tawarim يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 16:33:28

تور سودىسىدىكى ئەپچىل چارە-ھۈنەرلەر

ھازىر ئەتراپىمىزدا توردا سودا قىلدىغانلار خىلى كۆپ،توردا سودا قىلىپ پۇل تاپىدىغان سودىگەرلەرمۇ ئاز ئامەس،
لىكىن كۆپىنچىسىنىڭ تاپاۋىتى ياخشى ئەمەس،چۈنكى ئۇلار تور سودىسىنىڭ ئەپچىل ماھارەت ۋە پىرىنسىپلىرىنى
بىلمەيدۇ ياكى قىياسەن بىلسىمۇ ئىنچىكە نۇقتىلىرىنى چۈشەنمەيدۇ.

تۆۋەندە مەن مانا مۇشۇنداق ئەمەلىي ئىشلىتىشچانلىقى يۇقىرى ئەپچىل تور سودا ماھارەتلىرىنى سۆزلەيمەن.ئەگەر سىز بۇ ماھارەتلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئۆزىڭىزگە ماشلاشتۇرۇپ قىلالىسىڭىز،سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنىڭ سېتىلىش مىقدارى ، سودىڭىزنىڭ پايدىسى ئاز بۇلغاندىمۇ بىر-ئىككى ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى مۇمكىن.

1.دۇكىنىڭىزنىڭ خاسلىقىنى ياخشى بەلگىلەڭ.(رايۇنىمىزدا بىر قەدەر داڭلىق بولغان تور سودا سۇپىسىنى مىسال ئالىمەن. )
ساتىدىغان مال نىمە  ؟  قانداق كىشىلەر سېتىۋالىدۇ (چوڭلارمۇ ياشلارمۇ، ئەرلەرمۇ ئاياللارمۇ)؟ تاۋارىم سودا تورىدا يەنە سىزگە ئوخشاش كەسىپتىكىلەرمۇ چۇقۇم بار .مىلىچ مال ساتىدىغانلارمۇ ھەم بار،شۇڭا ئاۋۋال نىمە ساتىدىغانلىقىڭىزنى ئوبدان ئويلىشىڭ.نىمە ساتىسىز؟كىمگە ساتىسىز؟قانداق ساتىسىز؟مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوبدان ئويلىشىش كېرەك.ئەگەر سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىز ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بولسا خېرىدارغا چۇڭقۇر تەسىر قىلالايسىز، شۇنىڭ بىلەن خىرىدار كىينچە
شۇ مالنى سېتۋالماقچى بۇلسىمۇ يەنىلا دەرھال سىزنى ئىسىگە ئالىدۇ چۈنكى ئۇنىڭ ئىسىدە سىزنىڭ دۇكىنىڭىز ئىنىق بىر خاتىرە بۇلۇپ قالىدۇ.

2. ئوخشاش كەسىپنى ياخشى قىلىۋاتقانلاردىن ئۆگىنىڭ.
كۆپلىگەن كىشلەر توردا سودا قىلىشقا قىزىقىدۇ-يۇ نەدىن باشلاشنى بىلمەيدۇ.ئەمەلىيەتتە تەس ئەمەس،كۆپەرەك تور سودا سۇپىلىرىنى كۈرۈڭ  تاۋارىم ، تاۋباۋ ، ئالىي بابا دىگەندەك ، يەنى توردا سىزگە ئۇخشاش كەسىپ قىلىۋاتقانلاردىن ئۆگىنىڭ ھەم ئۇلانىڭ ئاجىزلىقىنى بايقاپ دۇكىنىڭىزنى مۇكەمللەشتۈرۈشكە تىرىشىڭ ،باشقا دۇكاندالار دىققەت قىلمىغان جايلارغا كۈچەڭ، مەسلەن :دۇكاننىڭ شۇئارى ، مال ئىسمىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى،تىمىڭىزنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى،رەڭ ...قاتارلىقلار ،
مەسلەن : چاپان سىزنىڭ مىلىڭىز بۇلسا ،تاۋار ئىسمىنى چاپان دەپلا يازغاندىن ، كۈزلۈك مودا چاپان ياكى ئەرلەر راھەت كۈزلۈك چاپىنى دىگەن ئىسىمنى باشقىلار كۆپ ئىزدەيدۇ ، سىز مەھسۇلاتىڭىزنىڭ ئىسمىنى تاۋارىم تورىنىڭ ئىزدەش سىتونىغا كىرگۈزۈپ،ئالدىنقى 10 ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ قانداق قىلغانلىقىنى ئۆگىنىڭ.ئۇلارنىڭ مېغىزىنى تاللاپ،ئۆزىڭىزگە ماسلاشتۇرۇڭ.

3.ئاسان ئەستە قالىدىغان ، ئالاھىدە ، ئاددىي ئەزا ئىسمىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويۇڭ.ئەزا ئىسمى خېرىدار مەركىزىگە كىرىش ئۈچۈنلا ئەمەس،بەلكى باشقا مىكرو بلوگ ، مۇنبەر ، ئارخىپ ،ھەرقايسى ئىزدەش تورى قاتارلىق  جايلاردا كۆرۈنىدۇ ۋە باشقىلارنى ئاسانلا جەلىپ قىلالايدۇ .شۇڭا ئىسمىنى ئەستە تۇتۇشقا قولاي قىلىپ قويغىنىڭىز ياخشى.

4.باشقىلارغا ئۆزىڭزىنى تۇنۇشتۇرۇشقا ماھىر بۇلۇڭ
دۇكان ياكى شىركىتىڭىزنىڭ ئۇچۇرلىرى بەك مۇھىم،شۇڭا ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتمەڭ،تەپسىلىي ، ئۆزگىچە بۇلسۇن ، خېرىدار مال سېتىۋىلىشتىن بۇرۇن سىز بىلەن تۇنۇشۇشقا قىزىقىدۇ ،سىز زادى قانداق شىركەت ياكى دۇكان ، ئەمەلىي ئىقتىدارىڭىز قانچىلىك دىگەنلەرگە خىرىدار بەكرەك قىزىقىدۇ ۋە شۇنىڭغا ئاساسلىنىپ سىزدىن مال سېتىۋىلىش سېتىۋالماسلىقنى قارا قىلىدۇ ،تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئارخىپ ، شىركەت ياكى دۇكان تەپسىلاتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تۇلۇق تۇلدۇرۇڭ ،بۇلار سىزگە نۇرغۇن يۇشۇرۇن خىرىدار تىپىپ بىرەلەيدۇ،.ھازىر توردا سودا قىلدىغان نۇرغۇن شىركەت ۋە دۇكانلارنىڭ ئۇچۇرلىرى تۇلۇق ئەمەس ، بەزى شىركەتلەرنىڭ سېستىما ئاپتوماتىك تەڭشىكى ھالەتتە، ھەتتا يەنە بەزىلىرى خەت سانىنى توشقۇزۇش ئۈچۈنلا ھەتتا ئوخشاش مەزمۇننى نەچچە قۇرغا كۆچۈرۈپ چاپلاپ قويغانلىرىمۇ بار ، بىر قاراشتىنلا سەمىمىيتى يۇقلىقى چىقىپ تۇرىدۇ، بۇنداق دۇكانلاردىن كىمنىڭ پۇل تۆلەپ مال سېتىۋالغۇسى كەلسۇن.شىركەتنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشىنى يېزىش ئۈچۈن تىزىسنى ياخشى تۈزۈش كېرەك .يەنى،شىركەتنىڭ ئەمەلى ئەھۋالى،تەرەققىيات جەريانى ۋە ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارنى 500 خەت ئەتراپىدا يېزىش كېرەك.
ئامال بار قىزىقارلىق ياكى ھىكايلىك قىلىپ يازساقمۇ بۇلىدۇ ، ھەممە كىشى ھىكايىسى بار كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشنى ياقتۇرىدۇ ھەرگىزمۇ جىمغۇر كىشىلەر بىلەن ئەمەس.

5.باشقىلار سىزنى ئەڭ تىز سۈرەتتە تاپالىسۇن.
دۇكىنڭىزدىكى ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىڭىزچۇقۇم توغرا ، ئېنىق بولۇشى كېرەك.قانداق قىلىپ مەۋھۈم دۇنيادا باشقىلار سزگە ئىشىنىدۇ ؟سىز چۇقۇم ئىشەنچىلىك توغرا ئادرېس، مۇقىم تېلفون،يان تېلفون،400 قىزىق لىنىيىسى،ئېلخەت ئادىرىسى،ھەرۋاقىت مەشغۇلاتتا تۇرىدىغان پاراڭلىشىش قورالى(چ چ )قاتارلىقلارنى يىزىپ قۇيسىڭىزسىزگە باشقىلار ئاسان ئىشىنىدۇ ،چۈنكى ئۇ ھىچ بۇلمىسا سىزنى تاپالايدۇ-دە ، ھەر بىر كىشى مال سېتىۋىلىشتىن بۇرۇن ئىككىلىنىدۇ ، تىخمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بىلگۈسى كىلىدۇ بۇ ۋاقىتتا سىزنى ئەڭ تىز سۈرەتتە ئىزدەپ تاپالىسا سودىڭىزنىڭ يىرىمى پۈتتى دىگەن گەپ.

6.ئۇچۇرلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ،ئىشەنچ تۇرغۇزۇش كېرەك.
تاۋارىم سودا سۇپىسدىن ھەقسىز دۇكان ئاچسىڭىزمۇ كىملىكىڭىزنى چۇقۇم چىقىرىپ دەلىلەنگەن ئەزالىق دۇكان قىلىۋىلىڭ ، بۇنىڭ ئۈنۈمى غايەت زور بۇلىدۇ ، باشقىلار سىزنىڭ مۇشۇ سودا تورىدا ئىناۋىتىڭىز بارلىقىنى بايقىسا سىزدىن خاتىرجەم مال سېتىۋىلىش تۇيغۇسى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ . تور دۇكان ئاچقاندا ئەگەر مۇمكىن بولسا ‹ئىشەنچلىك دۇكان ›ئىقتىدارىنى ئاچقۇزۇپ قويۇڭ.بۇنىڭدا يىلىغا  مىڭ ئىككى يۈز يۈەن ، ئىيىغا يۈز يۈەن پۇل خەجلەيسىز،ئەمما تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدار ۋە مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولالايسىز.ئەگەر سىز يېڭى قۇرۇلغان شىركەت ياكى ئانچە پۇل خەجلەشنى خالىمايدىغان ئادەم بولسىڭىز تاۋارىم توردىن ھەقسىز دۇكان ئاچسىڭىزمۇ بۇلىدۇ . لىكىن  كىملىك،تىجارەت كىنىشكسى قاتارلىق باشقىلارغا ئىشەنچ بىرىدىغان يەرگە چۇقۇم دىققەت قىلىڭ ، خىېىدار بىلەن پاراڭلاشقاندا تەمكىن سەممىمي بۇلۇپ ئوچۇق ئاشكارا سودا قىلىڭ.شۇنداق بولغاندا باشقىلار سىزگە ئىشىنىپ تۇرۇپ مال سېتىۋالىدۇ.

7.مالنىڭ تۈرى ئېنىق بولۇشى كېرەك.
مالنى تۈرگە ئايرىغاندا چوقۇم خېرىدار ئىتتىك ئىزدەپ تاپالىغۇدەك تىزىش كېرەك.چاپان دىگەن تۈرنىڭ ئاستىغا مايكا دەپ چىقارماڭ ،تۈرگە ئايرىش
ئاددىي چۈشۈنۈشلۈك بۇلسۇن ،  ئەگەر تەمىنلىيەلەيدىغان مال تۈرلىرىڭىز كۆپ بولسا،ئۇلارنى ئىككىنچى قۇرغا يەنى تېزلىتىپ سېتىش،يېڭى ماللار ياكى تېز سېتىلىۋاتقان ماللارنىڭ ئالدىغا تىزىش كېرەك.
تەمىنلەيدىغان مال تۈرىنى چىقارغان ۋاقىتتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىش شۇكى چوقۇم توغرا بولغان تۈرنى تاللاش كېرەك.بولمىسا ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئىزدىگەن ۋاقىتتا ئىزدەش رەت قاتارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
8.تاۋارنىڭ ماۋزۇسىغا ئەھمىيەت بېرىڭ.ماۋزۇ بولسا ئىلان ئىچىدىكى ئىلان.ياخشى بولغان ماۋزۇ ئىزدەش ماتورىدا ئالدىدا تىزىلىش قاتارىغا ئېرىشپ،خېرىدارلارنىڭ كۆرۈش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.تېمدا ئومۇملاشقان ئاچقۇچلۇق سۆز ماۋزۇدا يىغىنچاق ھالەتتە ئەكىس ئېتىشى كېرەك.ئاچقۇچلۇق سۆزنى تاللاش ماھارىتىنى ئاخىرىدا سۆزلەيمەن.

10.دۇكىنىڭىزدىكى ماللارنىڭ ئۇچۇرى ئۆلچىمى تولۇق ھەم
توغرا بولۇشى كېرەك.تەمىنلەيدىغان ماللارنىڭ ئۇچۇرىنى تولدۇرغان
ۋاقىتتا ئوخشىمايدىغان ماللارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئامال بار ئۇخشاش قىلىپ قۇيماڭ. تولدۇرغان  ئۇچۇرلار كەسپى بولۇشتىن سىرت ،تولۇق بولۇشى كېرەك.ئېسىڭىزدە بولسۇنكى خىرىدار قانچە مىلىڭىزنىڭ قانچە كۆپ ئۇچۇرىغا ئىرىشەلىسە ،سىزدىن مال سېتىۋىلىش ئارزوسى كۈچلۈك بۇلىدۇ
ھىچكىم بىر پارچە رەسىمگە قاراپلا نەرسە سېتىۋالمايدۇ ، رەسىم ۋە خەتلىك چۈشەندۈرۈشى چۇقۇم كۆپەرەك بۇلىشى كىرەك.
11.مەھسۇلاتنىڭ رەسىمىنڭ بىردەك بولۇشىغا دىققەت قىلىڭ.كەسپى
بولمىغان لايىھەنى ئويلاشماڭ. مال رەسمى سىزنىڭ مال ساتقۇچىڭىز ، رەسىمىڭىز خىرىدارغا بىۋاستە تەسىر قىلىدۇ ،رەسىملەر سۈزۈك بۇلىشى كىرەك ، ئامال بۇلسا مالنىڭ رەسىمى ئىچىدە ئادەملەر بار رەسىم بۇلسا تىخمۇ ياخشى ، چۈنكى خىرىدار توردىن مىلىڭىزنى كۆرگەن ھامان شۇ مالنى قولىغا ئالغان ۋاقىتىنى تەسەۋۇر قىلىدۇ ، سىزنىڭ رەسىمىڭىز دەرھال خىرىدارغا مالنى قولىغا ئالغان ياكى ئىشلىتىۋاتقاندىكى تەسەۋۇرىنى كۆرسىتىپ بىرەلىسە ، خىرىدار سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزغا تىخمۇ قىزىقىدۇ.مەھسۇلاتنى رەسىمگە تارتقان ياكى تاللىغان ۋاقىتتا ئارقا كۆرۈنۈش رەسىمى سۇس رەڭلىك بولسا ,مەھسۇلات تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.
12.مەھسۇلاتنىڭ چۈشەندۈرۈلۈش بېتىمۇ بەك مۇھىم.بەزى دۇكانلارنىڭ مەھسۇلات بېتىدە بىر قاتار شىركەتنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى  بار.بۇ ئېنىقلا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشتىن ئىبارەت.بىلىشىڭىز كېرەككى،كۆپلىگەن
خېرىدارلار مەھسۇلاتنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىنى ئىزدەيدۇ.شۇڭا مەھسۇلات بىتى ئىچىلغان ھامان مالنىڭ تۇلۇق بۇلغان چۈشەندۈرۈشى بار رەسىم ۋە مەزمۇن ئىچىلسا ، خىرىداردا شۇ مالنى سېتۋىلىش پىسخىكىسى قۇزغۇلىدۇ شۇڭا بۇ نۇقتىغا سەل قارىماسلىق كېرەك.بولۇپمۇ مەھسۇلاتنىڭ ئۆلچىمى،رەسىم،سېتىش نۇقتىسى،سودا-سېتىق جەريانى،سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېنىق ئىپادىلىنىشى كېرەك.
13.ئىككىنجى دەرىجىلىك تور نامىنىمۇ ياخشى تاللاش كېرەك.دۇكان
ئېچىلىپ بولغاندىن كىيىن سېستىما ئاپتوماتىك ھالدا ئىككىنجى
دەرىجىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدۇ.دۇكان تەشۋىقاتى ھەم ئەستە
ئاسان قېلىشى ئۈچۈن ئاددى بولغان ئىنگىلىزچە ياكى پىنيىنچە تاللاش كېرەك.
14.تور دۇكىنىمۇ ئوخشاشلا دۇكان،شۇڭا دۇكان ئىسمى كەم بولسا بولمايدۇ.ئەمەلىيەتتە بولسا دۇكان ئىسمى ئەڭ ياخشى بولغان ئېلان.LOGO,Slogan(سىزنىڭ شوئارىڭىز) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى
ئورۇنلاشتۇرۇڭ.خېرىدار چېكىپ كىرگەندىن كىيىن دۇكىنىڭىزنى ئەستە ساقلىۋالسۇن.
15.دۇكاننىڭ بېزىلىشى ئەمەلى بولۇشى كېرەك.ھەرگىز ئۇنتۇماسلىق    كېرەككى،بەزى لايىھىلەرنىڭ لايىھەلىنىشى بەكلا ئالاھىدە بولۇپ،
خېرىدار شۇنچە ئۇزاق كۆرۈپمۇ قايسى مالنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى
بارلىقىنى  بىلمەيدۇ.بولۇپمۇ سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ
تېخمۇ ئاددى  بولسا شۇنچە ياخشى. ئۆزىڭىزگە ماس كىلىدىغان ئۇسلۇپنى تاللاڭ.

16.شىركەتنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرۇشى كېرەك.
قانۇنىيەتلىك ھالدا شىركەت ئەھۋالىنى يېڭىلاپ تۇرغاندا ،خېرىدارلارغا بۇ شىركەتنىڭ نورمال تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگىلى بولىدۇ.
17.خېرىدارغا دۇكاننى ساقلىۋېلىشقا ئېلھاملاندۇرۇش كېرەك.ئەگەر
خېرىدار كىلەرقى قېتىم مالغا ئېھتىياجلىق بولۇپ ئەمما سىزنىڭ
دۇكىنىڭىزنى  تاپالمىسا قانداق قىلىسىز؟
18.توردىكى مەشغۇلات ھالەتنى ساقلاڭ. توردىكى مۇلازىمەتچى خادىم ھەقىقى ئىسمىنى ئىشلەتكەندە،خېرىدارىڭىز كىم بىلەن ئالاقە قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالايدۇ.ھەرگىزمۇ بىرىنجى كەسپى خادىم،ئىككىنجى كەسپى خادىم دىگەندەك مەۋھۇم ئىسىم قويماڭ. مەھسۇلات ئالبومىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىڭ.مەھسۇلات ئالبومىنىڭ ئۈنۈمىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ.ئالبومنى ئېلىكتىرونلۇق ئالبومغا ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

مىنىڭ تور دۇكىنىم : http://alnurfon.tawarim.com

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 09:13:38

شۇنداق قىلىپ دوكاننى تەشۋىق قىلىېالدىم دەڭلا

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 17:28:15

پېقىر 15 يىللىق تىجارەت قىلىش تەجىربىسىگە ئاساسلىنىپ يەكۈن چىقىرىدۇكى ، مەزكۇر تېمىدىكى دۇكان ئىقتىسادى كىرىم يارىتالمايدۇ .

tehram يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 18:01:49

تاۋارىم توردىكى جەمئىي تاۋار : 3387
تاۋارىم توردىكى جەمئىي ئەزالار : 5408
تاۋارىم توردىكى جەمئىي دۇكان : 1124
جەمئىي پۈتۈشكەن سودا : 2648
پۈتۈشكەن سودا سوممىسى : 1078492.08  {:92:}{:92:}{:92:}
بەت: [1]
: تور سودىسىدىكى ئەپچىل چارە-ھۈنەرلەر