samawar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 10:57:18

4-يانىۋار


4-يانۋار

مەن كىم ؟ بۇ قەيەر ؟ باش ئايىغى يوق سۇئاللار .كىشىلەرنىڭ گۇمان نەزىرىدە باش ئايىغىمغا قاراشلىرى جىنىمغا تەگدى.ئاخشام شۇنداق بىر چۈش كۆرۈپتىمەن.ئادەم يوق  ئۆيدە يالغۇز  تۇرغىدەكمەن،تۇيۇقسىز ئالدىمغا بىر گۈزەل قىز پەيدا بولۇپ قالدى گەپ سۆزسىزلا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مىڭىپتىمەن ،ئۆينىڭ قىبلە تىمىدىن ئۆتۈپ ئۇزاق ماڭدۇق  گۈزەل باغلار،چىرايلىق گۈللەرقانداق قىلىپ بۇ باغغا كىلىپ قالغىنىم ئىسىمدە يوق .سەل ئىسەنگىرگەندەك قۇرقۇش ھىسسىياتىم بىلەن ئۆزۈمدىن سوراپ باقتىم ؟ مەن كىم  بۇ قەيەر ؟ قىزنىڭ قولىدىكى بايىلا ئۈزۈلگەن مىزىلىك، پارقىراق ئالمىنى قولۇمغا ئىلىشىمغا ،ئالما قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتىدە بىر دومىلاپلا ئۆزۈمگە ،ماڭا ئوپمۇ ئوخشاش بىرسىگە ئايلاندى . ماۋۇ كارامەتنى دەپ ياقامنى چىشلىمەكچى بولدۇم ،لىكىن ھىس قىلدىمكى مىنىڭ ياقام يوق ئىدى . مەلىكىنىڭ تەكلىپى بويىنچە ئۇنى ئەمرىمىزگە ئىلىش،ۋە بۇ غەزىنە دۇنياغا  ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۇزاق ئىلىشتۇق.گاھ مەن ئۈستىدە ،گاھ ئۇ ئۈستىدە .ئۇزاق ئىلىشلاردىن كىيىن مەن ئۇنى يىڭىۋالدىم .لىكىن مەلىكىنى شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم.كىيىن يەنە ئادەمسىز ئۆيگە ،ساناتورىيەگە كىلىپ قالدىم .ئەتراپىمدا نۇرغۇن مەن تونۇيدىغان تونۇمايدىغان كىشىلەر مەندىن ھەر خىل سۇئاللارنى سورىشاتتى .ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بايامقى مەن بىلەن ئىلىشقان مەنمۇ بار ئىدى .ئۇنى شۇنچە كىشىلەر ئارىسىدىن شۇنچە ئاسان تونىۋالغىنىمغا ھەيران قالدىم .كىيىن كىشىلەر  بىر توپ ساقچىلارنى باشلاپ كەلدى .ئۇلار مىنى كۆتۈرۈپلا ماشىنىغا باستى. قول پۇتلىرىمغا ئىغىر كىشەنلەرنى سالغاندا ۋايساشلىرىمغا،كالتەك دۇمبالارغا چىرقىراشلىرىمغا قارىماي قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويدى .ئۇلار توختىماي سۆزلەتتى ،لىكىن مەن چۈشەنمەيتتىم .ئۇلار كىم ؟ بۇ قەيەر ؟ مەن زادى كىم ؟


-يالغۇز قىلىشقا ئامراقلىقىم راست،لىكىن بۇنچە يالغۇز چۆللۈكلەرنى ئۈمۈد قىلغىنىم ھەتتا خىيالىمغا كەلتۈرگىنىم يوققۇ ؟
-لىكىن سەن ئەزەلدىن يالغۇزلۇقنى،دۇنيادىن،ئادەملەردىن يىراق بولغان يەنە بىر دۇنيادا يالغۇز قىلىشنى ئىستەيسەن .
-ئەمما نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق گۈزەل چاغدا ،ئايالىم باللىرىم بىلەن بەختىيار كۈنلەردە چۆللەردە قالدىم
-ئەخمەق! ئىنسانلارنىڭ بەخىت تەلىيى،ئىنساپ دىيانىتى كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىكى بىر مۆھۆر خالاس.خالىساڭ باسىسەن ،خالىساڭ ئاق قويىسەن.لىكىن،ئۇنۇتما1 ئۇنىڭغا ئىچۈرگەن سىياھ پەقەت تەڭرى تەرپىدىن .
-تەڭرى؟؟
ئىنسانلارنىڭ تولىسى تەڭرىنى بىلمەيدۇ ھەم بىلىشنى خالىمايدۇ،ئۇلار پەقەت ئۆلىرىنى بۇ دۇنيادا ياشاشقىلا ھوقۇق بىرىلگەن دەپ ئويلايدۇ.ئىنسانىيەت چەكسىز بىر كارۋان بولسا،ئەنە شۇلار سەپتىن ئايرىلغۇچىلار،كارۋان مەنزىلى بولسا ئىلاھنىڭ ئىرادىسىدۇر!
-ئۇنداقتا ئىنسانلار شۇنچە ياخشى ياشاپمۇ،توققۇزى تەل تۇرۇپمۇ،نىمىشقا ئۆزىنى بەخىتلىك ھىساپلىمايدۇ ؟
-بەخىت ئۇ ئىلاھ تەرىپىدىن بىرىلگەن نىئمەت.ئۇ پەقەت ئالەملەردىكى بىرلا ھەقىقي ئىلاھتۇر.ئۇنىڭ ئىنسانلار قەلبىگە پۈككىنى ھىدايەت ئارقىلىق ئىرىشىدىغان ھەقىقى پاكلىق.شۇڭا بەخىت مۇشۇ دائىردىن چىكەتسە ئىنسانلار مەڭگۈ بەخىت ھىس قىلمايدۇ
-ئەمسە سەن بەخىتلىكمۇ ؟
بەخىت مۇتلەق ئەمەس،پەقەت سىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭگە،نىيەت-مەقسىتىڭگە  يارىشا بولىدۇ.بەزىدە بەخىتلىكسەن،بەزىدە بەخىتسىز
-مەنمۇ بەخىتلىكمۇ ؟ بۇ ھوقۇم ماڭىمۇ بىرىلامدۇ ؟
ئەلۋەتتە ! گەرچە سەن يەت تائىپە بولساڭمۇ،قۇياشنىڭ نۇرىدىن بەھرىمان بولىدىغان ۋە بولالمايدىغان بارلىق مەۋجۇدات ئۇنىڭ مەرھەمىتىگە ۋە بەخىت ئىگىسى ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىدۇ.شۇڭا ئۇلار بەخىتلىك.
-چۈشەندىم.لىكىن كۆرۈپ تۇرۇپسەن ،چۆللەردە قالغىنىم،ئاچسىز ،يوپۇقسىز قىينالغىنىم ئۆزۈڭگە ئايان.لىكىن مەن بەخىت ھىس قىلمىدىم
ئۇ ئۇزاققىچە قاقاھلاپ كۈلدى.
-ئىنسانلار شۇنچىلىك ئەخمەقكى،ئۇلار ئۆزلىرى كىيىنكى دەقىقە ئۈچۈن ئالدىنقى يىلدا پەرەز قىلشىدۇ،باھا بىرشىدۇ ۋە ئۆزىنى بىر قەپەسكە سولىۋالىدۇ.بىلگىنكى سىنى ئاچ قويغان ئىلاھ سىنى توق قىلىشقىمۇ قادىر،پەقەت ئۇنىڭ ساڭا تىخىمۇ مەرھەمەت قىلىشى ئۈچۈن خالاس.بۇ خۇددى بىلىقنى سۇدا،مۈشۈكنى تۇپراقتا قالدۇرۇپ،لىكىن مۈشۈكنى بىلىققا ئامراق قىلغىنىدەك ئىش خالاس.
-رەھمەت ساڭا.ئۇنىڭ ئىسمى نىمە ؟ ئۇنى قانداق تاپىمەن ؟
كۆڭلۈڭنى پاك تۇت،قەلبىڭنى رىيادىن ،كىبىردىن،ھەسەت،ھەۋەستىن تازلا.شۇنداق سىغىنكى ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆزلىرىڭ تالسۇن،ياشلىرىڭ ئاقسۇن.شۇ چاغدا ئۇنى قەلىب بىغىڭدا تەبىيلا تاپالايسەن.
ئۇنىڭ ئىسمى زاتى راھماندۇر.
-چۈشەندىم مەن بىشىمنى لىڭشىتتىم قەلبىمدە بىر خىل خاتىرجەملىك شەكىنلەنگەن ئىدى.-توغرا بۇ چۆلدە  مەن يالغۇز ئەمەسمىدىم،ئۇنداقتا سەن كىم ؟
-يىنىڭدىكى قۇدۇققا قارا ،شۇندىلا مىنى كۆرىسەن.
قۇدۇقتا ئىگىز ساماۋى ئاسمان ۋە يۈزلىرى نۇرلۇق بىر ئادەم تۇراتتى.شەك-شۈبھىسىز ئۇ مەن ئىدىم.
2

ھىچكىمگە تۇيدۇرماي قاپقاراڭغۇ ئۆيدىن،ۋە ئۇنىڭ كىچىك مورىسىدىن ئاستا سۇغۇرلۇپ چىقتىم .يانۋارنىڭ سوغۇق شامىلى قەلبىمنى مۇزلاتتى.كۆڭلۈمنى چىڭ تۇتقىنىمچە كىشىلەرگە ئوغۇرلۇقچە قارىدىم . نىمىگىدۇر ئالدىراش يۇرگەن پەرۋاسىز كىشىلەر تىخىمۇ سوغۇق ھەم سۈرلۈك كۆرۈنەتتى.كەچتە ئۆيگە كەلدىم،دادام تىخىچە سۈرىتىمگە قاراپ ئولتۇراتتى.ئانامنىڭ مەن بىلەن كۆرۈشكىنى تىخى تۈنۈگۈنكى ئىش .بىچارە دادام نەچچە ياش قىرىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى.تۇيدۇرماي ئۇنى سۆيۈپ قويدۇم .قۇربىتىم يەتكەن بولسا ئۇنى چىڭ قۇچاقلىغان،چوڭ كىلىپ قالغان چاپىنىنى ئۆزۈمگە يۆگىگەن بولاتتىم.ياش ئىچىدىكى ياش مەنمۇ يىغلىدىم.نىمىشقا دادامنى بىرەر قىتىممۇ چۈشەپ باقمىغاندىمەن؟ بىرلا كۆرگەن ھىلىقى قىزنى نەچچە قىتىم چۈشۈمدىن ئۆتكۈگىنىمگە ئۇيالدىم.دادام ئۈچۈن يەنە بىر قىتىم ھەسرەت چەكتىم .تۇيۇقسىز ئۇ كىرىپ كەلدى.ئانچە ئۆزگەرمىگەن،پەقەت كۆزلىرىدە بىر خىل پۇشايمان يىلىنجايتتى.پەقەت شۇ بىر قەدەمنى توغرا باسقان بولسا،دادامنىڭ يىغىسىمۇ بولمىغان،مىنىڭ رەسىمىممۇ كونا چاماداندىن چىقمىغان بولاتتى.دادامنىڭ مىنى بۇنچە ياخشى كۆرىدىغانلىقى قەلبىمنى سۆيۈندۈردى .ئۇمۇ يىغلىدى ،لىكىن ئۇنىڭغا ئىچىندىم ،قەلبىمدىكى ئاچچىق ،ھەسرەتنى تىڭشاپ باقسام،كۆزلىرىمدىن نۇرغۇن ياشلار تۆكۈلدى.ئىشەنمەيمەن دەيتتى قەلبىم.
-دادامنىڭ ماشىنىسى بەك چىرايلىق ھە ؟
-شۇنداق ئاكا .سانمۇ چوڭ بولساڭ چوڭ ماشىنىلارنى ئالىسەن،مەنمۇ ساڭا سەپداش بولىمەن.ياخشى ئوقۇپ ،يىراق شەھەرلەرگە ئوقۇشقا .
چىقىمىز!
ئۇ ئۈندىمىدى،پەقەت ئاچقۇچنى چىڭ تۇتقىنىچە ماڭا قاراپ تۇراتتى .مەن پەقەت ئۇنىڭ ماڭا ئامراقلىقىنىلا بۈلەتتىم.
-ئىنىڭىزغا پۈتكۈل قورونى بىرەمدىكەن ؟
-ئۇنداقتا سىزگىچۇ ؟
ئۇ گەپ قىلمىدى ،پەقەت غىلاپتىكى پىچاقنى چىڭ تۇتۇپ تۇردى.مەن ئۇنىڭ قولىغا قاراپ تۇردۇم .ئۇنىڭ   سوغۇق كۆزلىرىدىن قەھرىتان قىشتىكى شىۋىرغان تۆكۈلۈپ تۇراتتى.
-ماڭىما ؟ مۇشۇ گال پىچاق قالىدىغان ئوخشايدۇ .ئۇ كۈلدى شۇنچىلىك ھۇزۇرلىنىپ كۈلدىكى ،ئاۋۋال پىخىلدىغان ئاندىن قاقاھلاپ كۈلگەن ئاۋازىدىن ئىشىك دىرىزىلەر دىرىلداپ كەتكەندەك بولدى .ئانام داداملارنىڭ ئۇرۇشقىنىنى بۈگۈن كۆردۈم ،بىچچارە ئانام ،ئەزەلدىن بىر ئەر، بىر ئايال..
قولۇمدىكى قاپقارا ئۇۇرۇقلارنى نەمخۇش ھاۋاغا تاشلىدىم.ئۇنىڭدىن قىزىل ،يىشىل گۈللەر ئۈنۈپ چىقتى .ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرغان گۈللەرنى تەردىم .ئاكامنىڭ دادامنىڭ،ئانامنىڭ..ئۆزۈمگە بىرسىمۇ قالمىغانئىدى ،لىكىن مەن خۇشال ئىدىم.
-ئىشەنمەيسەن! ئاكام شۇنداق دىدى .-ئۆيدىكىلەر ئاللا بۇرۇن ئۆلدى.ئۇ ماڭا شۇنداق دىدى
-ھەممە ماڭا قالدى دەپ ئويلىغىنىم راست،لىكىن سەن ئاخىرى ماڭا ئارام بەردىڭ .دادام-ئاناملاردىن ساڭا مىھىر،ماڭا زەھەر بولدى.
ئۇ چالۋاقايتتى.شۇنچىلىك بىزار بولدۇمكى ۋاككىدە يىرىلىپ كەتتىم .قىزىل بىر سۇيۇقلۇق ئاستا-ئاستا يەرگە سىڭىپ ئۇنىڭدىن غەلىتە بىر ئۆسۈملۈك ئۈنۈپ چىقتى.دادامنىڭ بۇنىڭغا سۇ قۇيۇپ تۇرىشىنى،ئۇنىڭ ئۆلۈپ قالماسلىقىن ئۈمۈد قىلدىم.ئەپسۇس،ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ كىلىشنى ئويلىمىغان ئىدىم .
3

ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى قۇم باستى دىدىم .
قەلبىمنى بىر تۈپ دەرەخ تۈۋىگە كۆمۈپ قويدۇم.قىلچىمۇ شەپقەت قىلماي مۇشۇنداق رەزىل ئىشنى قىلغىنىمغا،يۈرۈكۈمنىڭ ئانچە سىلىپ كەتمىگىنىگە،يۈزۈمنىڭ چىم-چىم قىلىپ قىزارمىغىنىغىمۇ ھەيران قالمىدىم.چۈنكى بۇ يىڭى دۇنيا ،ئاجايىپ دۇنيا !
ئىشتىن چۈشۈپ كىلۋاتقىنىمدا،ئارقامغا كىرىۋالغىنى بىر تىلەمچى ئىدى.خۇددى رازىۋىچىك ساقچىلاردەك ، پىشقان جاسۇسلاردەك قەلبىمدىكى ھەر بىر ئۆيگە بىردىن كىرىپ چىقتى.شۇنچە قۇرۇق قەلبىمدىن ھەيران قالغان بولسا كىرەك،ئاخىرى غەيرەتكە كىلىپ يىتىشىپ كەلدى-دە
-سىز كىم ؟ دەپ سورىدى
-ئادەم ؟
دەماللىققا كەلگەن جاۋاپتىن قورقۇپ كەتتىم ،پۈتۈنلەي چۈشۈنۈكسىز ھالدا دىدىمكى
-مەن بىر گۈزەل قىز .-گۈزەل قىز ئادەم ئەمەسمۇ ؟ بۇ سۇئالغا جاۋاپ بەرگىم يوق .
باللىرىم بىر تۆمۈر قەپەس ئىچىدە چوڭ بولغىنى ئىنىق،لىكىن مىنىڭمۇ شەكلى ئوخشىمىغان ھەر خىل قۇتىلارغا سولانغىنىم سىر ئەمەس.مەغرىپتىن مەشىرىققىچە بولغان ئارلىق ، قوشنامنىڭ كەچتىكى بەزمىسى،ئۇنىڭ نىمىلەرنى دەپ،كىملە ئۈستىدە غەيۋەت قىلغىنى،مىنى قايسى رەۋىشتە چاققىنى قۇلاق تۈۋىمدە.لىكىن يەنىلا ئۇنىڭ ئىسسىق قولىنى تۇتۇپ كىيمىنى ماختاپ يۈرۈيمەن.كۆنۈپ قاپتۇق ئامال قانچە دىدى ھىلىقى دوستۇم بىر كۈنى .راست قانداق قىلىمىز ،كۆنمەي  ئامال يوق ...
ئاتا ئانىمىزدىن تالاي قىتىم ئاڭلىغان ،جان پىدا ،ئوت يۈرەك ئاشىق مەشۇقلار (پەرھاد-شىرىن،لەيلى-مەجنۇن) تولىمۇ كۈلكىلىك.بۇنداق تارىختىلا بولىدىغان كۆرىنىشلەر ئايدا بىر چىقىدىغان داڭلىق تىۋىزىيە تىياتىرىدا كەم بولسا بولمايدۇ.
ئالدىنقى كۈنى قىزىمنى باشلاپ باغچىغا باردۇق.قىزلارنىڭ ئەتراپىمىزدا ئەگىپ يۈرىشىنى مەن ئۇنىڭدىن كۆرمەيمەن.يالغۇز ئولتۇرۇپ ئۇنى ساقلاۋاتقان بولساممۇ،قەلبىمدە ئاللا بۇرۇن قىززىق ئويۇنلار،ھاياسىز كۆرۈنۈشلەر خۇددى كىنو لىنتىسىدەكلا.ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ سورىدۇم
-سىزمۇ ئادەممۇ ؟ بىز ئالدىڭىزدا نىمىگە ھىساپ ؟
تالاي-تالاي ئاڭلانغان گەپلەر.كۆڭلۈم پەرىشان قايتىپ كەلدىم .تۇرۇپلا ئۇلارغا بەخىت تىلىدىم شۇندىلا ئۇلار يالىڭاچ ئالدىمغا شۈمشىيىپ چىقتى.ئۆزۈمنى ئۇلۇغلاردىن ھىساپلىمىساممۇ،ئۇنىڭغا قىلغان بۇ كىچىككىنە ئۇلۇغۋارلىقىم ئۇنى تەسىرلەندۈردى بولغاي،كىيىنكى ئايدا تۇل قالدىم ،بۇنى بەخىت ھىسابلىسام يالغانلىقى ئىنىق ، لىكىن قايغۇرمىدۇم.
چۈشلۈرۈمگە ناتۇنۇش يىگىت ھەمراھ.ئۇنىڭغا ئۆلگىدەك ئاشىقلىقىم ،ياخشى كۆرىشىم گۇناھ بولمىسا كىرەك.مۇزدەك تەنھالىقىمغا،نىشانسىز قالغان قەلىب قولۋىقىمغا تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ئەرنى قايتۇرمىدىم.كوچىدىكى كىيىم كىچەك ماگزىنلاردا ،ئارا يوللاردا مەقسەتسىزلا ئايلىنىپ يۈرۈشۈم شەيتانغا خوپ ياققان چىغى ئالدىمغا ھىلىقى يىگىتنى ئەۋەتكىنى قىززىق.شۇ كۈنى قانغۇچە مۇڭداشتۇق.نۇرغۇن پۇل بىرىپ ئۇنى كارۋىتىمدا ئۇزۇتۇپ قويدۇم.دوستلىرىمنىڭ مىنى ئىسىل ئايال دىيىشلىرىگە بىر تەستەك سالسام ئەرزىيدۇ.
خىزمىتىمدىنمۇ ئايرىلدىم،باللىرىم نەدە يۈرگەندۇ،ئاچ-توقمىدۇ دەپ ۋايىم يىمەيمەن.چۈنكى مەن ئادەم ئەمەس...
4

چىرايلىق بىزەلگەن رەڭدار خىرۇستال چىراقلار چاقناپ تۇرغان سىنىپتا دەرس ئاڭلاۋاتىمەن .كاللام قۇپقۇرۇق ،شۇ قۇرۇقلۇقلاردا پەقەت ئۆزۈمنى ئىزدەش ئۈچۈن قايمۇقۇم ئادىشىپ قالدىم.سۈبھى بىلەن پانىي دۇنيادىن قايتىپ كەلگۈچە شۇنچە قىينىلىمەن .دۇنيادا شۇنچە بىئەدەپ تائىپە بولسا كىرەك،يۈزلىرىمگە چاچقان يۈندىنى ئىرىغداشقا ئۈلگۈرمىگەن قولۇم،ئۇنىڭ ئاتقان لىيىغا چاپلىشىپ قالدى.ئىسىت دەيتتىم ئىچىمدە «كىشى ماڭا ئالتۇن بەرسىمۇ كاشكى،دۇنيانى بەرسىمۇ ھەرگىز ئۆز ئۆزۈمنى تاپالمىغان چۆللۈكتە،تولىمۇ تونۇش ،ئەمما پۈتۈنلەي ناتونۇش بولغان چۆللەرگە تاشلىمىسا »دەپ ئۇزاققىچە دۇئا قىلدىم.
ئۈمۈدۋارمەن،ئۈمۈدلىك بول دەيتتى دادام.ئۈمۈد ئادەمنىڭ ھايات چىرىغى دەپ ئوقۇغىنىم يادىمدا.
كۆكتىكى قاتار-قاتار تۇرنىلار، يەردىكى ساپسىرىق خازانلار ماڭا ئۈمۈد توغرىسىدا كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگەتتى.ئويلايمەن ئۈمۈد دىگەن ئىتقاد،ئىشەنچ،غايە. قۇرۇق گەپ دىمە،غايە،ئۈمۈد تولىمۇ زۆرۈردۇر.
ئالدىمدىكى ئىگىز ھەيكەلگە،تولىمۇ سىپتا قاتۇرۇلغان سەنئەت بويۇمىغا،توغرىراقى بىر تاش بۇتقا ئۇزاققىچە قاراپ تۇردۇم،گەرچە ئۇ كۆكتە شۇنچە مەغرۇر تۇرسىمۇ ئۇنىڭغا غۇرۇرۇم بىلەن خىتاب قىلدىم.چاك-چىكىدىن يىرىلغان تاشلار ئايىغىمغىلا يىقىلدى،ئۇنىڭ ئۈچۈن تىزىلغان گۈللەر ئاۋۋال شۈمشىيىپ ئاندىن قۇرۇشقا،زىمىنغا ئەمەس،ئۆزىدەك سۈنئىي يالتىراق خالتىغىلا كىپەنلەندى.غۇرۇر ئۇ ھايات دىمەكتۇر .
غىرىپلىقىمنى تاش قىلىپ يىراقلارغا ئاتقىم كىلىدۇ.لىكىن ئۇنىڭ تىخىمۇ غىرىپلارنىڭ بىشىغا تىگىشىنى،پەقەت بولمىسا ئۇلارنىڭ شىرىن چۈشىنى بۇزۇشنى خالىمايمەن.ئايدىڭ كىچىلەردە ئۇنى سىرغا قىلىپ ئىسىۋالىمەن.چىرايلىق ئاي نۇرىدا ئۇنىڭ يىقىملىق ئاۋازىغا جۆر بولۇپ ،چىرايلىق چىمەنلىككە مەپتۇن بولىمەن ،گەرچە تاش ئۈستىدە ئىچىلغان گۈل بولسىمۇ ئىپتىخار ئىچىدە كۈلىمەن.چۈنكى مىنىڭ ئەقىدەم،قەلبىم گۈل ئۈچۈن تەسەددۇق،زىمىن تاللاش ئەركىنلىكىم يوق بولسىمۇ،تاش تىپىلغىنىغا شۈكرە دىدىم.
گۈل گۈزەللىك ئىزدىمەيدۇ ،بەلكى ئۆزى ئۈنگەن يەرنى گۈزەللىكە پۈركەيدۇ...
سالقىن شامالغا،شىۋىرلاۋاتقان سۇۋادان ياپراقلىرىغا ئۇزۇندىن ئاشىقمەن.ئۆزۈم ياخشى كۆرمىگەن قەلىب دالالىرىمغا نۇرغۇن مەنىسىز جۈملىلەرنى،تۇترۇقسىز ئىبارىلەرنى تاشلاپ چىقتىم.بۈلمىدىم تەشكۈرگۈچىلەرگە ياراپ قالارمۇ ؟ ئۇلار كۆزلىرىگەبىر قەۋەت ئەينەك تارتقان،قەلبىمۇ ئەينەكتەك  كىشىلەر.تەقدىر دەپ ئۆزۈمنى بەزلىدىم.دەرەخ ياپراقلىرىغا ،يىقىملىق شىۋىرلاشلىرىغا قاراپ تۇرغىنىمدا ،قەلبىمدىكى يىگانە دەرەخنىڭمۇ ئاستاغىنە مىدىرلاۋاتقىنىنى،يوپۇرماقلىرىنىڭمۇ يىنىك شىۋىرلاۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم.كۆمۈش قوڭغۇراقتىن چىققان زىل ئاۋازدەك بۇ تىۋىشلارغا تەڭ جۆر بولۇپ ناخشا ئىيىتتىم .ئىھ ناخشا! يۈرەكنىڭ قات-قىتىدىن ئۇرغۇپ چىققۇچى،نىقابسىز،پەرداسسىز،پەقەت ھەقىقىي ساپ يۈرەكتىلا بولىدىغان ئىسىل شاراپنىڭ مەستخۇش ھىدى.ئولتۇرىۋاتقان قۇياشنى،ئۇنىڭ ئەتراپىدا زەردار نۇرلار بىلەن جۇلالىنىپ تۇرغان ئىپتىدائىي ئورماننى قەلىب تىمىمغا ئىسىپ قويدۇم .ئەتە قۇياش چىقسا  يەنە سىزىمەن،گۈللەرنى،كۆپكۆك ئاسماننى،كىچىككىنە دەرەخنى،ھالرەڭ چىچەكلەرنى،ئاپئاق بۇلۇتلارنى ...ھەممىنى سىزىمەن.رەسسام بولۇش تەمەيىم بىلەن ئەمەس،تاڭرى بەرگەن ئىتقادىم بىلەن ،ئۆز قولۇم بىلەن سىزىمەن !
«قەلىبلەرنىڭمۇ ئۆزگىچە ئۆيلىرى،ھەر بىر ئۆينىڭ بىردىن ئىشىكلىرى بولىمىش» بۇنى دوستۇم دىگەن.ئىھتىمال قەلىب بىر دۇنيادۇر،ياكى پۈتكۈل ئالەمدۇر.ئەزەلدىن پاك يارىتىلغان،گۈزەللىك،رەزىللىك تەڭ ھۆكۈم سۈرىدىغان ئىپتىدائىي ماكاندۇر .مىڭ بىر كىچە كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان رىۋايەت،قەلىبلەردىكى رىۋايەت بەلكىم تۈمەنمىڭ كىچىلەردە تۈگىمەس،بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇندۇر.....
بەت: [1]
: 4-يانىۋار