«ئارمان» ماركىسى جۇڭگونىڭ مەشھۇر ماركىسى شەرپىگە ئېرىشتى
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ بايراقدارى شىنجاڭ «ئارمان» مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى باھالاپ بېكىتكەن «جۇڭگونىڭ مەشھۇر ماركىسى» شەرىپىگە ئېرىشكەنلىك گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى17-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان «ئارمان» سانائەت باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭ بىلەن «ئارمان» گۇرۇھى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي كارخانىلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن كارخانا بولۇپ قالدى.شىنجاڭ «ئارمان» مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى رادىل ئابلا ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «ئارمان» يۈرۈشلۈك قۇۋۋەت تالقانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغان 20 يىل جەريانىدا شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، قۇۋۋەت رېتسېپى تەتقىقاتى، ماركا ئوبرازى يارىتىش قاتارلىق تەرەپلەردە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرگەن ۋە «ئارمان» ماركىسىدا ئىشلەپچىقارغان تۈرلۈك مەھسۇلاتلار كۆپ قېتىم مەملىكەت، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەقدىرلىشىگە، ھەر مىللەت ئىستېمالچىلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن.
شىركەت كېيىنكى تەرەققىيات پىلانى تاۋار ماركىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، «ئارمان» ماركىسى ۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەملىكەتكە، دۇنياغا يۈزلىنىشى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەن.
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى مۇشۇ ئارماننىڭ ئۈمۇمىي قىممىتى قانچىلىك؟ كۆلىمى، مەبلىغى دىگەنلەر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pis-pas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-22 15:03
تەھرىرلەندى http://www.360doc.com/content/10/1018/11/4005136_61950849.shtml يۇمۇر ئېيتىشىۋاتامسىلەر باللار؟:lol ئىنكاس تەھرىرلەنمەي تۇرۇپلا ئوقۇۋاپتىمەن دىسە.:lol Uyghur يوللىغان ۋاقتى 2014-10-22 15:06 static/image/common/back.gif
http://www.360doc.com/content/10/1018/11/4005136_61950849.shtml
مىللىي كارىخانلىرىمىزنى قوللاپ قۇياي دەپ بۇ «ناچار » ئىنكاسىمنى تەھرىرىلىۋەتسەم، يەنە سىز بۇ ئۇلانمىنى چاپلاپ قويۇپسىز ھە .
:lol
http://news.gmw.cn/2014-04/26/content_11145030.htm مەن ئىلگەكى يىلى ئارماننىڭ يىللىق سېتىش سوممىسىنى 120مىليۇن دەپ ئاڭلىغاندەك قىلغان ئې ئۇلانمىغا قارىسام جۇڭگۇنىڭ مەشھۇر ماركىسى دىگەن گەپلەر ئالدامچىلىق دەيدۇيا :shutup:
بىز دۆتمۇ ياكى ئارمان ؟
RE: «ئارمان» ماركىسى جۇڭگونىڭ مەشھۇر ماركىسى شەرپىگە ئېرىشتى
adl228 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-22 15:48 static/image/common/back.gifمەن ئىلگەكى يىلى ئارماننىڭ يىللىق سېتىش سوممىسىنى 120مى ...
120 مىليۇن بەكلا تۆۋەنكەن ، مەنچە سىز خاتا ئاڭلىۋاپسىز ، ئارماننىڭ بىر مىليارد 200 مىليۇندىن ئېشىپ كىتە ، ، ، شۇئارماننىڭ يەنىمۇ پەرۋاز قىلىشىنى تۇلىمۇ تىلەيمەن .ئامىن ! مەن بىر نەچچە يىل ئىىلگىرى مۇنداق ئاڭلىغان ئارمان شىركىتى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى خالىغانچە ئىشلىتەلمەيمىش ، پۇللىرىنى ئىشلىتىشتىن ئاۋال ھۆكۈمەتتىن تەستىق ئالىمىش ،ھۆكۈمەتكە پۇلىنى نەگە ،نىمىشقا ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتىقاناىن كېيىن ،ھۆكۈمەت تەستىق سالىمىش ، بولمىسا ھۆكۈمەتتىن بىسوراق پۇللىرىنى خالىغانچە ئىشلىتەلمەيمىش .......................
مۇشۇ گەپ راسىتمىدۇ ؟ بىلىدىغانلار بولسا ئازراق پىكىر قىلىپ باقساڭلار............... ئۆتكەندە تېلىۋىزوردا تونىمايدىغان پارتىكوم شۇجىسىنى كۆرگەنتىم. بىزنىڭ بۇ تەرەپلەردىغۇ شۇجىنىڭ تىلى ئۇزۇن، ئارماندا قانداقكىن؟
بەت:
[1]