ياردەم قىلىڭلار !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sherife تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-23 14:48ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار !
قېرىندىشىمىز خانقىز ھازىر تىببي ئونۋېرىستىت قارمىقىدىكى 1-تارماق دوختۇرخانىنىڭ تۇغۇت 1-بۈلۈمىدە يېتىۋاتقان بۇلۇپ، تۇغۇت ئوپىراتسىيە قىلىش ئۈچۈن RH )AB -) مەنپي تىپلىق قانغا جىددىي ئېھتىياجلىق .قېرىنداشلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى سورايمىز .
ئالاقىلىشىش تېلفۇنى :18690327112 مىنىڭ يارەم تېمام نىمە ئۈچۈن تەستىقلانمايدۇ؟ مەزكۇر قان تىپى كەمدىن - كەم ئۇچرىسا كېرەك:( ھەئە، بەكلا ئاز ئۇچرايدىغان قان تىپىكەن .دۆلىتىمىزدە بۇ خىل قان تىپىدىكىلەر 1%گىمۇ يەتمەيدىكەن .شۇڭلاشقا، قېرىندىشىمىزغا ماس كىلىدىغان قان تېپىش تەس بوپ قالدى . بىر چاغلارغا ئۈدىدار سۇپىسدا مۇشۇنداق بىر سالونلار بار ئىكەندۇققۇ؟مەخسۇس مۇشۇنداق تىپتىكى قېنى بار كىشلەر توپلانغان..... ئاللا خالىسا قىيىنچىلىقىڭلار ھەل بوپ كىتىدۇ. سەۋىر قىلىڭلار. شۇ ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ ئىسمىنى بىلسىڭىز يوللاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش قان تەقدىم قىلىش ئەترىتىدىكىلەر يوللىدى ،مۇۋاپىق قان بەرگۈچى چىقمايۋاتىدۇ .قېرىنداشلار ،بولسا مۇشۇ ئۇچۇرنى باشقا تور بەتلەرگىمۇ يوللاپ تارقىتىپ قويساڭلار !
ئاللا خالىسا قىيىنچىلىقىڭلار ھەل بوپ كىتىدۇ. سەۋىر قىلىڭلار.
رەھمەت.
ئاللاھ ئاسان قىلسۇن ،،، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltersh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-23 22:48
13999273929 ئىنىمنىڭ ئايالىمۇ دەل مۇشۇ خىل قان تىپىدىكىلەردىن ئىكەنتۇق، مۇشۇ قېتىمقى تۇغۇتىدا ئاندىن بىلىپتىمىز، دوختۇرلار بىزگە ئۈرۈمچىدە تۇققانلار بولسا ئالاقىلىشىپ قۇيۇڭلار، قان ئسىكىلاتى بىلەن ئۇقۇشۇپ قويسۇن، ھەر ئىھتىمالغا قارشى تەييارلىقىڭلار پۇختا بولسۇن دىگەندىلا ئاندىن بىزمۇ سەل جىددىيلىشىپ قالغان، ئىنىمنىڭ ئايالىنىڭ ئىككى ئاكىسىنىڭ قېنىنى تەكشۈرتسەك ماس كەلمەيدىكەن، ئاللاھ ئاسانلىق بىرىپ قانسىراپمۇ كەتمىدى، ئۇنىڭغا ئەمدىلا 20نەچچە كۈن بولدى بولمىسا ئۇقۇشۇپ باقارئىكەنمەن. ئاللاھ ئاسان قىلغاي،،،،، يۇقىرىدىكى كۆڭۈل بۆلگەن ،ياخشى تىلەكلەر تىلىگەن بارلىق قېرىنداشلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ! بولسا ئىنكاس بىلەن بولسىمۇ تېمىنى چۆكتۈرۋەتمەي تۇرساق، تېخىمۇ كۆپ ئادەم كۆرسە ،قان بېرىدىغان بىرەسى چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس . UQKUN2 8قېرىندىشىم ،ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت ! ئاللاھ ئانا -بالىنى سالامەت قىلسۇن .
بۇ قېرىندىشىمىزمۇ ئالدىنقى قېتىمدا قاننى تەييارلاپ قۇيۇپ ئىشلەتمىگەن ،بۇ قېتىم ئەھۋالى سەل ئالاھىدىرەك بوپ قالدى .دوختۇر قەتئي ھەركەت قىلماسلىقنى بۇيرىغاچقا كارىۋاتتىن چۈشمەي يېتىۋاتقىلى ھەپتىدىن ئاشتى .ئەگەر قان تېپلماي ،ئوپىراتسىيەنى ۋاقتىدا قىلالمىسا ،ئانا -بالىنىڭ ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلالمايدىكەن .بۇ قېتىم قان ئىشلىتىش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرىكەن .
بەت:
[1]