karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 13:08:27

جۇڭگودىكى 10 كۈچلۈك شەھەر


1.  شاڭخەي

شاڭخەي جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ شەھەر. جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال سانائەت شەھىرى يەنى جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، قاتناش، پەن-تېخنىكا، پۇل-مۇئامىلە، سودا، كۆرگەزمە ۋە ئاۋىياتسىيە مەركىزى. GDP سى  جۇڭگو شەھەرلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شاڭخەي پورتىنىڭ مال ۋە يۈك ساندۇقى كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى.

2.  بېيجىڭ

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى. جۇڭگونىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت مەركىزى. جۇڭگو بويىچە ئىككىنچى چوڭ شەھەر. دۇنيادىكى داڭلىق قەدىمىي ۋە خەلقئارالاشقان زامانىۋى پايتەخت. بېيجىڭ جۇڭگونىڭ «تۆت چوڭ قەدىمىي پايتەختى» نىڭ بىرى بولۇپ، 3000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا، 800 يىلدىن ئارتۇق پايتەخت قۇرۇش تارىخىغا ئىگە داڭلىق شەھەر.

3.  گۇاڭجۇ

گۇاڭجۇ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، جۇجياڭ دېلتىسىنىڭ ئوتتۇرا-شىمالىي گىرۋىكىگە جايلاشقان، دۇنياغا داڭلىق پورت شەھىرى. دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە، سودا، ئاۋىياتسىيە ۋە كۆرگەزمە مەركىزى، جەنۇبىي جۇڭگونىڭ سىياسىي، ھەربىي، مەدەنىيەت، پەن-مائارىپ مەركىزى، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى. جۇڭگونىڭ تاشقى سودا كۆزنىكى بولغان گۇاڭجۇدا چەتئەللىكلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، «دۇنيانىڭ ئۈچىنچى پايتەختى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

4.  شېنجېن

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھىرى، ئىقتىسادى ئالاھىدە رايون، خەلقئارالىق مۇھىم ئاۋىياتسىيە، دېڭىز تىرانسپورت تۈگۈنى ۋە تاشقى سودا ئېغىزى. شېنجېن جۇڭگو ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋەتكەندىن كېيىن تەسىس قىلغان تۇنجى ئىقتىسادى ئالاھىدە رايون،  جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ كۆزنىكى، جۇڭگونىڭ يۇقىرى-يېڭى تېخنىكا تەتقىقاتىدىكى مۇھىم بازا. شېنجېن شياڭگاڭ بىلەن چېگرالىنىدىغان بولۇپ، جۇڭگودىكى ئىقتىسادى ئەڭ تەرەققىي قىلغان شەھەرلەرنىڭ بىرى.

5.  تيەنجىن

تيەنجىن مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، شىمالىي جۇڭگونىڭ ئىقتىساد،  ئاۋىياتسىيە مەركىزى، جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسىمدىكى ئەشيا ئوبوروت مەركىزى، خەلقئارالىق پورت شەھىرى، ئېكولوگىيەلىك شەھەر، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك تەتقىقات مەركىزى.

6.  نەنجىڭ

شەرقىي جۇڭگودىكى ئىككىنچى، جۇڭگو پەن-مائارىپىدىكى ئۈچىنچى چوڭ شەھەر. دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياسىي، ھەربىي، پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت، ئاۋىياتسىيە پۇل-مۇئامىلە مەركىزى، دۆلەتنىڭ قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش تۈگۈنى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى. نەنجىڭ شەرقىي جۇڭگودىكى مەركىزى شەھەر شۇنداقلا سانائەت شەھىرى. 2014-يىللىق ياز پەسىللىك ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى نەنجىڭدە ئۆتكۈزۈلمەكچى.

7.  خاڭجۇ

جېجياڭنىڭ مەركىزى شەھىرى، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەر. جېجياڭنىڭ  سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، قاتناش، تارتقۇ، خەۋەرلىشىش ۋە پۇل-مۇئامىلە مەركىزى، شەرقىي جۇڭگونىڭ مۇھىم ئىقتىساد، پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت، پۇل-مۇئامىلە ۋە قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش تۈگۈنى. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بېكىتكەن نۇقتىلىق مەنزىرىلىك ساياھەت شەھىرى، مەملىكەتلىك ئەڭ ياخشى ساياھەت شەھىرى.

8.  چىڭدۇ

سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرى، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەر. جۇڭگودىكى ئەڭ ياخشى ساياھەت شەھىرى، غەربىي جەنۇبىي جۇڭگونىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت، پەن-مائارىپ، سودا، پۇل-مۇئامىلە، ھەربىي ۋە خەلقئارا ئالاقە مەركىزى، قاتناش، خەۋەرلىشىش تۈگۈنى، ئەڭ چوڭ ئاۋىياتسىيە پورتى شۇنداقلا جۇڭگو ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر.

9.  ۋۇخەن

خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى. ۋۇچاڭ، خەنكۇ، خەنياڭ قاتارلىق ئۈچ رايوندىن تەركىب تاپقان.  ۋۇخەن جۇڭگونىڭ مەركىزى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا قىسىمدىكى بىردىنبىر مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەر. دۆلەتنىڭ مۇھىم پەن-تېخنىكا، سانائەت، ئۇچۇر، خەۋەرلىشىش مەركىزى، ئوتتۇرا قىسىمدىكى پۇل-مۇئامىلە، سودا، ئەشيا ئوبوروت، مەدەنىيەت مەركىزى.
مەنبە : فوربىس خەنزۇچە تورى
10.  چۇڭچىڭ

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق تۆتىنچى شەھىرى. دۆلەتنىڭ بەش چوڭ مەركىزى شەھىرىنىڭ بىرى. چاڭجياڭ دەرياسى يۇقىرى ئېقىن رايونىنىڭ ئىقتىساد، يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى شۇنداقلا سىياسىي، ئاۋىياتسىيە، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، خەۋەرلىشىش مەركىزى. غەربىي رايوندىكى ئەڭ چوڭ سۇ، قۇرۇقلۇق، ئاۋىياتسىيە قاتناش تۈگۈنى.

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 14:40:09

شىياڭگاڭچۇ؟ {:90:}

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 14:51:40

بەك ماختاپ مۇبالىغە قىلىنغاندەكلا تۇيغۇ بەردى ماڭا

boran120 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 21:32:19

    ‹‹ 2014-يىللىق ياز پەسىللىك ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى نەنجىڭدە ئۆتكۈزۈلمەكچى.››نەنجىڭدا قاچان ياز بولدۇ؟

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 21:37:19

شياڭگاڭنى«ئۇنتۇپ»قاپتۇغۇ؟ كىملەرنىڭ چىقارغان تىزىملىكى بولغىيتى بۇ!

ibrahim يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 07:12:16

- نېمە ئەھمىيتى با مۇشۇ يازمىنىڭ؟
- مۇشۇ ئىنكاس بىلەن ئوخشاش.
- ...

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 15:24:16

خاڭكاڭ بىلەن ئامىنچۇ ؟

ئاندىن تەيپىچۇ ؟

قارىغاندا بۇلار جۇڭگونىڭ ئەمەسمىكىنا ؟:lol:lol

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 16:18:31

شاڭخەينىڭ خۇدايىم بىرىپ مۇشۇلا ساغان ئاشۇ يېرىلا بارمىكى دەيمەن ... مۇشۇ رەسىمدىن باشقا رەسمىنى تاپماق تەس  ... ھەر  خىل بايراملار  ئاشۇ يەردە   ئادەم شۇنداق جېقكى يول ماڭغاندا  ئۆرلۈشمۇ تەس  ، ئېزىقىپ قالسىڭىز بىرە  مىتىر  دائىردە  بىربىرنى ئىزدەپ تېپىپ قۇلىنى تۇتۇشقا ئىنتىزار  بۇلدۇ كىشى {:90:}{:92:}  .... بىرە  ۋىلايەتنىڭ نۇپۇسى يىغلىپ كىتدۇ شۇنداق كۈنلەردە  ....


رىۋايەتلەردىكى 上海外滩

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 22:42:04

ئۈرۈمچى قەشقەرلەرچۇ داڭلىق ئەمەسمىكەن ،،،،{:92:}
بەت: [1]
: جۇڭگودىكى 10 كۈچلۈك شەھەر