karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 13:00:17

يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مايلىرىنى سېتىش دۇكىنى 100 گە يەتتى

نۆۋەتتە شىنجاڭ يۇنىل-ئوپال خەلقئارا سودا شىركىتىنىڭ رايونىمىز تەۋەسىدىكى يۇنىل-ئوپال سىلىقلاش مايلىرىنى مەخسۇس سېتىش ئورنى 24 بولۇپ، يېقىندا خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى، قاراماي شەھىرى، كۇچا ناھىيەسى قاتارلىق ئۈچ جايدىكى مەخسۇس سېتىش ئورۇنلىرى بىر ئاي ئىچىدە تىجارەت باشلايدىكەن. بۇنىڭ بىلەن توپ سېتىش نۇقتىلىرىنى قوشقاندا ئومۇمىي دۇكان سانى 100 گە يېتىدىكەن.

شىركەت قۇرغۇچىسى ئىلھامجان ئېزىز مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىنىڭ تىجارەت ئەندىزىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى، شىركىتىمىز ماشىنىنى تېز ئاسراش مۇلازىمىتىدە سىستېمىلىق ئەندىزە يارىتىشنى مەقسەت قىلغان، مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىمىزنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى، بارلىق مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىنىڭ بېزىلىشى بىر تۇتاش شىركەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ دۇكانغا %95 تىن ئارتۇق شىنجاڭ يۇنىل-ئوپال خەلقئارا سودا شىركىتى مەھسۇلاتلىرى سېلىنىدۇ ھەمدە مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سۈپىتى ئادەتتىكى رېمونتخانا ۋە دۇكانلاردىن يۇقىرى، مۇلازىمەتلىرى بىر قەدەر مۇكەممەل بولىدۇ.

مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئېچىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 150 مىڭ يۈەن مەبلەغ كېتىدىغان بولۇپ، دۇكان ئاچقۇچىلار 50 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق دۇكان ئورنى تەييارلىشى لازىم ئىكەن. مەبلەغ قايتۇرۇپ كېلىش مۇددىتى ئادەتتە 2 يىل بولىدىكەن.
شىنجاڭ يۇنىل-ئوپال خەلقئارا سودا شىركىتى قۇرغۇچىسى ئىلھامجان ئېزىزدىن ئىگىلىشىمىزچە، شىركەت 2013-يىلى 3-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، فىرانسىيە يۇنىل-ئوپال نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ جۇڭگونىڭ غەربى شىمالىدىكى ھەمكارلاشقۇچىسى ئىكەن، يۇنىل ئوپال ماركىسىدىكى ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىدىغان ۋە  سانائەتتە ئىشلىتىدىغان سىلىقلاش مېيىنى ئىمپورت قىلىپ سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

شىنجاڭ يۇنىل-ئوپال خەلقئارا سودا شىركىتى قۇرغۇچىسى ئىلھامجان ئېزىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىركەت 2015-يىلى ئومۇمىي مەخسۇس سېتىش ئورۇنلىرىنى 50 كە يەتكۈزۈش، بارلىق دۇكانلارنى بىر-بىرى بىلەن تورلاشتۇرۇش؛ گۇگىل، بەيدۇ قاتارلىق ئېلېكترونلۇق خەرىتىلەردە بارلىق دۇكان كوردىناتلىرىنى بەلگىلەش ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ ھەر قاچان ئىزدەپ تېپىشىغا قولايلىق يارىتىش؛ ئەزالىق كارتىسى ئۇسۇلى ئارقىلىق سېتىش مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى شىركەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانى قىلغان.
مەنبە : شىنجاڭ يۇنىل-ئوپال خەلقئارا سودا شىركىتى

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 20:08:49

  ئوپاللىق بالىمىكەن بۇ شىركەتنى قۇرغان بالا؟

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 21:53:21

بايا تېخى ئاق رەڭلىك بولكىۋايدا مۇشۇ شىركەتنىڭ بەلگىسىنى كۆردۈم . مېلىنىڭ سۈپىتى ياخشى شىركەتلەرگە ۋاكالەتچى بولۇپ شۇنى تۇتقا قىلىپ ئىشنى باشلىۋالسا باشقا ئىشلارنى قوشۇپ قىلىپ كەتكىلى بولغىدەك .

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 22:21:37

گۇمىدا ۋاكالەتچى بارمۇ؟

50 كۈۋادىرات مىتىرلىق دۇكان تاپماق بەك تەس ھەم  ئىجارىسى ھەقىقەتەن قىممەت بوپ كەتتى.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 22:22:53

دۇكان ئىجارىسىنى ۋاكالەتچى ئۆزى تۆلەمدۇ؟

سىلىقلاش مايلىرىنى ساتالماي قالسىىچۇ؟

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 22:26:21

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-22 22:21 static/image/common/back.gif
گۇمىدا ۋاكالەتچى بارمۇ؟

50 كۈۋادىرات مىتىرلىق دۇكان تا ...

سىز ۋاكالەتچى بولاي دەپ ئويلاپسىز دە {:112:}

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 15:39:33

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-22 22:21 static/image/common/back.gif
گۇمىدا ۋاكالەتچى بارمۇ؟

50 كۈۋادىرات مىتىرلىق دۇكان تا ...

گۇمىدا ھازىرچە ۋاكالەتچى يوق ئىكەن.ھەمكارلىشىشنى خالىسىڭىز 15599966667 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
باشقا مەزمۇنلارنىhttp://www.unil-opal.biz/?r=opal/index دىن كۆرىۋېلىڭ

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 17:04:33

yarxarilik يوللىغان ۋاقتى  2014-10-23 17:39 static/image/common/back.gif
گۇمىدا ھازىرچە ۋاكالەتچى يوق ئىكەن.ھەمكارلىشىشنى خال ...

پۇل يوق، 150000 يۈەن چىقمايدۇ.

بولمىغان بولسا بۇمۇ بىر تىجارەتنىڭ  ياخشى  ئىپىدە.

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 18:30:22

yarxarilik يوللىغان ۋاقتى  2014-10-23 15:39 static/image/common/back.gif
گۇمىدا ھازىرچە ۋاكالەتچى يوق ئىكەن.ھەمكارلىشىشنى خال ...

مۇشۇ بالاڭزىنىڭ شىركىتى بۇ. يۇنىل-ئوپال ھەر ئىككىلىسى چەتئەلچە سۆز، قەشقەردىكى ئوپالنى كۆرسەتمەيدۇ:lol

polat189 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 13:25:26

مەبلەغ ئازراق كەتكەن بولسا مەن ئېچىشنى ئويلىشىۋاتقان بۇ كەسىپنى .

GLOBAL3.0 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 16:57:30

تەپسىلاتنى شىركىىمىزدىن سۈرۈشتە قىلىڭ.ھەرقايسى رايونلارنىڭ ئىش باشلاشقا كىتدىغان تەنەرخىمۇ ئوخشىمايدۇ.ئىشلىرىڭىز بەركەتلىك بولغاي
بەت: [1]
: يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مايلىرىنى سېتىش دۇكىنى 100 گە يەتتى