karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 22:08:16

ئامازون گۇگىلنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى


ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇگىلنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېرىك شىمىېيد (Eric Schmidt) نىڭ قارىشىچە، گۇگىلنىڭ ئىزدەش ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى بىڭ (Bing) ياكى ياخۇ (Yahoo) قاتارلىق ئىزدەش موتورلىرى ئەمەس بەلكى ئامازون ئىكەن.

شىمىېيد گېرمانىيەنىڭ بېرلىندا گۇگىلنى ئالاقە تور دۇنياسىنىڭ «قاراۋۇلى» سۈپىتىدە نازارەت قىلماسلىق كېرەكلىكى توغرىسىدا توختالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئامازون ۋە Facebook قاتارلىق شىركەتلەرنىڭمۇ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەن. يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى گۇگىلنى مونوپولىيەگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەكشۈرگەن بولۇپ، تەنقىدچىلەر گۇگىلنىڭ ھوقۇقى زىيادە چوڭ بولۇپ كەتتى دەپ ئەيىبلىگەن (گۇگىلنىڭ ئىزدەش مۇلازىمىتى ياۋروپا بازىرىنىڭ %90 تىنى ئىگىلەيدىكەن).

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ  مال سېتىۋالغاندا Amazon.com غا چىقىشى بىڭ ۋە ياخۇ قاتارلىق ئىزدەش تورلىرىنىڭ رىقابەتچىسىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، شىمىېيد «كىشىلەر بىزنىڭ ئاساسلىق رىقابەتچىمىزنى ياخۇ ۋە بىڭ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىمىز ئامازون» دېدى.

گەرچە شىمىېيد گۇگىلنىڭ ئالاقە تور ساھەسىدىكى بىردىن-بىر «قاراۋۇل» ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن گۇگىل مەھسۇلات ئېلانىنى كۈچەيتىپ، مال سېتىۋالغۇچىلارنى تېخىمۇ جەلپ قىلىۋاتقان بولۇپ، گۇگىلنىڭ مەھسۇلات چۈشەندۈرۈلۈشى، ئىستېمالچىلار بەرگەن باھا قاتارلىق يېڭىدىن قېتىلغان ئامازون بىلەن ئوخشاش ئىقتىدارلىرى كۆپەيتىلىپ، كىشىلەر بارغانسېرى ئامازوندىن بىۋاسىتە مال سېتىۋالمايدىغان بولغان.

Yelp ۋە TripAdvisor قاتارلىق 2 شىركەت گۇگىلنىڭ ياۋروپادىكى مونوپوللۇقى ئۇلارنىڭ تىجارىتىگە زىيان سالدى دەپ ئەيىبلىگەنلىكىگە قارىتا شىمىېيد چۈشەندۈرۈپ  «بۇ 2 تور بېكەت گۇگىلنىڭ ئېقىم مىقدارىدىن كۆپ پايدىغا ئېرىشتى» دېدى.

ئۇ يەنە «ئەمەلىيەتتە، گۇگىلنىڭ تىجارەت ئەندىزىسى ئىلگىرى ئالاقە تور ساھەسىدىكى قاراۋۇل دەپ قارىلىپ، نازارەت قىلىنغان شىركەتلەر بىلەن ناھايىتى زور پەرقلىق، بىز ھېچكىمنى گۇگىلنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلىمىدۇق» دېدى.
مەنبە : تېڭشۈن تورى
بەت: [1]
: ئامازون گۇگىلنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى