ئۈرۈمچى ت ۋ دىكى ناۋاغا كەلمەكچى بولغان بارلىق ئەزىزلەر
سالام ئەزىزلەر.. ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش زالىدا ئورۇنلىنىدىغان ناۋا كېچىلىكىگە كەلمەكچى بولغان قەدىردانلار خەۋەر تاپقايكى، چوقۇم شىنشىڭ كوچىسى تەرەپتىن كېلىڭلار،ھەرگىزمۇ قىزىلتاغ يولىدىكى تار ئېگىز داۋاندىن چىقماڭلار. بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسى سەۋەپلىك، كونا دەرۋازا بىلەن ئىدارە ھويلىسى ئىچىدىن ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.بىرى، ئۆتكۈزۈلمەي ئايلىنىپ كەلگۈچە كېچىكىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يەنە بىرى، بولۇپمۇ قەدىردان بوۋاي- مومايلىرىمىزنىڭ قىينىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بۇ ئەسكەرتىشنى كۆرگەن ھەر بىر ئۈرۈمچىلىك ۋە ناۋاغا كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان ئەزىزلەر، ئېغىر كۆرمەي ئەتراپىڭلاردىكىلەرگە ئۇقتۇرۇپ قويساڭلار، رەھمەت.
رەسىمنى كېيىن تولۇقلاپ قوياي. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشكەن ... رەخمەت..{:112:} ئەتىراپىمىزدىكى ناۋاغا قاتناشماقچى بولغانقېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈپ قويىمىز ... ئەرسكەرتىپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا imirghazi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-24 00:25
ئاكىجان مەن يازغان تېمىڭىزنى مۇنداق ئۆزگەرتىپ باقتىم
سالام ئەزىزلەر .. شىنجاڭ ئىزدىنىش تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تور بېتىگە كەلمەكچى بولغان قەدىردانلار خەۋەر تاپقايكى ، چوقۇم كومپيۇتېر بىلەن تورغا چىقىڭلار ، ھەرگىزمۇ تېلېفون بىلەن تورغا چىقىپ ئاۋارە بولماڭلار . پەرۋاسىزلىق سەۋەپلىك، تېلېفوندا ئىزدىنىش تورىنى ئېچىپ كۆرۈشكە بولمايدىكەن
بىرى، ئېچىلماي بىكار قاراپ ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يەنە بىرى، بولۇپمۇ قەدىردان تور ئەھلىنىڭ قىينىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بۇ ئەسكەرتىشنى كۆرگەن ھەر بىر ئىزدىنىشقا تەۋە ۋە تەۋە بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان ئەزىزلەر، ئېغىر كۆرمەي ئىزدىنىش تور تېخنىكلىرىغا ئۇقتۇرۇپ قويساڭلار، رەھمەت.
بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسنى كېيىن تولۇقلاپ قوياي.
Ozuyghur يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 20:07 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ناۋا نىڭ قوڭى ئەجەپ ئىسسىمىدى. شۇنداق داغدۇغىلىق ...
يېڭى ناۋاغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ھەم 中国好声音غا ئوخشاش يەنە بىر پروگرامما پات ئارىدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسسى قانىلىدا قويۇلىدىكەن، سۆرەتكە ئېلىنىۋېتىپتۇ، شۇڭا يېڭى ناۋا ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانىسسىغا يۆتكەلگەن ئوخشايدۇ. يانفۇنۇمدىكى ئۇلىنىشتىن كىرسە كىرگىلى بۇلىدغۇ لىكىن بىۋاستە كىرسە راس قاراپ تۇردىكەن تېخنىكلار يانفۇندا چىقمايدىغان چېغى قارىغاندا kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 00:55 static/image/common/back.gif
يېڭى ناۋاغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ھەم 中国好声音غا ئوخشاش يە ...
يېڭى ئۆزگۈرۈشلەر ھەققىدە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا چۈشەنچە بېرىۋەتسە بولمامدۇ ھە. بەيدۇ خەرىتىسىنى كېسىپ چاپلاپقويسىڭىز بوپتىكەن ئەسلى ، كونا دەرۋازا، يېڭى دەرۋازا، دۆڭ يول ... دىسىڭىز باشقا يۇرتتىن كەلگەنلەر يەنە بىلەلمەي قالارمىكىن .
بەت:
[1]