ماسقەدەملەشتۈرۈش يۇمشاق دېتالى BitTorrent Sync
ماسقەدەملەشتۈرۈش يۇمشاق دېتالى BitTorrent Sync
بۇرۇن Microsoft نىڭ Live Mash ناملىق ھۆججەت ماسقەدەملەشتۈرىدىغان بىر يۇمشاق دېتالى بار ئىدى. ئىشخانىدىكى كومپيۇتېر بىلەن يان كومپيۇتېرنىڭ بىر قانچە مۇندەرىجىسىنى ماسقەدەملەشتۈرۈپ قويۇپ ئىشلىتەتتىم. ئىشخانىدا يازىدىغان بىر ماتېرىيالنى يېزىپ يېرىمىغا كەلگەندە ساقلاپ قويۇپ ئۆيگە چىقىپ داۋامىنى يېزىۋىرەتتىم. بۇ كومپيۇتېردىكى نەرسە ئۆ كومپيۇتېردا ئۆز پېتى تەييار بولۇپ تۇراتتى. يەنە توردىن كىنو-فىلىم، دەرسلىك چۈشۈرىدىغان ئىشلارنى ئىشخانىدىكى كومپيۇتېردا قىلاتتىم. ھۆججەت چۈشۈرىدىغان مۇندەرىجىنى ئۆيدىكى كومپيۇتېرغا ماسقەدەملەشتۈرۈپ قويۇپ، ئۆيدىكى كومپيۇتېردا كۆرىۋىرەتتىم.
كىيىنچە Microsoft شىركىتى OneDrive)SkyDrive) نى چىقارغاندىن كىيىن Live Mash نى يوق قىلىۋەتتى. ناھايىتى بەلەن بىر نەرسىدىن ئايرىلىپ قالدىم. ھازىر گەرچە بۇلۇت ساقلىغۇچلىرى ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. OneDrive, Google Drive, DropBox دىگەنلەر بۇ يەردە ئېچىلمايدۇ. Baidu Pan, 360 نىڭ بۇلۇت دىسكىلىرىنى پەقەت ياقتۇرمۇدۇم. تور سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقىلا ئەمەس مىنىڭ ھۆججەتلىرىمنى سىغدۇرۇپ بولالايدىغان تور دىسكىسىمۇ يوق. پىروگرامما لايىھەلەشكە دائىر سىنلىق دەرسلىكلىرىملا نەچچە تېرا ئورۇن ئىگەللەيدۇ. مىنىڭ نۇرغۇن ھۆججەتلىرىمنى تورغا ساقلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت بىرقانچە كومپيۇتېر ئارىسىدا خالىغانچە ئېچىپ ئىشلىتەلىسەم بولىدۇ.
يېقىندا ئەنئەنىۋى Torrent چۈشۈرۈش يۇمشاق دېتالى ياسايدىغان شىركەت BitTorrent شىركىتى يېڭىچە بىر ھۆججەت ھەمقەدەملەشتۈرۈش يۇمشاق دېتالى BtSyncنى ياساپ چىقىپتۇ. گەرچە بۇ يۇمشاق دېتال تېخى بېتا نەشرىدە بولسىمۇ، مىنىڭ ئىھتىياجىمغا ماس كىلىدىكەن. سۈرئىتىمۇ تىز ئىكەن. تېخىمۇ ياخشى بولغىنى بۇ يۇمشاق دېتال p2p ھالەتتە ھۆججەتلەرنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرىدىغان بولۇپ ھېچقانداق مۇلازىمېتىرغا ساقلانمايدىكەن. ھەم بىخەتەر، ھەم سىغىم چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىكەن. پەقەت بىزنىڭ كومپيۇتېر دىسكىمىز توشۇپ قالمىسىلا قانچىلىك ھۆججەت بولسا ماسقەدەملىگىلى بولىدىكەن. ھۆججەتلەرنى يەنە باشقىلارغا ھەمبەھىرلەپ بەرسەكمۇ بولىدىكەن.
بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ Windows,Mac,Linux,android,iOS سۇپىلىرىدىكى نەشرىمۇ بولۇپ ھەرقانداق كومپيۇتېر، يانفون، تاختا كومپيۇتېرلار ئارىسىدا ھۆججەتلەرنى بىمالال ماسقەدەملىگىلى، ھەمبەھىرلىگىلى بولىدىكەن.
ئىشلىتىش ئۇسۇلىمۇ ناھايىتى ئاددىي بولۇپ ماسقەدەملىمەكچى بولغان مۇندەرىجىنى قوشۇپ(Add Folder) قويسىڭىزلا بولىدۇ. باشقا كومپيۇتېردا ئېچىش ئۈچۈن ھەمبەھىرلەش كونۇپكىسى(Share) نى چەكسىڭىز ئېلخەت(Email) قىلىش، ئۇلىشنىشنى كۆچۈرۈش(Copy) ياكى QrCode بىلەن ھەمبەھىرلەش كۆرسەتمىسى چىقىدۇ. ئادەتتە ئۇلىنىشنى كۆچۈرۈپ باشقا كومپيۇتېردا ئاچسىڭىز، باشقا كومپيۇتېرىڭىزدىكى BtSync قوزغىلىپ ھۆججەتنى چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ. ناۋادا ھۆججەتنى باشقىلارغا ھەمبەھىرلەپ بەرمەكچى بولسىڭىز ئاشۇ ئۇلىنىشنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ.
ھۆججەتلەرنى يەنە ئاچقۇچ(key) ئارقىلىق ھەمبەھىرلەش ئۇسۇلىمۇ بار.
چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://www.bittorrent.com/sync/download
مەن #C ھەققىدىكى دەرسلىكنىمۇ مۇشۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ھەمبەھىرلەپ قويدۇم. چۈشۈرمەكچى بولغانلار ئالدى بىلەن BtSync يۇمشاق دېتالىنى قاچىلاپ، ئاندىن تۆۋەندىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق چۈشۈرۋالسا بولىدۇ:
#Cھەققىدە ساۋات چۈشۈرۈش ئادرىسى
ھۆججەت ماسقەدەملەشتە مەن SVN نى ئىشلىتىپ باققان، يۇقارقى دېتالنى مۇلازىمىتىرغا ئۇلانمايدۇ دىيىلىپتۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا، مەن ئىشخانىدىكى كومپيۇتېردىكى بىر ھۆججەتنى ماسقەدەملەپ قويۇپ ئۆيدە ئىشلەتمەكچى بولسام، ئىشخانىدىكى كومپيۇتېر چوقۇم ئوچۇق تۇرۇشى كېرەكمۇ؟ Dropbox ئىشلىتىپ كۆنۈپ قاپتىكەنمەن. ھازىرمۇ ئوچۇق، بىراق جىق پايدىلانمىدىم. GoodLuck يوللىغان ۋاقتى 2014-10-22 10:35 static/image/common/back.gif
ھۆججەت ماسقەدەملەشتە مەن SVN نى ئىشلىتىپ باققان، يۇقار ...
ھېچ بولمىسا ھۆججەتنى ماسقەدەملەپ بولغۇچە ئىككى كومپيۇتېر ئوچۇق تۇرىشى كېرەك. sarwan يوللىغان ۋاقتى 2014-10-22 11:27 static/image/common/back.gif
ھېچ بولمىسا ھۆججەتنى ماسقەدەملەپ بولغۇچە ئىككى كومپي ...
ھەمبەھرىنى چۈشۈرسەك ھەمبەھرىلىگەن كىشى تەستىقلىمىسا چۈشۈرگىلى بولمامدۇ نېمە؟ MSM يوللىغان ۋاقتى 2014-10-22 11:33 static/image/common/back.gif
ھەمبەھرىنى چۈشۈرسەك ھەمبەھرىلىگەن كىشى تەستىقلىمىسا ...
ھەمبەھرىنى چۈشۈرسەك ھەمبەھرىلىگەن كىشى تەستىقلىمىسا چۈشۈرگىلى بولمامدۇ نېمە؟
بۇنى ئەسلى ھەمبەھىر قىلغۇچى تەڭشىيەلەيدۇ. مۇندەرىجىنى ھەمبەھىرلىگەندە تەستىقلاش ياكى بىۋاستە چۈشۈرۈشنى تاللاپ قويغىلى بولىدۇ. بومۇ بىخەتەرلىك ئۈچۈن. بولمىسا ھەمبەھىر ئادرىسى ياكى ئاچقۇچقا ئىگە بولغان ئادەمنىڭ ھەممىسى چۈشۈرۈپ كىتىدۇ.
ftp ھەمبەھىرلەش قورالى بىلەن پەرىقلىنىپ كەتمىگۈدەك ئەمىسە؟ تېمىدىدا دىيىلىۋاتقان ھەمبەھىرلەش قورالى بىلەن FTP نى سېلىشتۇرغىلى بومماس، گەرچە FTP بىلەنمۇ ھۆججەتنى مۇلازىمىتىرغا يوللاپ قويۇپ ھەمبەھىرلەشكە مۇمكىن بولسىمۇ، مەخسۇس ھەمبەھىرلەش دېتاللىرى كۆپ قولاي ۋە قوللىنىشچان.
ماڭا SVN خېلى يېقىپ قالغان، مۇلازىمىتىر تەرەپنى ئاران تەستە قاملاشتۇرسام، مۇلازىمىتىردىن چاتاق چىقىپ سىستېما قاچىلاپ، كېيىن يەنە قايتا قىلغىلى خوش ياقمىدى. ھەم بىر قانچە كومپيۇتېردا تەڭ مەشغۇلات قىلىش ئىھتىياجىم كۈچلۈك بولمىغاچقا بەك ئىرەنشىپ كەتمىدىم. emule ياخشىمۇ، بۇمۇ؟ GoodLuck يوللىغان ۋاقتى 2014-10-22 14:32 static/image/common/back.gif
تېمىدىدا دىيىلىۋاتقان ھەمبەھىرلەش قورالى بىلەن FTP نى س ...
تېمىدىدا دىيىلىۋاتقان ھەمبەھىرلەش قورالى بىلەن FTP نى سېلىشتۇرغىلى بومماس، گەرچە FTP بىلەنمۇ ھۆججەتنى مۇلازىمىتىرغا يوللاپ قويۇپ ھەمبەھىرلەشكە مۇمكىن بولسىمۇ، مەخسۇس ھەمبەھىرلەش دېتاللىرى كۆپ قولاي ۋە قوللىنىشچان.
ماڭا SVN خېلى يېقىپ قالغان، مۇلازىمىتىر تەرەپنى ئاران تەستە قاملاشتۇرسام، مۇلازىمىتىردىن چاتاق چىقىپ سىستېما قاچىلاپ، كېيىن يەنە قايتا قىلغىلى خوش ياقمىدى. ھەم بىر قانچە كومپيۇتېردا تەڭ مەشغۇلات قىلىش ئىھتىياجىم كۈچلۈك بولمىغاچقا بەك ئىرەنشىپ كەتمىدىم.
SVN نەشىر باشقۇرۇشقا بولۇپمۇ كۆپ ئادەم بىر ھۆججەتكە مەشغۇلات قىلىدىغان، ھۆججەت كۆپ ئۆزگىرەيدىغان ئىشلارغا ماس كىلىدۇ. شۇڭا ئۇ كۆپۈنچە يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.
ماۋۇ sync ئوخشىمىغان ئۈسكۈنىلەر ئارىسىدا ھۆججەت ئۇزۇتۇشقا بەكرەك ماس كىلىدۇ. بولۇپمۇ تېلېفون، كومپيۇتېر قاتارلىق ئۈسكۈنىلىرى بىر قەدەر كۆپ كىشىلەرگە زور قۇلايلىق ئېلىپ كىلىدۇ. باشقا بۇلۇت مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىشنىڭمۇ زۈرۈرىيىتى يوق. ismail يوللىغان ۋاقتى 2014-10-22 19:35 static/image/common/back.gif
emule ياخشىمۇ، بۇمۇ؟
گەرچە emule بىلەن بۇنىڭ ھۆججەت ئۇزۇتۇش ئۇسۇلىدا ئوخشاشلىق بولسىمۇ ئىككىسىنىڭ تۈزۈشتىكى مەقسىتى ئوخشىمايدۇ. emule ھۆججەت ھەمبەھىرلەشنى، يەنى بىر ھۆججەتنى كۆپ ئادەمگە تارقىتىشنى مەقسەت قىلغان. ئۇنىڭدا بىر ھۆججەتنى ھەمبەھىرلەپ ئۇلىنىشىنى تەمىنلىگەندىن كىيىن يەنە داۋاملىق ھۆججەت قوشقىلى، مەزمۇننى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. sync بولسا ئوخشىمىغان ئۈسكۈنىدە ھۆججەت ئۇزۇتۇش، ماسقەدەملەشنى مەقسەت قىلغان. يەنى بىز ئىككى كومپيۇتېردىكى ئىككى مۇندەرىجىنى ماسقەدەملەپ قويساق بىر مۇندەرىجىگە تاشلاپ قويغان ھۆججەت يەنە بىر مۇندەرىجىدە ئاپتۇماتىك پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. باشقا مەشغۇلات قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.
ئەلۋەتتە sync نىمۇ emule غا ئوخشاش ھۆججەت ھەمبەھىرلەش مەقسىتىدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. يەنى ھەمبەھىر ئادىرىسنى تەمىنلىسەك نۇرغۇن ئادەم چۈشۈرسىمۇ بولىدۇ. ھەم شۇنداقمۇ ئىشلىتىۋاتىدۇ. sync دا كىچىككىنە بىر ھۆججەتنى بەھرلىسىڭىز چۈشۈرۈپ باقساق. چوڭراق بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ.
https://link.getsync.com/#f=CSharp%20Interduction&sz=12E8&s=LJF4WYKTHMFXAYEHYM7SRZHQ2JKDAP5R&i=CJOX3ZF7QJQOKQZEKLMFUYSHM3QKF7K7W&p=CDDCQQ477DUSWB2Y6F7HMAZLXDGV6JKL&e=1414577107 ھەقىقەتەن ياخشى نەرسىكەن
بەت:
[1]