tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 09:48:59

خاتىرەمنى يوقاتقان مەن

مەن بىر خاتىرىھىنى يوقاتقان قىز. ئاتا-ئانامنىڭ دېيىشىچە مەن 15 ياشقا كىرگەن چېغىمدا، قاتتىق قىزىپ كېتىپ شۇنىڭ بىلەن خاتىرەمنى يوقاتقان ئىكەنمەن. ھازىر مەن 21 ياشقا كىردىم. بۇ بەش يىل جەريانىدا ئۆيدىكىلەر ماڭا ئىنتايىن كۆپ مۇھەببىتىنى بەردى، گەرچە مەن خاتىرەمنى يوقاتقان بولساممۇ، ئەمما ئىنتايىن بەختلىك خۇشال ياشاپ كېلىۋاتىمەن. خەت يازالايمەن، كىتاپ ئوقۇيالايمەن، مەكتەپكە نورمال بېرىپ كېلىۋاتىمەن.
ئەمما ئۇ قىز مېنىڭ بۇ تېنچ تۇرمۇشۇمنى بۇزدى، ئۇ بىزنىڭ ئۆيگە كېرىلىپ كىرگىنىچە بىزنىڭ ئۆينىڭ بىر ئەزاسى بولىۋالدى.
ئۇ بولسىمۇ ئاتا-ئانام دارىلئىتامدىن بېقىۋالغان قىز بولۇپ، شۇنداق قىلىپلا مېنىڭ بەش ياشلىق سىڭلىم بولۇپ قالدى. ئۇ قىز مەندىن نەق 16 ياش كىچىك. مانا شۇ كىچىك قىزچاق بىزنىڭ ئۆيگە كىرگەندىن بۇيان، ئاتا-ئانام ماڭا بۇرۇنقىدەك كۆيۈنمەس بولۇپ قالدى. ماڭا بولغان بۇرۇنقى كۆيۈنۈشلىرىنىڭ ھەممىسىنى شۇ قىزغا بېرىۋەتتى.
راست گەپنى دېسەم ئۇ قىزنى پەقەتلا ياقتۇرمايمەن. ئۇ قىز بۇ ئۆينى راستلا ئۆزىنىڭ ئۆيى دەپ قالدىمۇ، ئىشقىلىپ ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتتى. ئۇ تولىمۇ ئەركە قىز، كەچكىچە يەيدىغاننىڭ ياخشىسىنى تاللايدۇ، بەك بىشەم. ھېلى ئويۇنچۇق، ھېلى كەمپۈت دەيدۇ، تېخى ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ئوينىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەگەر ئىش ئۇنىڭ دېگىنىدەك بولماي قالسا، پۇتىنى يەرگە ئۇرۇپ ھاڭراپ يىغلايدۇ. شۇڭا ئاتا-ئاناممۇ ئۇنىڭدىن قورقىدۇ. شۇڭا ئۇ قىز ھازىر بۇ ئۆيدە مەلىكىنىڭ ئۆزىلا.
ئەمما ئاتا-ئانام مېنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەندەك قىلاتتى. ئەسلىدە مەن، مەن ئۇلارنىڭ ئۆز قىزى ئىدىمغۇ؟ ئۇ قىز بولسا ئۇلار بىلەن ئازراقمۇ مۇناسىۋىتى يوق بىر يىتىم قىز. شۇنداق تۇرۇپ ئۇلار يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇ قىزنى ساراڭلاردەك ئەرتىۋالايدۇ؟ ئۇ قىزمۇ كىچىكلا تۇرۇپ يۈزى شۇنداق قېلىن. چوڭ بولسا ھەقىچان بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە بىزەڭ قىز بولىدۇ. مۇشۇ قىز بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەندىن بۇيان مېنىڭ مىجەزىم بەكلا ئوساللىشىپ كەتتى. ھېلىمۇ ياخشى سەۋرچانلىق ئىماننىڭ جۈملىسى دەپ، سەۋرچانلىقنىمۇ ئۆگىنىپ قويۇپتىكەنمەن. ئاچچىقىمنى سىرتقا ئالدىراپ چىقارمايمەن. ئۇ كىچىك شۇمتەك ئازراق بولسىمۇ غەرەز ئۇقمايدۇ. كەچكىچە يىغلىغان، يولسىزلارچە ئەركىلىگەن... بولدىلا بۇلارنى دېسەم يەنە ئوغام قايناپ قالىدۇ.
ئۇ قىز ھەر قېتىم شۇنداق ئادەمنىڭ ئۆچلىكى كەلگۈدەك يىغلىغاندا، بېرىپلا ئىككى شاپىلاق سالغۇم كېلىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتۇۋالىمەن. ئەقلىمنى ھېسسىياتىمدىن غالىب كەلتۈرىمەن، ئۇ شۇمتەك بولسا دادام، ئاپامنڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ «ئاپا،،، دادا....» دەپ يىغلاۋېرىدۇ، دادام  بىلەن ئاپام ئىككىسى ئۇ قىزنى كۆتۈرۈپ ئەركىلىتىپ بەزلەپ كېتىدۇ، تېخى ئامراقلىقى كېلىپ مەڭزىلىرىگە سۆيۈپ كېتىدۇ. ئۇ كىچىك شۇمتەك كىچىكلىكىگە باقماي، ئۇيۇن قويۇشقا ئۇستا. قولىدىكى كەمپۈتلىرىنى ماڭا تەڭلەپ: «ئاچا... ئاچا..» دەپ ئەركىلەپ كېتىدۇ. شۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ قولىدىكى كەمپۈتنى ئېلىپلا ئۇنىڭ يۈزىگە ئېتىۋەتكەۈم كېلىدۇ. ئەمما ئۇنداق قىلغىلى بولامدۇ، دەيسىز؟ ئۇنداق قىلىدىغان بولسام، ئۇقىز مېنى ئاتا-ئانامغا چېقىشتۇرىدىغانغا ئوبدانلا بىر باھانە بولار. ئالدىنقى قېتىممۇ تازا تاتلىق ئۇخلاۋاتسام، بۇ قىز مېنىڭ بىلەن ئوينىشىپ بەر، دەپ مېنى تېرىكتۈرىۋەردى. مېنى ئويغىتىۋەتكىنىنى ئاز دەپ، تولا غىڭشىپ قۇلاق-مېڭەمنى يەپلاۋەتتى. ئاچچىقىمغا پايلىماي: «كۆزۈمدىن يۈتۈڭە!» دەپلا ۋارقىرىۋەتتىم. ئۇ قىز شۇ يەردىلا ۋارقىراپ يىغلاپ چىقىپ كېتىپ، ئاتا-ئانامغا «مېنى بوزەك قىلدى!» دەپ چېقىشتۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دادام-ئاپام ئىككىلىسى مېنى ئەيىبلەپ، سىڭلىڭغا ئانداق كۆيۈن، مۇنداق كۆيۈن دەپ كەتتى. مېنىڭ ئۇۋالچىلىقىمنى ئۇلار چۈشەنمەمدىغاندۇ؟ شۇنىڭدىن كېيىن بۇ قىزغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتىم.
ئادەتتە ئۇنىڭغا گەپمۇ قىلغۇم كەلمەيتتى، ئامال بار ئۇنىڭدىن نېرى يۈرەتتىم، ئۇ قىزنى بالا-قازا دەپلا بىلەتتىم. ئۇنى تۇغقان ئانىسىغىمۇ ئۆزۈمچە ئۆچلۈك قىلاتتىم. ئاپىسىمۇ چوقۇم ياخشى ئايال ئەمەس، بولمىسا ئۆزىنىڭ قىزىنى تاشلاپ قوياتتىمۇ. دەپ ئويلايتتىم. ئۇنداق ئەمەس بولسا، ئۇنىڭ ئاپىسى، ئۆلۈپ كەتكەن؟ ئۆلۈپ كەتسىمۇ مۇشۇ قىزنىڭ تولا يىغلىشىدىن ئۆلۈپ كەتكەندۇ، تايىنلىق!
توۋا! مەن نېمانچىۋالا ئۆزگۈرۈپ كەتتىم! بۇرۇن مەن بىرەرىنى ھەرگىزمۇ  بۇنداق تىللاپ قارغاپ باقمايتتىمغۇ؟ ھەممىسى شۇ قىزنىڭ كاساپىتى، خەپ!
مەن ھەتتا ئۇ قىزنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىزلا مەڭگۈلۈك غايىب بولۇپ كەتسە دەپ ئويلايتتىم. ئۇنى كۆرسەملا ئۇنىڭغا بولغان غەزىپىم ھەسسىلەپ ئاشاتتى. ئۇنى بىزنىڭ ئۆيدە مەلۇم بىر غەرەز بىلەن تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ئويلايتتىم.
ئەمما ئۇ قىز مەن بىلەن ئويناشقا بەك ئامراق ئىدى. شۇڭا كەچكىچە ماڭا چاپلىشىۋالاتتى. ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولمىسىمۇ، ئۇ ماڭا ئۆزىچە خوشامەت قىلىپ كېتەتتى. «ئاچا، سىز بەك چىرايلىق، مەن بىلەن بىللە ئوينىسىڭىز بولامدۇ؟» دەپ كېتەتتى. ئۇنىڭغا قاراپ بوپتۇ بىردە، ئوينىشىپ بەرسەممۇ مەيلى دەپ ئويناپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇنىڭ بىرەر ئۇيۇنچىقىنى بۇزۇپ قويسام، ئۇ يەنە ماڭقىسىنى ئېقىتىپ يىغلاشقا باشلايتتى. كارىم بولمىسا ھاڭرىغىنىچە بېرىپ ئاتا-ئانامغا چېقىشتۇراتتى: «ئاچام بەك ئەسكىكەن. مېنىڭ قونچىقىمنىڭ چېچىنى بۇزۇۋەتتى» دەيتتى. ئۇ قىزنى چايناپ-چايناپ پۈركۈۋەتكۈم كېلەتتى. دادام، ئاپام بولسا يەنە شۇ قىزنى قانات ئاستىغا ئالاتتى. توۋا! زادى كىم ئۇلارنىڭ ھەقىقىي قىزى، ئۇلار بولسا شۇنداقلا كېلىپ قالغان بىر يات قىزغا يان بېسىپ، مېنى بىرلىشىپ بوزەك قىلاتتى.
مەن تۇيۇقسىزلا ئۇ قىزنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىپ قالدىم، ياق، ئۇ قىزنى بوغۇپ ئۆلتۈرگۈم كەلدى.
راست دېگەندەك ئۇ ئۆلۈپ كەتتى. ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبى بولسا، پەلەمپەيدە سەكرەپ ئويناۋېتىپ، يىقىلىپ چۈشۈپتۇ ھەمدە ئارقا مېڭىسى پەلەمپەينىڭ سېمونت قىرىغا تىگىپ كېتىپتۇ. ئۇ قىزنى كىم پەلەمپەيدە ئوينىسۇن دەپتىكەن، ئۆزىدىن كۆرسە بولىدۇ شۇ! ئەمما ئاتا-ئانام ئۇ قىزنىڭ ئۆلۈمىگە قاتتىق قايغۇردى. مەن بولسام كۆڭلۈم تىنغاندەك بولۇپ قالدىم.
ئەمما نېمىشقىكىن، ئۇ قىز ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن مەن پات-پاتلا ئىختىيارسىز ئۇ قىزنى ئەسلەپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم. ئۇنى دائىم چۈشەيتتىم، چۈشلىرىمدا ئۇ يۈزلىرى قانغا بويالغان، كۆزلىرى ماڭ تىكىلىپلا تۇراتتى. ھەمدە: «ئاچا، مەن قورقىۋاتىمەن، يالغۇز قالدىم! مېنى تاشلاپ قويما، مەن بىلەن بىللە ئوينىغىن!» دەيتتى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئالدى-كەينىمگە قارىماي قاچاتتىم. ئۇ بولسا كەينىمدىن قوغلايتتى، قوغلا-قوغلا كۈلۈپ كېتەتتى.
دائىملا مۇشۇنداق ئوخشاش مەزمۇندىكى چۈشنى كۆرىۋېرىپ، كاللامدىن ئېزىپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم. نېرۋام  بەكلا ئاجىزلاپ كەتكەنىدى. ئۇ قىز نېمە ئۈچۈن چۈشۈمگە مۇشۇنداق كۆپ كىرىدۇ؟ زادى نېمە ئۈچۈن؟ ئاتا-ئانام مېنىڭ ئەقلى-ھوشۇمنىڭ تازا جايىدا بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مېنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. دوختۇر مېنى بەك بېسىم ئىچىدە قاپتۇ، كاللىسىنى ئارام ئالغۇزۇشى كېرەك دەپ، دورا بەردى. ئەمما ئۇ دورىنىڭمۇ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىدى. ئۇ چۈشنى داۋاملىق كۆرىۋەردىم، ئويغانغىنىمدا بولسا يەنىلا شۇنداق ھۇشۇمنى يوقاتقاندەك يۈردۈم.
بىر كۈنى ئاپامنڭ ھۇجرىسىدا تۇيۇقسىزلا بىر پارچە قەغەزنى كۆرۈپ قېلىپ، قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم. ئۇ قەغەزنىڭ ئۈستىدە مېنىڭ ئىسمىم ۋە ئۇ قىزنىڭ ئىسمى يېزىقلىق ھەمدە ئىككىمىزنى ھەدە-سىڭىل دەپ تۇراتتى.
كەينىمدىن كىرگەن ئاپام بۇنى كۆرۈپ يىغلاپ كەتتى ھەمدە مېنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە:
-ساڭا بۇرۇنلا دېسەك بولاتتى قىزىم، ئۇ ئەسلىدىمۇ سېنىڭ ئۆز سىڭلىڭ ئىدى. 15 ياش ۋاقتىڭلاردا ماشىنا ۋەقەسىدە ئاتا-ئاناڭلار قازا قىلىپ كەتتى. يولدىشىم ئىككىمىزنىڭ بالىسى بولمىغاچقا، سېنى بېقىۋالدۇق، سىڭلىڭ قازا قىلغان ئاپاڭنىڭ قورسىقىدا تۇرۇپ، شۇ كۈندىكى ۋەقەدە تۇغۇلۇپتۇ. ئاللاھنىڭ ئۆز پاناھىدا ساقلىشى بىلەن ھېچنىمە بولماپتۇ.....
ئاپامنىڭ كېيىنكى سۆزلىرى ئەسلىدە ئىنتايىن ئاجىز تۇرغان نېرۋامدا تېخىمۇ قالايمىقانلىشىش يۈز بەرگۈزدى.
«ئۆزۈمنىڭ سىڭلىسى! ئاتا-ئانام، ياق، ھازىرقى ئاتا-ئانام ئۆز ئەمەس، ئەسلىدە سىڭلىم ماڭا ھەقىقىي ئۆز ئىكەنتۇق!»
ئاپامنىڭ يىغىسىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرماقچى بولدۇم، دادام كىرىپ قالدى.
-ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپمۇ ئاخىرى يوشۇرۇپ قالالمىدۇق، ئۇنىڭدىن ھەممىسىنى بالام ساڭا دەپ بېرەيلى! سېنىڭ نېرۋاڭ ھېلىھەم تازا دۇرۇس ئەمەس. سىڭلىڭنى سەن ئىتتىرىپ يىقىتىۋەتتىڭ قىزىم! ئەسلىدە سىڭلىڭنى ئەكىلىپ سەن بىلەن جەم قىلايلى دېگەن ئىدۇق....
شۇنداق قىلىپ مەن ھەقىقىي بىر خاتىرىسىنى يوقاتقان قىز بولدۇم! ھايات تۇرۇشۇم ۋە ئۆلگەن بولۇشۇمنى ھېچقانداق پەرقى يوق ياشاپ يۈردۈم.
چۈشۈمنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنى قارار قىلدىم!
(گۈليارە تۇرسۇن ئۆزلەشتۈرمىسى)

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 10:08:18

بەك تەسىرلىك ئىكەن ....

ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 11:46:35

تەسىرلىككەن

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 13:55:28

ئۇھ....بىر قىسمىلا قىپ قويدى مېنى

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 16:31:21

ما تەۋپىق دېگەن بالىنى ئوغال دەپ بىلەتتىم مەن :funk:

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 17:01:35

ۋاكالىتەن.. يۇسران قىز ئوبدان ئۆزلەشتۈرۈپتۇ، ئىلھام ئۈزۈلمىگەي..

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 22:36:48

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2014-10-23 16:31:21 static/image/common/back.gif
ما تەۋپىق دېگەن بالىنى ئوغال دەپ بىلەتتىم مەن :funk:
چۆچۆرىنى خام ساناپسىلىما:lol

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 22:45:53

ئۆزلەشتۈرمىسى دېگەننى قانداق چۈشەنسەك بولار؟

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 12:17:14

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-10-23 22:45 static/image/common/back.gif
ئۆزلەشتۈرمىسى دېگەننى قانداق چۈشەنسەك بولار؟

تىلماچ پالانى دېگەننى  ، پالانى ئۆزلەشتۈرمىسى دەيمىش :lol

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 15:07:41

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2014-10-23 16:31 static/image/common/back.gif
ما تەۋپىق دېگەن بالىنى ئوغال دەپ بىلەتتىم مەن

;P
بەت: [1]
: خاتىرەمنى يوقاتقان مەن