dunya يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 14:50:21

سىيىت نوچى ھەققىدە داستان


قەشقەر خەلقنىڭ پىغانلىق كۆز يېشى بىلەن قوشۇلۇپ ئاققان تۈمەن دەرياسى بويىدا ، كوزىچى يار بېشى قوينىدا سېيىت ئىسىملىك بىر ئەزىمەت بارلىققا كەلدى . ئۇ شىرنىڭكىدەك كەڭ كۆكرىكى ، يولۋاس تاپىنىدەك ئالقىنى بىلەن ھەممىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى . تۆت دەرۋازىنىڭ ئىچى ۋە تېشىدىكى غېرىپ - غۇرۋا ، يىتىم يېسىرلار ئۇنى ئۆزىگە ئاشىنا بىلدى.
    ئۇ ئونبەش ياشقا بارغاندا تۆشۈك دەرۋازىدا بىر ناۋايغا نىمكار بولۇپ كىردى .
ئەلگەك بىلەن ئۇن تاسقاپ ، ئۆتمەكتە ئۆمۈر .
ئەتىگەندىن كەچكىچە ، ئەيلەيمىز خېمىر .  
خېمىر تاۋلاپ بولۇپتۇ ، بىلەكلەر تۆمۈر .
سېيىت نوچى گىردىسى دەپ ، داڭقىم يېيىلدى .
داستىخانغا دەرمان بولۇپ ، ماختاپ يىيىلدى .
بۇ گىردىنى ھەرياققا ، ئېلىپمۇ كەتتى .
ئالدى ئاقسۇ ، ئارقىسى يەكەنگە يەتتى .
يىتىم -يېسىر باغرىنى ئۇ ، ماكانى ئەتتى .
نەچچە يىلدىن نىمكار ئىشلەش تەننى پىشۇردى .
بىلەكلەرگە دەرمان بېرىپ قۇۋۋەت ئاشۇردى .
بوزەك قىلسا بەگ - غوجاملار ئاجىز پۇقرانى .
قانداق چىداپ تۇرالايدۇ سېيىت ۋىجدانى .
ئاگاھ بەردى سېيىت كۆپ رەت ، ھۆكۈمران بەگكە .

نەزەرگە ھېچ ئىلمىغاندا قېتىلدى سەپكە .
    ئەلقىسسە ، ئايلار ئۆتتى ، يىللار ئۆتتى . سېيىت ئاخۇن گېلاۋخۇيچىلارغا قېتىلىپ سېيىت گاڭگۇڭ دەپ ئاتالدى . قان شورىغۇچ تىرىكتاپ بايلار ، پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ كۆزىگە مىخ بولۇپ قادالدى . سېيىت نوچىنىڭ ئۈستىدىن دادلاپ ماتىتەي ٭ نىڭ ئالدىغا بەگزادىلەرنىڭ ئەرىز -شىكايىتى ياغدى . ئەمدى گەپنى سېيىت نوچىنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلاڭ :
قارا ساچىم يەلپۈنۈپ قاشىمغا چۈشتى .
تۈمەن سەۋدا بالالار باشىمغا چۈشتى .
بولدى مېنىڭ يۆلەنچىم گېلاۋخۇي ھاشىم ٭
چامباشلىقنى ئۈگەتتى ئۇ ، جان - دوست ئاداشىم .

گېلاۋخۇيغا جەم بولدۇق ، دارىنغا قارشى .
خىيانەتچى ، پارىخور زالىمغا قارشى .
بەلنى باغلاپ يەڭ تۈرۈپ ، كۆتۈردۇق غوۋغا .
مەيلى دىدۇق بىزنى باغلاپ ، ئاسسىمۇ دارغا .
ھەر قەيەردە ئۆم بولۇپ ، باشلىدۇق جىدەل ،
ئەل ئاغزىدا داڭقىمىز بولۇپتۇ غەزەل .
قەشقىرىمدە ماتىتەي يارلىق چۈشۈردى .
سېيىت نوچىنى تۇتۇڭلار دەپ ، بۇيرۇق چۈشۈردى .
يوقىتىلدى گېلاۋخۇي زىنداندا ھاشىم .
زۇلۇم ، كۈلپەت قاينىمىدا ، قېلىپتۇر باشىم .
قەشقىرىمدە كۈن ئالماق ، تەس بولدى ، كەتتىم .
ياۋا قۇشتەك ئايلىنىپ ، ئاقسۇغا يەتتىم .
قەشقەردىنمۇ بەك غېرىپ ، غۇرۋانە ئاقسۇ .
خاراپزارلىق ئوچىقى ، ۋەيرانە ئاقسۇ .
راۋابىمنى ھەمراھ قىلىپ ، يەتتىم كۇچاغا .
ئالتە چېرىك بىر بولۇپ ئالدى ئاراغا .
ئالتە چېرىك ئارىسىدا ، شۇنچە مۇشتلاشتىم .
قارا شەھەر دەرۋازىسىنى ، پەشۋادا ئاچتىم .
    ئەمدى گەپنى قارا شەھەردىن ئاڭلايمىز : ئەلقىسسە ، سېيىت گاڭگۇڭ قاراشەھەرنىڭ بېقىنىدىكى ، چوڭ كۆۋرۈكنىڭ قېشىدىكى ، دەريانىڭ ئېقىنىدىكى خوجۇلۇق بونجالىققا كېلىپ راۋابىنى ئالدى ، زەخمەك ئۇرۇپ تارىغا شۇنداق لەرزان چالدى ،تەرەپ -تەرەپتىن كەلگەن ئەھلى جاپاكەش ، مۇساپىر - مۇھاجىرلار ئۇنىڭ قولىغا قاراپ قالدى . راۋاپ ئاۋازى ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە بىر ئوت سالدى . بىر چاغدا سېيىت نوچى شۇنداق قاراپلا ھەيۋەت بىلەن باستۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر پارچە قارا بۇلۇتنى كۆردى . سېيىت ئاخۇن دىدىكى :
بۇ خۇدانىڭ كارامىتىمۇ
يا ئەزرائىلنىڭ مالامىتىمۇ ؟
ياكى بىر كاساپەتنىڭ ئالامىتىمۇ ؟ ..
   . سېيىت ئاخۇن سەپسېلىپ قارىغۇدەك بولسا ، كېلىۋاتقىنى قارا بۇلۇت ئەمەس ، ئات تۇياقلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن توپا - چاڭ ئىكەن . ئاتلىقلارنىڭ ئالدىدا كېلىۋاتقىنى قاراشەھەرگە نامى پۇر كەتكەن بىر زالىمنىڭ بالىسى پور بايۋەتچە دېگەن چۈلە - زاڭ ئىكەن ، ئۇنىڭ ئەخمەقلىقى ، پوچىلىقى پۈتۈن قارا شەھەرگە داڭ ئىكەن . پۇقرالار دىدىكى : ھەي سېيىت نوچى ، سېيىت گاڭگۇڭ ! ئالدىڭدىكى ئاتلىق پور بايۋەتچىدۇر ، خۇمسىلىقتا ئۆتۈپ كەتكەن بىر بەچچىدۇر ، ئاتارمەن - چاپارمەنلىرى قىرىق نەچچىدۇر ، ئۇنىڭ يۆلەك - پاناھى چوڭ ، خەلق ئالدىدا گۇناھى چوڭ ، ئۆزىنى شىر سانايدۇ ، نوچىلىقتىن تەمەيى چوڭ . ئۇنىڭ ئۆزى ئۆتۈپ كەتكەن مۇتىھەم لالما ، ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ئېلىشىپ قالما ، بەل تۇتۇشۇپ چېلىشىپ سالما ، بەل تۇتۇشساڭ دەس كۆتۈر ، يانپىشىڭغا ئالما ! سېيىت نوچى شۇنداق قارىغۇدەك بولسا ، پور بايۋەتچىنىڭ بىر قولىدا تىزگىن ، بىر قولىدا قامچا ، كەينىدە ئون نەچچە چېرىك غالچا ، غالچىلار قولىدا نەيزە ، كالتەك ، ئارغامچا . پور بايۋەتچە سېيىت ئاخۇنغا قاراپ دىۋەيلەپ ، ئۆز- ئۆزىچە كۆرەڭلەپ ، نىمە دەيدۇ قېنى ، قامچىسىنى تەڭلەپ :

قەيەرلىكسەن ، نەلىكسەن ؟ ئاتىڭنى سۆزلە .
راۋاپ - زەخمەك قولۇڭدا ، زاتىڭنى سۆزلە .
ئاياغىمغا باش قويۇپ ، دادىڭنى سۆزلە .
قەيەرلىكسەن ، قەلەندەر ، دىۋانىمۇسەن ؟
يا بېشىڭغا كۈن چۈشكەن ، سەرسانىمۇسەن ؟
ۋە يا داچەن دەردىدە ، ئاۋارىمۇسەن ؟
ياكى ئوغرى - بۇلاڭچى ، قاراقچىمۇسەن ؟
قانداق غەرەزدە كەلدىڭ ، ھالىڭنى سۆزلە .
    سېيىت ئاخۇن بۇ ھاقارەتنى ئاڭلاپ دەرغەزەپ بولۇپ ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ، كېلىشكەن قاپقارا بۇرۇتىنى بىر تولغاپ قويۇپ ، نىمەدەپ جاۋاپ بېرىپتۇ دەڭلار !
ئەزىزانە قەشقەرنىڭ ـ سېپىل تېشىدىن .
شېرىن شەربەت سۈيى بار ، تۈمەن قېشىدىن .
خۇمدانچىلار مەلىسى ـ كوزىچى يار بېشىدىن،
چىققان سېيىت ئىسىملىك ـ پېقىر يىگىتمەن .

كىچىكىگە كىچىكمەن ، چوڭىغا چوڭمەن .
پىششىقىغا پىششىقمەن ، توڭىغا توڭمەن .
تەتۈرىگە تەتۈرمەن ، ئوڭىغا ئوڭمەن .
مىسكىنلەرنىڭ مۇڭدىشى ، ئامراق يىگىتمەن .
ئالداشنىمۇ ئۇقمايمەن . رەممال ئەمەسمەن .
يا قەلەندەر - دىۋانە ، ئابدال ئەمەسمەن .
خەقنى ئۇرۇپ - سوقمايمەن ، ئامبال ئەمەسمەن .
يامىنىدىن قورقمايمەن ، چەبدەس يىگىتمەن .
نەگە بارسام ھەمرايىم ، مېنىڭ راۋابىم .
چالسام سازىم ، مادارىم ، قىلسام تاۋابىم .
بىلمەك بولسام شۇ ساڭا ، سۆزۇ جاۋابىم .
ئەزىزانە قەشقەردىن ، چىققان سېيىتمەن .
    پور بايۋەتچە دىدىكى :
ئەي يۇرت - ماكانى يوق ھارامزادە ،
مەن بولسام ئارزۇلۇق بەگزادە ،
كىيىم سەرپايىلىرىم ئازادە ،
بەخت - دۆلەتتە ماڭا ھەرقانداق شاھزادە ،
مەن بولسام قاراشەھەردە ئاتالغان گاڭگۇڭمەن
، نامۇ شۆھرەتتە رۇستىمى داستانىدىن چوڭمەن .
قېنى كۈچ سىنىشايلى ، بىر قەپەس ئېلىشايلى .

گاڭگۇڭ بولساڭ مەيدانغا چۈش ، چېلىشايلى .
   سېيىت نوچى دىدىكى : سەندىن قورقۇنچ ، دىشۋارىم يوق . ساڭا ئاتار پەشۋارىم يوق . بىر پەس ئارام ئالغىلى قوي ، ئىككى پەدە چالغىلى قوي .
   پور بايۋەتچە دىدىكى : پۇراپ باقساڭ مۇشتۇمنى ، يوقىتىسەن ھۇشۇڭنى ، بىر مۇشت بىلەن سېسىتاي جىگىرىڭنى - گۆشۇڭنى ، باش ئۇستۇڭگە قوندۇراي ، ئەجەل ماتەم قۇشۇڭنى !
   پور بايۋەتچە شۇ سۆزلەردىن كېيىن سېيىت نوچىغا شۇنداق بىر مۇشت ئاتتى . مۇشتى قاڭقىپ كېتىپ ئۆزى ئېغىناپ بىر ئازگالدا ياتتى ، زەي -پاتقاققا پاتتى . شۇ ئىزاغا چىدالمىغان پور بايۋەتچە سېيىت گاڭگۇڭغا شۇنداق بىر پەشۋا ئاتقانىدى ، بايۋەتچىنىڭ پۇتلىرى سېقىراپ كەتتى ، كاللىسى پېقىراپ كەتتى ، ئۆزى بىلەن ئۆزى ۋاي پۇتۇم ! دەپ چىرقىراپ كەتتى ، ئۈنى بوغۇلۇپ خىرقىراپ كەتتى .
    يىقىلغان چېلىشقا تويماپتۇ ، توۋا قىلسا كۆڭلى قويماپتۇ دېگەندەك ، پور بايۋەتچە پۈتۈن كۈچىنى كاللىسىغا يىغىپ سېيىت نوچىنىڭ مەيدىسىگە شۇنداق ئۇستىكى ، بايۋەتچىنىڭ باش- كۆزى زىڭىلداپ كەتتى ، قۇلاقلىرى ۋىڭىلداپ كەتتى ، پېشانىسى ھۈررەكلەپ سېسىق تۇخۇمدەك لىغىرلاپ كەتتى . بايۋەتچىنىڭ بېشى دوقىدىن ئۆتۈپ سوقىغا ئايلىنىپ كەتتى . خەلقى ئالەم ئالدىدا يۈزى تۆكۈلگەن ، قەددى پۈكۈلگەن ، يۈرەك چېكى سۆكۈلگەن پور بايۋەتچىنىڭ جېنى بوغۇزىغا قاپلاشتى ، سېيىت گاڭگۇڭنىڭ ياقىسىغا كانىدەك چاپلاشتى .
    ـ: ھەي سېھىرگەي گاداي ! ئۆزۈڭگە سۈرە ئەپسۈننى ئۇرىۋاپسەن ، ئادەم سىياقىغا كىرىۋاپسەن . يۈر يامۇلغا ، مەن شۇ يەردە سىرىڭنى ئاچاي ، باش- كۆزۈڭگە ئەدەپ دورىسى چاچاي !......
    سىيىت نوچى دىدىكى : مەرتەم - مەرتەم ئۈچ مەرتەم ئىدى . بۇنى ئۇقمايسەن . ئۈچ نۆۋەتنى ساڭا بەرسەم ئۆزۈڭنى سورىمايسەن ، ئاستا دىسەم بەك دەيسەن ، داپقا چۈشكەن ماياقتەك سەكرەيسەن ، كۆرۈپ باق مېنىڭ كارامىتىمنى !
   سېيىت نوچى پور بايۋەتچىنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپلا شۇنداق بىر كۆتۈرىۋىدى ، ئۇ يىلتىزى يوق سېسىق كۆتەكتەك ، پاشنىسى يوق ئەسكى ئۆتۈكتەك يۇلۇنۇپ چىقتى . سېيىت نوچى ئۇنى بىر قولى بىلەن شۇنداق ئايلاندۇرۋىدى ،
   ئەييۇھەنناس ! چاقپىلەكمۇ ئۇنداق ئايلانماس ، پىر - پىر -پىر ......!!! سېيىت نوچى ئۇنى قارا شەھەر دەرياسىغا شۇنداق ئېتىۋىدى ، پور بايۋەتچە خۇددى داشقا چۈشكەن ماشتەك ، تاغدىن چۈشكەن تاشتەك ، كۆزدىن ئاققان ياشتەك ، تۇز قوينىغان ئاشتەك ، قىلىچ ئۈگەن باشتەك ، دەريانىڭ قاق ئوتتۇرسىغا چۈشتى .
    ئەمدى گەپنى قاراشەھەر ئامباللىرىدىن ئاڭلايمىز : چېرىكلەر پور بايۋەتچىنى دەريادىن سۈزۈۋېلىشتى ، ئۆزلىرىنىمۇ ئازراق تۈزۈۋېلىشتى . دىيىشتىلەركى :
سېيىت نوچى تولىمۇ قارام ئىكەن ،
ئۇنىڭ خۇسۇسىدا بۆلەكچە ئويلاش ھارام ئىكەن ،
كۈچ تۇرقىدا كۆڭلى ئارام ئىكەن ،
كەمبەغەل پۇقرالار ئۇنىڭغا رام ئىكەن ،
ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشساق بىزگە خوۋلۇق بولماس ، چىرايلىقچە سوۋغا - سالام تارتۇق قىلىپ ، بەزىسىنى ئارتۇق قىلىپ ئۇزىتىپ قويۇپ ، ئۇ كەتكەندىن كېيىن بۇ زىياننى پۇقرالارغا چېچىپ بىرنى ئون قىلىپ ئۈندۈرۋالساق .
    بۇ يامان نىيەتلىك غەرەزدىن سېيىت ئاخۇن تامامەن بىخەۋەر ئىدى . ئەتىسى ئۇلار قاراشەھەر ئېتىدىن بىرنى ئۇنىڭغا يوللۇق تۇتۇپ : ھەي سېيىت نوچى ، سېيىت گاڭگۇڭ ! بالىلار سېنى رەنجىتىپ قويغان بولسا بىز ناماقۇل ، سەپىرىڭدىن يانمىساڭ ، شەھىرىمىزدە ئۇزاق تۇرۇپ قالمىساڭ دىيىشتى .
    سېيىت ئاخۇن بولىدۇ دەپ جاۋاپ بېرىپ ، يارۇ دوستلىرى بىلەن خوشلىشىپ ئاتقا بىر قامچا سالدى ، ئىلىخوغا قاراپ يول ئالدى :
ئىلىخوغا بارماڭلار ، يولى خەتەردۇر .
زىمىستان قىش نەشتىرى جاندىن ئۆتەدۇر .
مۇساپىرلار دەرتمەنلەر يولدا ياتادۇر .
ئۆز يۇرتىنى ياد ئېتىپ ، غەمگە پاتادۇر .
ئىلخوغا مەن بېرىپ ، قالدىم بالاغا .
ياغاق يۈزلۈك چېرىكلەر ئالدى ئاراغا .
ئالتىسىنىڭ سۇندۇرۇپ ئۇتتۇر چىشىنى .
پەشۋا بىلەن مۇش بىلەن ياردىم بېشىنى .
ئىلى دەريا بويىدا چالدىم راۋاپنى .
جالاس ئەتتىم قۇل _ يىتىمنى ، تاپتىم ساۋاپنى .
قۇل - يىتىمنىڭ ياتقان يېرى پىتلىق ئاۋاختا .
قۇل- يىتىمغا ئاش بېرەركەن سۇنۇق تاۋاقتا .
ئاۋاختىنى ئاي يورۇقى ، ئايدىڭدا چاقتىم .
قوش قولۇمنى قېيىق قىلىپ دەريادا ئاقتىم .
يىگىرمە ئالتە ياشىمدا ، كۈنلەر چۈشتى باشىمغا .
ئەرزىمنى بايان ئەيلەي ، يارۇ دوست قاياشىمغا .
ئەزىزانە قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بويۇم بار .
شەھەر كۆرۈپ يۇرت كۆرمەك ، ئىچكە تولغان ئويۇم بار .
شەمۇشەنى ئايلىنىپ ئۈچتۇرپانغا كېپقالدىم .
قولغا ئېلىپ راۋاپنى ، ھەر پەدىگە چېپقالدىم
ئۇچتۇرپانلىق كۆڭلىگە سېيىت ئاخۇن يېقىپ قالدى .

ياقا يۇرتلۇق بولساممۇ سۆزلىرىم ئېقىپ قالدى .
يەتتى بولۇڭ پۇشقاققا يېيىلىپتۇ ئاتىقىم .
يول_ يول ئىكەن ھەر ياقتا ، ئەل -يۇرت بولدى ياتىقىم .
خالايىقلار دەر ئىدى : سېيىت نوچى كەلگۈسى .
ئۇنىڭ قەدىمى يەتمىكى ، ياخشىلىقنىڭ بەلگىسى ...
نائەھلىلەر شۇ كەمدە ، ئىچى ئاداپ ھالىمغا .
تۆھمەت توقۇپ ئۇستۇمدىن ، ئەرىز قىپتۇ دارىنغا :
سېيىت يۇرتنى ئازدۇردى ، ئوغرىلارنى جەم قىلىپ .
سىزگە ئورا قازدۇردى ، بۇ يۇرتقا بالا تېرىپ .
ئۇنى يوقىتىڭ دەرھال ، تۇخۇمى قۇرۇپ كەتسۇن .
ئۇ يالاڭتۆش غوۋغاچى ، يەر يۇتۇپ چىرىپ كەتسۇن ..
. يالپاق بۇرۇن دوتەينىڭ ، رەڭگىرويى ئۆڭۈپتۇ .
سېيىت توغۇرلۇق خىيالى ، ھەر كوچىغا مېڭىپتۇ .
    ھەممىگە ئايان بولغايكى ، ئۇچتۇرپاننىڭ ئامبىلى ما شاۋۋۇ ئەسلىدە قەشقەرنىڭ دوتىيى بولۇپ ، گېلاۋخۇيچىلارنى يوقىتىشتا داڭق چىقارغان چوڭ جاللات ئىدى . شۇ چاغدىن باشلاپ سېيىت نوچىنى تونۇيتتى . بىراق قەشقەردىكى چېغىدا سېيىت نوچىنى يوقىتىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەنىدى . گاڭگۇڭنىڭ تۇيۇقسىز بۇ يەرگە كېلىپ قالغانلىقى ئۇنى ناھايىتى ھەيران قالدۇردى . لېكىن ، ئۇ ئۇچتۇرپاندا سېيىت نوچىنى جايلىۋېتىشكە مۇمكىن ئەمەسلىگىنى بىلەتتى. بۇلارنى ئويلاپ يەتكەن بۇ ھىلىگەر يېڭى خىزمەت ئارقىلىق خاننىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشمەك خىيالىدا سېيىت نوچىنى ئۇجۇقتۇرىۋېتىش كويىغا چۈشۈپ ، كونا ھۈنىرىنى ئىشقا سالدى :

    ـ ھەي نوچى سېيىت گاڭگۇڭ ، ئۇچتۇرپانغا خۇش كەپسەن .
مەن كۆرۈپ دىدارىڭنى ، بولدۇم تولىمۇ خۇرسەن .
تەڭ كەچكەن ئەمەسمىدۇق ، تۈمەن دەريا بويىنى .
تەڭ ئىچكەن ئەمەسمىدۇق ، ئۇنىڭ شەربەت سۈيىنى .
تەڭ ئاڭلاپ ئەمەسمىدۇق ، ھېيىت - ئايەم كۈيىنى .
بىللە كۆرۈپ كەلگەن بىز ، ئەزىز قەشقەر باغرىنى .
ھېيىت - ئايەمدە تەڭ ئاڭلاپ ، كانەي ، سۇناي ، ناغرىنى .
قەشقەرلىكنى كۆرگەندە تەنگە سىغماي كېتىمەن .
داستىخان سېلىپ ئالدىغا ، ئىززەت - ئېكرام ئېتىمەن .
ھەي نوچى سېيىت گاڭگۇڭ ، يۈرسەڭ ، ئوردىغا بارساڭ .
ئۇستىخىنىڭ چۈشۈپ قالسا ، بۇ يۇرتتا تۇرۇپ قالساڭ .
   ماقۇل دەپ سېيىت نوچى ، ئوردىدا تۇرۇپ قاپتۇ . پۇۋلەپ يەل بېرىش ، ماختاش ، جايىغا بېرىپ قاپتۇ . ئاق تەڭگە بىلەن چوكان ، كۈنمۇكۈن كېلىپ قاپتۇ . يالپاق بۇرۇن ما دارېن ، ھەر ياڭزا كۈلۈپ قاپتۇ .
   ئاي ، يىللار ئۆتۈپ مەزگىل ، بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ . شۇنداق بىر كۈن ئىچىدە ، سېيىت نوچى چۈشىدە ، ئانىسىنى كۆرۈپ قاپتۇ . قەشقەرگە كېتەيىن دەپ ، مىسكىن ئانا قېشىغا ، پات بېرىپ يېتەيىن دەپ ، قېرىغان چېغى يېنىدا ، خىزمەت قىلىپ ئۆتەيىن دەپ . ئۆز قولىدىن ئېشىنى ، بىر قوشۇق ئىچەيىن دەپ . مانا شۇنداق ئويلاپتۇ ، ئۆي بويىنى بويلاپتۇ. دارېن ئالدىغا كىرىپ ، ئىجازەتمۇ سوراپتۇ .
   ئەلقىىسە ، سېيىت نوچى شۇ كۈنى تاڭ ئېتىش بىلەن ما دارېننىڭ ئالدىغا كىرىپ كەلدى ۋە ئەرزىنى بايان قىلدى :
قوي ئىزدەر قوزاسىنى ، قوزىمۇ ئاناسىنى .
ھاۋادىكى قۇشلارمۇ ، سېغىنار ئۇۋاسىنى .
سېغىندىم يۈرەك - دىلدىن ،
ئانام مېھرىبانىمنى .
سېغىندىم ـ ئېتى مەمەت ،
ئۇكامنى ـ غەمگۇزارىمنى .

تۈمەن دەريا سۈيىدىن ، تويغىچە يۇتاي دەيمەن .
غەمگۇزارىم ئانامنىڭ ، ئالدىدا ئۆتەي دەيمەن .
يار بېشىدا ئولتۇرۇپ ، راۋابىم چالاي دەيمەن .
غېرىپ - غۇرۋا يارەننىڭ كۆڭلىنى ئالاي دەيمەن .
قەشقەرگە باراي دەيمەن ، مېھرىگە قاناي دەيمەن .
ما دارېن ئىجازەت بەر ، يولغا ئاتلىناي دەيمەن .
   ما دارېن شۇنداق جاۋاپ بەردى :
ئىجازەت بېرەي دىسەم ، مەن ساڭا چىدالمايمەن .
باشتىلا دىمەپمىدىم ، سەندىن ئايرىلالمايمەن .
ئىجازەت بېرەي ، گاڭگۇڭ ، چارەم يوق بۆلەك ياڭزا .
يوللۇقۇم بېرەي ياچەن ، تېخى بىر چىلىم غاڭزا .
يالغۇز ئانىغا سەندەك ، جان كۆيەر ئوغۇل لازىم .

ئالدىغا بېرىپ دەرھال ، ئاڭا ئەيلىگىن تازىم .
قەشقەردىكى تىتەيگە خەت يېزىپ بېرەي ئەكەت .
خەتنى كۆرسە ما تىتەي ، دەيدۇ ساڭا كۆپ رەھمەت .
سەن ئۆزۈڭ سېيىت گاڭگۇڭ ، قىلدىڭ بىزگە كۆپ خىزمەت .
ئەجرىڭ قەدرىگە لايىق ، مەنمۇ بىلدۈرەي ئىززەت .
بۇ خېتىمنى ئاپىرىپ ، بەر تىتەينىڭ ئۆزىگە .
سېنى باشلىق قىپ قويار ، تۆت دەرۋازىنىڭ بىرىگە ،
باشلىق بولۇپ شۇندا سەن ، ئويناپ - كۈلۈپ ئۆتەرسەن .
گاڭگۇڭ نامىڭغا لايىق ، مۇرادىڭغا يېتەرسەن .
بۇ يۇرتتىن كېتەر بولدۇڭ ، ئىچىمگە سېلىپ ئوتنى .
ئەتە يولغا چىق گاڭگۇڭ ، تەييارلاپ قوياي خەتنى .
    ئەلقىسسە ، ما دارېن ئۇخلىماي خېتىنى يازدى ، گاڭگۇڭنىڭ ھايات يولىغا ئەجەل خەندىكى قازدى . ئەتىسى سېيىت نوچى بۇ خەتنى ئېلىپ ، قوينىغا قاتلاپ سېلىپ ، دارېن ئالدىدىن چىقىپ جاپاكەش پۇقرالارغا تويماي بېقىپ ، يۈرىكى شامدەك ئېقىپ شۇنداق دىدى :
خوش بۇرادەر ، يارەنلەر ، بىللە ئويناپ ئۆتكەنلەر . ئۆزرەمنى ئېيتىپ قالاي ، قەشقەرگە كېتىپ قالاي .  داغى پەرزەنىت ئانامنىڭ ، قان قېرىنداش ئۇكامنىڭ ، مېھرىگە قېنىۋالاي . قىلغان بولسام مەنمەنلىك ، ئۆتكەن بولسا سەۋەنلىك ، كەچۈرۈڭلار ، يۇرتداشلار ، خەير - خوش ، قېرىنداشلار .
    ئەلقىسسە ، سېيىت نوچى يار - بۇرادەرلىرى بىلەن خوشلىشىپ قەشقەرگە قاراپ يول ئالدى . ئۇچتۇرپاندىن ئۇزاپ كەتكەندە ، مارالبىشىنىڭ تۇمشۇقىغا يەتكەندە نوچىنىڭ ئېتى شورلۇق يەرگە پاتتى . سېيىت نوچى ئاتتىن چۈشۈپ كۆتۈرۈپ تارتتى . تۇز ئارتقان ئېشىكىنى ھەيدەپ پاتقاقتىن ئامان چىققان بىر تۇزچى بوۋاي بۇ ھالنى كۆرۈپ ھەيران قالدى . سېيىت نوچىغا ياردەملىشىپ ئاتنى تارتىۋالدى . تۇزچى بوۋاي ئېيتتىكى :
   ـ ئوغلۇم سېنىڭ چىرايىڭ ، زەپمۇ ئىللىق كۆرۈندى .
ئېتىڭ پېتىپ شورلۇققا ، خەۋىپتىن خەتەر بىلىندى .
سەپىرىڭدىن بىر گۇمان ، ئايان بولدى كۆڭلۈمگە .

مەنزىلىڭگە يەتكۈچە ، ئاگاھ بولغىن ئۆزۈڭگە .
ئېيىتقىن نىمە قىسمەت بار ؟ سەپىرىڭدە ، ئىشىڭدا ،
ئۆتكەن قانداق خىسلەت بار ؟ سېنىڭ مىسكىن بېشىڭدا .
    ئەلقىسسە ، سېيىت نوچى تۇزچى بوۋايغا سەرگۈزەشتىلىرىنى ھىكايە قىلىپ بەردى . ما دارېننىڭ خېتىنى قوينىدىن ئېلىپ پوتىسىغا مەھكەم تۈگدى . تۇزچى بوۋاي ئېيتتىكى :

ـ ھەي ئوغلۇم ، ئۇشبۇ خەتنى يېنىڭدا ساقلاپ يۈردۈڭمۇ ؟ خەتنى ئېچىپ ئوقۇپ كۆردۈڭمۇ ؟ بۇ زاماننىڭ ئامباللىرىدا ئىنساپ قالمىدى . نادانلىق قىلىپ ، تەۋەككۇل كەمىرىدە بېلىڭنى باغلىما ، دارېننىڭ خېتىنى سەل چاغلىما ، پالاكەت باسمىسۇن سېنى ، خەتنى ئېچىپ ئوقۇپ باقايلى قېنى .
    سېيىت نوچى ئېيتتىكى :
ـ ئامانەتكە خىيانەت ، نامەرد ئىشىدۇر .
پالاكەتنىڭ ئامرىقى ، قورققاق كىشىدۇر .
ھاياتىمدا نامەرتلىك قىلغان ئەمەسمەن .
جاننى ئالتۇن - كۈمۈشكە ، ساتقان ئەمەسمەن .
كەلسە ئەجەل ناۋادا ، جاننى ئالادۇر .
سۇلار ئېقىپ ئاستىدا ، تاشلار قالادۇر .
قەشقىرىمدا يارەن كۆپ ، يالغۇز ئەمەسمەن .
كىمكى قىلسا يامانلىق ، ئادەم دىمەسمەن .
   تۇزچى بوۋاي ئېيتتىكى :
   ـ خەير ، ئوغلۇم ، ساڭا ئاقيول بولسۇن ،
خەۋپ - خەتەر سەندىن يىراق تۇرسۇن .
دۈشمىنىڭ قان قۇسۇپ ئۆلسۇن ،
دوستلىرىڭ شاد - خورام كۈلسۇن .
    ئەلقىسسە ، سېيىت نوچى تۇزچى بوۋاي بىلەن خەيرلىشىپ ئېتىغا يەنە مىندى ، ئالغا قاراپ يول يۈردى . يولنى كۆپ بېسىپ ، كۆرگەنلا يەردە كىشىلەر قازان ئېسىپ ، ئاخىر دەمدە قەشقەرگە يېتىپ باردى . قان - ياش ئاقار تۈمەن دەرياسى بىلەن كوزىچى يار بېشىنى كۆردى .

سېيىت نوچى دىگەن گاڭگۇڭ ، دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقسا. ئانا مېھرىنىڭ شامى ، باغرىدا ئېرىپ ئاقسا . ھەر ياقتىن خاراپ يۇرتى ، ھەسرەت ئوتىنى ياقسا . تۈمەن تولغۇدەك قان - ياش ، تۇرماي تامچىلاپ ئاقسا .  ياش قۇيغان كۆزلەر بىرلە ، تويماي ھەر تامان باقسا، ئىشىككە كېلىپ قاقسا ، ئىشىك تاقىلىپ قاپتۇ ، چىراغمۇ ئۆچۈپ قاپتۇ . ئانىسى غېرىپ مەزلۇم ، ئاھ . . . چېكىپ يېتىپ قاپتۇ ، غەملەرگە پېتىپ قاپتۇ ، ئۇخلاپمۇ قېتىپ قاپتۇ .
   جان ئانا ... جېنىم ئانا .... دەپتۇ سۆزىنى باشلاپ . ئاڭلىتالماي ئۆگزىگە ، قوشلاپ چالمىنى تاشلاپ . يەنە تەكرار توۋلاپتۇ ، بوتىلاقتەك بوزلاپتۇ . جاراھەتلىك باغرىنى ، ھەسرەتلىرى تۇزلاپتۇ ، توۋلاشلىرى تېزلەپتۇ . ئاخىر ئاڭلاپ ئانىسى ، ياندۇرۇپتۇ چىراغنى . ئويلاپ يېقىن - يىراقنى ، ئىچىنى خىيال ئوراپتۇ ، كىملىكىنى سوراپتۇ .
    ـجان ئانا ، جېنىم ئانا دېگەن بىر سادا كەلدى . ئىشىكنى ئاچ ، جان ئانا ، مۇساپىر بالاڭ كەلدى . شۇ سۆز بىلەن ئانىسى ، ئىشىككە ئوقتەك ئېتىلىپ ، سۆزگە قان - ياش قېتىلىپ . بوينىغا گىرە سېلىپ ، ھارماڭ ، بالىكام دەپتۇ . يىرتىق دەستىخان ئېچىلىپ ، گۈلە قاقلار چېچىلىپ ، ھىجىردا چاي ئىچىلىپ ، ئۆيگە ئادەم تولۇپتۇ ، تۈنمۇ تامام بولۇپتۇ .
   ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا ، مەزىن ئەزان ئېيتقاندا ، سېيىت نوچى جامەدە جامائەتنى كۆرۈپتۇ . يىغلاپتۇ ھەم كۈلۈپتۇ . ئۆيگە قايتىپ كېلىپتۇ ، ئېگىلىپ سالام بېرىپتۇ . پەستە تۇرۇپ قول باغلاپ ، چاپان كىيىپ بەل باغلاپ ، ئانىسىغا خۇش قاراپ ، شۇنداق بىر سۆز قىلىپتۇ .
  ـ  مەن يامۇلغا كىرەيمەن ، ما تىتەينى كۆرەيمەن . ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا ، ھۆرمەت سالام بېرەيمەن . سوڭرە ئامانەت خەتنى ، ئۆز قولىغا بېرەيمەن .
   شۇنداق دەپ سېيىت ئاخۇن ، ئىجازەتنىمۇ ئاپتۇ . خۇداغا ئامانەت دەپ ، ئانا ئىشىكتە قاپتۇ . خەتنى ئوقۇپ ما تىتەي ، باشنى ئاستا چايقاپتۇ . يۇمشاق كۈلكىدىن نوچى ، ھەر ئەھۋالنى بايقاپتۇ . شۇندا تۇزچى بوۋاينى ، دەررۇ يادىغا ئاپتۇ . شۇ ئوي ، شۇ خىيال بىرلە ، تىتەيگە قاراپ قاپتۇ .
    سۇڭرە سۆزلەپ ما تىتەي ، ئۈچ كۈنلۈك سۈرۈك دەپتۇ . ئۈچ كېيىن يامۇلغا سەن ئۆزەڭلا كەل دەپتۇ . بىز كېڭەشنى پۈتتۈرسەك ، پىشانەڭگە يېزىلغان كارامەتنى كۆر دەپتۇ .
    ئۈچىنچى كۈن سېيىت ئاخۇن ، ئاجايىپ چۈش كۆرۈپتۇ . چۈشىدە تېخى شۇنچە ، نۇرغۇنلا ئىش كۆرۈپتۇ : چوڭ يولدا كېتىپ بېرىپ ، قارا ئېتىنى كۆرۈپتۇ ، ئويغىنىپ ئۇ ئويلاپتۇ ، باش - ئاياغدىن ئويىنى . دەرھال بېرىپ ھاممامغا ، سۇغا ساپتۇ بويىنى . ئانىسىغا سۆز قوشۇپ ، دەپتۇ :
سەندىن سورايمەن .
بۈگۈن ئۇلۇغ جۇمە كۈن ،
ئاپاق غوجامغا چىقىپ ،
ناماز ئوقۇپ كىرەيمەن .
ئانا بېرىپ ئىجازەت ، ئىشىك تۈۋىدە قاپتۇ .
دۇئا بىرلە سېيىت ئاخۇن ، ھەزرەت ياققا يول ئاپتۇ ...
ئاڭلىناتتى ھەر ياقتىن ، دەرت - ئەلەم ، پىغان زارى ،

تاشۋايدەك راۋاپچىنىڭ ، ئۈزۈلگەن يۈرەك تارى .
ئۈجمىلىك باغ ئەتراپى ، ئايلىنىپتۇ مازارغا .
يالىڭاچ تەن ، يوقسۇللار ، چىقالماپتۇ بازارغا
ئارىلاپ سېيىت نوچى ، كۆردى ئەلنىڭ ھالىنى ،
بۇلاپ ئالغان ئاچ كۆزلەر ، يۇرتنىڭ بار - يوق مالىنى .
كۆزى چۈشتى ھەر يەردە ، ياخشى بىلەن يامانغا .
يۈرىكىدە ئوت ياندى ، لەنەت ئوقۇپ زامانغا .
ھەممە يۇرتتا خار پۇقرا . دەرت ئەلەمگە يار پۇقرا .
قان يىغلايدۇ ھەسرەتتە ، بۇردا نانغا زار پۇقرا .
ئاھ ... خۇدايا ، ئالەمنى ، ئۆزۈڭ ئالغان ھۆددەڭگە .
رەھىم - شەپقەت قىلساڭچۇ ، بىزدەك مىسكىن بەندەڭگە .
ئالىمىڭنى كەڭ قىلىپ ، زامانەڭنى تار قىپسەن .
ئادىمىڭنى ئەلەملەپ ، ئىت - ئېشەكتەك خار قىپسەن .
شاپائەت قىل قەشقەرگە ، شەپقىتىڭنى ياغقۇزغىن .
قانغا تويماس زالىمنى ، ئۆزۈڭ زاۋال تاپقۇزغىن .
سېيىت نوچى ھەر يەردە ، يىرتىق چاپان ، تون كۆردى .
توننى بويلاپ تۆكۈلگەن ، لەختە - لەختە خۇن كۆردى .
يۈرەك باغرى ئۆرتىنىپ ، كاۋاپ بولۇپ ياناتتى .
ساماۋاردا ئولتۇرۇپ ، ئىچ قارنىنى تولدۇرۇپ ،
ئەل - يۇرت بىلەن مۇڭدىشىپ ، دىدارىغا قاناتتى .
ساماۋارنىڭ چۆرىسى ، ئادەم بىلەن لىق تولغان .
ئۇلۇغ - ئۇششاق قەشقەرلىك ، ئەتراپىغا جەم بولغان .
چىقىپ كەپتۇ بىر چاغدا ، بىر توپ چېرىك ئات بىلەن .
يارلىق ئېلىپ يامۇلدىن ، تىتەي يازغان خەت بىلەن ،
چېرىك سالام بېرىپتۇ ، قاتارلىشىپ تۇرۇپتۇ .
سېيىت ئۇقۇپ ئەھۋالنى ، دەرھال يولغا يۈرۈپتۇ .
دوست - يارەنلەر ئەگىشىپ ، تولىسى گەپ تەگىشىپ ،
يۈرگەندە تېز يۈرۈپتۇ . كۆپ خىياللار سۈرۈپتۇ .
تۈندە كۆرگەن چۈشىنى ، يول توسقان قارا ئىتنى ، قانچە تەكرار كۆرۈپتۇ .
   شەھەرگە يېقىن كەلگەندە ، قارىغا ٭ سۇ بەرگەندە ،
كۇسۇلدىشىپ چېرىكلەر ، سۆزلەشكەننى كۆرگەندە ،
نىمە گەپ دەپ ؟ دەپ سوراپتۇ ، جاۋابىنى تىڭشاپتۇ .
باغلاپ ئەكىر دېگەننى ، چېرىكلەردىن ئاڭلاپتۇ ،
ئاڭلاپتۇ - دە دەرھاللا ، ئۆز - ئۆزىنى ئوڭلاپتۇ
. بەلنى مەھكەم باغلاپتۇ . باغلاڭلار دەپ قولىنى ، ئارقىسىغا جۇغلاپتۇ .
ئۇ ئۆزىنى يولۋاستەك ، گويا شىردەك چاغلاپتۇ،
چېرىك دېگەن تىترىشىپ ، چىۋىن ئوخشاش چىرمىشىپ ، سېيىت ئاخۇننى باغلاپتۇ .
ئاندىن بىر سۆز ئاڭلاپتۇ :
ھىچ گۇناھ يوق سىلەردە ، خاننىڭ ۋاجىپ يارلىقى ،
يۇرت جامائەت خوش ئەمدى . رىزا بولۇنە قەشقەرلىك ئۇلۇغ ئۇششاق بارلىقى .
يۇرت شۇ سۆزنى ئاڭلاپتۇ ، يۈرەك باغرىن داغلاپتۇ . كۆكرەك كېرىپ سيىت ئاخۇن ، ئالغا ماڭغان چاغلاردا ھەممە ھۆر - ھۆر يىغلاپتۇ .
   ئەمدى گەپنى قەشقەرنىڭ دارېنلىرىدىن ئاڭلايمىز : ئەمدى گەپنى قەشقەرنىڭ دارېنلىرىدىن ئاڭلايمىز : ئۇ پۇقرالار بىلەن دىدار كۆرۈشۈپ بولغۇچە يوق قىلىۋەتمىسەك بىزگە ئامانلىق بولماس ، شۇڭا دەرھال سەكسەن چېرىك ھازىر بولسۇن ، سېيىت نوچىنى تۇتۇشقا يۇرسۇن ، سېيىت نوچى گۇندىخانىغا كەلتۈرۈلسۇن . سېيىت نوچىنى ئاشۇنداق كەلتۈرۈشتى . سېيىت نوچى ما تىتەينى كۆرمەك تەلىپىنى بەردى . تىتەي قوبۇل كۆردى .
سېيىت نوچى شۇنداق دەپتۇ :
كېزىپ دەشتى باياۋان ، ئاشتىم تاغ -داۋان .
نەگە بارسام پۇقرانىڭ ، ھالى بەك يامان .
رەڭگى سۇلغۇن، زەپىران، باغرى لەختە قان
. ئىچكىنى ئوغا ، زەھەر ، چەككىنى پىغان .
ئۇچتۇرپاندا ماتىتەي ، يېزىپ بەردى خەت .
سىزگە تىلەپ ئامانلىق ، بەخت - پاراغەت .
ما دوتەينىڭ خېتىنى ، مەندىن ئالدىڭىز ،
ئەمدى نىچۈن بىلمىدىم ، ئاينىپ قالدىڭىز ؟
   ئەلقىسسە ، ما تىتەي مۇئۈئەممبەرلىك بىلەن سېيىت گاڭڭۇڭغا قاراپ قالدى ، خۇپسەنلىك بىلەن ھىچنىمىنى ئۇقماس كىشى بولىۋېلىپ ئۆز يېغىدا ئۆزىنى قورۇشقا پۇرسەت تاپتى ، ھىلى مىكىرلىك نىقابىنى يۈزىگە تارتتى :
ـ ھەي نوچى سېيىت گاڭڭۇڭ ، ئۆزۈڭنىڭ ئۆلۈم نامەڭنى، سەن ئۆزۈڭ ئېلىپ كەپسەن ،
مېنىڭ بۇ يۈرىكىمگە ، نادامەت سېلىپ كەپسەن .
خەت بىلەن مېنىڭ بىلسەڭ ، كۆكسۈمگە پىچاق پاتتى .
قانداق قىلىمىز ، گاڭڭۇڭ ، ئەجەپمۇ بېشىم قاتتى .
مەن ساڭا ئىدىم ئامراق ، ئۆلتۈرەي سېنى قانداق ؟
ئۆلتۈرمەي دىسەم نوچى ، خاننىڭ يارلىغى شۇنداق .
   ئەي ئامبال ـ دېدى گاڭڭۇڭ ،_ تەڭلىكتە تۇرۇپ قالما .
خاننىڭ ئالدىدا ئاسى ، گۇناھكار بولۇپ قالما .
چېرىكلەرگە ئېيىت دەرھال . مىلتىقىغا ئوق سالسۇن .

مويتۇڭزىغا ئېپچىقىپ ، ھايالسىز جېنىم ئالسۇن ،
ئەزىزانە قەشقەرلىك، مېنى بىر كۆرۈپ قالسۇن ! ...
    جاللاتلار كېلىپ شۇ دەم ، بوينىغا تاقاق سالدى . پۇتىغا سېلىپ ئىشكەل ، زىندان باغرىغا ئالدى . ئون تۆت كۈن ئۆتۈپ كەتى ، تاقىتى تۈگەپ كەتتى . مەرت يىگىت سېيىت گاڭڭۇڭ ، سۆزىنى بايان ئەتتى ، دىدى ئۇ :

چىدامىم يوق ، يا بۆلەك تەمەيىم يوق ، كلتۈرسەڭ بۈگۈن ئۆلتۈر ، جۈمە كۈن كېلىپ يەتتى . . . . . . .
جەم بولۇشتى ئامباللار ، يەڭڭۈشلىشىپ تامباللار . داچەي ھارۋۇنى قوش دەپ يارلىق قىلدى دەرھاللا . تۆت ئاتلىق يوغان ھارۋا ، تەييار بولدى تەخ بولدى . سېيىت نوچىنى ئاتماققا ، ئېلىپ ماڭار ۋاخ بولدى . ئات ھارۋىنى قاتقاندا ، توققۇز پاي پو ئاتقاندا ، تۆت دەرۋازىغا يۈزدىن تۆت يۈز چېرىك پاتقاندا ، يورغىلىشىپ ھەريانغا ، تېپىرلىشىپ ياتقاندا ، تەشۋىش تولغان باشلىرى ، قارا تاشتەك قاتقاندا ، سېيىت نوچىنى چىڭ باغلاپ ، ئوردا ئالدىغا ئېپ كەلدى . ئۇ ھارۋىدا تىك توختاپ ، شۇنداق سۆزنى دەپ كەلدى :
   - خوش ، ئامان بول قەشقەرلىك ، جانجىگەرلەر ـ تۇققانلار .
بۈگۈن جۈمە قۇلاق سال ، سۆز قەدرىنى ئۇققانلار .
جامائەت جەم بولۇپسىز ، مېنىڭدىن بولۇڭ رازى .
مەھشەردە كۆرۈشكەيمىز ، بولغاندا خۇدا قازى .
گۇناھسىز ئۆلەر بولدۇم ، نادانلىق بالاسىدىن .
كىملەر قۇتۇلۇپ قالغان ، زالىمنىڭ جازاسىدىن !
ئەي قەشقەرلىك ، قەشقەرلىك ، مېنى ئۇنتۇپ قالماڭلار .
مەندەك بولماي دىسەڭلار ، ھەرگىز نادان بولماڭلار .
نادانلىق ئېلىپ كەتتى ، يىگىتلىكتە باشىمنى .
مېنىڭدەك ئېلىپ كەتكەن ، ھاشىمدەك ئاداشىمنى .
خەتنى بىلمىگەن ئادەم ، بېشىدا كېزەر ماتەم .
خەت بىلمەس نادانلارغا ، قاراڭغۇ ئىكەن ئالەم .
ئوقۇڭلار ئۆزۈڭلارمۇ ، تەلىم ئالسۇن ياش باللا .
قەلبىڭلاردا قېپ قالسۇن قىساسىڭلار ـ ئەنتىڭلار ! . . . . .
. مەمەتخان ئىنىم قالدى ، جان ئانام ئۇنى باقسۇن .
مەيلى ئاتسا زالىمالار ، قەشقەرگە قېنىم ئاقسۇن .
قەبرەمنى كۆرۈپ خەلقىم ، ئىبرەت ئالغۇسى مەندىن .
قان قەرزىم قىساسىمغا ، ئۈمىد كۈتىمەن سەندىن .
رازى بولغىن قەشقەرلىك ، ئەل - يۇرتداشلار خوش ئەمدى .
بىللە ئويناپ تەڭ ئۆسكەن يارۇ دوستلار خوش ئەمدى ! . . . . . .
خالايىق نىدا ئەيلەپ ، ياشنى تولدۇرۇپ كۆزگە .
مۇڭ _ زارى ناۋا ئەيلەپ ، چۈشتى نالىلىك سۆزگە :
كاج پەلەكنىڭ قىسمىتى ، بۇ كۈننى ساپتۇ سىزگە .

كۈن ئالماق بۇ قەشقەردە ، بولمامادۇ راۋا بىزگە ؟ ! . . .
بىرنى ئوق بىلەن ئاتسا ، ئوننى جادۇغا باسسا ،
يۈزنى دارغا ئاسسا ، مىڭلاپ گۇندىدا ياتسا ،
ئادەم بېشىنى توغراپ ، تاغنىڭ تېشىغا قاتسا ،
دەرتمەن بىر گۇناھكارغا ، مىڭىنى ئېلىپ چاتسا .
بۇ ئالەم زىمىستانلىق ، بولدى بىر گۆرىستانلىق .
گۆرىستاندا ئۆتەرمۇ ، بەختى قارا قەشقەرلىك ... . . . . . .
سېيىت ئاخۇن ، سېيىت گاڭڭۇڭ ، يۇرتتىن رازىلىق ئالدى . ھارۋىمۇ قومۇشبازىرى ٭ يېنىغا بېرىپ قالدى . ئات ! دىدى سېيىت گاڭڭۇڭ ھارۋىدىن تۆۋەن سەكرەپ :

-ئات جاللات ! ئۇدۇللاپ ئات ! ! يۈرەككە ئۈدۈل چەنلەپ .
چېقىر كۆزلۈك بىر جاللات ، مىلتىقىنى راسا بەتلەپ ،
سېيىت گاڭڭۇڭنىڭ ئالدىدا ، تۇردى كۆزىگە تەڭلەپ .
ئارقا ياقتىن جىڭ جاللات ، دەرھال تەپكىنى باستى .
پىستان چېقىپ مىلتىقى ، ئۆزى يىقىلىپ ياتتى .
ئىككىنچى رەت ئاتقان ئوق ، كېلىپ تەگدى تاغاققا .
سېيىت ئاخۇن دىدى شۇ دەم ، مىلتىق ئاتقان جاللاتقا :
مېنى ئاتساڭ ئۇستاڭ ئات ، نائۇستاق يېقىن كەلمە .
سول كۆكسۈمنى چەنلەپ ئات ، جا ئۇستاڭ يېقىن كەلمە . . . .
مە ، ھەققىڭنى ئاق تەڭگە دىدى سۆزىنى باشلاپ .
بىر سەرلىك كۈمۈش پۇلنى ، جاللات ئالدىغا تاشلاپ .
جاللات ئالدى ياچەننى چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ .
تەلەپكە مۇۋاپىق ئۇ ، ئۈچ ماڭدام كېيىن قايتىپ . . . . . . .
سېيىت ئاخۇن سېيىت گاڭڭۇڭ ، تىك تۇرار ئىدى سۆزلەپ .
ماداخۇ دىگەن جاللات ، ئاتتى جايىنى كۆزلەپ .
يەتتە پاي ئوق تەككەندە ، ئىگىز چىنار يىقىلدى .
ھەيۋەت بىلەن گۈلدۈرلەپ ، كۆكتە چاقماق چېقىلدى . . .
قەشقەر ئاسمىنى بويلاپ ، ئۇچمىغان بۈگۈن كەپتەر ،
سىم - سىم تۆكۈلەر يامغۇر ، بۇلۇتلار كېزەر كۆكتە .
قاغىلار قاقىلدايدۇ ، سېپىلدىكى پوتەيدە .
بىزگە شەپقەت بارمىكىن ، شىيەنگەن بىلەن دوتەيدە ؟ !
دوتەي بىلەن شىيەنگەننىڭ ، ئىچكەنلىرى قان بولدى .
قەشقەرلىكنىڭ كۆز يېشى ، سەل بىلەن قىيان بولدى .
شىيەنگەن بىلەن دوتەينىڭ ، كىملىگى ئايان بولدى .
دەرت تولغان يۈرەكلەردىن ، بۇ سۆزلەر بايان بولدى .
سېيىت ئاخۇن ، سېيىت گاڭڭۇڭ ، جېنىدىن جۇدا بولدى .
ئەزىزانە قەشقەرنىڭ شۇڭقارى ئادا بولدى . . . . . . .
سېيىت ئاخۇن ئۆلۈپ كەتتى ، تۇپراققا كىرىپ كەتتى .
بۇ ئالەم - مۇسىبەتتىن يۈرەككە خۇن تولۇپ كەتتى .
چالدى چاكىچاك قەشقەر ، موڭ تولغان راۋابىنى .
ئايەم كۈنلىرى كەلسە تەرك ئەتمەي تاۋابىنى .
موڭلۇق قەۋرىگە سۈركەپ ، باغرىنىڭ كاۋابىنى .
ئوغلىغا دۇئا ئەيلەپ ، يوللىغاي ساۋابىنى .
ئۆلمىسەك ئىچەرمىز دەپ ، تاڭ ۋەسلى شارابىنى .
ئىزاھاتلار :
( 1 ) كوزىچى ياربىشى ـ تۈمەن دەرياسىنىڭ شەرقى جەنۇپ لېۋىگە جايلاشقان مەھەللە ئىسمى .
( 2 ) تۆشۈك دەرۋازا ـ قەشقەر شەرقى دەرۋازىنىڭ ئىسمى .
( 3 ) سەپ ـ_ بۇ يەردە شىنخەي ئىنقىلاۋىنىڭ ئالدى _ كەينىدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مانجۇلارغا قارشى قۇرۇلغان گېلاۋخۇي تەشكىلاتىنىڭ قەشقەردىكى شۆبىسى نەزەردە تۇتۇلىدۇ .
( 4 ) ما تىتەي ـ 1911 _ يىلىدىن 1932 _ يىلغىچە قەشقەردە ھۆكۈمرانلىق قىلغان فاشىست ھەربى ئەمەلدار ، ئەسلى ئىسمى ما پۇشىڭ .
( 5 ) گېلاۋخۇي ھاشىم ـ يەكەنلىك ماھىر چامباشچى بولۇپ ، ئۇ گېلاۋخۇيغا قاتنىشىپ ، يەكەن ، قەشقەر ئەتراپىدا داڭق چىقارغان . ئۇنى كىشىلەر گېلاۋخۇي ھاشىم دەپ ئاتىغان .
( 6 ) قارىغا ـ بەشكىرەمدە ھەزرەت يول ئايرىلىشىدىكى بىر جاينىڭ ئىسمى .
( 7 ) قومۇش بازىرى ـ جاي ئىسمى .
مەنبە...............ئۇيغۇر خەلىق داستانلىرى

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 15:03:43

ھەي سىيىت نوچچى،،،ھەي سىيىت نوچچى،،،بىچچارە

fatihdin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 16:51:23

بىر چاغلاردا مۇشۇ ناخشىنى ەيتىپ يۈرىدىغان

ئەزىزانە قەشقەرنىڭ ـ سېپىل تېشىدىن .
شېرىن شەربەت سۈيى بار ، تۈمەن قېشىدىن .
خۇمدانچىلار مەلىسى ـ كوزىچى يار بېشىدىن،
چىققان سېيىت ئىسىملىك ـ پېقىر يىگىتمەن .
............

fatihdin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 16:52:23

بەك ياخشى تېما يوللاپسىز
ھارمىغايسىز :):)

yulghunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 16:53:42

مېنىڭچە سىيىت نوچى ھاماقەت نوچى ئەمەس.

koklan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 17:36:09

سىيىت  نوچىنى  ھاماقات  دەيدىغانلا    بەلكىم     ئۆزى  ھاماقەت بولوشى   ئىھتىمال

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 18:13:07

گېلاۋخۇيچى  سېيىت، شىڭ دوبەنچى شاپتول، كوممۇنىزىمچى لۇپتۇللا .........:lol

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 18:55:18

گۈلەن خېلى ئەتراپلىق تەھلىل قىپتىكەن،

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 19:12:29

   سىيىت نوچىنىڭ شۇ چاغدا گىلاۋخۇيچى بولىشى ھازىرقى دېموكراتىيەچى بولۇش بىلەن ئوخشاش ئىش بولسا كېرەك .

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 09:26:53

Erktekin يوللىغان ۋاقتى  2014-10-22 18:13 static/image/common/back.gif
گېلاۋخۇيچى  سېيىت، شىڭ دوبەنچى شاپتول، كوممۇنىزىمچى ل ...

يەنىچۇ؟ :lol
بەت: [1]
: سىيىت نوچى ھەققىدە داستان