Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 09:55:03

iOS 8 ئۈچۈن كىرگۈزگۈچلەر

iOS 8 چىققاندىن كېيىن ئۆزىمىز ياقتۇردىغان كىرگۈزگۈچلەرنى ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇق.بۇنىڭلىق بىلەن يەنە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى بولدى.
             (ئاندويىد ئىشلىتىۋاتقان قېرىنداشلار بۇ كىرگۈزگۈچلەرنىڭ بەزىسى بەلكىم ئاندرويىدتا ھەم بولۇشى مۇمكىن شۇڭا ئاندرويىدنىڭمۇ بارمۇ يوقمۇ بىلىپ كەتمەيمەن. ئىسمىنى كىرگۈزۈپ قويدۇم شۇ بويىچە ئىزدەپ باقساڭلار بەلكىم چىقىپ قېلىشى مۇمكىن )
ئاندرويىد ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ : بىلكان ھەرپ تاختا


App Store ھازىر كىرگۈزگۈچلەر تۈركۈملەپ يوللىنىۋاتىدۇ. ئەپ ئاچقۇچىلار ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قولايلىقلاشتۇرۇلغان كىرگۈزگۈچلەرنى ياساپ يوللاۋاتىدۇ.ھەم ئىشلەتكۈچىلەرمۇ ئۆزى ياقتۇرغاننى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ تەكلىپ-ئىنكاسلارنى بىلدۈرۋاتىدۇ.

بۇنىڭدىن مەن كۆپرەك ئىشلىتىۋاتقان كىرگۈزگۈچلەردىن بىر نەچچىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىزدىنىشتا تونۇشتۇرۇپ بولۇنغان كىرگۈزگۈچلەرنى دىمىسەممۇ تونۇش بولۇپ كەتتى شۇڭا ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىمەن.
ئالدى بىلەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي:

1.بەيدۇ كىرگۈزگۈچى(ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ)
چۈشۈرۈش:   ئەپ سىتورى

بەيدۇ كىرگۈزگۈچىنى بىلمەيدىغان ئايفون ئابونتلىرى بولمىسا كىرەك. تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئىشلىتىدىغان ئايفونچىلار ئۈچۈن بۇ تولىمۇ قولايلىق كىرگۈزگۈچ بولۇپ كەلگەن ئىدى. ھەم ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئىچىدە چۈشۈرۈلۈشىئەڭ كۆپ   كىرگۈزگۈچلەرنىڭ بىرى.
( 200مىڭدىن ئاشقان)    iOS 8 كۆتۈرۈلۈپ ئەپ سىتورىدىكى سىتاستىكىسى (10مىڭ قېتىم)
    ئىشلىتىش ئۇسۇلى قولاي بولۇپ كېيىن ياسالغان بەزى كىرگۈزگۈچلەر بەيدۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئاساس قىلىپ ياسىغان.

2. ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ维吾尔输入法
چۈشۈرۈش : ئەپ سىتورى

بۇ كىرگۈزگۈچنى قاچىلايدىغانلار بەلكىم چۈشەندۈرۈشىدىكى ئىملاغا قاراپ سەل جىلە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
(سەۋەبى: بۇ كىرگۈزگۈچنى ياسىغان بالا مىنكوخەن ئوخشايدۇ ئىچكىرىدىكى بىر شىركەتتە ئىشلەيدىغاندەك__ئىنقسىز مەلۇمات)

لىكىن كىرگۈزگۈچنىڭ ئىقتىدارىھازىرقى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنىڭ ئالدى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. يەنى بۇ كىرگۈزگۈچتە ئۇيغۇرچە سۆزلۈك ئامبىرى قوشۇۋېتىلگەن بولۇپ ي نى بېسىپ ي ھەرىپى بىلەن باشلىندىغان سۆزلەر تىزىلىپ تۇرىدۇ. خۇددى ھازىرقى ئىنگلىزچە خەنزۇچە كىرگۈزگۈچتەك.

3. ئۇيغۇرچە ---كىرگۈزگۈچ (ھەقلىق)
چۈشۈرۈش : ئەپ سىتورى
ئەلۋەتتە شىركەت نامىدىكلەر بىرەر ئەپنى ھەقسىز چىقارسا زىيان چىقمايدۇ بەلكى شۇ شىركەت ئۈچۈن بىر ئېلان بولۇپ بېرىشى مۇمكىن لىكىن يەككە ئەپ ياساۋاتقانلار ئۈچۈن يىللىقى 99دوللارلىق ئەپ دۇكىنى ئىجارىسىنى بېرىشى كىرەك . شۇڭا كىرگۈزگۈچنىمۇ ھەقسىز قىلدىڭمۇ دەپ كايىش بىھاجەت.بۇ ئەپنى مەن تېخى ئىشلەتكۈدەك بولمىدىم.

4. Black Keys(كۆپ تىللىق كىرگۈزگۈچ_ھەقلىق)
چۈشۈر:ئەپ سىتورى
بۇ كىرگۈزگۈچتە ئۇيغۇرچە بار بولۇپ دىگەندەك ياخشى چىقمىغان كىشىگە ئەرەپچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلەتكەندەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ ئەمما ماڭا تولا ئۇچۇر قىلىپ ياخشى بىر كىرگۈزگۈچ قىلىش ئويى بارلىقىنى ئېيتقان شۇڭا ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئوڭشاۋاتىمەن.ئەمما ھازىرچە ئالماي تۇرۇشڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن . ( :lol ھەقلىققىغۇ ئالدراپ يۈگۈرمەيمىز.بولۇپمۇ ھەقسىزى ئىھتىياجىمىزنى قاندۇرۋاتقان ۋاقىتتا)

ئەمدى تۆۋەندىكى باشقا تىلدىكى كىرگۈزگۈچلەر:
   
5. Stack
چۈشۈر: ئەپ سىتورى

بۇ كىرگۈزگۈچ مەخسۇس قولدا يازدىغىنى بولۇپ تۈنۈگۈن تېخى چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم ئىقتىدارى ھەقىقەتەن بولدىكەن.خېلى كۆپ يېزىقلارنىڭ بار ئىكەن. توغرلىق نىسبىتىمۇ يۇقىرى ئىكەن

6. swiftkey keyboard
چۈشۈر : ئەپ سىتورى

بۈ سىيرىلما كىرگۈزگۈچ ئاندرويىد تېلفۇنلاردا كۆپقۇ دەيمەن. بۇرۇن ئاندرويىد تېلفۇن ئىشلەتكەندە مۇشۇ كىرگۈزگۈچكە ئامراق بولۇپ قالغان ئىدىم.    ئىنگلىزچە ئىشلىتىدىغانلار ئۈچۈن تولىمۇ قولايلىق.


    سىز قايسى كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىۋاتسىز؟ قېنى بىر-بىرىمىزگە تەۋسىيە قىلىپ باقمامدۇق.......

baydada يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:45:14

يەل تاپان دەپ يەنە بىرىمۇ بارغۇ دەيمەن .

rohqin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:58:11

يەل تاپاننىڭ تاق تاق تاق قىلغان ئاۋازى زىرىكتۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولمىدى. ئىتىدىغان يىرىنىمۇ تاپقىلى بولمىدى.
ئاۋۇ ھەرىپنىڭ بېشىنى كىرگۈزسە ئايىغىنى چىقىرىپ بىرىدىغىنى يامان ئەمەستەك قىلاتتى. ئەمما، ئەمەلى ئىشلىتىشتە ئانچە قوللىنىشچان ئەمەسكەن. خەتنى تۇلا خاتا بېسىپ ئىشلىتەلمىدىم. ھازىر بەيدۇنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋاتىمەن.
كونوپكا تاختىسىدا ئارتۇق ئىختىدار، كونوپكىلارنى قۇيۇپ ئاددى ئازادە چىقارسا ئۇبدان بولاتتى. ھېچقايسىسى قارلۇقنىڭ خاتىرەمنى دورىمىدى. ئىختىدارلىق قىلىمىز دەپ تۇلا بىرنەرسىلەرنى قېتىپ مۇرەككەپ بۇلۇپ قالىدىكەن

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 12:12:45

ئاۋۇ 2- قاتارغا تىزىلغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى تېخى ھازىر قاچىلاپ سىناپ باققان ، يەلتاپاننىڭ كىرگۈزگۈچىدىن ياخشى لايىھىلىنىپتۇ..
يەلتاپاننىڭ كىرگۈزگۈچىدىكى ھەرپلەر بەك كىچىك ئىكەن ،بۇنى دەرھال تۈزىتىش كېرەك .. ئاندىن ب ھەرپىنى يېزىپ بولغۇچە ب دىن باشلانغان سۆزلۈكلەرنىڭ چىقىدىغان قىلىپ لايىھەلەش ھازىرقى كىشىلەرنى ئېھتىياجى ، بۇنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك ... بولسا بارماق بىلەن سىزىپ يازىدىغان ئىقتىدارنىمۇ قوشسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ..

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 12:18:35

baydada يوللىغان ۋاقتى2014-10-22 11:45 static/image/common/back.gif
يەل تاپان دەپ يەنە بىرىمۇ بارغۇ دەيمەن .

تېمىدا ئەسكەرتىپ قويدۇم . يوللاپ بولۇنغاننى قايتا دەپ يۈرمىدىم .:)

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 14:08:18

ئايپەدكە بەيدۇنىڭ يوقكەن، شۇڭا يەلتاپاننى ئىشلەتتىم.ئەمما تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىشىم بولغاچقا ئارتۇق تەلەپ قويمىدىم

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 14:29:22

يەلتاپاننىڭ «تاق، تاق» قىلىپ قالايمىقان ئاۋاز چىقىۋالىدىغان چاتىقى ھازىر تۈزتىلىۋاتىدۇ.... ئەتە-ئۆگۈنلگەرگىچە سىناقتىن ئۆتسە يوللىندۇ

Pitbash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 14:49:20

فونىتنى قانداق قىلدىڭلار؟

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 15:05:45

مەنمۇ يەلتاپاننىڭ يىڭى نەشرىنى ئىشلىتىۋاتىمەن، ھىچ تاق تاق قىلغان ئاۋاز يوققۇ...............(تىلفون ئالما 5)
تىلفونۇم بۇزۇلمىغاندۇ ھە...؟

Faith يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 08:41:40

بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەر ios8 مۇ تۈرمىدىن قاچتى. فونت ئالماشتۇردىغانلار ئالماشتۇرۋېلىڭلار.

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 09:15:49

Pitbash يوللىغان ۋاقتى2014-10-22 14:49 static/image/common/back.gif
فونىتنى قانداق قىلدىڭلار؟

تۈرمىدىن قاچىمىغان ئەھۋال ئاستىدا فونىت ئالماشتۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان ئوخشايدۇ....، ھازىرچە شۇ سىستېما خەت نۇسخىسى قوللىنىلدى

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 13:03:56

يەنە بىر يېڭى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئەپ سىتورىغا چىقىپتۇ.
ئىسمى قەلەم .بۇ كىرگۈزگۈچنىڭمۇ سۆزلۈك ئامبىرى قوشۇلغانئىكەن.

چۈشۈر: چۈشۈرۈش

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 14:53:35

نۇرنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى قاچىلىسىمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىنىدىكەن.

mrdon يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 23:38:16

ئالمىنىڭ ئەپ بازىرىدىن نېمە دەپ ئىزدىسەك چىقىدۇ ؟

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 12:54:24

mrdon يوللىغان ۋاقتى2014-11-5 23:38 static/image/common/back.gif
ئالمىنىڭ ئەپ بازىرىدىن نېمە دەپ ئىزدىسەك چىقىدۇ ؟

ھەممە كىرگۈزگۈچنىڭ ئۇلانمىسى ۋە ئىسمىنى كىرگۈزۈپ قويدۇم. ئۇلانمىنى باسسىڭىز چۈشۈرۈش ئادرىسى چىقىدۇ. قالدۇرۇپ قويغان ئىسمىنى كىرگۈزسىڭز ئەپنىڭ ئۆزى چىقىدۇ.

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 23:05:49

بەيدۇ كىرگۈزگۈچتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۈچۈن تۈرمىدىن قاچۇرۇش كېرەكمۇ؟

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 23:06:13

يەلتاپان بەكلا مۇقىم ئەمەسكەن.راستىمنى دىسەم زېرىكتىم

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 10:20:42

يېڭى تەرجىمان كىرگۈزگۈچتىن بىرسى چىقىپتۇ ئىقتىدارى ياخشىكەن. 80خىل تىل بار ئىكەن ئەپسۇس ئۇيغۇرچە يوق.
ھەقلىق:
چۈشۈرۈش

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-11-7 10:22:58

olive يوللىغان ۋاقتى2014-11-6 23:05 static/image/common/back.gif
بەيدۇ كىرگۈزگۈچتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۈچۈن تۈرمىدىن قا ...

مەن تەۋسىيە قىلۋاتقان كىرگۈزگۈچلەرنىڭ ھەممىسى ئەپ دۇكىنىدا بار . ئەپ دۇكىنىدا بار دىگەنلىك تۈرمىدىن قاچماي ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ دىگەن گەپ.بەيدۇ كىرگۈزگۈچىمۇ ئوخشاش. چۈشۈرۈشنى بېسىپ چۈشۈرۋېلىڭ.

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 16:48:50

Typography يوللىغان ۋاقتى2014-11-7 10:22 static/image/common/back.gif
مەن تەۋسىيە قىلۋاتقان كىرگۈزگۈچلەرنىڭ ھەممىسى ئەپ دۇ ...

قاچىلىسام بەيدۇنىڭ چاسا خەت كىرگۈزىدىغان نۇسخىسى چۈشتى.
تەپسىلىي مەشغۇلاتى ياكى نەشىر نۇسخىسى قانداق تەپسىلىي دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.
بەت: [1] 2
: iOS 8 ئۈچۈن كىرگۈزگۈچلەر