karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 22:15:02

دۇبەي ئىقتىسادى پەقەت نېفىتقىلا تايىنامدۇ؟


دۇبەينىڭ  ئاجايىپ ھەشەمەتلىك بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ نېفىتىنىمۇ ھەممە ئادەم بىلىدۇ.  ئەگەر سىز ھازىرمۇ دۇبەي ئىقتىسادى نېفىتقىلا  تايىنىدۇ دەپ قاراپ كەلگەن بولسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز.

ساياھەتچىلىك

2003-يىلىدىن باشلاپ، دۇبەينىڭ ساياھەتچىلىكتىن كىرگەن كىرىمى نېفىت كىرىمىدىن ئېشىپ GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى %10 تىن ئېشىپ كەتتى. ساياھەتچىلىك كەسپى دۇبەينىڭ %25 ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ،  دۇبەينىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى ۋە يېڭى خەلىپە مۇھەممەدنىڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالدى. دۇبەيگە كەلگەن ساياھەتچىلەر سانى  1996-يىلىدىكى 2 مىليون ئادەمدىن 2005-يىلى 6 مىليون ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، خەلىپىنىڭ ئېيتىشىچە، 2010-يىلى دۇبەيگە كەلگەن ساياھەتچىلەر سانى 15 مىليونغا يەتكەن.

ئۆي-زېمىن كەسپى

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، دۇبەي ھۆكۈمىتى ئۆي-زېمىن كەسپىنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرغان، بولۇپمۇ  2003-يىلىدىن باشلاپ دۇبەينىڭ ئۆي-زېمىن كەسپى مىسلىسىز تەرەققىي قىلغان. ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى تۈرلەردىن دۇبەي دېڭىز بويىغا جايلاشقان پالما ئارىلى، دۇنيا تاقىم ئاراللىرى، دۇبەي مۇنارى، سودا قولتۇقى ھەمدە دۇبەي باغچىسى قاتارلىق تۈرلەر بولۇپ، بۇ چوڭ تۈرلەرنى ئاساسلىقى چوڭ تىپتىكى ئۆي-زېمىن خوجىلىق شىركەتلىرىدىن ئىمار ئۆي-زېمىن شىركىتى (Imaar Properties)، ئەل ناقىل  (Al Nakheel)  ۋە دۇبەي ئۆي-زېمىن شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر ئۈستىگە ئالغان. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2002-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە بولغان ۋاقىت دۇبەينىڭ ئېگىز ئىمارەتلەرنى ئەڭ كۆپ سالغان مەزگىل، بۇ مەزگىلدە پۈتۈن دۇنيادىكى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان كىرانلارنىڭ %25 ى دۇبەيگە مەركەزلەشكەن.

ئۆي-زېمىن كەسپى  ئىزچىل دۇبەينىڭ تۈۋرۈك كەسپى بولۇپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ  %13 نى ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ قالغان. يېقىنقى يېرىم يىلدا ئاۋىياتسىيە، مېھمانخانا، ساياھەتچىلىك ۋە پارچە سېتىش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ  ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، دۇبەينىڭ ئۆي-زېمىن كەسپى چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى يەنە جەلپ قىلىشقا باشلىدى. دۇبەي يەر-زېمىن باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا دۇبەينىڭ يەر-زېمىن سودا سوممىسى 63 مىليارد دىرھەم  (17 مىليارد 200 مىليون دوللار) گە يېتىپ، ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21 ئاشقان. بۇ ئورۇننىڭ مەسئۇلىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ سانلىق مەلۇمات ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ ياخشىلىنىشقا باشلىغانلىقى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.

نۆۋەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان «دۇبەي مەرۋايىتى» تۈرىگە 2009-يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، ئەسلى پىلاندا 2010-يىلى پۈتۈش پىلانلانغان. لېكىن ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، خۇددى «پالما ئارىلى» تۈرىگە ئوخشاش قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش ۋاقتى 2016 -يىلىغا كېچىكتۈرۈلگەن.  
مەنبە : جۇايوۋكۇڭ تورى

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:41:18

مۇناسىۋەتسىز سۇئال  

دۇبەيلىكلەرنىڭ ھەممىسى باشقا  ئەرەپلەردەك سەللە ئارتىپ يۈرەمدۇ ياكى ئۇنداق ئەمەسمۇ ئاياللىرىچۇ ؟؟؟؟؟

مېنىڭ سىڭلىم بىر ئىشلار بىلەن سۇبەيگە چىقىپ بىر نەچچە يىل تۇرماقچى ئىدى، لېكىن ئۇ 蒙面   يۈزىنى ئوراپ يۈرۈش زۆرۈر بولسا مەن چىدىمايمەن دەپ ئەنسىرەپ قاپتۇ ؟؟:):):):)

self يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:50:59

سىڭلىڭىز يۇزىنى ئوراپ يۇرسە بىخەتەر بولمامدۇ دەيمە ،

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:55:47

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2014-10-22 11:41:18 static/image/common/back.gif
مۇناسىۋەتسىز سۇئال  

دۇبەيلىكلەرنىڭ ھەممىسى باشقا  ئە
ئۇنداق ئەنسىرىشى بولسا س س ت ۋ ياشاشقا ئەڭ ماس كېلىدۇ.

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 12:45:52

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2014-10-22 11:41 static/image/common/back.gif
مۇناسىۋەتسىز سۇئال  

دۇبەيلىكلەرنىڭ ھەممىسى باشقا  ئە ...

دۇبەيدە قىزلار يۈزىنى ئوراپ يۈرەمدۇ ئۇنى بىلمەيدكەنمەن... دۆلىتىمىزدە بەك ئەركىن-ئازادە  ھازىر قىزلارغا浪漫 يۈرۈش مودا {:132:}

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 12:55:52

بىلمەيدىغانلار قالايمىقان بىلجىرلىماڭلار   

ئۇ يەرگە چىقسا يەنە قايتىپ كېلىدىغان ئىش ، ئۇ يەرگە يەرلىشىپ قالمايدۇ. يۈزىنى ئورىۋالغانلار قايتىپ كەلسە سوراقلارغا قالىدىغىنىنى كالۋالارنىڭ بىلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن:shutup:

مەن بىلىدىغانلاردىن سورىدىم،

biotech0990 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 14:20:00

بەت: [1]
: دۇبەي ئىقتىسادى پەقەت نېفىتقىلا تايىنامدۇ؟