tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 09:09:14

مودا ( ھىكايە )

ۇقىرى مەھەللىدىكى ھېلىقى خامسېمىز سېلىمەك جېنىغا تۇشلۇق ئىش قىلماي، بىنا ئۆي ئالغۇدەك، نەدىن تاپقان پۇلى باركىنە ئۇ تۇل ساراڭنىڭ...
ئالسا ئالمامدۇ، سېنىڭ نېمە كارىڭ؟ بىكارلا تىللايسەنغۇ خەقنى، ئارپاڭنى خام ئورۇغاندەك
ئاشۇ سېلىمەك ساراڭچىلىك بولالمامدۇق؟ بىزمۇ ئالىمىز..
نېمىنى ئالىسەن، نېمىنى؟
مەن ئالىمىز دېدىمما، ئالىمىز، بىزمۇ بىنا ئۆيدە پاكىز ئولتۇرساق بولمامدىكەن؟ ھازىرچۇ بىنا ئۆيدە ئولتۇرۇش مودا.
ئەمىسە دېگىنە قېنى، قايسى پۇلغا ئالىمىز؟ ئۈچ بالىمىز ئوقۇۋاتسا، ھالىمىزغا بېقىپ ئىش قىلساق بولارمىكىن؟
پۇل بولمىسا، بانكىدىن قەرز ئالساق بولىدۇغۇ؟
    توۋا، ماۋۇ خوتۇننى، قەرز ئېلىپ ئۆي ئالغانغا تويارسەنمىكىن، قەرزنى تۆلەپ بولالماي...
    ئەمىسە مۇشۇ ئۆينى قايتىدىن راۋۇرۇس ئوڭشايمىز، خەقلەر كۆرسە ھەيران قالغۇدەك...

    بىر ئوبدانلا ئۆينى يەنە قانداق ئوڭشايمىز؟ بۇ ئۆي ئەمدى ساڭا يارىماي قالدىما؟
  ھەممە ئۆينىڭ ئۈستىنى ئېچىپ، ۋاسا جۈپ قىلىپ ياپىمىز، مېھمانخانا ئۆينىڭ تېمىغا يوتقان – كۆرپە تىزىدىغان تەكچە چىقىرىمىز، ئۆيلەرنىڭ جەگە، ۋاسىلىرىنى نەقىشلەپ سىرلايمىز، پەگالىرىغا چىنە خىش ياتقۇزىمىز، ھويلىنىڭ تاملىرىغا چاقچۇق چاپلىتىىمىز، يەنە ئاۋۇ...
   مۇشۇنداق قىلىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟ ئۆيگە قويغىلى‹‹ئالتۇن مەش›› ئالىمىز دېمىدىڭ ياخشى؟
  نېمە دەيدۇ ماۋۇ ئادەم، سىلە ماۋۇ دۇنيادا بارمۇ – يا؟ مېڭىسىنى قاغا چوقۇۋالدىمىكى، بايا دېدىمغۇ، بۇ دېگەن ھازىرقى مودا
   شۇنداقمۇ؟ خوش، قورسىقىڭدىكى پىلانىڭنى دېگىنە، ئاڭلاپ باقاي! يەنە قانداق خام خىيالىڭ باركىن، مەن بىلمەيدىغان.
   ھە... يەنە تېخى ھەربىر ئۆينىڭ دېرىزىسىگە شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك ئېسىل دۇخاۋىدا ئىشلەنگەن پەردە تارتىمىز. ئۆيدىكى كونا گىلەملەرنى ئېلىشىغا سېتىۋېتىپ، يېڭىدىن ئۆزبېكىستان، تۈركىيىلەرنىڭ گىلەملىرىنى ئېلىپ سالىمىز. ھېلىقى ھاشىماخۇننىڭ ئۆيىدىكى تۈركىيىنىڭ گىلەملىرىنى كۆرگەنتىڭىزغۇ – ھە، بىزمۇ ئاشۇنداق گىلەمدىن ئالىمىز!
   ھېلىغۇ تۈركىيىنىڭ گىلەملىرىكەن، ئىراننىڭ گىلەملىرىنىمۇ كۆرگەنمەن. لېكىن كۆرسەم نېمە پايدىسى؟
    نېمە پايدىسى دەيلىغۇ؟ نېمىشقا پايدىسى بولمايتتى؟ بىزمۇ گىلەم ئالغاندا ئاشۇنداق نۇسخىدىكى گىلەمدىن تاللاپ ئېلىشقا پايدىسى بار ئەمەسمۇ. گۇاڭجۇدا ئىشلەنگەن لۆم – لۆم خۇرۇم كرېسلو ئالمىساق قانداق بولىدۇ؟
    ‹‹مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق گۆشكە ئامراق›› دېگەندەك، ئاجايىپ گەپلەرنى دېگىلى تۇردىڭغۇ ئەمدى!
   سىلى پات –  پات يۇيۇنۇشنى ياخشى كۆرىلىغۇ؟
   شۇنداق، بۇنى سوراپ قالدىڭغۇ؟
   سورىسام يامان بولامتى، شۇڭا ھويلىنىڭ ئاۋۇ بۇلۇڭىغا مۇنچا سالىمىز، ئىچىنى چاق – چۇق بىلەن بېزەيمىز، خۇددى سىيىتھاجىمنىڭ مۇنچىسىدەك. ئۇ چاغدا مۇنچىغا بارىمەن، دەپ ئاۋارە بولمايلا...
   بۇ گېپىڭ بولىدۇ، ئۆيدە مۇنچا بولغىنى ياخشى، ھەمىشە ئاممىۋى مۇنچىغا بېرىپ يۈرەمدۇ ئادەم...
    ھە، راست، ئۆيلىرىمىزنى شۇنچىۋالا ياسىغان تۇرۇقلۇق ئاشخانا ئۆينى قايتىدىن سالمىساق قانداق بولىدۇ، بولمىسا خەق كۆرسە زاڭلىق قىلمامدۇ، شۇڭا...
   بۇ گېپىڭچە، بۇ ئۆينى پۈتۈنلەي چېقىپ تۈزلەپ، ئورنىغا يېڭى ئۆي سالىلى دېمەكچىكەنسەن، – دە؟
    ھەببەلى، ئەمدى كۆڭلۈمدىكىنى تاپتىلا، بىزمۇ يېڭى ئۆي سېلىپ، يېڭى زامانغا ماسلاشمىساق مەھەللىمىزدىكى خەقلەر بىزنى ئارىسىغا ئالمايدۇ شۇ.
  لېكىن، نەچچە پۇل كېتىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ باقتىڭمۇ؟
مىڭ كويدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ دەيدۇ.
    كىم شۇنداق دەيدۇ؟
   ياسىناجىمنىڭ ئۆيىنى سالغان تامچى بىلەن ياغاچچى.
  ئۇلار بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ بولدۇم دېگىن! ئەخمەتنى ئۆيلەيدىغانغا يىغقان پۇلنىڭ كۆزىگە ياغاچ تىقىدىغان بولدۇم دېگىنە،  مەن نېمە كويدا، سەن نېمە ئويدا؟
   ئۇنىڭ تويىنى مۇشۇنداق ئاددىي ئۆيدە ئۆتكۈزسەك، خەقنىڭ ئالدىدا نومۇس قىلالا ھەقىچان؟ ئۆينى يېڭىلاپ سالساق، مەن ئۇ دۇنياغا يۈدۈپ ئېلىپ كەتمەسمەن. دەپ باقسىلا، سىلىنىڭ ئازادە يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ، راھەتتە ياشىغۇلىرى يوقمۇ –  يا؟ پۇل دېگەن قولنىڭ كىرى، ئۇنى راھەت كۆرىمەن، دەپ تاپمىسا نېمە قىلىدۇ؟ زاماننىڭ كەينىدە قالغان بۇ ئويدە ئولتۇرۇۋېرەمدۇ كىشى...   
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سەمىتىكا، ئوتۇن يارغىلى تۇردىلىمۇ؟ ئەكەلسىلە كەكىنى مەن يېرىپ بېرەي.
  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، كەل ئۇكام، كەل، ھوي ئانىسى قېنى سەن؟ مەمىتاخۇن بالىلىرى بىلەن يوقلاپ كەپتۇ، ئۆيگە باشلا!
    ۋاي خۇدايىم، قايسى ئۆيگە باشلىساق بولار؟ ھازىر ئايۋانغا باشلايدىغان چاغ ئەمەس، مېھمانخانىغا باشلىساق يېڭى ئالغان گىلەملەر توپا بولۇپ كېتەرمۇ، ئەستا... يا بولمىسا...
    ئەمىسە ئاۋۇ كرېسلو قويغان ئۆيگە باشلايلى، قېنى، يۈرۈڭلار ئۇكام!
   ۋاي ياق، بولمايدۇ! توختاڭلار، ئۇ ئۆيگە گۇاڭجۇنىڭ كرېسلوسىنى قويغان، توپا كىيىم، توپا ئاياغلار بىلەن كرېسلودا ئولتۇرسا قانداق بولىدۇ، تازىلىماق تەس تۇرسا. ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى مېھمان باشلاپ باقمىغان ئۇ ئۆيگە.:
   ئەمىسە ھويلىدىلا ئۆرە تۇرامدۇ، ئۇلار؟ كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ تونۇۋال، بۇلار ئۆزۈڭنىڭ تۇغقىنى جۇمۇ!
    ما سۇپىغا كۆرپە سالاي، ھويلىدا ئولتۇرسىمۇ بولىدۇ، ئۆزۈمنىڭ ئىنىسى بولغاندىكىن خاپا بولمايدۇ، شۇنداقمۇ ئۇكام مەمىتاخۇن؟ ھى... ھى... ھى...
    نېمە؟ مۇشۇنداق سوغۇقتا ھويلىدا ئولتۇرامدۇ بۇلار؟ نېمە دەپ سالغان بۇ ئۆيلەرنى؟
    ئەستاغپۇرۇللا، بالام مەخمۇتجان، ئاۋۇ تامنى تۇتماڭ، قارا بولۇپ كېتىدۇ. ھوي، ئايشەمخان، كەشىڭىزدىكى لايلارنى قېقىۋەتمەپسىزكەن –  ھە، ھويلىدىكى چىنە خىشلارنى لاي قىلىۋېتىپسىز، ئاران سۈرتكەنتىم ئەتىگەن
    ئۇنداق بولسا ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە باشلا! قانداق گەپ بولدى بۇ، بۇ گەپلىرىڭگە قارىغاندا، مېنىڭ توغقانلىرىم كېلىپ قالسا، ھويلىغىمۇ كىرەلمەي، دەرۋازىدىنلا يانىدىغان ئوخشىمامدۇ؟
   بولدى سەمىتكا، خىجىل بولمىسىلا، بىز ھويلىدىنلا يانايلى، بازاردا قىلىدىغان سودىلىقلىرىمىز بار.
   ياقەي، ئۇكام مەمىتاخۇن، قېنى يۈرۈڭلار مېھمانخانىغا، داستىخان سالمىساق قانداق بولىدۇ، ئاتايىن بالىلارنى باشلاپ كەلگەندە....
    بولدى رەھمەت! ماۋۇ خالتىدىكى ئاق قوناقنىڭ ئۇنى، تۈگمەندە تارتقان، قوناق ئۇنىنىڭ پايدىسى تولىكەن دەپ ئاڭلاپ، سىزگە ئالغاچ كىرگەنتۇق، ئاز بولسىمۇ...
    رەھمەت ئۇكام، ئۆيگىمۇ كىرمەي كەتسەڭلار قانداق بولار...
    سودىلىقىمىزنى ئەتىگەندىرەك قىلىۋالمىساق بولماس، خەير...
    تاڭ... تاڭ... تاڭ...,
    كىم؟
   مەن، ئەمىتاخۇن.
    ۋاي خۇدايىمەي، مەمىتاخۇننى يولغا سالسام، ئەمىتاخۇن كەلدىمۇ دەيمەن ئەمدى. يەكشەنبە كۈنى كەلسە يېزىدىن كىرىدىغان تۇغقانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ بۇ ئۆيدىن!...
   قانداق ئەھۋاللىرى، تىچ تۇردىلىمۇ مايسىخاچا؟
   تىچلىق ئۇكام، تىچلىق! ئۇكام ئاۋۇ... ھى... ھى... ھى... ئاۋۇ پۇتىڭىز...
    پۇتۇمما؟ پۇتۇم ساق ئاچا.
    ھى... ھى... ھى...  ئۆتۈكىڭىزنىڭ چەمىدىكى لايلار... ئۆتۈكىڭىزنى سېلىۋېتىپ كىرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن ئۇكام ھويلىغا.
   مەشەدىلا ئۆتۈك سالامدىمىنا؟
   ھويلىدىكى چىنەخشىلار لاي بولۇپ كېتەمدىكىن دەيمىنا شۇ. پۇتىڭىزدا پايپاق يوقمىدى – يا؟ ئۇنداق بولسا
   بولدىلا، مەشەدىنلا ياناي. ئاكام يوقمىدى ئۆيدە؟
   ھوي دادىسى، ئەمىتاخۇن كەپتۇ..
    تالادا تۇرغۇزماي، ئۆيگە باشلىمامسەن!
    ئۇنىمىدى، دەرۋازىدىنلا يانىمەن دەيدۇ.: }.
    ھە، ئۇكام ئەمىتاخۇن، ئوبدان تۇردىڭمۇ، بالا – چاقىلىرىڭ تىچلىقمۇ؟ ئۆيگە كىرمەي تۇرىسەنغۇ بۇ يەردە؟
   مەن كېتەي ئاكا، ئۆتۈك لاي...
   نېمە گەپ ئۇ؟ لاي بولسا نېمە بوپتۇ، بۇ ئۆينى سىلەرنى كىرىدۇ، دەپ سالغان، ماڭ ئۆيگە كىر، بىر ئوتلام چاي ئىچىپ ئاندىن...
   بولدى ئاكا، ماۋۇ مانتا كاۋىسىنى ئالغاچ كىرگەنتىم، دېھقان دېگەننىڭ تاپقىنى كاۋا، قاپاق بولىدىكەن شۇ...    رەھمەت ئۇكام، بىزغۇ سىلەرگە بىر پىيالە قايناق سۇ قۇيۇپ بېرىشكىمۇ يارىمايمىز، ئەمىسە ھېيتتا بالا – چاقىلىرىڭنى ئېلىپ كىرىپ، قونۇپ كېتەرسىلە جۇمۇ؟
   خۇدايىم بۇيرۇسا، ئۆيۈڭنىڭ بوسۇغىسى ئېگىزلەپ قالمىسىلا...
    ھوي ئادەم نېمە دېگەنلىرى ئۇ، ئىنىلىرىنى ئۆيدە قونۇپ كېتەرسەن دەيلىيا؟ قايسى ئۆيدە ياتقۇزۇلا ئۇ لاي پاچاق ئىنىلىرىنىڭ بالا – چاقىلىرىنى؟
   ۋاي ئىپار – ئەنبەر پۇرايدىغان، ئاغزى سېسىق، كۈمۈش پاچاق خوتۇن، گەدەننى سىلاپ بېقىپراق گەپ قىل جۇمۇ! ئۆزۈڭنىڭ لايبۇلاقلىق ئىكەنلىكىڭنى ئۇنتۇپ قالما! خىجىل بولماي دەۋاتقان گېپىنى قارا، ھۇ ئەقلى دۇمبىسىگە چاپلىشىپ قالغان كالۋا!
    شەھەردە تۇرغىلى 30 يىلدىن ئاشتى ماڭا، مەن دېگەن شەھەرلىك!
   شۇنداقمۇ؟ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان، چوڭ بولغان يۇرتىدىن، دېھقان قېرىنداشلىرىدىن تېنىۋالسا بولۇۋېرىدىكەن –  ھە؟ بىلىۋال  يىلتىزىڭ لايبۇلاقتا!
    نېمە دېسىلە دەۋەرسىلە، ئۆي دېگەننى پاكىز تۇتمىسا بولمايدۇ شۇنداق.
    پاكىز تۇتىمەن، دەپ بۇ ئۆيلەرنى دۈمبەڭگە ئارتىۋال! مۇشۇنداق قىلساڭ ئالۋاستىمۇ كىرمىگۈدەك بۇ ئۆيگە! مېنى تۇغقانلىرىمدىنمۇ ئايرىپ تاشلايدىغان ئوخشىمامسەن ئەمدى، شۇنداقمۇ؟
ئادەم كىرمىسە ماڭا پايدا..
    ئۇنداقتا مۈشۈكتەك بىر بۇلۇڭدا تۈگۈلۈپ ئولتۇرارسەن يالغۇز. تالاغا چىقساڭ خەقلەرگە يەتمىش قېتىم تەزىم قىلىپ، ئۆيگە كىرىڭلار، دەپ ئالدىراپ كېتىۋاتقانلارنىڭ يولىنى توسىسەن، دۇنيادا سەندەكمۇ ھارامزادە بارمىدۇ؟ سېنى چۈشەنمىگەنلەر: ‹‹مايسىخاننىڭ ئادەمىگەرچىلىكى قاتتىق، مېھماندوست ئايال›› دېيىشىدىكەن. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىسام ھەيران قالىمەن ساڭا، ئەمەلىيەتتە سەن دېگەن بىر
    مەيلى، يالغۇز ئولتۇرغانغا، خەقكە ئارىلاشمىغانغا ئۆلۈپ قالمايدۇ كىشى
    بولدىلا، ساڭا گەپ قىلغاندىن كۆرە ئارام ئالغىنىم ياخشى، ماڭا ئورۇن سېلىپ بەرگىنە ئاۋۇ ئۆيگە.
    تۈركىيىنىڭ گىلەملىرىنى سالغان ئۆينى مەينەت قىلاي دەملا ئەمدى، ئۇ ئۆي پاكىز تۇرمىسا بولمايدۇ، ھەمىشە ياتىدىغان بۇلۇڭدىكى ئۆيدە يېتىۋەرسىلە.
    ئۆي سالىمەن، دەپ بىر خۇرجۇن كەلگۈدەك پۇلنى خەجلىگەن ئادەم گىلەم ئۈستىدە راھەتلىنىپ بىرەر قېتىم يېتىپ باقسام يامان بولارمۇ؟ توۋا، ئاجايىپ ئىشقۇ بۇ، يا ئۇرۇق – تۇغقان، مېھمانلارنى باشلىغىلى، يا ئۆزىمىز ياتقىلى بولمىسا، بۇ ئۆيلەرنىڭ نېمىگە پايدىسى...
   تولا كوتۇلداۋەرمەي چىقسىلا بۇ ئۆيدىن، سېسق تاماكىلىرى ئۆينى ئىسلىۋېتىدۇ.  
    ئەمدى مېنىمۇ ئۆيدىن قوغلامسەن نېمە؟
   ۋاقتى كەلسە...
    ۋاقتى كەلسە تالادا ياتىدىغان ئوخشىمامدىمەن؟ ئۆينىڭ تېمىغا قاراپ..
    جىرىڭ، جىرىڭ، جىرىڭ..
   ۋەي، ھە، مەن شۇ، نېمە قەرز پۇلىنى تۆلەيدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى دەمسىز؟ ھە، ماقۇل، مەنمۇ شۇ پۇلنىڭ غېمىدە، يېزىدىكى تۇغقانلار پاختا ساتقان پۇلدىن جايلاپ بېرەيلى دېگەنتى، شۇ پۇل قولۇمغا تەگسىلا قەرزنى تولىۋېتىمەن، ھە ماقۇل.
    بانكىدىن تېلېفون قىلىپتۇما؟ يىل توشمايلا قەرز سۈيلىگىلى تۇرۇپتۇما، قىلغىلى ئىش تاپالمىغاندەك. ئادەم قېچىپ كېتىدىغاندەك قىلىشىدىكەن ئۇ خەقلەر! يا ھېلىقى لاي پاچاقلارمۇ پۇلنى تېزرەك بېرىپ تۇرمىدى، خۇددىي بىز پۇلىنى بەرمەيدىغاندەك...:
    ئىشىكىڭنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىيالماۋاتسا ئۇلار، سېنىڭ ئۇلاردىن رەنجىشكە نېمە ھەققىڭ بار، ئويلاپ باققىنا؟ ئۆينى يېڭىدىن سالغاندىن بۇيان، ئۇلارنى ئۆي ئىچىگە باشلاپ كىردىڭمۇ؟ ئۇلار ئىشىك ئالدىغا كەلسە خۇددى دىۋىدەك ئالدىنى توسۇپ، تالادىنلا يولغا سېلىۋاتساڭ، يا ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ قويغىنىڭ بارمۇ؟ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قولۇم – قوشنا، تۇغقانلىرىمدىنمۇ ئايرىپ بولدۇڭ مېنى، ئۆي سېلىپ، ئۆي بېزىگەنگە دات دېگۈزىدىغان ئوخشىمامسەن؟ بىر ئوبدانلا ئۆينى چاقتۇرۇۋېتىپ، بىر مۇنچە قەرزگە بوغۇپ قويدۇڭ ئادەمنى! ھەي... ئىسىت، قاراپ تۇرۇپ تامغا چاپلىۋەتتۇقيا 80 مىڭ كوينى! نېمىمۇ قىلادىم قايتا ئۆي سالىمەن، ئۆي بېزەيمەن، دەپ. يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يېڭى يىل كىرىدۇ. 50مىڭ كوي قەرزنى قاچانمۇ تۈگىتەرمىز، ھوي، ئەقىللىق خوتۇن، گەپ قىلماي، كۆزۈڭنى مولۇندەك پارقىرىتىپ ئولتۇرسەنغۇ؟ دېگىنە قانداق قىلىمىز ئۇ پۇلنى... پۇتنىڭ ماغدۇرى قالمىغاندا يېمەي – ئىچمەي، ئۆينىڭ ۋاسىسىنى ساناپ، بۇتتەك ئولتۇرىمىزمۇ ئەمدى؟!...
  ۋايجان، بۇنچىۋىلا كايىپ كەتمىسىلىمۇ بولىدۇ، پۇل تاپقاندا بېرىمىز، قەرز قىلىش دېگەنمىچۇ مودا بولۇپ قالدى ھازىر، قەرز دېگەننىمۇ يولى بار ئادەم ئالالايدۇ تېخى!
    نېمە؟ نېمە دەپ جۆيلۈيدۇ ما خوتۇن، قەرز قىلىشنىمۇ مودا دەيسىنا، ساراڭ بولۇپ قالمىغانسەن؟
    سىز ساراڭ بولۇپ قاپسىز، ھازىر دېگەن نى – نى پۇلى بار بايلارمۇ قەرز ئېلىپ ئۆي ئېلىۋاتىدۇ، يالغان بولسا..

    بولدى بەس! توۋا، بۇ جاھاندىكى ئادەملەر بارغانسېرى ئەقلىدىن ئىزىۋاتامدۇ نېمە؟ ھەي... ماۋۇ خوتۇن قەرز ئېلىشنىمۇ مودا دەيدۇيا خىجىل بولماي، قەرزنى تۆلىيەلمەي سارغىيىپ يۈرۈشمۇ مودا بولىدىغان ئوخشىمامدۇ ئەمدى!...
                 ئابدۇللا ئابدۇرېشىت ئاتەش
مەنبە:ساقلانمىلىرىم

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 13:07:16

دارىسى تاياق. ئۇنىڭدىن باشقىسى ئارتۇق.

2828288 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 13:15:18

ئۆي سالغان بەك ياخشى ئىش لېكىن كۆڭلى كۆكسىنى بىزىمىگىنى يامان بولۇپتۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 13:47:54

تىچلىق ئۇكام، تىچلىق! ئۇكام ئاۋۇ... ھى... ھى... ھى... ئاۋۇ پۇتىڭىز...
    پۇتۇمما؟ پۇتۇم ساق ئاچا.

ھە، ئۇكام ئەمىتاخۇن، ئوبدان تۇردىڭمۇ، بالا – چاقىلىرىڭ تىچلىقمۇ؟ ئۆيگە كىرمەي تۇرىسەنغۇ بۇ يەردە؟
   مەن كېتەي ئاكا، ئۆتۈك لاي...
   
ئەڭ قىزىق يەرلىرى ئىكەن ...

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 22:06:52

ھازىر يۈز بېرىۋاتقان نااچار ئادەتلەر ئېچىپ بېرىلگەن ياخشى ھېكايە بوپتۇ.
شۇنداق ماقال بولىدىغان:ئۇيغۇر پۇل تاپسا لايغا منەر، قازاق پۇل تايغا مىنەر دەپ.

ئىشقىلىپ تاپقان پۇلىمىزنى ئۆي بېزەشكە خەجلەۋاتىمىزغۇ
بەت: [1]
: مودا ( ھىكايە )