسون موبىل نېفىت شىركىتى

ئېكسون موبىل(Exxon Mobil)  شىركىتىنىڭ ئۆتكەن يىلقى ساپ پايدىسى 32 مىليارد 600 مىليون دوللارغا، تىجارەت كىرىمى 393 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يەتكەن.

6. كورېيە سامسۇڭ شىركىتى

سامسۇڭ (Samsung) شىركىتى بۇ تىزىملىككە كىرگەن بىردىن-بىر كورېيە شىركىتى. شىركەتنىڭ ئۆتكەن يىللىق ساپ پايدىسى 27 مىليارد 200 مىليون دوللارغا، تىجارەت كىرىمى 216 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتكەن. گەرچە ئۆتكەن يىلى سامسۇڭنىڭ پېيى سەل چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن 2014-يىللىق ئىككىنچى پەسىلدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون سېتىش مىقدارى دۇنيا بازىرىنىڭ %25 نى ئىگىلىدى.

7. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئۆتكەن يىللىق ساپ پايدىسى 27 مىليارد 100 مىليون دوللارغا، تىجارەت كىرىمى 68 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يەتكەن.

8. جۇڭگو بانكىسى

جۇڭگو بانكىسىنىڭ ئۆتكەن يىللىق ساپ پايدىسى 25 مىليارد 500 مىليون دوللارغا، تىجارەت كىرىمى 63 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتكەن. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرغىچە جۇڭگو بانكىسى ئۈچتىن ئىككى قىسىم پېيى ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى دۆلەت كارخانىسى ئىدى.

9. ئەنگلىيە BP نېفىت شىركىتى   

BP نېفىت شىركىتىنىڭ ئۆتكەن يىللىق ساپ پايدىسى 23 مىليارد 500 مىليون دوللارغا، تىجارەت كىرىمى 379 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتكەن.

10. ئامېرىكا مىكروسوفت شىركىتى

مىكروسوفت (Microsoft) شىركىتىنىڭ ئۆتكەن يىلقى ساپ پايدىسى 22 مىليارد 100 مىليون دوللارغا، تىجارەت كىرىمى 86 مىليارد 800 مىليون دوللارغا يەتتى.  مىكروسوفت شىركىتى ئۆتكەن يىلى  Office ۋە Windows قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سودا ھوقۇقىدىن 58 مىليارد دوللارلىق پايدىغا ئېرىشكەن.
مەنبە:ئەرقال تاراتقۇسى.

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 15:01:48

كىم بىلىدۇ ؟؟

ماۋۇ  ئامانەت قەرز كوپراتىپ   信用社 دېگىنى پەقەت شىنجاڭدىلا بارمۇ ؟ ياكى كولىدىمۇ بارمۇ ؟:lol:lol:lol:lol

xajarim يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 15:25:12

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 15:01 static/image/common/back.gif
كىم بىلىدۇ ؟؟

ماۋۇ  ئامانەت قەرز كوپراتىپ   信用社 دېگىنى  ...

  كوۋلىدىمۇ  بار ئوخشايدۇ....    :P          ئانچە  -مۇنچە   يولداشلارنىڭ   ئىچكىرگە  پۇل سىلۋاتىقىننى كۆرىمەن ..   

malchi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 15:36:58

قۇرلۇش بانكىسى شۈنچە پايدا ئىلىپ تۇرۇپ بىزنىڭ ناھىيدە يوققۇ ،چىكەڭگە تىڭىشاسە پۇللىرىڭنى :D

wolfram يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 15:40:19

ئەجىبا چەتتە بانكىلار پايدىنى بەك ئالالمامدۇ,ئەگەر ئۈسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ ,سىياسەتتىن پايدىلانسا چوقۇم بۇ تىزىملىككە كىرەلەيىتتى

rahman يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 15:55:24

روسچىلىد، روكفېللېر، مورگان قاتارلىق جەمەت كارخانىلىرى بۇ ھىسابقا كىرمەمدۇ؟

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 16:10:33

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 15:01 static/image/common/back.gif
كىم بىلىدۇ ؟؟

ماۋۇ  ئامانەت قەرز كوپراتىپ   信用社 دېگىنى  ...

ئىچكىرىدىمۇ بار، لېكىن ماۋۇ سودا سانائەت، قۇرۇلۇش، يىزا ئىگىلىك، پوچتا ...... دېگەندەك بانكىلارغا سېلىشتۇرغاندا ئازمىكىن دەيمەن.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 17:08:36

ئامېرىكا ئېكسون موبىل نېفىت شىركىتى  

مۇشۇ شىركەتكە بەك بەك قول قۇيمەن ... 500 كۈچلۈكنىڭ ئىچىدە  بىردىنبىر  خۇسۇسى نىفىت شىركىتى تۇرۇپ ئالدىقنى 10 ھەتتا 5 نى قولدىن بەرمەيۋاتىدۇ ...

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 17:10:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-24 17:15  

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 15:01 static/image/common/back.gif
كىم بىلىدۇ ؟؟

ماۋۇ  ئامانەت قەرز كوپراتىپ   信用社 دېگىنى  ...

جىياڭشىدىمۇ  نەنچاڭدىمۇ كۆرگەن ...

قەيەر نامرات بولسا  شۇ يەردىلا  بار  چېغى ...


ئەمما تەكىتلەپ قۇيۇشقا تىگىشلىكى ... بۇ بانكا  دۆلەت  خاراكتىرلىك ۋەيران بۇلۇپ ئاساسەن تاقىلىپ قالغان بولسىمۇ ئەمما  شىنجاڭ قەرىز كوپراتىپى پىشتلىنىپ كىتىپتۇ ، بۇدا  تەتىلدە  بارسام ناھيە  تۈگۈل يېزلارغىمۇ بىنا  سەۋاپتۇ ، بۇرۇنقى ئەۋگا ۋاقتىدىن ئەسەرمۇ يوق ...


بەلكىم ، بانكىدا  30 مىڭ پۇلنى قۇيۇپ  50 مىڭ قەرىز  ئېلىپ خەجلەپ ئاخىردا  ئۈسۈم تۈلەپ ئولتۇردىغان گالۋاڭلارنىڭ ئارمىزىدا جېق بولغانلىق سەۋەبىدىندۇ ياكى بۇنىڭدىمۇ بىر  ئۇيۇن باردۇ ...

koklan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 18:33:56

شۇندىق  قىلماي   نىمە ئامال   يىزىلاردا   شۇ ئامانەت  قەرىزدىن   بۆلەك    بانكا   بولمىسا   ناھىيە  دە باشقا بانكا  بولسىمو   لىكىن دىھقانغا   قەرىز بەرمەيدو .ئەمەسما

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 20:51:30

ئون چوڭ شىركەتنىڭ بەشى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ بېقىپتىمەن ، مەنمۇ يامان ئەمەس ئىكەنمەن....

سودا سانائەت بانكىسى ، قۇرۇلۇش بانكىسى ، يېزا ئىگىلىك بانكىسى ، سامسۇڭ شىركىتى ، مىكروسوفت شىركىتى :lol

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 20:54:30

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 20:51 static/image/common/back.gif
ئون چوڭ شىركەتنىڭ بەشى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ بېقىپتىمە ...

ما ئىنكاسىمدىن بىرە مەخپىيەتلىك بايقىدىڭلارمۇ ؟ئەڭ ئالدىدا  توغرا تاپالىغانلارغا بەش مۇنبەر پۇلى مۇكاپات بار ؟

tomoki يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 21:20:12

كومپىيۇتىرىڭزنىڭ سىستىمىسى ھەقىقى نەشىردىكى .  win8 . كومپيۇتىر ياكى تىلىفۇنىڭىز سامسۇڭ  ماركىلىق{:87:}{:87:}{:87:}{:87:}{:87:}{:87:}{:101:}

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 22:46:32

ئالدىدىكى ئۈچىدىن قەرىز ئېلىپ كەينىدىكى ئىككىسىنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋالدىڭىز.

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 23:11:45

باشقا دۆلەتنىڭ بانكىلىرى كىرەلمەپتۇ .... ئەھۋالدىن قارىغاندا بانكىدا خەقنى قاقتى سوقتى قىلىدىغان ئىش مۇشۇ قوڭگودىلا بار ئوخشىمامدۇ

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 00:06:48

جوڭگو كارخانىلىرىدىكى ئوخشاشلىقنىڭ سەۋەبىنى كىم چۈشەندۈرۈپ باقىدۇ؟

يەنى ساپ پايدىسى بىلەن تىجارەت كىرىم نىسبىتى 2:1كە توغرا كىلىدىكەن.  چەتنىڭ شىركەتلىرىنىڭ ساپ پايدىسى بىلەن تىجارەت كىرىمى نىسبىتى10:1 گە توغرا كىلىدىكەن.  بۇنداق زور پەرىق بولۇشىدىكى سەۋەب نىمە؟

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 00:09:33

جوڭگو كارخانلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى بەك ئاز لىكىن سەپ پايدىسى كۆپكەن،  بۇ بىر نورمالسىز مەسىلىمۇ قانداق؟

2828288 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 00:29:12

omar14 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 23:11 static/image/common/back.gif
باشقا دۆلەتنىڭ بانكىلىرى كىرەلمەپتۇ .... ئەھۋالدىن قارى ...

ئاۋۇ جوڭگۇ دىگەننى خاتا يىزىپسىزمۇ نىمە؟ دەرھال ئوڭشاۋىتىڭ.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 07:07:30

كىم بىلىدۇ بۇ بانكىلارنىڭ ئاشۇ ئالغان ساپ پايدىسى يانچۇقىدا بارمۇ-يوق؟

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 07:29:49

ئامانەت قەرىز كوپراتىپى،،،كۇلۇينىڭ ھەرقاندق يېرىدە بار،،بېيجىڭ شاڭخەي شىئەن دىگەندەك،،،كىچىك ناھىيەلەردە بىر ئاز كۆپ،چوڭ شەھەرلەردە بىر ئاز ئاز،،،شۇغىنىسى كۇلۇيدا يېزا ئىگىلىك سانائەت بانكىسى 农村商业银行دەپ ئاتىلىدۇ،،،دىمەك دەرىجىسى ئۈستۈنرەك.
ئېكسون موبىللا ئەمەس،،نۇرغۇن يامان شىركەتلە شەخسىنىڭ،مەسلەن ۋورما ،ئالما، ،گوللاندىيە خان جەمەتى نېفىت
شىركىتى،گوگۇل،سامسۇڭ،مىكروسوفىت
دىگەندەك،،،،لىكىن ئېكسون موبىل راستىنلا يامان دە،،،
بەت: [1] 2
: دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ پايدا ئالغان 10 شىركەت