karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 22:03:07

ھەقلىق ئالاقە تورى بىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا؟


يېقىندىن بۇيان ئالاقە تورنىڭ ھەقلىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ھەقلىق ئالاقە تور دەۋرىنىڭ ئاللىبۇرۇن يېتىپ كېلىپ، ھەقسىز دەۋرنىڭ تەدرىجىي يوقىلىۋاتقانلىقىنى، ھەممە ئادەمنىڭ ئالاقە تور مۇلازىمىتىدىن ھەق تۆلەپ بەھرىمەن بولۇشى بىر خىل ئېقىمغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم.

تېخى يېقىندا مەلۇم بىر كوللېكتىپ مال سېتىۋېلىش تور بېكىتىدىن 43 يۈەنلىك كىنو بېلىتى سېتىۋېلىپ، بىلەت قولۇمغا تەگكەندە قارىسام بېلەتنىڭ ئەسلى باھاسى 40 يۈەن ئىكەن. 3 يۈەن بولسا بۇ تور بېكەتنىڭ مۇلازىمەت ھەققى ئىكەن. بۇ ناھايىتى روشەن ئۆزگىرىش بولۇپ، بىر نەچچە يىل بۇرۇن كوللېكتىپ مال سېتىۋېلىش تور بېكەتلىرى خېرىدار يىغىش ئۈچۈن ھەتتا پۇل خەجلەپ، ئابونېنتلارغا كىنو كۆرسىتەتتى .

لېكىن بۈگۈنكى كۈندە، كوللېكتىپ مال سېتىۋېلىش تور بېكەتلىرىنىڭ مۇلازىمىتى بارغانسېرى مۇكەممەل ۋە قولايلىشىپ، بىزدە بىر خىل بېقىنىش ھالىتى شەكىللىنىپ، بىر نەچچە يۈەن پۇلنى ئارتۇق خەجلەپ ئېھتىياجىمىزنى ھەل قىلىشنى خالايدىغان بولۇپ قالدۇق.

ئالاقە تور مۇلازىمىتى ئاللىقاچان ھەقلىق بولۇپ كەتتى دېيىشىمدە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل سەۋەب بار

1.  كۆچمە ھېسابات ئەپ (App)  لىرى ئومۇملاشتى

كۆچمە ھېسابات ئەپلىرىنىڭ ئومۇملىشىشى كىشىلەرنىڭ پارچە-پۇرات ۋە بىر دەملىك قىزىقچىلىقتىلا مال سېتىۋېلىش ئىشلىرىنى بارغانسېرى كۆپەيتىۋەتتى. ئەگەر سىزدە مال سېتىۋېلىش ئويى پەيدا بولۇپلا قالسا، قولايلىق ھېسابات ئەپلىرىنى سىزنىڭ سودىڭىزنى بىردەمدىلا پۈتتۈرۈۋېتىپ، سىز ئېسىڭىزگە كېلىپ بولغۇچە، سېتىۋالغان مېلىڭىز كۆز ئالدىڭىزدا پەيدا بولۇپ بولىدۇ.

2.  ئابونېنتلارنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسى بارغانسېرى ئاشتى

دەۋرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كۆچمە تور ئالاقىسىدىن پايدىلىنىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسى بارغانسېرى ئاشتى. كۆپ قىسىم تورداشلارغا نەچچە ئون ياكى نەچچە يۈز يۈەن ئىقتىسادى بېسىم ھېسابلانمايدىغان بولۇپ، پەقەت تېخىمۇ ياخشى تەسىرات قوغلىشىدىغان بولدى.

3. ۋاقىت تېجىلىدۇ

جەمئىيەت تەرەققىي قىلىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ھەقسىزلىق  تېخىمۇ كۆپ ئارتۇقچە بەدەلدىن دېرەك بېرىدىغان بولدى. كىشىلەردە پۇلغا قارىغاندا ۋاقتىنى بەكرەك قەدىرلەيدىغان، ھەق تۆلەش ئارقىلىق ۋاقتىنى تېجەيدىغان ھالەت شەكىللەندى.

يىغىنچاقلىغاندا، كۆچمە ئالاقە تور دەۋرى يېتىپ كېلىشى ۋە ئالاقە تور مەھسۇلاتلىرى سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى شۇنداقلا ئابونېنتلارنىڭ ئالاقە تور مەھسۇلاتلىرىنى قوللىنىش ئادىتىنىڭ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ھەقسىز ئالاقە تور دەۋرى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى كىشىلەر ھەق تۆلەپ، ئالاقە تور مۇلازىمىتىدىن بەھرىلىنىدىغان يېڭىچە بىر دەۋر ئالىدۇ.

مەنبە:ۋاڭيى تورى

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 10:17:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-22 12:22  

ھەقلىق  مۇلازىمەت  دىگەن ئاللابۇرۇن  يولغا قويۇلۇپ بولغىلى  نىكەم.

ۋاڭيىنى مىسال قىلساقمۇ ssl دەپلا ئىيىغا 10 يۈەن ھەق تۇتۇۋالىدۇ. ئىلخەتنى ئىچىش ئۈچۈن چوقوم ssl  نىڭ ئالدىغا بەلگە سىلىشىمىز كىرەك. بولمىسا ئىلخەت ئىچىلمايدۇ.

جىنسىيەت مۇنبىرىمۇ ھەقلىق.

支付宝  ۋە  淘宝 نىڭ  ھەممىسى ئۇچۇر ھەققى  دەپ ھەر بىر ئابۇنىتتىن ھەر ئىيىغا 3 يۈەن تۇتسىمۇ، يىلىغا شىركىتىگە قانچىلىك قوشومچە كىرىم بولىدىغانلىقىنى شىركەت ئۆزى بىلىدۇ.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:14:06

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-22 10:17 static/image/common/back.gif
ھەقلىق  مۇلازىمەت  دىگەن ئاللابۇرۇن  يولغا قويۇلۇپ بول ...

مانداق ئىشمۇ بارمۇ؟مەن ھەجەپ بىلمەيدىكەنمىنا:o
تاۋباۋ ۋە جىفۇباۋنى دەۋاتىمەن

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 14:15:29

ۋاڭيى، تاۋباۋ، جېفۇباۋلار قانداقسىگە ھەر ئايدا پۇل تۇتىدۇ؟ ھەقسىزلىرى پۇل تۇتمايدىغاندۇ؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 15:33:44

begtash يوللىغان ۋاقتى  2014-10-22 16:15 static/image/common/back.gif
ۋاڭيى، تاۋباۋ، جېفۇباۋلار قانداقسىگە ھەر ئايدا پۇل تۇ ...

ssl  دەپ  ھەق تۇتۇش تۈرى  شىركەتنىڭ ھەق تۇتۇش تۈرى؟

ۋاڭيى تورىنىڭ ئىلخىتىنى ئىچىشتا ssl نىڭ ئالدىغا بەلگە سالمىساق ئىچىلمايدۇ.

iskilit يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 20:13:11

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-22 15:33 static/image/common/back.gif
ssl  دەپ  ھەق تۇتۇش تۈرى  شىركەتنىڭ ھەق تۇتۇش تۈرى؟

ۋاڭي ...

مىنىڭكىدە ئۇنداق ئەھۋال يوققۇ  نورمال
بەت: [1]
: ھەقلىق ئالاقە تورى بىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا؟