karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 20:26:31

2014-يىلى شىنجاڭ كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى تارىخي پۇرسەتكە دۇچ كەلدى

ئۈرۈمچى—بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسيا ياۋروپا يەرمەنكىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈچىنچى قېتىملىق ياۋروپا-ئاسىيا يىپەك يولى كىيىم-كېچەك بايرىمى 9-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن  6-كۈنىگىچە «ھەشەمەتلىك» سەھنىگە چىقتى.

شىنجاڭنىڭ كىيىم-كېچەك تەرەققىياتى ياخشى پۇرسەتكە دۇچ كەلدى

شىنجاڭ ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، 2013-يىلى شىنجاڭ چېگرا ئېغىزىدا ئېكسپورت قىلىنغان كىيىم-كېچەكنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 9 مىليارد 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە كىيىم-كېچەك ۋە كىيىم-كېچەكنىڭ قوشۇمچە زىننەتلىرى ئېكسپورتى 6 مىليارد 390 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولدى. شەرقىي جەنۇب دېڭىز ياقىسىدىكى ئۆلكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭنىڭ يەرلىك كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى يەنىلا نىسبەتەن ئارقىدا بولۇپ، 2013-يىلى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 3 مىليارد خەلق پۇلى بولغان.  

بۇ يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىش ئۈچۈن، مەركەز ۋە شىنجاڭدىكى پارتىيە كومىتېتى توقۇمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بىر قاتار ئالاھىدە كەسىپ سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، تەسىس قىلىنغان كۆلىمى 20 مىليارد يۈەنلىك توقۇمىچىلىق كىيىم-كېچەك كەسپى تەرەققىياتى مەخسۇس مەبلىغى، باج ئالاھىدە ئېتىبار قىلغان سىياسەتنى يۈرگۈزۈش، توك باھاسىدا ئېتىبار قىلىش ۋە كارخانا خادىملىرىنى تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  

بۇنىڭدىن باشقا، 2014-يىلى دۆلەت شىنجاڭ پاختا نىشانلىق باھا سىناق نۇقتىسى ئىسلاھاتىنى باشلىدى. پاختا نىشانلىق باھا سىناق نۇقتىسى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى جۇڭگو مىقياسىدا پاختىنى ۋاقىتلىق سېتىۋېلىپ ساقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ھۆكۈمەت بازار باھاسىغا ئارىلاشماسلىق، باھا تەمىنلەش ۋە تەلەپ مۇناسىۋىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىش، ئىشلەپچىقارغۇچىلار بازار باھاسى بويىچە پاختىنى سېتىپ چىقىرىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىنجاڭ پاختىسىغا قارىتا نىشانلىق باھا تولۇقلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تولۇقلىما سوممىسى ۋە ئەمەلىي تېرىلغۇ مەيدانى، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ياكى سېتىلىش مىقدارى مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت.  

—شىنجاڭنىڭ كىيىم-كېچەك تەرەققىياتى ئۈچ چوڭ ئەۋزەللىكىنى ھازىرلىغان

نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق كىيىم-كېچەك تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان ئامىللار ئاز ئەمەس، مەسىلەن ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرى مۇكەممەل ئەمەس، ماتېرىيال ۋە قوشۇمچە ماتېرىيال ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەرگە بەكرەك تايىنىدۇ؛ كىيىم-كېچەك كەسپىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بىر قەدەر ناچار، يەرلىك كىيىم-كېچەك كارخانىسى «كىچىك ھەم تارقاق» ھالەتتە بولۇپ، كىيىم-كېچەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قوشۇمچە ماتېرىيال، زاپچاس قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئېكولوگىيەسىنى شەكىللەندۈرمەيدۇ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەخسۇس كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى يوق، نۇرغۇنلىغان كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى ئادەتتىكى ئاممىنىڭ ئۆيلىرىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ كۆلەم ۋە مۇقىم مۈلۈك قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن كۆپ قىسىم شىنجاڭ كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى بانكىدىن قەرز ئېلىشقا ئامالسىز قالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كەسپىي ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كەمچىل بولۇشىمۇ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.

ئالدى بىلەن، شىنجاڭ كۆپ مىللەت مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايون، ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىلەن تىلى باغلىنىشلىق، مەدەنىيەت ئادەتلىرى يېقىن، ئامما ئوتتۇرىسىدىكى بېرىش-كېلىش ئۇزاق تارىخقا ئىگە، كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى جەھەتتە تارىخى مەنبەسى شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان ئوخشاش گۈزەللىك ئىنتىلىشى بار. بۇ دۆلەتلەرنىڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى  كىيىم-كېچەك كەسپىنىڭ  ئاساسى ئاجىز، دۆلىتىمىز توقۇمىچىلىق كىيىم-كېچىكىگە بولغان ئېھتىياجى بىر قەدەر چوڭ، دۆلىتىمىز كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ئوتتۇرا-غەربىي ئاسىيا بازىرىغا كىرىشىنى پايدىلىق ئاچقۇچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئىككىنچىدىن، شىنجاڭ ئاسىيانىڭ كىندىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 8 دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ، بىرىنچى دەرىجىلىك چېگرا ئېغىزىدىن 17 سى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك چېگرا ئېغىزىدىن 12 سى بار، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە چۇڭچىڭدىن ياۋروپا قىتئەسىگىچە بولغان خەلقئارا تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قاتارلىق خەلقئارا سودا شارائىتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ياۋروپالارنىڭ سودا يولىنى يەنە بىر قەدەم ئېچىپ، چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدا غەربكە ئېكسپورت قىلىدىغان توقۇمىچىلىق پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى قۇرۇشقا جەلپ قىلدى.

ئۈچىنچى، شىنجاڭ پاختىسى پۈتۈن مەملىكەت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، يەنە مول بولغان نېفىت مەنبەسىگە ئىگە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەڭ چوڭ مەلھەم ۋە ۋىسكوزا تالا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، قوي يۇڭى، زىغىر قاتارلىق تەبىئىي تالا مەنبەسى ئىنتايىن مول، كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا ياخشى بولغان ماتېرىيال ئاساسى تەمىنلەپ بېرىدۇ.
مەنبە : جۇڭگو تەتقىقات تورى

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 20:42:34

خەتكۈچ ....

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 22:11:56

شۇ...شۇ................شىنجاڭنىڭ ھەممە نىمىسى ياخشى شۇ.

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 22:22:10

بىزلەرگىمۇ پۇرسەت كەپ قالا..{:92:}

sardar8 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 22:31:51

كىيىم كىچكنى ئەزەنراق سېتىڭلار تۆت بەشمىڭدىن چۈشدىكەنسىلە بىر قۇر كىيىمنى تۇتۇپ بولغىچە

boraoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 23:01:38

ئەرقالنىڭ خەۋەرلىرى تۆكمە قىلىپسىلەرغۇ بۇ مۇنبەردە، ھېچبولمىسا كۆچۈرۈپ ئالغان مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ، ئۆزىڭىز تەرجىمە قىلمىغاندىنكىن. قول قولنى يۇيسا قول قوپۇپ يۈزنى يۇيۇپتۇ دېگەن گەپ بار.
باشقۇرغۇچىلارمۇ بۇنداق ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ قويغايسىلەر

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 06:24:21

boraoghli يوللىغان ۋاقتى  2014-10-22 23:01 static/image/common/back.gif
ئەرقالنىڭ خەۋەرلىرى تۆكمە قىلىپسىلەرغۇ بۇ مۇنبەردە، ھ ...

ئىككى-ئۈچ كۈندىن بۇيان مۇنبەرنى بىر ئالدىغۇ:lol

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 22:29:22

MSM يوللىغان ۋاقتى  2014-10-23 06:24:21 static/image/common/back.gif


ئىككى-ئۈچ كۈندىن بۇيان مۇنبەرنى بىر ئالدىغۇ:lol
تېمىغا ھۆددىگەر پىرىم دېگەندەكما:lol
بەت: [1]
: 2014-يىلى شىنجاڭ كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى تارىخي پۇرسەتكە دۇچ كەلدى