waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 00:12:52

ئۇيغۇر يىگىتى ئابدۇسالام دۆلەت كوماندىسىغا تاللاندى

     

   ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بەرگەن خەۋىرى؛ 2015 - يىللىق 19 ياشلىقلار دۇنيا ياشلار ئەرلەر ۋاسكىتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش، دۆلىتىمىزنىڭ زاپاس ئىقتىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ئاساسى مەشىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۇش، دۆلەت كوماندىسىغا يۇقۇرى سەۋىيەلىك زاپاس ئىقتىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ بىرىش، شۇنىڭدەك ھەر قايسى كۇلۇپلارغا زاپاس كۈچلەرنى تەربىيەلەپ بىرىش ئۈچۈن،  جۇڭگو ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈندىن باشلاپ، دۆلەت ياشلار ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنى تەشكىللەپ  يىغىپ مەشىقلەندۇرۇشنى قارار قىلىپ،  مەشىقلەندۈرۈلىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى.   شىنجاڭ گۈاڭخۈي ياشلار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز ئابدۇسالام ئابدىرىشىت بۇ قىتىمقى تىزىملىككە تاللاندى.
  ئابدۇسالام ئابدىرىشىت ئۇيغۇر، ئالتايدىن،  1996-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇغۇلغان، بەدەن ئىغىرلىقى 83 كىلوگىرام، بوي ئىگىزلىگى 2 مىتىر، ئالدى سەپ ھۇجۇمچى، 14-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
  2014-يىلى ئۇ  شىنجاڭ گۈاڭخۈي ياشلار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ تەركىۋىدە ئىككى قىتىم مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىنى قۇلغا كەلتۇرگەن.  ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىمىز ئابدۇسالام ئابدىرىشىت  MVP لىق شەرىپىگە ئىرىشكەن.   بۇ شىنجاڭ ۋاسكىتبولچىلىقىنىڭ مەملىكەتلىك مۇسابىقىدىكى تۈنجى چىمپىيۇنلۇقنى ئېلىشى ھىساپلىنىدۇ.  
بىز ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرى ئۇغلانىمىز ئابدۇسالام ئابدىرىشىتنىڭ تۇنجى قىتىملىق دۆلەت كوماندىسى سەپىرىگە ئاق يول تىلەيمىز...............

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 08:43:16

ئالقىش،ئۈمىد

xajarim يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 09:05:45

كۆكلە........  {:112:}

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 10:31:35

مۇشۇنداق يىگىتلىرىمىزنىڭ ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرۇشى بىز ئۈچۈن ئالەمچە خۇشاللىق. داڭلىق تېرىنىر ئادىلجاننىڭ ئوغلى ئارسلانمۇ بۇيىل 1_ ئاۋغۇست كوماندىسىنىڭ تەركىبىدە بۇيىللىق cba گە قاتنىشىدىغان ئوخشايدۇ. ئۇ بالىنىمۇ دۆلەت تاشلار كوماندىسىغا تاللاندى دەۋاتاتتى.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 10:32:21

تاشلار ئەمەس ياشلار ئىدى.:lol

Carlos يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 15:48:32

دۆلەت تاشلار كوماندىسى..ھا ھا  قەستەنمۇ يا؟

Carlos يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 15:50:20

مانا  ئوغۇل!

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 22:08:51

بىرلا سۆز ..ئالقىش...

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 23:03:26

96-يىلى تۇغۇلغان بولسا تېخى ياشكەن كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى .يارايسەن يىگىت ،بولسا nbaغا بېرىپ تەرەققىي قىلىشىڭغا تىلەكداشمەن

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 23:09:32

تەبرىكلەيمىز  ....
بەت: [1]
: ئۇيغۇر يىگىتى ئابدۇسالام دۆلەت كوماندىسىغا تاللاندى