karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 22:23:16

دۇنيادىكى ئەڭ باي 10 دۆلەت


باي دۆلەتلەرنىڭ تۈرى كۆپ. بەزىلىرىنىڭ دۆلىتى باي بولسا، يەنە بەزىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان بايلىقى كۆپ. تۆۋەندىكىسى 2014-يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغانGDP غا ئاساسەن تېزىپ چىقىلغان دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەر رەت تەرتىپى.

Top10  كانادا :

كانادانىڭ تەبىئىي بايلىقى مول ۋە پەن-تېخنىكىسى يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. بۇ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، يەرشارىدىكى ئەڭ باي، ئىقتىسادى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. كانادانىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە GDP سى 51990 دوللار.  

9 Top ئامېرىكا :

ئامېرىكا بىر كۆچمەنلەر دۆلىتى. مۇكەممەل ئىقتىسادى سىستېمىغا ئىگە، يۈكسەك تەرەققىي قىلغان دۆلەت. ئامېرىكا پۇقرالىرى مۇكەممەل ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە يۇقىرى تۇرمۇش سۈپىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە GDP سى 53101 دوللار.

8 Top سىنگاپور :

سىنگاپور ئاسىيادىكى ئىقتىسادى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتنىڭ بىرى، ئىقتىسادى ئەندىزىسى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىستېمىسى مۇكەممەل. سىنگاپور پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يۇقىرى بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە GDP سى 54776 دوللار.

Top7 شىۋېتسىيە :

شىۋېتسىيە دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان، پۇقرالىرى دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى ئىجتىمائىي پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. شىۋېتسىيە پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يۇقىرى بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە GDP سى 57909 دوللار.

Top6 دانىيە:

دانىيە شىمالىي ياۋروپادىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. دانىيەنىڭ فاروئې تاقىم ئاراللىرى (Faroe Islands) ۋە گىرېنلاند (Greenland) يېرىم ئارىلىدىن ئىبارەت ئىككى ئاپتونومىيەلىك رايونى بار. دانىيەنىڭ باي نامراتلىق پەرقى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، پۇقرالىرىنىڭ ساپاسى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسى ناھايىتى يۇقىرى . كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە GDP سى 59191 دوللار.

Top5 ئاۋسترالىيە:

ئاۋسترالىيە دۇنيادىكى ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان جايلارنىڭ بىرى. جەنۇبىي يېرىم شاردىكى ئىقتىسادى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت. ئاۋسترالىيەنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىستېمىسى ناھايىتى مۇكەممەل بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە GDP سى 64863 دوللار.

Top4 شىۋېتسارىيە:

دۇنيادىكى ئەڭ باي، ئىقتىسادى ئەڭ تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، دۇنيا باغچىسى دەيدىغان گۈزەل نامى بار. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە GDP سى 81324 دوللار.

Top3 قاتار:

نېفىتنىڭ بايقىلىشى قاتار ئىقتىسادىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىۋەتتى. نۆۋەتتە بۇ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقى ياخشى، داۋالىنىش ھەقسىز. قاتارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە GDP سى 100260 دوللار.

Top2 نورۋېگىيە:

نورۋېگىيە دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان سانائەت دۆلىتى. نېفىت سانائىتى دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ تۈۋرۈكى. نورۋېگىيە زامانىۋى پاراۋان دۆلەتلەرنىڭ باشلامچىسى. خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە GDP سى 100318 دوللار.

Top1 لىيۇكسېمبۇرگ :

لىيۇكسېمبۇرگ ئىلگىرى سانائەت دۆلىتى ئىدى. ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزىنىڭ بىرى. لىيۇكسېمبۇرگنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن، پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يۇقىرى. لىيۇكسېمبۇرگ شەھىرى دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر شەھەرنىڭ بىرى. لىيۇكسېمبۇرگنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە GDP سى 110424 دوللار بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى .
مەنبە : جۇڭگو رەت تەرتىپ تورى

xajarim يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 10:34:43

  دۆلتىمىزنى ئۇنتۇپ قالغىنى پەقەت بولماپتۇ....     مەن كۈندە سى سى تى ۋى  دا  ،    كۆرمەن....    دۆلتىمىزنىڭ  جى دى  پى  سى  ئىشىپ مانچىگە  يەتتى دىگىننى ..        ئىتراز.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:08:39

باي نامراتلىقتا gdp نى ئەمەس،بەلكى ئېنگىل كوئېففىنىستىنى ئۆلچەم قىلىدۇ

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:22:15

مەنمۇ « س س ت ۋ » دىلا ياشىسام دەيمەن .
نۇرۋىگىيە ، دانىيە  ، ئاۋىستىرالىيە دىگەنلەردە ياشىماي .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 12:47:28

بايلىقىغا كۆز تەگمىسۇن ...

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 14:30:25

دىمىسىمۇ جۇڭگودىكى 1مىليارت 300مىليۇن نۇپۇسنى ئۇنداق ئاسان باي قىلىپ بولغىلى بولمايدۇدە.....

شىنجاڭدىن چىققان ۋە چىقىۋاتقان قېزىلما بايلىقلاردا يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەققە يوق ئوخشايدۇ،بولمىسا بىزمۇ ئاللىبۇرۇن كاستىيوم-بۇرۇلكىلىق بۇلۇپ كىتەتتۇقتە
بەت: [1]
: دۇنيادىكى ئەڭ باي 10 دۆلەت