iOS8.0-8.1 تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى ئېلان قىلىندى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !بۈگۈن iOS8.1 ئېلان قىلىنىپ چۈشتىن كېيىن بولغاندا 7.1 نى تۈرمىدىن قاچۇرغان پىروگراممىرلار 8.0دىن 8.1گىچە بولغان سىسىتېمىلارنى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتالنى ئېلان قىلدى (ۋاقتىنچە Windows نۇسخىسى) .
قوللايدىغان ئۈسكىنىلەر : iOS8.0-iOS8.1 يۈرىشىدىغان بارلىق ئۈسكىنە
ئالاھىدە ئەسكەرتىش :(ئورگان تەرەپنىڭ ئەسكەرتىشى)
1. نېمىشقا Cydia يوق؟
iOS8 نىڭ جىق جايلىرى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا Cydia ۋە تايىنىدىغان Substrate جازىسىنىڭ نۇرغۇن قىستۇرمىلىرى iOS8 دە نورمال ئىشلەتكىلى بولمايدۇ . شۇسەۋەبتىنباشقا ئاچقۇچىلار ۋە Cydia ياسىغۇچىنىڭ تىز سۈرئەتتە ئۆزىلىرىنىڭ كودنى iOS8 كە ماسلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىپ چىقىشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن ، بىز 1.0 نەشىردە تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانىدا ئاچقۇچىلار كېرەك قىلىدىغان بىر قىسىم ئاساسىي مۇھىت ۋە SSH قاتارلىق قىستۇرمىلارنى تەمىنلىدۇق . Cydia ياسىغۇچى 8 گە ماسلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بىز Cydia نى ئۆزئىچىگە ئالغان يېڭىلاش ئىلىپ بارىمىز . شۇڭا پەنگۇ تۈرمىدىن قاچۇرۇش (盘古越狱(iOS8)1.0)دېتالى 1.0 نەشىرى مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئاچقۇچىلىرى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش نەشىرى.
2. تۈرمىدىن ھازىر قاچۇرامدۇق ؟
تۈرمىدىن قاچۇرۇش ھاياتلىق دەۋرى مەۋجۇت بولغاچقا ئالما تەرەپنىڭ قاچان يوچۇقنى تاقايدىغانلىقىنى ئۇققىلى بولمايدۇ ،شۇڭا سىز باشتا تۈرمىدىن قاچۇرۇپ تۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ ،Cydia ماسلاشتۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن پەقەت يانفوندىكى پەنگۇ app ئارقىلىق Cydia نى چۈشۈرۈپ قاچىلىيالايسىز ياكى SSH يولى ئارقىلىق قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا PP يانفون ياردەمچىسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەپ چۈشۈرۈپ قاچىلىشى ئۈچۈن تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان نۇسخىسىمۇ iOS8 گە ماسلاشتۇرۇلدى .
مۇناسىۋەتلىك تېمائۇلانمىلىرىتۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى :
iOS8.0-iOS8.1نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرىسلىكى
http://xjmac.com/mac/forum.php?mod=viewthread&tid=8326&fromuid=4
ios8تۈرمىدىن قاچۇرۇپ cydia قاچىلاش
http://xjmac.com/mac/forum.php?mod=viewthread&tid=8333&fromuid=4
مەنبە : ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى
ياخشى تېما !!! ياخشى بوپتۇ ياخشى ئىش بوپتۇ... خەتتاختىنىڭ (كىرگۈزگۈچ) ئىشى ھەل بولغاندىن كىيىن80 پىرسەنىت ئايفونچىلار ئەمىدى تۈرمىدىن قېچىپ يۈمەيدۇ دەپ ئويلايمەن ghalibjan يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 18:15 static/image/common/back.gif
خەتتاختىنىڭ (كىرگۈزگۈچ) ئىشى ھەل بولغاندىن كىيىن80 پىر ...
لېكىن خەت نۇسخىسى بەك سەت. ماڭا ئوخشاشلار شۇنى دەپ قاچىدۇ. ھەي....... بەك تىز قېچىپتىغۇ خەت نۇسخىسى قاچىلاش ئۈچۈن بولسىمۇ قاچىدىغان بولۇپ قالدۇق ghalibjan يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 18:15:34 static/image/common/back.gif
خەتتاختىنىڭ (كىرگۈزگۈچ) ئىشى ھەل بولغاندىن كىيىن80 پىر
يېڭى سۆز ياسىغان ئوخشىمامسىز؟ ۋويجــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــون! قېچىپتۇ! begtash يوللىغان ۋاقتى2014-10-23 23:46 static/image/common/back.gif
يېڭى سۆز ياسىغان ئوخشىمامسىز؟
خەتتاختا دېگەندىن ھەرپتاختا دېسە ئەدەتسىز مۇۋاپىق بولاتتى، چۈنكى ئۇنىڭ ئۈستىدىكىسى خەت ئەمەس بەلكى ھەرپ. Yaruq يوللىغان ۋاقتى2014-10-24 10:42 static/image/common/back.gif
ۋويجــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ...
كونۇپكا تاختىڭىزنىڭ Tكونۇپكىسى ياخشى ئىشلەيدىكەن ھە تۈرمىدىن قاچۇرغان تىلفۇننىڭ سىستىما نەشىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولامدۇ؟ 7.1 دىگەندەكلەرگە؟ tanha19 يوللىغان ۋاقتى2014-10-24 11:55 static/image/common/back.gif
تۈرمىدىن قاچۇرغان تىلفۇننىڭ سىستىما نەشىرىنى تۆۋەنلە ...
قاچۇرمىغاننىڭكىنىمۇ بولمايدۇ تۆۋەنلەتكىلى بۇ نۇسخىسىغا ئۈرۈمچى ۋاقتى قوشۇلۇپتۇ.ۋاقىت ۋە رايون تاللاش رامكىسىغا 乌鲁木齐 ياكى urumqi دەپ كىرگۈزىپ تاللاپ بېكىتىپ قويسىڭىز بولىدىكەن.
بەت:
[1]