باي نامى ھەققىدە
باي نامى ھەققىدەئەبەيدۇللا ئىسلام دوناي
قىسقىچە مەزمۇنى:باي ناھىيەسى يىپەك يولىغا جايلاشقان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمىي جاي بولۇپ، ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغىنىغا (2011-يىلىغىچە) 129يىل بولغان بولسىمۇ،باي دېگەن بۇ يەر نامىنىڭ قاچان قانداق پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە ئىلمىي ئاساسقا ئىگە، قايىل قىلارلىق، بىرلىككە كەلگەن بىر چۈشەنچە ھازىرغىچە ئوتتۇرىغا قويۇلمايۋاتىدۇ.بۇماكاندا ياشىغۇچىلارنىڭ ئۆز يۇرتىنىڭ تارىخىنى بىلىشى زۆرۈر ھەم ھەقلىق.
بۇ ماقالىدە باي ناھىيەسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، مول يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقى ،بۇ جاينىڭ ئەينى زاماندا قايسى بەگلىككە تەۋە زېمىن ئىكەنلىكى بايان قىلىنىپ، باي دېگەن نامنىڭ قاچانلاردىن باشلاپ پەيدابولغانلىقى، كىم تەرىپىدىن شۇنداق ئاتالغانلىقى، باي دېگەن سۆزنىڭ قانداق مەنالارغا ئىگە ئىكەنلىكى مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.
يىپەك يولىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسىگە، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان باي ناھىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيە بولۇپ، ئومۇمىي يەرمەيدانى 19100كۋادرات كىلومېتىر.ئۇ شىمالدا تەڭرىتېغى ئارقىلىق موڭغۇلكۈرە، تېكەس ناھىيەلىرىگە، جەنۇپتا چۆلتاغ ئارقىلىق توقسۇ ناھىيەسىگە تۇتىشىدۇ،غەرپتە ئونسۇناھىيەسى بىلەن ،شەرقتە كۇچا ناھىيەسى بىلەن خوشنا.
باي ناھىيەسى ئىسمى- جىسمىغالايىق، تاغ-دەريالىرى گۈزەل، تۇپرىقى مۇنبەت، يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان، قېزىلما بايلىقلىرى كۆپ ،گۈزەل بىر ماكان. بۇ جاينى كىشىلەر ئەزەلدىن باي يۇرت دەپ تەرىپلىشىدۇ . گىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ناھىيە تەۋەسىدىن ھازىرغىچە يەر ئاستى بايلىقىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، نېفىت، سۈرمە، تۇز، قۇرۇنتاش، گېپىس، تەببىگاز قاتارلىق 63 خىل قېزىلما بايلىق بايقالدى (1).مۇزات، قاپسىلاڭ، تەلۋىچۈك، قاراسۇ، قىزىل قاتارلىق 5 دەريا پۈتۈن ناھىيەنى مول سۇ بايلىقى بىلەن تەمىن ئېتىپلا قالماستىن قىزىل سۇ ئامبىرىغا قۇيۇلۇپ، كۇچا، توقسۇ ناھىيەلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. باي ناھىيەسىنىڭ داۋانچى يېزىسىدىنلا 24نېفىت قۇدۇقى قېزىلىپ، يىلىغا500مىڭ توننا نېفىت ئېلىنماقتا. قىزىل يېزىسىدىكى 《قارا 2-گازلىق》ى غەرىپنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى باشلىنىش نۇقتىسىدۇر(2).
ئۇنداقتا بۇيەردە ياشىىغان خەلق ئەينى ۋاقىتتا بۇ جاينى قانداق نام بىلەن ئاتىغان؟《باي》دېگەن نام قاچاندىن باشلاپ قوللىنىلغان؟《باي》دېگەن سۆز قانداق مەنالارغا ئىگە؟
باي خەلق چۆچەكلىرىدە رىۋايەت قىلىنىشىچە، زامانى ئەۋۋەلدە باي سۇلىرى مول، ياپ-يېشىل ئوت-چۆپ يەلپۈنۈپ تۇرغان، يايلاقلىرى مال-چارۋىلارغا تولغان، پۇقرالىرى ئىناق-ئىجىل، ئىشچان، تۇرمۇشى باياشات بىر ماكان بولۇپ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ يۇرتتا قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ، پۇقرالار تىرىكچىلىك ئىزدەپ يۇرتنى تاشلاپ سىرتلارغا چىقىپ كېتىپتۇ. بۇ يۇرتتىن چىقىپ كېتىپ، كۇچادا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان پالتاخۇن ئىسىملىك بىر بوۋاي ئوغلى تۇرسۇنغا بىر ئامال قىلىپ، ئۆز يۇرتىڭنى گۈللەندۈرۈشكە ھەسسە قوشقىن دەپ ۋەسىيەت قالدۇرۇپ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپتۇ.
پالتاخۇننىڭ ئوغلى تۇرسۇن تاش قاچىلانغان120تاغارنى 40خېچىرغا يۈكلەپ، يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ:«كىمدە-كىم ئۆز يۇرتىغا قايتىپ تېرىقچىلىق قىلىپ 3يىل قاتتىق ئىشلىسە، بىرخېچىرلىق ئالتۇن-كۈمۈش ئىنئام قىلىنىدۇ »دەپ جاكارلاپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان كىشىلەريۇرتىغا قايتىپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قاتتىق ئىشلەپ تاغارلىرى ئاشلىققا، باغلىرى مېۋە-چىۋىگە، يايلاقلىرى پادىغا تولۇپتۇ. تۇرسۇناخۇن يۇرت ئاقساقاللىرىنى يىغىپ:«جامائەت تەر تۆكۈپ تاپقان ھوسۇل ئالتۇن-كۈمۈش دېگەن شۇ،مېنىڭ سىلەرگە بەرگۈدەك ئالتۇنلىرىم يوق »دەپ ئۆزىنىڭ يۇرتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جامائەتنى ئالدىغانلىقىنى ئىقرار قىپتۇ. جامائەت ئالدانغىنىغا غەزەپلەنگەن بولسىمۇ ھالال ئەمگىكى بىلەن يۇرتنى باي قىلغانلىقىغا رازى بولۇشۇپتۇ، ئۇزاق زامان نامرات ئۆتكەن بۇ يۇرت شۇنىڭ بىلەن《باي》دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ. يۇقىرىقى رىۋايەتتىكى تۇرسۇناخۇننىڭ تەشەببۇسى بىلەن بۇ يۇرت باي بولۇپ، كېيىن باي دەپ ئاتىلىپ قالغانلىق- بىر رىۋايەتتىن ئىبارەت، بۇنى پەقەت بۇ يۇرتنىڭ باي-باياشاتلىقىدىن خەلق ئېغىزىدا بارلىققا كەلگەن رىۋايەت دەپ چۈشىنىشكىلا بولىدۇ.
《باي》دېگەن بۇنام كىم تەرىپىدىن قويۇلغان؟
《باي》دېگەن نام تۈركچە باي-باياشات، ئاۋات دېگەن مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ شۈەنزاڭ زامانىسىدا ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خانى( قاغانى) سۈيىنگىل بۇجاينى ئىگەللىگەندە، بۇ يەرنىڭ ھەر خىل بايلىقى مول، ئادىمى زىچ ماكان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا《باي》 دەپ نام بەرگەن (3).تاڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا،باي ئىككى شەھەرگە ئايرىلغان بولۇپ، غەرپتىكىسى- ئارىيان (باي)شەھىرى، شەرقتىكىسى سايرام شەھرى دەپ ئاتالغان ۋە ھەر ئىككىلىسى قۇم ئايمىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. كېيىنرەك كۈسەنگە قوشۇۋېتىلگەن.سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە لىياۋغا(كىدانلارغا) قارىغان، يۈەن، مىڭ سۇلالىرى دەۋرىدە بەشبالىق(جىمىسار) غا قارىغان، چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈينىڭ تۆتىنچى يىلى(1872مىلادى-يىلى)ئىككىلا شەھەردە خەيرىيەت ئىشلىرى ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىلادى 1882-يىلى 7-ئايدا ئىككى شەھەر قوشۇۋېتىلىپ باي ناھىيەسى تەسىسقىلىنغان(4).
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سۈيىنگىل قاغان- ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىنىڭ تۇنجى خانى(قاغانى)كۆلبېلگە بولۇپ، كۆلبېلگە ئۆزىنى قۇتلۇق بېلگە قاغان دەپ ئاتىغان، سۈيىنگىل دېگەن نامنى تاڭ سۇلالىسى ئۇنىڭ دىيانەتلىك ئىكەنلىكىگە ئاساسەن تارتۇق قىلغان (5) .
كۆلبېلگە (骨力裴罗 ) غەربى رايوندىكى داڭلىق سىياسىيون، ھەربىي ئالىم ، ئۇ دەسلەپتە بىر كىچىك قەبىلىنىڭ ئاقساقىلى ئىدى. كېيىن نۇرغۇنلىغان كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆز كۈچىنى تەدرىجى زورايتقان. كۆلبېلگە باسمىل قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە كېيىنكى تۈرك خانلىقىنى تارمار قىلىپ، تىيەنباۋنىڭ3-يىلى (مىلادى744-يىلى)ئۇيغۇر دۆلىتىنى رەسمى قۇرۇپ، ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتاپ،ئورخۇن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى ئۆتۈكەن تېغى ئەتراپىنى پايتەخت قىلغان. كۆلبېلگە مىلادى744-يىلىدىن 747-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان.ئۇ تاڭ سۇلالىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتكەن بولۇپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك تاڭ سۇلالىسى ئۇنىڭغا« سۈيىنگىل»(يەنى دىيانەتلىك قاغان)دەپ نام بەرگەن(6).
ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىنىڭ تۇنجى خانى(قاغانى) كۆلبېلگە باينى ئىگەللەشتىن ئىلگىرى بۇ جايدا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ بۇ يەرنى قانداق نام بىلەن ئاتىغانلىقى ھەققىدە تارىخىي ماتېرياللاردىكى خاتىرىلەرنى تېپىشقا مۇمكىن بولمىدى. ئارىيان شەھىرى دېگەن نامنىڭ باي دېگەن ئىسىم بىلەن تەڭ قوللىنىلغانلىقى ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى قوللىنىلغانلىقى ھەققىدىمۇ خاتىرە قالدۇرۇلغانمۇ يوق بۇ ھەقتىكى ماتېرىيالنى ئۇچرىتالمىدىم. لېكىن كۆلبېلگە باينى ئىگەللىگەندىن كېيىن يەنى مىلادى744-يىلىدىن 747-يىلىغىچە بولغان 3يىل ئىچىدە بۇجايغا «باي» دەپ نام بەرگەنلىكى توغرىسىدا يازمىلار قالدۇرۇلغان . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پۇقرالار بۇجاينى خان قويۇپ بەرگەن ئىسىم بىلەنئاتاپ كەلگەن.تاڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخى يازمىلىرىدىمۇ شۇ نام بىلەنخاتىرلەنگەن.
دېمەك،ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىنىڭ تۇنجى خانى(قاغانى) كۆلبېلگەيەنى قۇتلۇق بېلگە قاغان تەخىتتە ئولتۇرغان ئەڭ ئاخىرقى يىلى يەنى مىلادى 747-يىلىبايغا «باي»دەپ نام بەرگەن دەپ ھىساپلىغاندا،2010-يىلىغىچە «باي»دىگەن يەر نامىنىڭپەيدا بولغىنىغا 1263يىل بولغان بولىدۇ.
ئەمدى «باي»دىگەن بىر ناھىيەنىڭ ئىسىمى خەنزۇچە نىمە دەپ ئاتالغان؟خەنزۇچلار بۇ جايغا قاچانلاردىن باشلاپ كەلگەن؟
拜 –باي دىگەن يەر نامىنىڭئۇيغۇرچە تەلەپپۇزىنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ بويىچە يېزىلىشى بولۇپ،ئاخىرسىغا شەھەر(城 ) دىگەن خەت قوشۇلۇپ،拜城دەپئاتىلىپ،بۇ جاينىڭ خەنزۇچە نامى قىلىپ قوللۇنۇلغان.خۇددى ئاقسۇنى ئاكېسۇ(阿克苏 )،ئۈرۈمچىنى ۋۇلۇمۇچى(乌鲁木齐 )، تۇرپاننى تۇلۇفان(吐鲁番 )دەپ خەنزۇچە ئىسىم ياسىغاندەك.قاچانلاردىن باشلاپ 拜城دىگەن خەنزۇچە ئىسىم پەيدا بولغان دىگەن سۇئالغا پەقەتلا يېقىنقى يىللاردا دەپ جاۋاپ بېرىشكە بولىدۇ.
يۇقۇرىدىكىلەردىنباشقا يەنە《باي》ناھيىسىنىڭ بايخانشەھرى دىگەن نامىمۇ بار،لىكىن ئارىيانشەھرى،بايخان شەھرى دىگەن ناملار ھەققىدە تارىخچى ئۇستاز ۋە كەسىپداشلارنىڭداۋاملىق ئىزدىنىشىنى سورايمەن.
________________________________________________________________________________
ئىزاھ:
①باي ناھىيەلىك پارتكوم تەزكىرە ئىشخانىسى تۈزۈپ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان《باي ناھىيە تەزكىرىسى》(拜城县志)5 -بەت .
②1986-يىللىق《شىنجاڭ يىلنامىسى》(新疆年鉴 )گە قاراڭ.
③《باي ناھىيەسىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى》 (拜城县地名图志 )خەنزۇچە 1-بەت.
④1986-يىللىق《شىنجاڭ يىلنامىسى》(新疆年鉴 ) .
⑤ 《شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى》(新疆社会科学研究 )ئۇيغۇرچە نەشرى 1998- يىل 3-سان29-بەت .
⑥باي ناھىيەلىك پارتكوم تەزكىرە ئىشخانىسى تۈزۈپ،جۇڭگو مەدەنىيەت نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان 《 بۇرۇنقىلارنىڭ يا بايدىن چىقىدۇ يا سايرامدىن دىگىنىنى قانداق چۈشىنىمىز ؟ مەنغۇ ئۇنى تەۋەككۈلچىلىك ، ئۈمىدۋارلىق مەنىسىدە چۈشىنىمەن ...
بەت:
[1]