شىنجاڭ تىيەنجىن كوماندىسىنى يىڭىپ ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلبە قىلدى
ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى 21-ئۆكتەبىر خەۋىرى؛ 21-ئۆكتەبىر، 2014- 2015-پەسىللىك CBA ( جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى) پەسىل ئالدىدىكى مۇسابىقىسى شىنېڭ مۇسابىقە رايۇنى مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى چىڭخەي تەنتەربىيە مەرگىزى ۋاسكىتبول سارىيىدا داۋاملىق ئىلىپ بىرىلدى. شىنجاڭ گۇاڭخۇي تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى بىلەن تىيەنجىن كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئىلىپ بىرىلغان مۇسابىقىدە، ئىككى كوماندا ئۆزلىرىنىڭ چەتئەللىك ياردەمچى ئەزالىرىنى مەيدانغا چىقىرىپ كەسكىن مۇسابىقىلەشتى. ئاخىرى شىنجاڭ گۇاڭخۇي تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى 99-94 نەتىجە بىلەن تىيەنجىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۇردى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن لىيۇۋىي دەم ئالدى؛ چەتئەللىك ياردەمچى ئەزا جوردان كىراۋفورد پۈتۈن مەيدان بۇيىچە ئەڭ يۇقۇرى بولغان 33 نۇمۇر ئالدى؛ ئاندىرى بىراچ 11 نۇمۇر ئالدى؛ جۇچى 20 نۇمۇر ئالدى. تىيەنجىن كوماندىسىدىن كۇشى دۇبى 30 نۇمۇر ئالدى؛ ۋىليامىس 11 نۇمۇر ئالدى.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php
شرئۈكەم كۆرۈنمەيدىغۇ ؟ بىر نەچچەيلەننى دىمىسەك بىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق بۇ كوماندىنىڭ
ئىسمىنى نىمە دەپ قويسىمۇ بەرىبىر شىنجاڭ كوماندىسدىكى 12-نۇمۇرلۇق توپىچى يامان ماھىر ئۇ
بەت:
[1]