2828288 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 20:06:31

مائارىپ ساھاسىدىكىلەردىن ياردەم سورايمەن

     مەن بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان ئەر-ئايال تۇنۇشۇم   بار ئىدى. ئەر قەشقەرلىك بولۇپ ، غۇلجىدا ئون نەچچە يىل ئۇدا تۇرغان بولسىمۇ ناپوسىنى يۆتكەپ كەلمەپتىكەن. ئايالى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىنىڭ ناپوسىدا ئىكەن. ئۇلار ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل غۇلجا شەھرىدە تىجارەت قىلىپ ، قورا-جاي سېتىۋىلىپ ياشاپ كەلگەن ئىدى. لېكىن ئايالى باللىرىنى يېزا ناپوسى بولۇپ قالمىسۇن دىدىمۇ قەشقەرنىڭ نوپوسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپتىكەن. چوڭ  قىزى بۇ يىل 13ياشقا كىرگەن بولۇپ، باشلانغۇچتا ھىچقانداق توسالغۇ يوق ئوقۇپتىكەن، لېكىن بۇيىل  9-ئايدا تولۇقسىز بىرىنچى يىللىقتا چىققاندا ئوقۇش نۇمۇرى(学号، ئوقۇش تە学籍يوق ئىكەن دەپ مەكتەپتىن چىكىندۈرۋىتىپتۇ. قىزنىڭ دادىسى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىغا 4كۈن قاتراپمۇ ھىچنىمىنى ھەل قىلالماپتۇ.ئۇلار ئامالسىز قىزنى شەخسى كۇرسقا ئەكىلىپ قويۇپتۇ.
  بۇ ئىشنى ماڭا دىگەندىن كېيىن ،مائارىپ ئىدارىسىغا تىلپون قىلىپ ئەھۋال ئىگەللىسەم ئۇلار تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ بىرىنچى يىللىىدىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش نۇمۇرى، ئوقۇش تەۋەلىكى بويىچە ئارخىۋىنى توردا تۇرغۇزۇپ ماڭىدىغانلىقىنى،ئوقۇش نۇمۇرى ناپوس تەۋەلىكى بويىچە بېرىلىدىغانلىقى ئېيتىپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق ساقچىخانىدىكى تۇنۇش ناپوس خادىمىنى ئىزدەپ كىرىپ ئەھۋالنى دىسەم«بۇلتۇردىن باشلاپ قەشقەرنىڭ نوپۇسىنى غۇلجىغا يۆتكەشنى توختىتىۋەتتى. ئۇ بالا قەشقەرگە بىرىپ ئوقىسۇن » دەپ قاراپ ئولتۇرىدۇ.« ھەي ئۇلار ئىزچىل مۇشۇ يەردە ياشاپ كەلگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى تۇرسا،تىجارىتى مۇشۇ يەردە تۇرسا قانداقسىگەن ئەزەلدىن تۇرۇپ باقمىغان يەردە ئوقىيالايدۇ؟مەجبۇريەت مائارىپى بويىچە بۇ بالىنى بۇنداق ئوقۇشسىز قويسا توغرا بولمايدىغۇ؟ نوپۇس يۆتكەش شۇنداق تەس بولسا مەن تۇرۇۋاتقان  ماۋۇ كەيپادىكى ئىككى شەھەرنىڭ ئادىمى قانداق ئورۇنلىشىپ كەتتى »دىسەم« ۋاي سىزنىڭ خەقنىڭ ئىشى بىلەن نىمەكارىڭىز، ھازىر قانداق زامان، گەپ- سۆزىڭىزگە دىققەت قىلىڭ،تۇتۇپ كېتىدۇ »دەپ ئىشخانىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىپ بارىدۇ. يەنەبىرنىمە دىسەم بۇ ئاتىكاچى خوتۇن بىلەن بوغۇشاپ كېتىدىغاندەك تۇرۇمەن ، قايتىپ چىقتىم. قايتىش يولۇمدا 英才私立学校يولۇقۇپ باقسام باشتا بولىدۇ دەپ كېيىن باشلانغۇچنى خەنزۇچە ئوقىغانلار قوبۇل قىلىنىدۇ دەيدۇ.
ئۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىقتىسادى يامانمۇ ئەمەس ، تىجارەت قىلىپ خېلى پۇل تاپقان . لېكىن بىز ئۇيغۇرلار قورا-جاي ئالساق نامىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى ئۆتىمەي يۈرىۋىرىمىزكەن. ئۆي كىنىشكىسى ئۆزىنىڭ نامىدا بولمىغاندىن كېيىن ناپوس يۆتكەشتىن سۆز ئاچقىلىمۇ  بولمايدۇ ،ئەلۋەتتە.بۇرۇن ئالغان قورا-جايى تەرەقىيات رايۇنىغا توغرا  كېلىپ چىقىلىپ،تۆلەم پۇلىمۇ ئاپتىكەن، لېكىن يەنىلا شەھەرنىڭ سىرتىدىن يەنە قورا -جاي ئېلىۋاپتۇ.
شۇڭا مائارىپ ساھاسىدە ئىشلەۋاتقانلار بولسا مۇشۇ مەسىلىنى چۈشۈندۇرۇپ قويغان بولساڭلار. ناپوسى باشقا شەھەردە بولسا پەقەت ئوقىغىلى بولمامدۇ ؟ مۈمكىن بولسا تىزدىن مۇشۇ قىزنى مەكتەپكە قايتۇرۇپ كىلىشنىڭ ئامىلىنى  قىلىشىپ بەرگەن بولساڭلار.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 20:39:45

ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان گەپلەر ئىكەن ....
ئىشلەمچىلەرنىڭ بالىلىرى ئاتا -ئانىسى نەدە ئىشلەمچىلىك قىلغان بولسا شۇ يەردە مەجبۇرىي مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشقا ھۇقۇقلۇق ، دەپ ئاڭلىغانتىم ،،،بىكار گەپلەرمىدۇ بۇ ؟
   

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 20:43:29

بۇ ئىشلار يېقىنقى بىر - ئىككى يىلدىن بىرى بەكلا قاتماللىشىپ كەتتى، ئەمەلىيەتتە تۈزەش، رەتلەش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز دەيدۇ.  ئوقۇغۇچىلىق ئۇچۇرى، ئارخىۋى دېگەنلەر بەكلا قاتتىق تۇتۇلىۋاتىدۇ. ئەمما يۆتكىلىش رەسمىيىتىنى بىجىرگىلى بولىدۇ، گەرچە بۇرۇنقىدەك ئاسان بولمىسىمۇ.
ئەمما سىز ئېيتقان بۇ ئىشتا، تولۇقسىز 1-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىنى ئوقۇشتىن چېكىندۈرۈش قانۇنسىزلىققۇ؟ چۈنكى ئۇ بالا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى بالا ، بۇ باسقۇچتىكى بىلىم ئېلىش ھوقۇقى ئالاقىدار قانۇنلار تەرىپىدىن قاتتىق قوغدىلىدۇ.

مەن مۇشۇ ئىشقا مەسئۇل بولۇپ ئىشلەيدىغانلاردىن ئوبدان بىر سورىۋىتىپ يەنە ئىنكاس قالدۇراي.

2828288 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 20:52:23

شۇنى دەيمەن. ئىۋۇ قەشقەرلىك ئادەم پەقەت ئوقىمىغان. ئۇيغۇر تىبابىتى دۇكىنى ئاچىدۇ. رىتسىپنى ئايالى بولمىسا ئوقۇپ بىرىسىز. بۇ ئىش توغرىلىق كۆڭلى بەك يېرىم بولۇپتۇ. گەپنىمۇ ئوڭشاپ قىلالماي« بۇندىن كېيىن ھۆكۈمەت قەش....لىكنى مەكتەپتە ئوقۇتمايدىكەن»دىۋىدى، ئالە شەرىڭنى دەۋەتتىم.
ئۇ قىز بىر ھەپتە دۈم يېتىپ يىغلاپتۇ. ھىلىقى چوڭلار ئوقۇيدىغان « مىڭ بۇلاق» دىگەن كۇرۇسقا ئەكىرىپ قويۇپتىكەن. «ئاپا ھەممىسى ئۇخلاپ ئولتۇرىدىغان يەركەن» دىگۈدەك.
مەكتەپ دىگەن مەكتەپتە، دەرس ئۆتىدۇ، پائالىيەتلەر بولىدۇ. تەڭتۇش دوستلىرى بولىدۇ. ئارزۇ -ئارمانلىرى بولىدۇ، ھەي ئىچىم ئىچىشتى،ئاپىسىنىڭ تەنە قىلىشلىرىچۇ تېخى « ھۆكۈمەت قەش.....لىكنى ئوقۇماي، ئىش تىرىدى دەيدۇ، ئوقۇتايلى دىسەك مۇشۇنداق قەش.....لىككەنسەن دەپ ھايداپ چىقسا قانداق بولىدۇ...................»دەپ

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 20:54:57

ئاخشام تېخى شىنجاڭ خەۋىرىدە باشقا يەردىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر شىنجاڭدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق تۇرۇپ ئىشلىگەن، سوغۇرتىغا قاتناشقان بولسىلا بالىلىرى چەكلىمىسىز شىنجاڭدا ئوقۇپ، شىنجاڭدىكى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ دېدىغۇ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 20:56:46

بۇ بۇ قېتىمقى شەھەر يېزا نۇپۇس پەرقىنى تۈگىدىغان نوپۇس ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسى مەزمۇنىكەن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 22:18:45

مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ئاممىنىڭ قورسىقى كۆپمەي قالامدۇ؟

sardar8 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 22:37:56

بۇ بۇ قېتىمقى شەھەر يېزا نۇپۇس پەرقىنى تۈگىدىغان ………………
ئاساسى مەزمۇن بەسەيلىنى كۆپرەك نۇپۇسقا ئېلىش

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 23:24:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boran0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-22 23:26  

بۇ بالىنى مەكتەپكە كىرگۈزۈشنىڭ  بىر يولى:
ئالدى بىلەن ئەسلى نوپۇسى بار بولغان قەشقەر شەھرىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن بىرىگە قوبۇل قىلدۇرىمىز. بالا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن مەكتەپ تەرەپ ئوقۇغۇچىنى توردا تىزىملاش ئېلىپ بېرىپ ئوقۇش نومۇرى تۇرغۇزىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن بالىنىڭ ئوقۇش رەسمىيىتىنى غۇلجىغا يۆتكىۋالساڭلار بولىدۇ. ئازراق ئاۋارىچىلىقمۇ بار: تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكەپلەر بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئاللىقاچان پۈتتۈرۈپ، مەلۇماتنى يوللاپ بولدۇق. يېڭىدىن قوشۇلغان ئوقۇغۇچىلارنى داۋاملىق تىزىملىغىلى بولامدۇ- بولمامدۇ بۇنى مەن بىلمەيدىكەنمەن. ئەتىگىچە مەكتىپىمىزنىڭ مۇشۇ خىزمىتىنى ئىشلىگەن كەسپدىشىمدىن سوراپ بېقىپ، باشقىچە يول بولۇپ قالسا داۋاملىق ئۇچۇر قىلاي.

ئەسكەرتىش: مەن قەشقەر شەھرىدىكى مەكتەپتە ئەمەس، بەلكى باشقا بىر ناھىيىدىكى يېزا مەكتىپىدە جۇمۇ! ئارتۇقچە ئۈمىدلىنىش بوپ قالمىغاي.

muzatboy يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 08:26:05

ھازىر  داۋاملىق ئۇقۇش نۇمۇرى تۇرغۇزغىلى بۇلىدۇ.  ئەگەر بولمىسا  مائارىپ نازارىتىگە ئەرىز قىلىڭ.      ئارلىق بەك يىراق بولمىغان بولسا  مەن بۇيەرگە تىزىملىتىپ، يۆتكەپ بىرىدىكەنمەن  

muzatboy يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 08:29:36

ئۇقۇش تەۋەلىك نۇمۇرى باشلانغۇچتىمۇ بۇلىدۇ . بىر ئۇقۇغۇچىنىڭ بىر تەۋەلىك نۇمۇرى بۇلىدۇ . ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە شۇ نۇمۇر بۇلىدۇ.

muzatboy يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 08:35:11

شۇ بالا ئۇقۇغان مەكتەپكە بېرىپ سۇرۇشتۇرۇپ بېقىڭ، ئۇقۇش نۇمۇرى تۇرغۇزغانمۇ-يوق؟   ئەگەر بولسا شۇنى ئىشلەتسە بۇلىدۇ، بولمىسا يېڭىدىن تۇرغۇزسا بۇلىۋېرىدۇ.   شۇنىڭ خەۋىرىنى بىلسەك   ئاندىن مەن ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىدىكى مەسئۇل خادىم بىلەن ئالاقىلىشىپ بىرەي

yasir يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 10:30:27

كەسىپ ئىستىلى قىززىق لىنيىسىگە تېلفۇن قىلىپ ئەھۋال ئىنكاس قىلىڭ بولمىسا ،ئەڭ تىز ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇل09912507255بىلەن09912507355

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 11:24:36

بالا ئۇقۇغان مەكتەپكە بېرىپ سۇرۇشتۇرۇپ بېقىڭ، ئۇقۇش نۇمۇرى تۇرغۇزغانمۇ-يوق؟   ئەگەر بولسا شۇنى ئىشلەتسە بۇلىدۇ،  ئوقۇش نۇمۇرى بولمىسا نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايغا بېرىپ ، مەكتەپتە ئوقۇش رەسمىيىتىنى بىجىرىپ ، ئاندىن مەكتەپ يۆتكەش رەسمىيىتى بىجىرىدۇ . بۇ رەسمىيەتنىڭ جەدۋەللىرىنى ئوقۇش رەسمىيىتى بىجىرگەن مەكتەپ 4 نوسخا بىرىدۇ ، شۇ مەكتەپنى ، شۇ يەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ رۇخسەت قىلىش توغرۇلۇق پىكرى ، تامغىسنى بېسىپ ، غۇلجا مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تامغىسىنى ، ئۇقۇماقچى بولغان مەكتەپنىڭ تامغىسىنى بېسىپ ، يۇقىرقى ھەربىر ئورۇنغا بىردىن تاپشۇرىدۇ . بىزنىڭ ئىدارىدا مۇشۇنداق قىلغاننى كۆردۈم ، بەزىلىرىگە ياردەم قىلىپ بىجىرىشىپ بەردىم .
  بۇ قىز غۇلجىدىكى مەكتەپتىن جەدۋەل ئالسىمۇ بۇلىدۇ ، لېكىن ئىككى مەكتەپ ، ئىككى مائارىپ ئىدارىسى چۇقۇم تامغا بېسىپ بىرىشى كىرەك . ئادەتتە بۇ ئىشلارنى بىجىرىش تەس ئەمەس . ياردەم لازىم بولسا چچ ، ئۈندىدار :948839916

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 11:28:12

  ئالدى بىلەن بۇ بالا باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ تولۇقسىزغا ئۆرلەش ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئىكەن ، بۇبالىنىڭ شۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلىق نومۇرى بار دىگەن گەپ . بولمىغان بولسا تولۇقسىزنىڭ ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇلمايتتى .
  ئەگەر ئوقۇغۇچىلىق نومۇرىنى تاپالمىغان تەغدىردىمۇ يۇقۇرىدا بىر توردىشىمىز ئېيتقاندەك ، قەشقەردىن ياكى غۇلجىنىڭ بىرەر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىۋىدىن بۇ بىر مەۋسۈمنى شۇ يەردە ئوقۇغانلىق ئىسپاتى ئېلىپ ، ئاندىن ھازىر ئوقۇماقچى بولغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىكى بىرەر ئۆينىڭ ئادرىسى بىلەن « ئۆي ئىجارە ئېلىش كېنىشكىسى »  ۋە ئۆزى تۇرۇشلۇق ساقچىخانىدىن ۋاقىتلىق تۇرۇش كېنىشكىسى بىجىرىپ ، ئاندىن بالىنىڭ يۆتكىلىش رەسمىيىتىنى بىجىرگىلى بولىدۇ .
  بۇ ئىشلار يازماققا مۇرەككەپتەك بىلىنگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇنچىۋالا مۇرەككەپمۇ ئەمەس . پەقەت ئامال قىلالمىساڭلار مەن قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلاي . ئەمما چوقۇم شۇنداق قىلىپ بېرەلەيمەن دەپ ۋەدە بېرەلمەيمەن . بەلكىم بۇ چاققىچە ئامالىمۇ چىقىپ قالغاندۇ ..... ناۋادا ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز ئاۋال مۇنبەردىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرىڭىزنى كۆرۈپ ئاندىن  ئۇچۇر ساندۇقىڭىزغا تېلىفۇن نومۇرۇمنى قالدۇرۇپ قوياي .
   مەيلى قايشى يول بىلەن بولسۇن ئاۋال بالىنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش مۇھىم ، ناۋادا بۇ ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپ قالسا ، تەكرار مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارغا ئىزدەيدىغان ئىش بولۇپ قالمىسا .....

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 11:33:42

   ئۇچۇر ساندۇقۇمغا بۇ  بالىنىڭ قايسى باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز .

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 16:54:35

ياخشىراق بۇۋۈمدىن بىرگە ئوقۇشقا بەرمەپتۇ تازا :lol

2828288 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 18:28:00

ھەممىڭلارغا كۆپ رەھمەت. ئەتىگەن ھىلىقى شەھەر باشلىقى قىزىىق لىنىيەسىگە مۇشۇ ئىش توغرىلىق تىلىپون قىلغان. بىر خەنزۇ خادىم ئىلىپ ئادەمنى گەپكە سېلىپ بىرمۇنچە ۋاقتىمنى ئالدى. ئىشقىمۇ كىچىكىپ قاپتىمەن.ئۇ يەر بۇ يەرگە ئۆزلىرى بارسا خەنزۇچە بىلمىگەچنى گىپىنى ئۇختۇرالماي قايتىپ كېلىپ بىر- بىرىگە دوق قىلىپ ئاچچىقىنى چىقىرىدىكەن.ئاخشام مائارىپ ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان بىر دوستۇم بەك بولمىسا پەنجىم، دادامتۇ قاتارلىق يىقىن يىزىلاردىكى مەكتەپلەرگە ئامال قىلايلى دىگەنتى.ئۇ قىزنىڭ ئاپىسىغا تىلپون قىلىپ بۇ ئىشنى دىسەم« بۇرۇنقى تۆپىدەڭدىكى ئۆيىمىز چىقىلىپ بۇدا ماشىنا شەھرىنىڭ كەينىدىن قورا-جاي ئالغانتۇق. بۇ يەردىن ئۇ تەرەپلەرگە قانداق بىرىپ ئوقار، قىز بالا تۇرسا ئادەم ئەنسىرەيدىكەن. مەن دادىسىغا دەپ باقاي«دىگەنتى. ئىشقىلىپ ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىمۇ سۇسلاپ قاپتۇ.
ئەنسىرەيدىغىنىم كېيىنكى ئىككى بالىسىمۇ ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولۇپ، 3بالا 13يىشىدىلا جەمىيەتكە چىقىپ كىتەرمۇ دىگەن ئىش

2828288 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 18:36:19

مەنمۇ ئۇ ئايالغا خېلى گەپلەرنى قىلدىم. «مەن تۇرۇۋاتقان تەرەپتە 3-ئوتتۇرا مەكتەپ بار. بۇ مەكتەپتە باللىرىنى ئوقۇتىمەن دەپ خېلى بەدەل تۆلەۋاتقانلار بار. كىپەكيۈز قاتارلىق يېزىلاردىكى ئاتا-ئانىلار كۈندە ماشىنا بىلەن باللىرىنى توشۇيدىكەن. يەنە بەزىلەر چىرايلىق جاڭشۇ قىلغان (ماۋۇ 张叔房子ئەمەس ھە:lol » ئۆيلىرىنى تاشلاپ قويۇپ مۇشۇ يەردىن  خەنزۇنىڭ سىدام ئۆيىنى يىللىقىنى 15مىڭ يۈەندىن ئىجارىگە ئىلىپ باللىرىغا ئاش تاماق ئىتىپ ئوقۇتۇۋاتىدۇ. ئۆتكەندا قىزلىرىمغا 40،50گىرام ئالتۇن جابدۇق ئىلىپ تاشلاپ قويدۇم دەۋاتاتتىڭىز ، ئالتۇن جابدۇق ئەسقاتمايدۇ، ئوقۇشى كىرەك» دىسەم «شۇ بىزمۇ ئوقىتايلى دىدۇق، ھۆكۈمەت بىزگە پۇرسەت بەرمىدى. بۇنداق قىلىش قانۇنغا خىلاپقۇ» دەپ بىر توقاي قاھشاۋاتىدۇ.

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 20:14:12

tuz يوللىغان ۋاقتى  2014-10-23 16:54 static/image/common/back.gif
ياخشىراق بۇۋۈمدىن بىرگە ئوقۇشقا بەرمەپتۇ تازا

ئاندىن بۇ بالىنى ئوقۇشقا قۇبۇل قىلغىلى ئۇنىمىغانلار بالىنى بىز ئوقۇتايلى دەپ يالۋۇرۇپ كېلەتتى
بەت: [1] 2
: مائارىپ ساھاسىدىكىلەردىن ياردەم سورايمەن