ئىچىم سىقىلىپ كەتتى سىمسىز توردىن
مەن خوتەندەئىككى ئۈچ ئاي بولدى سىمسىز تور بەك ئاستىلاپ كەتتى ، مەن دائىم يانفون تاۋباۋدىن مال سېتىۋالاتتىم،پۇل چىقىم قىلاتتىم....
ئۆيۈمنىڭ بۇرۇنقى تور تېزلىكى 8 مېگا بايت ، ھازىرقىسى 20 مېگا بايت ،
20 گە كۆتۈرگەندىن كېيىنلا كاشىلا باشلاندى ، 8 لىك ۋاقتىدا كومپىيۇتېردا سىملىق توردىن بىر نەرسە چۈشۈرسەم 2 مېگا تېزلىكتە چۈشەتتى ، يانفوندىمۇ 1.5 مېگا بايت تېزلىكتە چۈشەتتى.
ھازىر سىملىق تور كومپىيۇتېردا 150-200 كىلو بايت تېزلىكتە چۈشىدۇ، بۇ تېخى ئىشنىڭ ياخشىسى.
سىمسىز تور ئالامەت ئاستىلاپ كەتتىكى ئىزدىنىش يانفون نۇسخىسىمۇ، خەتلىك تور بەتمۇ ئېچىلمايدۇ، سىمسىز تور سۈرئىتى خۇشياقسا ناگاندا 5kb ، مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا 0.1-0.9 kb ئارىلىقىدا تۇرۇۋالىدۇ، 1kb غىمۇ يەتمەيدۇ ، تاۋباۋدىكى ئىسمىم تىزىملانمايدۇ ، بىر نەرسە ئىزدىگىلىمۇ بولمايدۇ ، تور بىنورمال قايتا سىناڭ دەپلا گۆشىيىپ تۇرغىنى تۇرغان ! ھېچنىمە ئۇلانمايدۇ ، ئېچىلمايدۇ !
ئۆيۈمدىكى روتېر 300M لىق ، ئىككى ئانتېنىلىق بولمىسا ، روتېردىكى چاتاقمىكىن دىسەم ئىشخانىدىكى ۋە باشقا جايلاردىكى سىمسىز تورلاردىمۇ ئوخشاش ئاستا ، روتېردا چاتاق يوقكەن دەپ بىلدىم.
يانفونۇمدىكى چاتاقمىكى دەپ يانفوننىڭ رومىنى نەچچە قېتىم قايتا يېزىپ باقتىم ، يەنە ئوخشاش.
تېلېگىرافقا بېرىپ تور ئاستا دەپ قويۇپ كەلدىم ، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بېرىپ قاراپ باقايلى دىدى ، لېكىن كەلمىدى.
سادىغاڭ كېتەيلەر، تور سىلەردە قانداقراق ، سىلەردىمۇ بارمۇ مۇشۇنداق ئىش ؟
بۇ زادى قانداق ئىش ؟ نىمە مەسىلە ، نىمە سەۋەپ ؟ قانداق ئوڭشايمەن ؟ بىر ئىككى ئاي بولدى يانفون تاۋباۋ نۇسخىسى بىراقلا WIFI غا ئۇلانمايدىغان بولۇۋالدى،تور ئۇلانمىدى،تور تەڭشىكىنى قايتا تەڭشەڭ ،تورغا ئۇلىنىشنى قايتا سىناڭ دەپ تۇرۇۋېلىۋاتىدۇ، ئۆچۈرۈپ قايتا قاچىلاپمۇ باقتىم ، ئوخشاش ئۇلانمىدى…ئەمما كۆچمىنىڭ 2گ تورىدا نورمال ئۇلىنىدىكەن،بىراق كۆچمىنىڭ GPRS تورىنىڭ قانچىلىك ئاستىلىقى جەنۇبى قۇتۇپتىكى پىنگىۋىنلارغىمۇ ئايان ، سىلەردىمۇ شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلدىمۇ ،خوتەندىلا شۇنداقمۇ ياكى تاۋباۋ يانفون نۇسخىسىدىكى مەسىلىمۇ ؟
خوتەندە خېلى بولدىغۇ تور ناچارلىشىپ قالغىلى ،خەت ساندۇقى دېگەندەكلەرمۇ ئېچىلمايدۇ ھازىر..:( yexilbulut يوللىغان ۋاقتى 2014-10-22 18:30 static/image/common/back.gif
خوتەندە خېلى بولدىغۇ تور ناچارلىشىپ قالغىلى ،خەت ساند ...
قىزچاق، 126، 163 ۋە مىكروسوفىت خەت ساندۇقى ئىچىلىدۇ. WIFI دا يان تىلىفۇندا تورغا چىققاندا چەكلىمە بار ئىكەن.
تىلگىراف شىركىتىنىڭ ئىشىمىكىن. روتىرنى دەسلەپتە چاتقىنىمدا بەيدۇدىن تارتىپ ھەممىسى نورمال ئىدى.
5 كۈندىن كىيىن نۇرغۇن تور بىكەتلەر ئىچىلمىدى. مەنمۇ خوتەندىن، 4m لىق تورنى 20m غا كۆتۈرگەن،چۈشۈرۈش سۈرئىتى 2.8گە يىتىدۇ،سىمسىزمۇ ياخشى.
بىر ئۆسـتەڭ سۇنى سۇنىڭ مىقدارىنى ئاۋۇتمايلا بىرمۇنچە ئادەم ئۆيىگە ئېرىق ئاچسا شۇنداق بۇلىدۇ .مەن ئۆيدىكى چاغدا بۇنداق ئىشنى بىر ئاغىنەمدىن ئاڭلىغان ،مىنىڭ 4لىكىتى ،ئۇنىڭم20 لىكىتىك، لىكىن ،بىرنەرسىنى تەڭ چۈشۈرسەك ئۇ ئۇخلاپ قالاتتى .:lol:lol:lol dns نى 8.8.8.8 گە ئالماشتۇرۇپ بېقىڭلار مەنمۇ تور دىن بىرنەرسە سېتىۋالسام dns ئۆزگەرتىپ ئاندىن چىقىۋاتىمەن .
ئالمىنىڭ مۇلازىمىتىرىغىمۇ نورمالنى ئەھۋالدا ئۇلانمايدۇ ،تاۋباۋغىمۇ يانفۇندا چىقالماي dns ئۆزگەرتىپ چىقىۋاتىمەن. 20mb لىق تور ئىككى مىگا ئەمەس، 500kb دىن كۈتۈرۈلمىسە، قانداق قىلدىغان ئىشكى. تاڭ تاۋباۋ دىن مال سېتىۋالساڭلار قانداق سېتىۋېلىۋاتىسىلەر؟ ۋاڭ-ۋاڭ ئىشلىمىسە باشقا ئۇسۇللارمۇ بارمۇ؟ مېنىڭكىدە ۋاڭ-ۋاڭ ئىشلىمىگىلى خېلى بولدى،بىر دۇكاندىن بىرنەچچە خىل نەرسە سېترىۋالساق بەك قولايسىز كەن ،كىرانى ئايرىم -ئايرىم ھېساپلاپ تۇرىۋالىدىكىن ،ۋاڭ-ۋاڭ ئىشلىگەندە مال ئىگىسى بىلەن دىيشىپ سودىلىشاتتىم بىراق ھازىر دىگىنىگىلا ئالىدىغان پاسسىپ ھالەت شەكىللىنىپ قالدى ، سىلەردە ۋاڭ-ۋاڭ نۇرمالمۇ ؟ ۋاڭ ۋاڭ بىزدىمۇ ئىشلىمەيدۇ،خېلى زامانلار بولدى كومپىيۇتېردا چ چ ئشلەۋاتىدۇ. ۋاڭۋاڭمۇ نورمال ئىشلەۋاتىدۇ. تېلفۇندا ئېچىلمايدكەن شۇ. بەزىلەر ۋېيشىنغىمۇ چىقىۋېتىپتۇ خوتەندىن. خوتەندىن ۋېيشىن ئېچىۋاتقانلار بامۇ؟ تورىڭىز نۇر كابېل بولمىسا 4Mدىن يۇقىرى قىلىۋەتسىڭىز دەھشەت ئاستىلاپ كېتىدۇ،تولا ئۈزۈلىدۇ
ھازىر خوتەننىڭ نۇر كابېل تورلىرىنىڭمۇ ھالى چاغلىق، 20Mدېگەن بىلەن ئىچكىرىنىڭ 4Mلىق تورىغا تەڭلىشىپ قالىدۇ
بىرەر يىلغىچە توردىن بەھرى ئېلىش تەستەك قىلىدۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 3Gكارتىسىدا ئۈندىدار ، QQ ھەر كۈنلۈكى پات پات ئىشلەپ قالىدۇ،
بەزىلەر يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ قانۇنسىز «تام ئاتلاش»ئەپلىرىنى ئىشلىتىپ ئۈندىدار، QQنى ئاچىدىكەن
يەنە بەزىلەر كومپىيۇتېرغا مەۋھۇم ئاندرويىد سۇپىسى قاچىلاپ QQ، ئۈندىدار ئوينايدىكەن
تورغۇ نۇر كابېلتى بولمىسا بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rahman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-23 23:11
مۇناسىۋەتسىز ئىشتىن بىرنى دەي: تېمامنى تەستىقلاپ قويساڭلارچۇ {:90:}
@86
@adip
@wapadarim912
@GoodLuck مىنىڭ 163 خەت ساندۇقۇم ئېچىلمايدىغۇ ئەمىسە؟
بەت:
[1]