(Nokia) نوكىيا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىدۇ.
نوكىيا (Nokia) مىكروسوفتقا (Microsoft) سېتىلىپ بىر يىلدىن كېيىن مىكروسوفتنىڭ ئىسلاھات بورىنىدا «يوقىلىش» تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. ئىسپاتلىنىشىچە، مىكروسوفت لۇمىيا (Lumia) ماركىسى نوكىيانىڭ ئورنىنى ئېلىپ، يېڭى يان تېلېفون ماركىسى بولۇپ قالىدىكەن. بۇندىن بۇرۇنمۇ مىكروسوفت شىركىتى نوكىيا ماركىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، بىر مەزگىل يان تېلېفونغا ۋەكىللىك قىلغان نوكىيا ماركىسىنىڭ سەھنىدىن چېكىنىشى ئاساسەن تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە نوكىيانىڭ فىرانسىيەدىكى يان تېلېفون كەسپىFacebook ،Twitter قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكەتلىرىدە «Microsoft Lumia» ماركىسىنى قوللىنىشقا باشلىغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتىدە باشقا بازارلاردىمۇ يېڭى ماركىنى قوللىنىشقا باشلايدىكەن. بۇ خەۋەرلەرگە نىسبەتەن ھازىرغىچە مىكروسوفتنىڭ جۇڭگو شىركىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.
باش ئورگىنى فىنلاندىيەدە تەسىس قىلىنغان، 100 يىللىق تارىخقا ئىگە نوكىيا شىركىتى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا يان تېلېفون كەسپىنى مىكروسوفت شىركىتىگە سېتىۋېتىپ، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە خەرىتە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتكە ئۆزگەرگەن.
مىكروسوفت يان تېلېفون كەسپىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نوكىيا ماركىسىنى 10 يىل ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋە Lumia ،Asha قاتارلىق ماركىلارغا ئېرىشكەن. مىكروسوفتنىڭ نوكىيا ماركىسىنى ئىشلەتمەسلىكى، نوكىيا ماركىسىنىڭ كەلگۈسى يان تېلېفون ساھەسىدىن تەدرىجىي يوقىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
مەنبە:ئەرقال تاراتقۇسى يەنە تارىخ ئوقۇيدىغان بوپتۇقدە!!
ئەمما بەك ياخشى تىلىفۇن جۇما! ماركا مەيلى كونا ياكى يېڭى بولسۇن سېستىما ئىلغار ياكى ئاددى بولسىمۇ ئۆزى كارامەت پىششىق:lolسىگىنال تارتىش كۈچى بەك ياخشى. يەنە كىلىپ فوتوگىرافلىق قىلسىمۇ چانماسلىقى مومكىن. شەخسەن ئۆزۈم بۇ ماركىدىكى تىلىفۇنلارنى ياقتۇرىمەن:)
kakkur يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 11:30 static/image/common/back.gif
Nokia نىڭ دەپنە مۇراسىمىگە باشقا دوسلىرى كەلمەپتۇدە... ئالما يولدا كىلىۋاتقان چېغى....{:92:} ياڭاق چاققاندا لازىم بۇلىتى {:99:} بۇرۇن تېلفۇن دىمەيلا نوكا دەيتتۇق ، ئاداش نوكارىڭنى بىرىپ تۇرە دىگەندەك ،،،، بەك ئۇمۇملاشقان ماركا ئىدى ، ياماخا موتۇدەك .... نوكىيا ئەمدى تارىخ بولاپ قالغۇدەك. مۇشۇ نوكىيا ، موتۇرۇللا يامان ئىسل تىلفۇنلارتى جىما..... موتۇرۇللامۇ يوقالدىمۇ ھېچ يوق.. بى بى جى لىرىنى قىسىپ كىتتى خەقلەر... خاشۇ دەللال دەپ قويۇپ ... Nokiaدىن ئىبرەت ئېلىش كىرەك ئالما، ۋېندوۋسلارمۇ كۆرەڭلىمىسە بولىدۇ، نوكىئانىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن چوقۇم شۇلارنىڭكىگىمۇ كىلىدۇ.
جاھاندا مەڭگلۈك خوجا بولمايدۇ..... بۇ خەۋەر پەقەت بىر پەرەز بولۇشى مۇمكىن، نوكىيانىڭ سۈپىتى ئارقىلكىق ئىشلەتكۈچىلەر قەلبىدە تىكلىگەن ئورنىنى يەنە بىر ماركا ئىگەللەپ يوق قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس،خۇددى ئادەم تۇنجى مۇھەببەتلەشكەن ئادىمىنى ئۇنتۇپ كېتەلمىگەندەك، شۇڭا نوكىيا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلىشىشى مۇمكىن دېگەن گەپكە مەن چىنپۈتمەيمەن. ئېھتىمال بىر كۈنلەردە نوكىيا ماركىسىدىكى تېلفونلار تېخىمۇ مۇكەممەل، پۇختا چىقىپ، باھاسىمۇ يۇقۇرى بولۇپ كېتىپ بىز خەقلەر قوبۇل قىلالماي خوش دېيىشىمىز مۇمكىن، ئەمما نوكىيا خېلى بىر مەزگىللەرگىچە يوقالمايدۇ. ئۇ پەقەت بىزنىڭ كاللىمىزغا ئورناپ كەتكەن سىزىم ، ئەمما بىز قاچانغىچە مەۋجۇت ؟؟؟ خەۋەرلەرگە قارىسام سامسۇڭمۇ نوكىيادەك كۈنگە قالدىغاندەك ، ، ، ئۇيغۇرچىنى قاتمىغانغا ۋەيران بولدى ! gepnoz يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 04:22
ئۇيغۇرچىنى قاتمىغانغا ۋەيران بولدى !
بۇ خەۋەر راسمىدۇ؟ ………… tekin3 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 06:48 static/image/common/back.gif
بۇ خەۋەر راسمىدۇ؟ …………
ئالمىنىڭ مۇراسىمى قاچان بولا؟ سۇن مايمۇندەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان ئوخشايدۇ... بولسا بۇرۇنقى شۇ كىسەك تېلېفۇن تۇتىدىغان چاغلارغا قايىتساقچۇ دەپ قالىمەن ....... :( xajarim يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 15:28
مۇشۇ نوكىيا ، موتۇرۇللا يامان ئىسل تىلفۇنلارتى جى ...
موتورولانى جۇڭگونىڭ لىيەنشاڭ سىتىۋالدى،
تاغتۇرالىقلارنىڭ قولىغا چۈشكەن يولۋاسنىڭ ھالى
مۈشۈك كەبى بولماي نىم بولماقچىدى شۇ، abdrtt يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 09:19 static/image/common/back.gif
ئالمىنىڭ مۇراسىمى قاچان بولا؟ سۇن مايمۇندەك ئۇزۇن ئۆ ...
ئاللا تېنىمىز ساق-سالامەت ، ئۆمۈرىمىزنى ئۇزۇن قىلسا ئالمىنىڭمۇ دەپنە مۇراسىمىنى ئاڭلايمىز تېخى.....
بەت:
[1]
2