ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 22:41:35

دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تىن ھازىرقى زامان تىل ئىستىمالىمىزغا نەزەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ezimet7102 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-21 22:55  

دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تىن ھازىرقى زامان تىل ئىستىمالىمىزغا نەزەر

ئالىمجان يۈسۈپ


جاھان ئىلىم ئەھلىگە تونۇشلۇق بولغان بۈيۈك تىلشۇناس ئالىم ماھمۇد كاشغەرى ئۆزىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»ناملىق ئالەمشۇمۇل ئۇلۇغ ئەسىرىدە بىزگە ئۇزاق تارىخقا ئىگە، باي قەدىمكى تۈركىي تىللارنىڭ مول، بىباھا جەۋھەرلىرىنى قالدۇرۇش بىلەن بىرگە قاراخانىلار سۇلالىسىنى مەرگەز قىلغان تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسى، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىلىم- پەن، ئەدەبىيات- سەنئەت، تىبابەتچىلىك، تارىخ، جۇغراپىيە، پەلسەپە، ئەخلاق ئەھكاملىرى ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرىنى ئاجايىپ پاساھەتلىك، باي تىل ۋاستىسى ئارقىلىق يارقىن ھەم روشەن ئىپادىلەپ بەرگەن. «دىۋان»دا نۇرلۇق يۇلدۇزدەك چاقناپ تۇرىدىغان، ئالاھىدە  كۆڭۈل بۆلۈشكە، تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر يوشۇرۇنۇپ ياتقان تېما بار. ئۇ بولسىمۇ، «دىۋان»دا خاتىرىگە ئېلىنغان ئەدەبىي مىراسلاردۇر. بۇ ئەدەبىي مىراسلار «ئوغۇزنامە» ۋە «كۆلتىكىن ئابىدىسى» قاتارلىق مەڭگۈ تاش (ئابىدە) لەرنى ھېسابقائالمىغاندا ھازىرغا قەدەر تېپىلغان ئەدەبىي مىراسلىرىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى، ئەڭ مول، ئەڭ رەڭدار نەمۇنىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»كە تەخمىنەن 7500 دىن كۆپ سۆزلەم (سۆز ۋە ئىبارە) كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ سۆزلۈكلەر ئىنتايىن كەڭ مەنالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاپتۇر ھەر بىر سۆزنى ھەربلەرنىڭ ئاز كۆپلۈكىنى ئاساس قىلىپ، ئەرەبچە «ھېجا» ئۇسۇلىدىكى ئېلىببە تەرتىبى بويىچە تىزىپ، سۆزلەرنىڭ ئىستىمال مەنسىنى تولۇق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىخچام جۈملىلەرنى تۈزگەن. گاھىدا  بىر سۆزلەمگە تەئەللۇق ھېكمەتلىك سۆز، قاپىيەلىك نەسىر، تەمسىل، قوشاق- بېيىت ،شېئىرغا ئوخشاش ئىپادىلەش ۋاستىسىدىن پايدىلانغان.  ماھمۇد كاشغەرى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تە خەلق تىلى، قەدىمكى تىل ۋە باشقا تىل ئامىللىرىنى بىر مەنا سۈپىتىدە يۇغۇرۇپ بەرگەن.
«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نىڭ لىكسىكىلىق ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا مەيلى قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بولسۇن ياكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بولسۇن ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدە ئاساسەن ئۆزگۈرۈش بولمىغان. يەنى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»كە كىرگۈزۈلگەن سۆزلەرنىڭ كۆپچىلىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا كۆپ ئۆزگەرمىگەن ھالدا قوللىنىلماقتا. لىكىن، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى يەنى قارىخانىلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بىر قىسىم سۆزلەر ھازىرقى زامانغا كەلگەندە ئىستىمالدىن چۈشۈپ قالغان.
تىل بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە. ئۇمۇ جەمئىيەت تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققى قىلىدۇ. ئاساسىي  لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزدىن باشقا ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ تىل ئىستىمالىدىن چۈشۈپ قېلىشى نورمال ھادىسە. ھەر قانداق بىر تىل بۇنىڭدىن خالىي بولالمايدۇ، ئەلۋەتتە.
مەن تۈركىي تىللار تەتقىقاتىدىكى بىر ھەۋەسكار بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىستىمالدىن قالغان، ئەشۇ بىر قىسىم سۆزلۈكلەرنىڭ ھازىرقى زامان تىل ئىستىمالىمىزدا ئىشلىتىش قىممىتىنىڭ بارلىقىنى، بولۇپمۇ تۈرلۈك خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدە بۇخىل سۆزلەرنى قايتىدىن ئانا تىل قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ھاياتى كۈچىنى قايتىدىن نامايە ن قىلىشنىڭ زۆرۈرلىگىنى ھېس قىلدىم.
مەن «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نى قايتا- قايتابىر نەچچە رەت ئوقۇپ چىقپ ۋە ئانالىز قىلىپ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تىل ئىستىمالىمىزدىن چۈشۈپ قالغان، لىكىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى لوغەت تەركىبىگە قايتۇرۇپ كېلىپ ئىشلىتىش زۆرۈر بولغان ۋە ئىشلىتىش ئېھتىياجى تۇغۇلىۋاتقان بىر قېسىم سۆزلەرنى تىركەپ چىقتىم. ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىت ۋە تەكلىپ بېرىشىنى سورايمەن.
ساقالدۇرۇق : ئىڭەكباغ، بۇ يىپەكتىن توقۇلغان بولۇپ، قالپاقنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىڭەكتىن قوشۇپ باغلاپ قويۇلىدىغان يىپ تاسماق بولسا «ساقالدۇرۇق» دەپ ئاتالغان.( «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» 1- توم، 686- بەت )
قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بۇ سۆز يۇقىرىقى مەنىدە قوللىنىلغان بولسىمۇ، كىىينكى دەۋرلەرگە كەلگەندە بۇ سۆنىڭ مەنا دائىرىسى كېڭىيىپ، «يۈگەننىڭ ئۇلاغ بېشىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىڭەكنىڭ ئاستىغا بىكىتىدىغان تاسما » دېگەن مەنانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بۇ سۆزنىڭ ئالدىنقى مەنىسى ئىستىمالدىن چۈشۈپ قېلىپ، پەقەت كىىينكى مەنىسى ساقلىنىپ قالغان.  
زامان تەرەققى قىلىپ بۈگۈنكى دەۋرگە كەلگەندە، كىشىلەر ئات مىنمەستىن موتوسىكىلىت مىنىدىغان بولدى. ئوخشاشلا موتوسىكىلىت مىنگەندىمۇ«قالپاق» كىيىش ئېھتىياجى تۇغۇلدى. لىكىن، شامالدا «قالپاق»نىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئېڭەكنىڭ ئاستىدىن باغلىۋالىدىغان ھېلىقى يىپ تاسماققا ھازىرغا قەدەر مۇۋاپىق خاس ئىسىم قويۇلمىدى. پەقەت «قالپاقنىڭ تاسمىقى » دەپ گەپنى تۈگەتتۇق، خالاس. ئىلگىرى ئاتنى كۆپىنچە ئەرلەر مىنىدىغان بولغاچقا، بۇ ئىسىم ئەلەرنىلا ئاساس قىلىپ قويۇلغان.ھەزىر موتۇسىكىلىت مىنىدىغان ئاياللار خېلى كۆپىيىپ قالدى. بۇنىڭلىق بىلەن «ساقالدۇرۇق»نىڭ جىنسى پەرقىنى ئايرىپ، «ئاياللارنىڭ قالپاق تاسمىقى»ئۈچۈن ئايرىم ئىسىم بىكىتىشنىڭ ھاجىتى قالمىدىمىكىن دەپ قارايمەن. شۇڭا «ساقالدۇرۇق » سۆزىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىسىم كاتىگورىيىسىگە قايتۇرۇپ كېلىپ ئىستىمال قىلىش زۆرۇرىيىتى بار دەپ تەۋسىيە قىلىمەن.
قۇلاق تون : قىسقا يەڭلىك تون.( «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»1- توم، 489بەت)
تون، پەرىجە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىملىرى ئىچىدىكى ئاساسلىق سىرتقى كىيىمى بولۇپ، ئۇ، ئۇزۇن يەڭلىك، قىسقا يەڭلىك ئىككى خىل بولىدۇ. ئۇزۇن يەڭلىك تون، پەرىجە خەلق ئارسىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، قىسقا يەڭلىك تون، پەرىجە تۈرلۇك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خەلق ئارىسىدىن يوقۇلۇپ، پەقەت سەھنىلەردىلا  سەھنە كىيىمى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالدى. مەيلى ئۇزۇن يەڭلىك ياكى قىسقا يەڭلىك تون، پەرىجە بولسۇن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تون، پەرىجە دېيىلىۋاتىدۇ.
«دىۋان»دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا قىسقا يەڭلىك تونغا ئايرىم ئىسىم قويۇلغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. شۇڭا «قۇلاق تون» دېگەن ئسىمنىمۇ دەرھال ئۆز ئورنىغا ئەكىلىپ قوللانساق، قىسقا يەڭلىك توننىڭ ئىسمى يوق بولۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇرغىلى بولىدۇ دەپ قاريمەن.
ئارتىغ: ئايالچە جىلىتكە. ( «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» 1- توم، 133- بەت)
جىلىتكە ئۇيغۇرلارنىڭ يەڭسىز، ياقىسىز ئەنئەنىۋىي مىللىي كىيىمى بولۇپ، ئەستىرى بىلەن تېشىنىڭ ئارىسىغا پاختا ياكى يۇڭ ئېلىنغانلىرى ياكى تېرىدىن تىكىلىپ تاشلانغانلىرى پىنجەك دېيىلىدۇ. جىلىتكىنى ئەر- ئاياللار تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كىىيدۇ. ئەر- ئاياللار كىىيدىغان جىلىتكىنىڭ پوسۇنى، رەڭگى، تىكىلىدىغان رەختىدە روشەن پەرق بولىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئەر- ئاياللارنىڭ جىلىتكىسى پەرقلەندۈرۈلمەي ئوخشاشلا جىلىتكە دېگەن ئورتاق نام بىلەن ئاتىلىۋاتىدۇ. قەدىمكى دەۋردە ئەجداتلىرىمىز ئەر- ئاياللارنىڭ جىلىتكىسىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ جىلىتكىسىنى «ئارتىغ» دەپ ئاتىغان.
مەن «ئارتىغ » دېگەن سۆزنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى لىكسىكىسىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئايالچە جىلىتكە دېگەن ئىسىمنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
سارماچۇق : قۇچقاچ تىلى ئاش، سۈيۈقئاشنىڭ بىر تۈرى.بۇنىڭ خېمىرى نۇقۇت چوڭلىقىدا كېسىلىدۇ. بۇ ئاش  كېسەل ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرگە بېرىلىدۇ. («دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» 1- توم، 683- بەت )
يىمەك- ئىچمەك مەدەنىىيتى تىلغا ئېلىنسا ئۇيغۇرلارنىڭ تائام مەدەنىىيىتىنىڭ يۇقۇرىلىقىغا ھەممەيلەن قايىل بولماي تۇرالمايدۇ. لىكىن، قاچانلاردىن بېرى تىلىمىزغا كىرىپ ئۆزلىشىپ قالدىكىن ناھايىتى تەملىك،ئىچىشلىك، سىڭىشلىك شىپالىق بولغان «دىۋان»دا «سارماچۇق» دەپ قەيت قىلىنغان بىر خىل تامىقىمىز «مەنچۇزە» دەپ ئاتىلىپ قاپتۇ. بۇ سۆز ئېھتىمال خەنزۇچە面球子 ياكى面揪子 دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئۆزلىشىپ قالغان بولسا كېرەك.
بىر تىلدا باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ بولۇشى نورمال ئىش. لىكىن، باشقا تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلىشنىڭ قائىدىسى بار، ئەلۋەتتە.
خەلقىمىز «سارماچۇق» دەپ يېقىملىق ئىسىم قويۇپ، مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىستىمال قىلىپ كېلىۋاتقان تاماقنىڭ ئىسمى نېمە ئۈچۈن مەنچۈزىگە ئۆزگۈرۈپ قالىدۇ ؟
كەمرۈك : كەمرۈك سۆڭەك- گۆشى شىلىۋىلىنغان سۆڭەك. («دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك » 1- توم، 626- بەت)
ھازىر تىل ئىستىمالىمىزدا گۆشى شىلىۋىلىنغان سۆڭەكىنى خەنزۇچە骨头 (گۇتۇ) دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە «كۇتۇ» دەپ ئاتايدىغان ئادەت شەكىللىنىپ قالدى. بىز يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك تىل ھادىسىسى بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە. بىر تىلغا باشقا بىر مىللەت تىلىدىكى سۆز ئاتالغۇلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى، شۇنىڭدەك شۇ مىللەتنىڭ تىلىدىكى بىر قىسىم سۆز ئاتالغۇلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى نورمال ھادىسە. لېكىن، ئۆز تىلىدا ئەينى بىر ئۇقۇمنى ئىپادىلەشتە ئانا تىل بايلىقىنى قازماي، ئۇنىڭدىن پايدىلانماي باشقا تىللاردىن زورلاپ سۆز قوبۇل قىلىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى ؟  شۇڭا گۆشى شىلىۋىلىنغان سۆڭەكنى «كۇتۇ» دېمەي، كەمرۈك سۆڭەك دەپ ئاتاشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئىرىڭەي: ئالتە بارماقلىق ئادەم. («دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرۈك» 1- توم، 183- بەت)
دىۋاندا يۇقىرىدا بىز دەپ ئۆتكەندەك سىياسى، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىلىم- پەن، سەنئەت، تىبابەتچىلىك، تارىخ، جۇغراپىيە، پەلسەپە قاتارلىقلار ھەققىدە مەلۇمات بىرىلگەندىن سىرىت تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلار، ھەر خىل فىزىئولوگىيىلىك ھادىسىلەرنىڭ ئىسمىمۇ ئايرىم خاتىرلەنگەن. مەن ھازىرغىچە ئالتە بارماقلىق ئادەمنىڭ ئايرىم ئىسمى بارلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. ئەقىللىق ئەجداتلىىرمىز بۇ خىل فىزىئولوگىىيىلىك ھادىسىگىمۇ ئايرىم ئىسىم قويۇپتىكەن. مەن بۇ تېما ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانىدا باشقا مىللەت كىشىلىرى بىلەن سۆزلىشىش ۋە باشقا مىللەتلەر تىلىدىكى لۇغەتلەرنى ئاقتۇرۇپمۇ، ئالتە بارماقلىق ئادەمنىڭ ئايرىم خاس نام بىلەن ئاتالمايدىغانلىقىنى بىلدىم. شۇڭا تىلىمىزدىكى بۇ خىل ئارتۇقچىلىقنى قايتا جارى قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىمەن.
بۆشۈكلۈك- بۆشۈكلۈك ئايال، بالا ئىمىتىۋاتقان ئايال («دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرۈك» 1- توم،  660- بەت)  
ئۇيغۇر تىلى لىكسىكىسىنىڭ ئىۋفىمىزم (سۆزلەرنى يېقىملىق، سىيلىق ئېيتىش) ۋە ھۆرمەت، ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئېيىتقاندا تۇغۇتلۇق ئاياللارنى بالا ئېمىتىۋاتقان ئايال دەپ ئاتاش ياكى چاقىرىش بىرئاز قوپال ئاڭلىنىدۇ ۋە ئەپسىز تۇيۇلىدۇ. ئەدەب- ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئاتا- بوۋىلىرىمىز نەچچە يۈز يىل بۇرۇن بۇ نۇقتىنى چۈشۈنۈپ يېتىپ، ئۇنى سىيلىق، يېقىملىق قىلىپ «بۆشۈكلۇك ئاتال » دەپ ئاتىغان. مېنىڭچە، ئاخلاق يۈكسەك دەرجىدە تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئاتالغۇنى قايتا قوللىنىش زۆرۈر دەپ قارايمەن.
غوراپ : غورا ئۈزۈم. («دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرۈك» 1- توم، 241- بەت)
مىۋە- چىۋە ماكانى دەپ ئاتالغان شىنجاڭدا پىشمىغان مىۋىلەرنىڭ «غۇرا» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. لىكىن، پىشمىغان ئۈزۈمنىڭ «غوراپ» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمىسە كېرەك. ئايرىم شىۋىلەردە پىشمىغان ئۈزۈم «غۇراپ» دەپ ئاتالسىمۇ، ئومۇمىي خەلق لىكسىكىسىدا توڭ ئۈزۈم دەپ ئاتاپ كەلدۇق. مېنىڭچە، «غوراپ» دېگەن بۇ قەدىمىي ئاتالغۇنى شىۋە سۆزلەر قاتارىدىن ئومۇمىي خەلق لىكسىكىسىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، خەلق ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە تۇرپاننى مەرگەز قىلىپ، ئۈزۈم ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە پىشمىغان ئۈزۈمنىڭ نامىنى ھەر خىل ئاتايدىغان ئەھۋاللارغا خاتىمە بەرسەك.
ئۆرگۈچلەندى: قىزنىڭ چېچى ئۆرۈمىگە كىردى. («دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرۈك» 1- توم، 411- بەت)
ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۇزۇن چاچ قويۇپ،چېچىنى قىرق تال ئۆرۈپ لەرزان مېڭىشلىرى ھەممىمىزنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدۇ. بۇ يەردىكى چاچنى ئۆرۈش مەسىلىسى بىزگە تونۇشلۇق بولغان بىر خىل ئادەت مەسىىلىسى. چاچ ئۆسۈپ مەلۇم دەرجىگەيەتكەندە ئاندىن ئۇنى ئۆرىگىلى بولىدۇ. دەل ئۆرۈگىلى بولۇدىغان ۋاقت چاچنىڭ ئۆرۈمىگە كىرگەن ۋاقتىدۇر. قەدىمكى ئاتا- بوۋىلىرىمىز تىل تەرەققىياتى ۋە تىل ئىستىمالىغا شۇنچىلىك كۆڭۈل بۆلگەنكى، چاچنىڭ ئۆرۈمىگە كىرگەن ۋاقتىغىمۇ ئايرىم ئىسىم قويغان. تىل ئالاقىسىدا كۆپ خىل ۋە مۇرەككەپ مەنالارنى ئىپادىلەش بىر تىل ئۈچۈن تەرەققىياتتىن دېرەك بېرىدۇ. «قىزنىڭ چېچى ئۆرۈمىگە كىردى» دەپ گەپنى ئۇزارتقاندىن كۆرە، «قىز ئۆرگۈچلەندى» دېيىش ھەم ئىخچام، ھەم مەنىلىك تۇيۇلىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇزۇن ئېيتىلسىمۇ، بىر نەچچە زاماندىن بۇيان ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان سۆزلۈكلەرنى ئۆزگەرتىش ئانچە ئاسان ئەمەس. ئۆزگەرتمىگەن تەقدىردىمۇ، مەنىداش سۆز قاتارىدا قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
قېرىنداش، قاداش: بىر ئانىدىن تۇغۇلغان ئىككى بالا قېرىنداش دېيىلىدۇ. چۇنكى «قېرىن» سۆزىگە «داش» قوشۇلۇش بىلەن «بىر قېرىندا ياتقان » دېگەن مەنا ئاڭلىندۇ. يېقىن بىر تۇققان «قاداش» دىيىلىدۇ. («دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرۈك» 1- توم، 529- بەت)
تۇققان- ئۆزلىرى ياكى ئاتا بوۋىلىرى بىر ئاتا- ئانىدىن تۇغۇلغان كىشىلەر بولۇپ، تۇققانچىلىق قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلىپ شەكىللىنىدۇ. بۇ بۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق ئىجتىمائىي ھادىسە. قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتىدىكى نازۇك پەرقلەرمۇ پەرقلەندۈرۈپ ئىپادىلەنگەن.
ھازىرقى زامان تىل ئىستىمالىمىزغا قارايدىغان بولساق، بىر ئانىدىن بولغان تۇققانلارمۇ، يېقىن تۇققانلارمۇ، يىراق تۇققانلارمۇ پەرقلەندۈرۈلمەي ئوخشاشلا تۇققان دېيىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، «دىۋان» نىڭ ئىزىدىن مېڭىپ،بىر ئانىدىن تۇغۇلغان تۇققانلارنى قېرىنداش، يېقىن تۇققانلارنى قاداش دەپ ئاتاشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
تۈڭۈر: خوتۇن تەرەپتىن بولغان تۇققان. ئۇلار خوتۇننىڭ قىرىنداشلىرى، ئاتا- ئانىلىرى ئوخشاش كىشىلەردۇر. («دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرۈك» 3- توم، 496- بەت)
ئەرلەر نىكاھلانغاندىن كىيىن خوتۇنىنىڭ جەمەتى بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلمىغان تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى شەكىللىنىدۇ. قەدىمكى دەۋردە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان ۋە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى پەرىقلەندۈرۈلگەن. يەنى، خوتۇن تەرەپتىن بولغان تۇققان تۈڭۈر دەپ ئاتالغان.
ھازىرقى زامان تىل ئىستىمالىمىزدا خوتۇن تەرەپتىن بولغان تۇققانلارنى ئومۇمۇلاشتۇرۇپ ئاتاشقا توغرا كەلگەندە «خوتۇنۇمنىڭ تۇققانلىرى» ياكى «خوتۇنۇمنىڭ ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللىرى» دەۋاتىمىز. بۇنداق ئاتىغاندا ئاتالغۇ ئۇزىراپ كېتىدۇ. ھەمدە ئەر بىلەن ئەشۇ بىر توپ كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى قانداشسىز تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى ئىپادىلەنمەي قالىدۇ ۋە بىر ئاز قوپال ئاڭلىنىدۇ. ئۇقۇمنى تولۇق ئىپادىلەش، يىقىنچىلىقنى بىلدۈرۈش ۋە يىقىملىق ئاڭلىنىش ئۈچۈن، خوتۇننىڭ تۇققىنىنى تۈڭۈر، تۇققانلىرىنى تۈڭۈرلىرى دەپ ئاتاشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تۈڭۈر (خوتۇنىنىڭ قېرىنداشلىرى ) بىلەن ئەرنىڭ قېرىنداشلىرى يېشى، جىنسىغا قاراپ ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ پەرىقلەندۈرۈلگەن.
«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرۈك» 3- توم، 7- بەتتە بۇ خىل مۇناسىۋەت تۆۋەندىكىچە ئىپادىلەنگەن:
«يۇرچ: خوتۇننىڭ ئىنىسى يەنى، ئەرنىڭ قىينى ئىنىسى. ئەرنىڭ ئىنىسى بىلەن خوتۇننىڭ ئىنىسى پەرىقلەندۈرىلىدۇ، خوتۇنغا نىسبەتەن، ئەرنىڭ ئۆزىنىڭ كىچىك ئۇكىسى ‹ئىنى› بولىدۇ. يېشى ئۆزىدىن چوڭ بولسا ‹ئىچى› دىيىلىدۇ. ئەرنىڭ ئۆزىدىن كىچىك قىز قىرىندىشى ‹سىڭىل›دېيىلىدۇ. ئۆزىدىن چوڭ قىز قىرىندىشى ‹ئەگە› دېيىلىدۇ. ئەرگە نىسبەتەن خوتۇننىڭ ئۆزىدىن كىچىك قىز قىرىندىشى ‹بالدىز› بولىدۇ. ئۆزىدىن چوڭ قىز قېرىندىشى ‹ئەگە› دېيىلىدۇ.» دېمەك، ماھمۇد كاشىغەرىنىڭ يۇقىرقى ئىزاھاتىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، تۇققانلار ئارىسىدىكى ياش ۋە جىنسى جەھەتتىىكى نازۇك پەرقلەرمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنمىغان. تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ سۆزلەرنىمۇ قايتىدىن قوللانساق قانداق؟
كىردەش: بىر ھويلىدا بىللە ياشايدىغان خوشنا.  («دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرۈك» 1- توم،    602-  بەت)
ئۆي جايى يىقىن بولغان كىشىلەر خوشنا دىيىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆي جايى تۇتاش خوشنا - تام خوشتا، ئۆي جايى بىۋاستە تۇتاشمايدىغان خوشنا- ئارىتام خوشنا دىيىلىدۇ. رېئال تۇرمۇشىمىزدا بىر ھويلىدا بىر نەچچە ئائىلە بىللە ياشايدىغان ئەھۋاللار ئۇچرايدۇ. لېكىن، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بىر ھويلدا بىللە ياشايدىغان خوشنىلارنى ئاتايدىغان ئايرىم ئىسىم يوق. قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بۇ خىل خوشنىلار «كىردەش» دەپ ئاتالغان. ئىھتىمال، بىر ھويلىدا ياشايدىغان خوشىنىلار بىر دەرۋازىدىن كىرگەنلىكى ئۈچۈن كىردەش دەپ ئاتالغان بولسا كېرەك. شۇڭا بىر ھويلىدا بىللە ئولتۇرىدىغان خوشنىلارنى باشقا خوشنىلاردىن پەرىقلەندۈرۈپ كىردەش دەپ ئاتاشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئورخۇن دالىسى،  يېنسەي ۋادىسى ۋە ئالتاي تاغ تىزمىلىرىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر خانلىقى، قەشقەر رايونىنى مەركەز قىلغان قارخانىلار خانلىقى، يەركەننى مەركەز قىلغان سەئىيدىيە خانلىقى شۇنداقلا چىڭ سۇلالىسى 1884- يىلى شىنجاڭنى ئۆلكە قىلىپ تەسىس قىلغانغا قەدەر بولغان ئارلىقتىكى بىر قاتار تارىخى جەريانلاردا ئۇيغۇرلار ئات مەدەنىيىتى، بوستانلىق مەدەنىيىتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قانچە خىل مەدەنىيەت تارىخىنى باشتىن  كەچۈرگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىختىسادى تۇرمۇشىدا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىرلا ۋاقىتتا تەڭ تەرەققىي قىلغان ۋە بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن، تەقەززا قىلغان. ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن چارۋىغا ھىرىسمەن مىللەت بولغاچقا بۇ جەھەتتىن نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلاپ ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان. «دىۋان»دا چارۋىچىلىققا ئائىت نۇرغۇن سۆزلەر كىرگۈزىلگەن. ماھمۇد كاشغەرىنىڭ  لۇغەتتە چارۋىچىلىققا ئائىت سۆزلەرگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىشى ئەينى دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋىچىلىق ئېگىلىگىنىڭ ئالاھىدە تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىگىنى ۋە ئىقتىسادىدا ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
سوقار ؛ مۈڭگۈزسىز ھايۋان، ئايپاڭباش ئادەم. شۇنىڭدىن ئېلىپ مۈڭگۈزى يۇق قوي سوقار قوي دەپ ئاتىلىدۇ. («دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرۈك» 1- توم، 536- بەت)
ئەينى دەۋردە ئۇيغۇرلار ھايۋاناتلارنى ئۇزۇقلىنىش ئادىتىگە قاراپ گۆشخور ھايۋان، ئوتخور ھايۋان، كۆشەيدىغان ھايۋان، كۆشىمەيدىغان ھايۋان، پۇت پەنجنىڭ ئالاھىدىلىگىگە قاراپ توم تۇياق ھايۋان، ئاچا تۇياق ھايۋان، تىرناقلىق ھايۋان، مۈڭگۈزىگە قاراپ مۈڭگۈزلۈك ھايۋان، مۈڭگۈزسىز ھايۋان دەپ تۈرلەرگە بۆلگەن.ھەمدە ھەربېر تۈرگە ئايرىم ئىسىم قويغان.ئومۇمەن ئوتخور(مۈشۈكئېيىق، توشقان بۇنىڭ سىرتىدا)، ئاچا تۇياق  ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزى بولىدۇ. تىرناقلىق ھايۋانلارنىڭ، توم تۇياق ھايۋانلارنىڭ، گۆشخور ھايۋانلارنىڭ ، يەر بېغېرلىغۇچى ھايۋانلارنىڭ ۋە ئاچا تۇياق بولسىمۇ، ئارلاش ئوزۇقلىنىدىغان چوشقىنىڭ مۈڭگۈزى بولمايدۇ. مۇڭگۈزلۇك ھايۋانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ مۈڭگۈزى بىلىنەر بىلىنمەس دەرجىدە قىسقا بولىدۇ. بۇ خىل ھايۋانلارمۇ خەلق ئارىسىدا مۈڭگۈزسىز ھايۋان دەپ قارىلىدۇ. قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلىدا مۈڭگۈزى يوق ھايۋانلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «سوقار»دەپ ئاتىغان. مۈڭگۈزلىك ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىكى مۇڭگۈزى ناھايىتى قىسقىلىرىمۇ «سوقار» سۆزى بىلەن سۈپەتلىنىپ ئاتالغان. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا مۇڭگۈزسىز ھايۋانلارنى پەرقلەندۈرۈپ ئاتايدىغان سۆز بولمىغانلىقى ئۈچۈن، «سوقار» دېگەن سۆزنى تىل ئىستىمالىمىزغا قايتۇرۇپ كېلىپ ئىشلەتسەك، مەسىلەن، سوقار قوي، سوقار كالا، سوقار ئۆچكە دېگەندەك، بۇ بوشلۇقنى تولدۇرالايمىز. بۇنىڭدىن باشقا «سوقار» سوزىنىڭ «ئايپاڭباش ئادەم» دېگەن يەنە بىر  مەنىسىنىمۇ تىل ئىستىمالىمىزغا قايتۇرۇپ كېلىپ،«ئايپاڭباش ئادەم»، «تاقىرباش ئادەم » دېگەن ئۇزۇن ئىسىمنىڭ ئورنىدا قوللانساق ياكى مەنىداش سۆزى قاتارىدا قوللانساق دەپ قارايمەن
قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ھايۋانلارنىڭ جىنسى پەرقى، ياش باسقۇچىغا قاراپ ئۇلارغا ئايرىم-ئايرىم ئىسىم قويۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ چوڭ- كىچىكلىگىنى، جىنسىنى پەرقلەندۈرگەن. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ھايۋانلارنىڭ تۈرى، چوڭ- كىچىكلىكى، جىنسى پەرقىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. لىكىن، ياش پەرقىىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر يىتەرلىك ئەمەس. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «دىۋان»غا كىرگۈزۈلگەن تۆۋەندىكى سۆزلەرگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى.
توقلى: ئالتە ئايلىق قوزا. ( «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» 1- توم،561- بەت)
تىشەك : ئىككى چىشلىق قوي. ( «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» 1- توم، 503- بەت)
مان ؛ تۆت ياشتىن ئاشقان قوي. بۇ سۆز قويدىن باشقىغا ئىشلىتىلمەيدۇ. ( «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» 3- توم، 216- بەت) .
چىۋىش: ئالتە ئايلىق چىشى ئوغلاق. ( «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» 1- توم، 503- بەت)
تادۇن: تايىنچا. بىر ياشلىق موزاي. ( «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» 3- توم، 235- بەت)
تازۇن: تايىنچا. ئىككى ياشلىق كالا. بۇنىڭ چىشىسى چىشى تازۇن دېيىلىدۇ. ( «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» 1- توم، 520- بەت)
ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر قايسى ياش باسقۇچلىرىغا خاس ئىسىم قويۇپ توغرا ئاتىيالمايۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە يۇقۇرىقى تىل ھادىسىسىنى قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى تەرەققىياتىدىكى بىر مۆجىزە دېيىشكە ھەقلىقىمىز. چۇنكى ، باشقا مىللەت تىللىرىدا ھايۋانلارنىڭ ياش پەرقىدىكى ئىنچىكە تەرەپلەرنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر بۇنداق تەرەققى قىلمىغان. شۇڭا يۇقۇرىقى قىممەتلىك تىل بايلىقىمىزنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى لوغەت تەركىبىگە قايتۇرۇپ كېلىپ، لوغەت فوندىمىزنى بېيىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
قەدىمكى دەۋردە ئەڭ پاساھەتلىك تىل ھېساپلانغان ئەرب تىلىغا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئانا تىلى- تۈرك تىلىنىڭ ئەرەب تىلىدىن قېلىشمايدىغان مول ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى نامايەن قىلغان ماھمۇد بوۋىمىز ئەبەدىي يادىكارلىق ۋە پۈتمەس- تۈگىمەس بىر بايلىق بولۇپ قالسۇۇن دەپ، ئۇلۇغ تەڭرىگە سېغىنىپ بۇ كىتابنى يەنى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»  نى تۈزۈپ چىققان.
ئۇيغۇر تىلى ئىپادىلەش كۈچى ئىنتايىن يۈقىرى بولغان تىل. ئۇيغۇر تىلىنىڭ  خاس ئىسىملارنى ياساش ۋە ئىشلىتىشتىكى ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ھايۋانلارنىڭ بالىلىرىنى ئاتاشتا  ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بۇجەھەتتە ئۇيغۇر تىلى ھەقىقەتەن باشقا تىللاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ ۋە ئۆزگىچىلىككە ئىگە. مەسىلەن: تۆگىنىڭ بالىسى بوتىلاق، ئاتنىڭ بالىسى تاي ياكى تايچاق، قوينىڭ بالىسى قوزا ياكى پاقلان، ئىتنىڭ بالىسى كۈچۈك، مۈشۇكنىڭ بالىسى ئاسلان،توخۇنىڭ بالىسى چۆجە دېگەندەك. لىكىن، بۇنداق خاس ئىسىملار بىلەن ئاتاش ئومۇمىيۈزلۈك ئەمەس. ھازىرغا قەدەر بۆرە، شىر، تۈلكە قاتارلىق ، شۇنداقلا ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بىر قىسىم ھايۋانلارنىڭ بالىلىرىنى ئاتاشتا قىيىنچىلىققا يولۇقىۋاتىمىز. قەدىمكى دەۋرلەردە  بۇ ھايۋانلارنىڭ بالىلىرىنىڭ خاس نامى بولغان بولسىمۇ، لىكىن، بىر قىسىم ھايۋانلارنىڭ سانى ئاز، ياكى تۈرلۇك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن سانى ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، تاغ، چۆل- جەزىرىلەردە ياشايدىغانلىرى ئىنسانلار بىلەن كۆپ ئۇچراشمايدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىل ناملارمۇ تەدرىجى يوقۇلۇپ كەتكەن بولىشى مۈمكىن. بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە «دىۋان»دىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى.
چوچۇق : چوشقا كۈچىكى. («دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك » 1- توم، 494- بەت)
چەكۈن : مولۇن ئاسلىنى. («دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك » 1- توم، 523- بەت)
يۇقۇرىقى ئىككى سۆزنى ھازىرقى زامان لۇغەت تەركىبىگە قايتۇرۇپ كېلىپ لۇغەت فوندىمىزنى بىيىتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
قۇلان: ياۋا ئېشەك. («دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرۈك» 1- توم،   541- بەت)
ھەممىمىزگە مەلۇم شىنجاڭ ياۋا ئېشىكى دۆلەت دەرىجىلىك 1- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان. دورىلۇق قىممىتى ۋە ئىكىلوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش جەھەتتەلەردە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن، ياۋا ئېشەكنىڭ سانىنىڭ ئازىىيپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ قۇلان دېگەن نامى ئاستا-ئاستا كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ، قانداقتۇر ياۋا ئېشەك دېگەن يېڭى نامى ئۇمۇملىشىپ قېلىۋاتىدۇ. گەرچە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىگە قۇلان دېگەن سۆز كىرگۈزىلگەن بولسىمۇ، رادىئو، تېلىۋىزىيە، مەدبۇئاتلاردا ياۋا ئېشەك دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ.  
ئاتا بوۋىمىز تەييارلاپ قويۇپ قويغان ئىسمنى ئىشلەتلمەي، يىقىمسىز ئاڭلىنىدىغان قوپال ئىسىملارنى نېمە ئۈچۈن زورمۇ زور ئىشلىتىمىز، گەرچە ئۇ ئېشەك بولمسىمۇ ئۇنىڭ يىقىملىق ئسىمى باركەنغۇ؟
دىمەك، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرۈك»تىن ھازىرقى زامان تىل ئىستىمالىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق مىڭ يىللار ئىلگىرىكى كەڭ تۈركىي تىللىق خەلقلەر جۈملىدىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بۇ تىلنىڭ لۇغەت تەركىبىدىكى بىر قىسىم سۆزلەر ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھازىرقى زامانغا كەلگەندە ئازدۇر- كۆپتۇر چۈشۈپ قالغان.
بىز قايمۇقۇپ، تەييار سۆز تۇرسا تاپالماي، خالىغانچە قاملاشمىغان سۆزلەرنى ياساپ، ئشىلتىپ كىلىۋاتىمىز. ئىستىمالدىن قالغان ئاشۇ بىر قىسىم سۆزلەر قايتىدىن تېرىلىپ، ئانا تىل قوينىغا قايتۇرۇپ  كېلىشىمىزنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىۋاتقاندۇ- ھە!.....

مەنبە:"قەشقەر" 2007-يىل 1- سان

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 09:27:10

ھەقىقەتەن ئىزدىنىش تورىغا ماس كەلگۈدەك، ئىلمىي ۋە قوللىنىشچان ماقالە بوپتۇ، ئىزدىنىش روھىڭىزغا ئاپىرىن!

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:00:40

    بۇ ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن . قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىنى سۆزلۈكلەردىن بىزگە قارىغاندا تۈركىيە تۈركلىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىدى . تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن مۇستاپا كامالنىڭ ئەرەپچە پارىسچە سۆزلەرنى ئىسلاھ قىلىپ تۈركچە سۆزلۈك ياساش بۇيريقىغا ئاساسەن تۈرك تىلى قۇرۇمى قەدىمقى سۆزلۈكلەردىن بولۇپمۇ ‹‹دىۋانى لۇغەتىت تۈرك››( تۈركىي تىللار دىۋانى )تىكى سۆزلۈك بايلىغىدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلانغان .
   ئادەتتە سۆزلۈك ياساشتا بىرلا سۆزدىن ياسالغان سۆزلەرنىڭ ئىستىمالى بىر نەچچە سۆزدىن ياسالغان بىرىككەن سۆزلەرگە قارىغاندا ياخشىراق بولىدۇ . ھازىر قاراپ باقساقمۇ بىرنىمنىڭ بىر نىمىسى دەپ ياسالغان سۆزلەرنىڭ ئورنىغا خەنچە قىسقا سۆزلەرنىڭ ئۆزلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز . يۇقارقى ماقالىدە كۆرسىتىلگەن دىۋاندىكى سۆزلەر قىسقا ھەم مەزمۇنلۇق بولۇش ئالاھىدىلىگىنى ساقلاپ قالغان  .

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:03:48

رەھمەت!

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 12:05:50

قۇرۇق رەھمەت دىگىچە مەندەك 20 تەڭگە بېرىپ ئەلا باھالاپ جەۋھەرلەيلى ئولاش چولاش :lol

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-25 22:59:26

ماۋۇ تىلنى ھەممىز چۈشۈنەلمەيمىز! بولسا ئۆرۈۋەتتكەن بولسا!!!

kumaltah يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 19:33:30

ezimet7102 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 22:59 static/image/common/back.gif
ماۋۇ تىلنى ھەممىز چۈشۈنەلمەيمىز! بولسا ئۆرۈۋەتتكەن بو ...

بۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك، قىممەتلىك تىما بولۇپتۇ .
ھەر ساھە-ھەر كەسىپتىكى كىشىلەرنىڭ ،بولۇپمۇ يازغۇچى،دىكتور،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈپ ئىشلىتىشىنى ،تىل-يېزىق كومىتىدىكىلەرنىڭ  لوغەتكە كىرگۈزىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 08:46:27

كەمرۈك دېگەن سۆزنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولۇپ كەتتىم ، چۈنكى شىپالىق رولى سەۋەبىدىن بەك كۆپ ئىشلىتەتتۇق كوتو دېگەن سۆزنى .
ئۈرۈكنىڭ پىشمىغىنىنى غورا  ، ئۈزۈمنىڭ پىشمىغىنىنى چىكىلمىگەن ئۈزۈم ، چىكىلمەپتۇ دەپ ئىپادىلەيمىز ھازىر .
بەت: [1]
: دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تىن ھازىرقى زامان تىل ئىستىمالىمىزغا نەزەر